دىللاردا سەنەم136-قسىم

文摘   2025-02-05 21:04   新疆  

تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .


 
   
دىللاردا سەنەم1-قسىم
دىللاردا سەنەم2-قسىم
دىللاردا سەنەم3-قسىم
دىللاردا سەنەم4-قسىم
دىللاردا سەنەم5-قسىم
دىللاردا سەنەم6-قسىم
دىللاردا سەنەم7-قسىم
دىللاردا سەنەم8-قسىم
دىللاردا سەنەم9-قسىم
دىللاردا سەنەم9-قسىم
دىللاردا سەنەم10-قسىم
دىللاردا سەنەم11-قسىم
دىللاردا سەنەم13-قسىم
دىللاردا سەنەم14-قسىم
دىللاردا سەنەم15-قسىم
دىللاردا سەنەم16-قسىم
دىللاردا سەنەم17-قسىم
دىللاردا سەنەم18-قسىم
دىللاردا سەنەم19-قسىم
دىللاردا سەنەم21-قسىم
دىللاردا سەنەم22-قسىم
دىللاردا سەنەم23-قسىم
دىللاردا سەنەم24-قسىم
دىللاردا سەنەم25-قسىم
دىللاردا سەنەم26-قسىم
دىللاردا سەنەم27-قسىم
دىللاردا سەنەم28-قسىم
دىللاردا سەنەم29-قسىم
دىللاردا سەنەم30-قسىم
دىللاردا سەنەم31-قسىم
دىللاردا سەنەم32-قسىم 
دىللاردا سەنەم45-قسىم
دىللاردا سەنەم33-قسىم
دىللاردا سەنەم34-قسىم
دىللاردا سەنەم35-قسىم
دىللاردا سەنەم36-قسىم
دىللاردا سەنەم37-قسىم
دىللاردا سەنەم38-قسىم
دىللاردا سەنەم39-قسىم
دىللاردا سەنەم40-قسىم
دىللاردا سەنەم41-قسىم
دىللاردا سەنەم42-قسىم
دىللاردا سەنەم43-قسىم
دىللاردا سەنەم44-قسىم
دىللاردا سەنەم45-قسىم
دىللاردا سەنەم-46-47-قسىم
دىللاردا سەنەم48-قسىم
دىللاردا سەنەم-49-قسىم
دىللاردا سەنەم-50-قسىم
دىللاردا سەنەم-51-قسىم
دىللاردا سەنەم-52-قسىم
دىللاردا سەنەم-53-قسىم
دىللاردا سەنەم54-قسىم
دىللاردا سەنەم55-قسىم
دىللاردا سەنەم56-قسىم
دىللاردا سەنەم57-قسىم
دىللاردا سەنەم58-قسىم
دىللاردا سەنەم59-قسىم
دىللاردا سەنەم60-قسىم
دىللاردا سەنەم61-قسىم
دىللاردا سەنەم62-قسىم
دىللاردا سەنەم63-قسىم
دىللاردا سەنەم64-قسىم
دىللاردا سەنەم65-قسىم
دىللاردا سەنەم66-قسىم
دىللاردا سەنەم67-قسىم
دىللاردا سەنەم68-قسىم
دىللاردا سەنەم69-قسىم
دىللاردا سەنەم70-قسىم
دىللاردا سەنەم71-قسىم
دىللاردا سەنەم72-قسىم
دىللاردا سەنەم73-قسىم
دىللاردا سەنەم74-قسىم
دىللاردا سەنەم75-قسىم
دىللاردا سەنەم76-قسىم 
دىللاردا سەنەم93-قسىم
دىللاردا سەنەم77-قسىم
دىللاردا سەنەم78-قسىم
دىللاردا سەنەم79-قسىم
دىللاردا سەنەم80-قسىم
دىللاردا سەنەم81-قسىم
دىللاردا سەنەم82-قسىم
دىللاردا سەنەم83-قسىم
دىللاردا سەنەم84-قسىم
دىللاردا سەنەم85-قسىم
دىللاردا سەنەم86-قسىم
دىللاردا سەنەم87-قسىم
دىللاردا سەنەم88-قسىم
دىللاردا سەنەم89-قسىم
دىللاردا سەنەم90-قسىم
دىللاردا سەنەم91-قسىم
دىللاردا سەنەم92-قسىم
دىللاردا سەنەم93-قسىم
دىللاردا سەنەم94-قسىم
دىللاردا سەنەم95-قسىم
دىللاردا سەنەم97-قسىم
دىللاردا سەنەم98-قسىم
دىللاردا سەنەم99-قسىم
دىللاردا سەنەم100-قسىم
دىللاردا سەنەم101-قسىم
دىللاردا سەنەم102-قسىم
دىللاردا سەنەم103-قسىم
دىللاردا سەنەم-105-104-قسىم
دىللاردا سەنەم-106-قسىم
دىللاردا سەنەم-107-قسىم
دىللاردا سەنەم-108-قسىم
دىللاردا سەنەم109-قسىم
دىللاردا سەنەم110-قسىم
دىللاردا سەنەم111-قسىم
دىللاردا سەنەم112-قسىم
دىللاردا سەنەم113-قسىم
دىللاردا سەنەم114-قسىم
دىللاردا سەنەم115-قسىم
دىللاردا سەنەم116-قسىم
دىللاردا سەنەم117-قسىم
دىللاردا سەنەم118-قسىم
دىللاردا سەنەم119-قسىم
دىللاردا سەنەم120-قسىم
دىللاردا سەنەم121-قسىم
دىللاردا سەنەم122-قسىم
دىللاردا سەنەم123-قسىم
دىللاردا سەنەم124-قسىم
دىللاردا سەنەم125-قسىم
دىللاردا سەنەم126-قسىم
دىللاردا سەنەم127-قسىم
دىللاردا سەنەم128-قسىم
دىللاردا سەنەم129-قسىم
دىللاردا سەنەم130-قسىم
دىللاردا سەنەم131-قسىم
دىللاردا سەنەم132-قسىم
دىللاردا سەنەم133-قسىم
دىللاردا سەنەم134-قسىم
دىللاردا سەنەم135-قسىم



.خۇددى سائادەت خېنىمغا ئوخشاش، شەرۋانەمنىڭ تېپىلمىغانلىقى سەيدۇللا باينىڭ يۈرىكىنىمۇ ئېزىپ كۈنسايىن ئەنسىرىتىپ كېتىۋاتاتتى. يەنە بىر ياقتا باش مەھەللىدىكى مەتنۇر ياغاق بىلەن ئايىمخان قىزىنىڭ ئۇچۇرىنى ئالالماي كۆز يېشى قىلىپ ئولتۇرۇشقان بولۇپ، ئۇلار ھەم بۇ ئىشلار ئۈچۈن پاراكەندە ئىدى. شەرۋانەمنىڭ خەۋىرى بولمىغان شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭ بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان بارلىق يەرلەرگە، دوستلىرىنىڭ، ھەتتا ئۇچرىشىپ قالساڭ بىرەر قۇر ئەھۋاللىشىپ تۇرۇپ قالىدىغان قىز- ئاياللارنىڭ ئۆيلىرىگىچە بېرىپ سۈرۈشتە قىلغان بولسىمۇ، ھېچ يەردىن ئىز- دېرىكى بولمىغاندىن كېيىن ئاخىرى بىر ئېھتىماللىقنى كۆزلەپ ياقۇپ گەزمالچىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ باقتى. ئەمما ئۇ ئۆينىڭ دەرۋازىسى ئىزچىل ئاۋۋالقىدەكلا قۇلۇپلاقلىق بولۇپ، كىچىك قىز مۇيەسسەرنى ئېلىپ قالغان خوشنا ئايال شەرۋانەمنى ئىزدەپ بۇ يەرگىچە كەلگەن سەيدۇللا بايغا:

-ئى بىر كۈنى كەپتىكەن راست ئابدۇللانى يېتىلەپ، كىرىپ مەن بىلەن كۆرۈشتى، ئاندىن مۇيەسسەرنى بىر يەرگە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى، مەن كىرىپ بالىنىڭ كىيىمىنى يەڭگۈشلەپ ئېلىپ چىقىپ بەردىم، شۇنىڭ بىلەن شەرۋانىخان ئىككى بالىنى يېتىلەپ، مەن بىلەن خوشلىشىپ كېتىپ قالدى، نەگە بارىدىغانلىقىنى ماڭىمۇ ئېيتمىدى،- دېدى.

ئۇ توغرىسىدا ئېرىشكەن ئۇچۇر شۇنچىلىكلا بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىم ئۇ ئانا- بالىلارنى كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتىپ، ئىز- دېرىكىنى قىلغۇچىدىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سوراپ كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ قاراپ تۇرۇشتى.


(210)


ئايچېھرە خېنىم بۇ قېتىم قايتىپ بارغىنىدا نۇركامىل بايۋەتچە ئۇنى ئۆيۈڭگە كەت دەپ قايتۇرىۋەتمىدى. ئەمما بۇرۇنقىدەك ئوچۇق چىراي ئېچىپ قىزغىنمۇ بولمىدى. چۈنكى كىچىكرەك بولسىمۇ ئۆز ئىگىلىكى بولغان، بىرياقتىن مەكتەپنىڭ ئىشلىرىغا، يەنە بىرياقتىن ئۆز ئىگىلىكىگە تەڭ كۈچەپ، ھەممە ئىشلارنى ئوخشاش راۋاجلاندۇرۇپ مېڭىۋاتقان ئىككى ئادەمدىن بىرسى ئۆلۈپ، يەنە بىرسى مېيىپ بولۇپ ياتقان بۇ ئەھۋالدا ھېچ بولمىغاندا ئائىلە ئىگىلىكىنى بولسىمۇ راۋاجلاندۇرالايدىغان بىر ئادەم كېرەك ئىدى. سەيدۇللا باي جەمەتىدىن ئىبارەت ئەسلىدىنلا تىجارەت بىلەن گۈللىنىپ ھازىرغا كەلگەن بىر ئائىلىدىن كېلىپ چىققان ئايچېھرە خېنىمنى ئۇلار ئايسەنەم خېنىمغا ئوخشاشلا ھەممىدە پىشىپ كامالەتكە يەتكەن، گېلەمچىلىك، كەشتىچىلىك، دوپپا- تۇماقچىلىقنىڭ ھەممىسى قولىدىن كېلىدىغان، ھۈنەر ۋە كەسىپلەرنى گۈلدەك ئېلىپ بارالايدىغان، سودا تىجارەتكە پىششىق دەپ ئويلايتتى. «ئەسكى چاپان يامغۇردا ياخشى» دېگەندەك، ئۇلار ئايچېھرە خېنىمنى مۇشۇ ئىشلاردا بولسىمۇ ئۆزلىرىگە ئەسقېتىپ قالار دېگەن ئۈمىد بىلەن بۇ قېتىم ئۆيىگە ھەيدىۋەتمىگەن ئىدى.

لېكىن كۆپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك، ئەينى يىللىرى سەيدۇللا باي ئۇنىڭغا ھۈنەر ئۆگىتىمەن دېگەندە ئانىسى مېھرىيار خېنىم يول قويمىغان، ھە دېسە يېنىدا ئولتۇرغۇزىۋېلىپ چاچ تاراشنى، قاش ياساشنى، ناز- كەرەشمە قىلىپ ئاياللاردەك خۇلق چىقىرىشنى ئۆگىتىپ، باشقا ھېچقانداق ئىشقا كۆڭۈلشىمىگەنلىكتىن، ئۇ پەقەت يەپ- چىقىرىشنى بىلىدىغان، ئارتۇقراق قىلالايدۇ دېسە پەقەت بالىلا تۇغالايدىغان ئادەم بولغان ئىدى. شۇڭا نۇركامىل بايۋەتچە ئۇنى ئۇ ئىشقا بۇيرىسىمۇ «قىلالمايمەن» دەپ، بۇ ئىشقا بۇيرىسىمۇ «قولۇمدىن كەلمەيدۇ» دەپ، يەنە بىر ئىشقا بۇيرىسىمۇ «مەن قىلىپ باقمىغان» دەپ يۈرۈپ ئاخىرى ئۇنىڭ جەھلىنى قاتۇرۇپ قويدى. «ئۇرغىلى بولماس نوچىنى، تىللىغىلى بولماس نوچىنى» دېگەندەك، قىلالمايتتىم دەپلا قوشقۇنغا ئولتۇرىۋالغان بىرسىنى ھېچ ئىشنى بىلمەيدىكەنسەن دەپ ئۇرۇپ تىللاپ ھەيدىۋەتكىلى تېخىمۇ بولمىدى. ھېچ بولمىغاندا ئۆيدىكىلەرنىڭ ئاش- تامىقىغا بولسىمۇ يارايدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قېلىپ، باش خىزمەتكارنىلا قالدۇرۇپ قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئىشتىن بوشىتىۋەتتى. بۇنداق قىلغاندا خىزمەتكارلارغا بېرىلىدىغان ئىش ھەققى ۋە ئۇلارنىڭ قورسىقىغا، ئۈستىبېشىغا كېتەرلىك لازىمەتلىكلەرنىڭ پۇلىنى بولسىمۇ تېجەپ قالغىلى، تېجەپ قالغان شۇ پۇل بىلەن ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى بىر مەزگىل بولسىمۇ يامان ئەمەس ئۆتكۈزۈپ تۇرغىلى بولاتتى. لېكىن تولىمۇ ئۇياتلىق ھالدا ئايچېھرە خېنىم تاماق ئېتىش تۈگۈل، ھەتتا قايناقسۇ قاينىتىپ بىر چەينەك چاي دەملەشنىمۇ بىلمەيتتى.

ئاخىرى بولماي بىر خىزمەتكار قېلىپ، مەخسۇس ئۇنىڭغا ئاش- تاماق ئېتىشنى ئۆگەتكەچ بۇ قەسىردە يەنە بىر ئاي ئىشلەيدىغان بولدى. بۇ خىزمەتكارنىڭ قالىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ بۇ ئىشلاردىن قۇتۇلغان ئوخشايمەن دەپ خۇشال بولۇپ تۇرغاندا، تۇيۇقسىز ئايچېھرە خېنىم ئۆگىنىپ بولغاندا ئۇنىڭمۇ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان نۇركامىل بايۋەتچە ئۇنىڭ كۆزىگە ئىتتىن بەتەر بولۇپ كۆرۈندى. بۇرۇنقى چاغلار بولسىغۇ «مېنى ئىشقا بۇيرۇدۇڭ» دەپلا يامانلاپ كېتىۋالغىلى تامامەن يېتىدىغان بۇ باھانىلەر ھازىر ئۆز كۈچىنى كۆرسىتەلمەيۋاتاتتى. چۈنكى دادىسى ئۆز ئۆيىدىن ھەيدىۋەتكەن، ئانىسىنىڭ يېنىغا پاتمايدىغان بۇ تۇرقىدا ئۇنىڭ بارار- كېلەر يېرى يوق ئىدى. ئايسەنەم خېنىم ياكى تاغىسى خەيرۇللا بايلاردىن پاناھلىق تىلەش ئۇنىڭ غورۇرى يول قويمايدىغان بىر ئىش ئىدى. شۇڭا ئۇ باش ئېگىپ لېۋىنى چىشلەپ «ئۆگەنسەممۇ ئۆگىنەي» دېگەن يەرگە كەلدى.

ئۆگىنەي دېگەن گەپنى ئېغىزىدىن چىقىرىش ئاسان بولغان بىلەن، ئەمەل قىلىش ئۇنچە ئاسانغا توختىمىدى. ئاشخانىغا كىرگەندىن كېيىنلا ھەممە ئىشنى ھېلىقى خىزمەتكار قىلىدىغان، ئۇ بولسا بىر چەتتە قاراپلا تۇرىدىغان بولدى. ھېچ بىر ئىشنى قول سېلىپ ئىشلەپ ئۆگىنىپ بېقىشنى خالىمايتتى. خىزمەتكار ئۇنىڭغا «بۇياققا كېلىپ ماۋۇ ئىشنى قىلىپ باقسىلا» دەپ بۇيرىغۇدەك بولسىلا ئۇ ھېلىقى خىزمەتكارنى تىللاپ يەتمىش پۇشتىدىن قوياتتى. خىزمەتكارمۇ تولا ئىزا ئاڭلاۋېرىپ ئاخىرى ئۇنى ئىشقا بۇيرۇماس، گەپمۇ قىلماس بولدى. بەرىبىر بۇ ئۆيدە بىر ئاي ئارتۇق ئىشلىسە بىر ئايلىق ئىش ھەققىنى ئالاتتى. بۇ ئۆيدىن كەتسىمۇ يەنە شۇنداق ئىش تېپىپ خىزمەت قىلماي بولمايتتى. پەقەت بۇ ئۆيدىكىلەر ئۆزى ئەمدى كەتكىن دېمىسە، خىزمەتكارمۇ مەن كېتىمەن دەپ جالدىقىنى چېلىپ ماڭمايتتى. چۈنكى نۇركامىل بايۋەتچە ئائىلىسى ئەزەلدىن خىزمەتكارلارنىڭ ئىش ھەققىنى قىسمايدىغان بولۇپ، قانچە جاپالىق كۈنلەردە قالسىمۇ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامدايدىغان پۇللىرىنى ۋاقتى- قەرەلىدە بېرىپ تۇراتتى.

شۇنداق قىلىپ نۇركامىل بايۋەتچىنىڭ ئائىلىسىنى بارا- بارا غورىگۈلچىلىك بېسىپ كەتتى. ئىككى پۇتىدىن ئايرىلىپ قېلىپ ئورنىدىن قوپالماي ياتقان نۇركامىل بايۋەتچە تىجارەت ئىشلىرىغا ئارىلىشالمايتتى. ئۇنىڭ مومىسىمۇ قېرىپ بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان بولۇپ، بىر ئادەم مەخسۇس ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ھالەتتە بولسىمۇ، ئەمما خىزمەتكارلىرىنىڭ ھەممىسى كەتكۈزىۋېتىلگەنلىكتىن پەقەت قېلىپ قالغان بىرلا خىزمەتكارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىغا مۇھتاج بولۇپ بىچارىلەرچە ياتاتتى. شۇنداق بولغاندا بۇ ئۆيدە ئىشقا يارىغۇدەك، تىجارەت ئىشلىرىغا ئارىلىشالىغۇدەك ئايچېھرە خېنىمدىن باشقا ھېچكىم قالمىغان ئىدى. بىراق ئۇنىڭ ئەھۋالى ھېلىقى بولۇپ ھېچقانداق ئىشقا كارغا كەلمىگەنلىكتىن، ئامالسىز قالغان نۇركامىل بايۋەتچە يۇقىرى ھەق بېرىپ ئۆزىگە بىر ياردەمچى ياللاپ، ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئوڭدا يېتىپ بۇيرۇق بىلەنلا ھېلىقى ئادەمگە تاپشۇرۇپ بىرياقلىق قىلىپ ئادەتلەندى. لېكىن شۇ كۈنلەرمۇ ئۇزۇنغا بارماي، ھېلىقى ئادەم نۇركامىل بايۋەتچىنىڭ پۈتۈش ئالدىدا تۇرغان سودىلىرىنىڭ پۇللىرىنى، تەييار ماللىرىنى ۋە ئۆيدىكى بىر قىسىم نەرسىلەرنى ئېلىپ تۇيۇقسىز بىر كېچىدىلا غايىپ بولدى.

«ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك» دېگەندەك، شۇ ئىش بىلەنلا بۇ ئائىلە تۇرمۇشىنىمۇ ئاران- ئاران قامدايدىغان بىر ھالدا تېخىمۇ نامراتلىشىپ كەتتى. بۇ نامراتلىق ئايچېھرە خېنىمنىڭ جېنىغا پېتىۋاتاتتى. شۇ تاپتىكى پۇشايمىنىغا سۆز توغرا كېلەر ئەمەس ئىدى. ھازىر ئۇنىڭ پۈتۈن ئەس- يادى بىلەن ئويلايدىغىنى ئەينى چاغدا ئانىسىنىڭ «سەن دېگەن باينىڭ قىزى، مەدىكارلار قىلسىلا بولىدىغان ئۇ ئىشلارنى ئۆگەنمىسەڭمۇ بولىدۇ» دېسە ماقۇل دەپ، ھېچ ئىشنى ئۆگەنمەي، قولىنى ھېچقانداق ئىشقا ئەگرى قىلماي، ئەتىدىن- كەچكىچە يەپ- ئىچىپ، راھەت سۈرۈپ ياشىغانلىقىدىن قاتتىقتىن- قاتتىق پۇشايمان قىلاتتى. لېكىن بۇ چاغدىكى پۇشايمان پايدا بەرمەكتە يوق، ئەكسىچە ئويلايدىغانلىرىنى، ئارزۇ- ئارمانلىرىنى، ئازاب- ئوقۇبەتلىرىنى تېخىمۇ ئاۋۇتۇپ قويىۋاتاتتى.

بۇ نامراتلىق، بۇ غورىگۈلچىلىككە چىدىمىغان ئايچېھرە خېنىم ئاخىرى دەردىنى تۆكۈپ ئانىسىنىڭ يېنىغا باردى. ئەمما مېھرىيار خېنىمنىڭمۇ ھالى چاغلىق بولۇپ، دادىسى ئاۋۇت باي تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭمۇ ئىقتىسادى خېلىلا غۇلاپ چۈشكەن ئىدى. ئۇ ئۆيدىن مېھرىيار خېنىمغا بېرىدىغان تۇرمۇش پۇلى كۈندىن- كۈنگە ئازىيىپ قېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇمۇ ئاچىسىنىڭ ياردىمىدە تۇرمۇشىنى ئاران- ئاران قامداپ كېتىۋاتاتتى. يەنە كېلىپ كاتتا ئاغىچا خېنىم بولۇپ ئۆتكەن شۇ زامانلارغا ئوخشاش ياسىنىپ نوچىلىق بىلەن يۈرمىسە بولمىغانلىقتىن، ئۇ پۇللار شۇ چىقىملىرىغا ئارانلا يېتەتتى. مېھرىيار خېنىم شۇ ھەقتە دەرد تۆكۈپ كەلگەن قىزىنىڭ ئالدىغا ئۆز دەردىنى تۆكۈپ باشقىچە داستىخان بىلەن چىقتى. بۇلارنى ئاڭلاپ غۇژژىدە ئاچچىقى كەلگەن ئايچېھرە خېنىم كۆزلىرىدىن تارام ياش ئاققۇزۇپ تۇرۇپ ئانىسىغا:

-كۆپنى كۆرگەن، ماڭا قارىغاندا ئۇزۇن ياشىغان ئايال بولغاندىكىن ئەينى چاغدا ماڭا «ھۈنەر ئۆگەنمە، ئۇ دېگەن مەدىكارلار قىلىدىغان ئىش، سەن ھېچ ئىش قىلماي، پەقەت جىممىدە ئولتۇرۇپ راھەت پاراغەت سۈرسەڭلا بولدى» دېگەن چاغلىرىدا مۇشۇنداقمۇ بىر كۈنلەرنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئويلاشلىرى كېرەك ئىكەن ئەسلى. داداممۇ «ھۈنەر ئۆگىنىپ قويسا كېيىنكى كۈنلەردە ئەسقاتىدۇ، كۆپ ئىشلار قولىدىن كېلىدىغان ئادەم بولىدۇ» دەپ ئۇنچە يامانمۇ قىلماپتىكەن، سىلىنىڭ سايىلىرىدە مانا بىر قىللىق ھۈنەر قولىدىن كەلمەيدىغان، ھېچ ئىشقا يارىمايدىغان، كارغا كەلمەس بىر ئادەم بوپتىمەن، ئەمدى ھازىر ئايسەنەم قىلالايدىغان ئۇ ئىشلارنىڭ بىرسىمۇ مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ، ئۇ مۇنداقلا قىلىۋېتىدىغان نۇرغۇن ئىشلارنىڭ مەن يېنىدىنمۇ ئۆتۈپ باقمىدىم، ئېرىمنىڭ بېشىغا كۈن چۈشۈپ ئائىلىسى نامراتچىلىقتا قالغاندا مەن ھېچ ئىشقا كارغا كەلمەي، بۇرۇنقىدەكلا يەپ چىقىرىپ نوچىلىق بىلەن جان قىيناۋاتىمەن، ياردەم سوراپ كەلسەم ئۆزلىرىنىڭمۇ گېپى شۇ، بۇ تۇرقىدا مەندىن ۋاز كەچسىلە كېچىدىكەنلا، لېكىن مېنى دەپ ئازراق پۇللىرىدىن ۋاز كېچەلمەيدىكەنلا، بوپتۇ، ئۆزۈمنىڭ يولىنى ئۆزۈم ماڭاي، بىر ئامالىنى قىلسام بۇ تۇرمۇشمۇ ماڭا كەڭرىلىشىپ قالار، يامىنى كەلسە مېنى ئۆيدىن قوغلىۋەتكەن دادامنىڭ ئالدىغا يالۋۇرۇپ بارارمەن، دادام مېنى ئۆيدىن قوغلىۋەتكەن بىلەن كۆڭىلدىن قوغلىۋەتكىنى يوق، قىيىن كۈندە قېلىشىمغا سىلى چىدىغان بىلەن ئۇ چىدىمايدۇ، خەير، ئامان بولسىلا! - دېدى.

ئانا- بالىنىڭ خوشلاشقىنى شۇ بولۇپ قالدى. ئايچېھرە خېنىم شۇنىڭدىن باشلاپ ئانىسىنى يوقلاپمۇ كەلمىدى. گەپنىڭ راستىنى دېگەندە، ئۇنىڭ ئانىسىنى يوقلىغۇدەك ھالى يوق ئىدى. ھازىرغا كەلگەندە بولسىمۇ ئۆگىنىپ بۇ ئىشلارنى قولۇمغا ئالسام دەپ ئويلاپ، بىرياقتىن بالىسى بىلەن ئېرىنى باققاچ، يەنە بىرياقتىن سودىنىڭ ئىشلىرىنى بىر باشتىن ئىگىلەپ ئالدىراش يۈرەتتى. (111-باب تۈگىدى)

-112باب

ئايسەنەم قىيىن تۇغۇتتا


(211)


شەرۋانەم بىلەن ئابدۇللا يوقاپ كېتىپ ئۈچ ئاي بولغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئايسەنەم خېنىمنىڭ ۋاقتى توشۇپ تولغىقى تۇتتى. مۇشۇ ئاي، مۇشۇ كۈنلەردە ھېچكىمگە ئېيتمىغىنى بىلەن ئۇمۇ ئەلۋەتتە شەرۋانەمدىن ئەنسىرەپ كۈنلىرىنى غەم بىلەن ئۆتكۈزىۋاتاتتى. قېيداپ تەتۈر قارىغىنى بىلەن بۇ يىللاردا بارا- بارا شەرۋانەمنى كەچۈرىۋېتىپ ئۇنىڭغا تەلپۈنىدىغان، ئانىلىق مېھرىنى سېغىنىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى-يۇ، غورورىغا ئېلىۋېلىپ بۇ خىياللىرىنى ھېچكىمگە دېيەلمەيتتى. شۇنداقتىمۇ تۇيۇقسىز غەمكىن، مەيۈس بولۇپ قېلىشلىرى دانىيار بايۋەتچە ھەم باشقىلارغا بىر دەردى باردەك تەسىر بېرەتتى. كىچىكىدىن ھازىرغىچە بېشىدىن كۆپ ئىسسىق- سوغۇقلارنى ئۆتكۈزۈپ بۈگۈنگە ئۇلاشقىنى ھەممىگە ئايان بولغانلىقتىن، ئۇلارمۇ ئامالنىڭ بارىچە ئۇنىڭ يارىسىغا تېگىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن شۇنچىلىك ئېھتىيات قىلاتتى.

ھەممە دەردى، ھەممە يارىسىغا تېگىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن دىققەت قىلغىلى بولغان بىلەن، تۇغۇت تولغىقىنىڭ جېنىنى قاخشىتىشلىرىغا ھېچكىم ئارا تۇرالمايتتى. شۇنداقلا دەل مۇشۇ پەيتتە ئانىسنىڭ قەدرى ئۆتۈلىدىغانلىقىنى، تۇغۇتنىڭ ئالدى- كەينىدە ئۆز ئانىسى يېنىدا تۇرۇپ ھەمدەم بولۇپ، ھالىدىن خەۋەر ئالسا ئەڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى خۇدى ئايچېھرە خېنىمغا ئوخشاشلا ئۇمۇ چۈشەنمەيتتى ھەمدە مۇشۇ دەقىقىلەردە ئانىنىڭ قەدرى ئەڭ ئۆتۈلىدىغانلىقىنى ئۇ ئەمدىلەردە ھېس قىلىۋاتاتتى.

شۇ چاغدا گۈلساھىپخان ۋە قەدىرنىسا خېنىملار ئاتايىتەن بېرىپ «تۇغۇتىدا بىز باقايلى» دەپ ئايسەنەم خېنىمنى قايتۇرۇپ ئەكەلگىلى دەل بىر ئاي بولغان ئىدى. ئارىلاپ تۇتقان پارچە تولغاقتىن كېيىن بىرلا چىڭقالغان بىلەنلا قويۇپ بەرمىگەن ئاچچىق تولغاق ھەممەيلەنگە ئۇنىڭ بۈگۈن تۇغىدىغانلىقىنى جاكارلاپ قويدى. شۇ كۈنلەرگە ئاتاپ ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇتىنى ئاسانلاشتۇرىدىغان دورىلاردىن بىرمۇنچە ساقلاپ، تولغىقى تۇتۇپ قالسا جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ تۇغۇت ئانىسى چاقىرىمىز دەپ ئالدىن پىلانلارنى تۈزۈپ قويغىنى قۇرىسۇن! تۇغۇت ئانىسى كېلىشنىغۇ كەلدى، ئەمما تەتۈر كەلگەن قىيىن تۇغۇتقا بىچارە ئايالمۇ ھېچ ئامال قىلالماي مىڭ جان بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭدىن ئۆتە ئايسەنەم خېنىمنىڭ جېنى قىينىلىپ، ئاغرىق ئازابىغا چىدىماي ئۆزىنى ھەريان ئۇرۇپ، قوللىرىنىڭ گۆشىنى چىشلەپ يۇلاتتى. جان ھەلقۇمىدا ۋارقىراش- جارقىراش، قىيا- چىيالار ئىچىدە ئۇ ئۆزىمۇ بىلمەي «ئانا!...» دەپ ۋارقىراپ سالدى. شۇ ۋارقىرىشىدا ئۇنىڭ شەرۋانەمنى چاقىرغانلىقى ياكى ئىختىيارسىز كىمدۇر بىرسىنى ئانا دەپ توۋلاپ سالغانلىقىنى چۈشەنگىلى بولمايتتى. قانداقلا بولمىسۇن ئۇنىڭ ئەتراپىدا پايپېتەك بولۇپ يۈرگەن ئامانەم، گۈلساھىپخان ۋە باشقا خىزمەتكارلار ھەممىسى ئۇنىڭ شۇنداق ۋارقىرىغانلىقىنى ئاڭلاپ، جىممىدە بولۇپ بىر- بىرىگە قاراپ قېلىشتى.



tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章