بۇزۇلغان ئانا11-قسىم

文摘   2025-02-06 21:13   新疆  




تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .





بۇزۇلغان ئانا1-قسىم
بۇزۇلغان ئانا2-قسىم
بۇزۇلغان ئانا3-قسىم
بۇزۇلغان ئانا4-قسىم
بۇزۇلغان ئانا5-قسىم
بۇزۇلغان ئانا6-قسىم
بۇزۇلغان ئانا7-قسىم
بۇزۇلغان ئانا8-قسىم
بۇزۇلغان ئانا9-قسىم
بۇزۇلغان ئانا10-قسىم

--11-قىسىم
-گەپ قىلە… نىم بولدى؟

تېلېفۇندىن چىققىنى ناتۇنۇش ئەرنىڭ ئاۋاز ئىدى،سەت بىرنى قاراپ قويۇپ سىرتقا ماڭدىم،مەن ئۆيدىن خىلى يىراق جايدىكى  دورىخاندىن يىنىپ دورىخانا ئالدىدىكى ئاشخانىدا تاماق يەپ ئولتاسام ئۇ خوتۇن يىغلىغانچە كىلىپ  بىر ئەسكى ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇردى، يىنىدىكى ئەر ھەممە يىرىنى تۇتۇپ مىجىپ تەسەللى بەدى، ھەممىنى ئىنىق كۆرۈپ ئولتۇردۇم، تىخى يىنىمدىكىلەنىمۇ چاقىرىپ قاراتتىم، ئەرنىڭ سىيماسىنى كاللامغا ئىنىق ئىلۋالدىم،ماشىنا نۇمرىنى يادلىۋالدىم… يەۋاتقان تامىقىمنى قويۇپ ئۇ خوتۇن كەتكەن ماشىنىنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ قويدۇم،ئۆيگە كىرىپ بالىسىنى قوقۇتۇپ تېلېفۇن قىغۇزدۇم.

-ئىسمايىل دادام قايتىپ كەلدى سېنى سوراۋاتىدۇ.

ئۇ خوتۇن پىخىلداپ،تىنىقىمۇ چىقماي ئون مىنۇتتا ئۆيگە كىرىپ بولدى،

-سىرتتا باشقا ئەرنىڭ ماشىنىسىغا چىققىنىڭنى دادام بىلسە نىم كۈنگە قالاسە، تېخى بايا ئاشخانىدا ھەممىسى كۆدى سىنى، دادام بىرىپ  سورىسا ئاشخانىدىكى ئاكاش چوقۇم سېنى  تونۇپ بىرىدۇ.

-مەن… مەن…قاچان بىرسى بىلەن كۆرشىپتىمە نىم دەۋاتىسەن ماڭا تۆھمەت قىمما.

-بۈگۈن قاراڭغۇ چۈشۈشتىن بۇرۇن ماۋۇ ئۆينى ئەسلىگە ئەكەپ بول بوممىسا…  دادام كىلىپ ئۆيگە نىم بولدى  دىسە ماشىنىنىڭ نۇمرىنى قۇشۇپ دادامغا دەۋتىمە…  

ئۇنىڭغا گەپ قىلىشقا پۇرسەت بەمەي ياتىقىمغا كىرىپ كەتتىم ئۇ ئايال بىلەيزۈكىنى سىتىپ مەن چاققان نەرسىلەنى تولۇقلاپ  ئالدى.

بىر تۇققىنى ئىزدەپ كىلىپ ئىككى باغلام  پۇلنى كۆتۈرۈپ كەتتى،بىر تۇققىنى كىلىپ يىگىرمە ئوتتۇز  مىڭ پۇلنى ئەكەتتى، بىلەيزۈكى يوق بولدى.دادام پۇلنى ئۇرۇپ بە دەپ تېلېفۇن قىلۋىدى يەنە بىر ئوتتۇز نەچچە مىڭ  پۇلنى ساغان كارتىنى تاپاممايۋاتىمە دەپ گەپ ياسىدى. ئاندىن مەندىن بۇ يىللادا پۇل يىققان يىغمىغىنىمنى،ئاتالمىش ئۆلۈپ كەتكەن ئاپامدىن كارتا،زىبۇ-زىننەت قاغان قاممىغىنىنى سورىدى، زەنجىر باردىدىم،ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئىچىنى قاينىتىپ ماڭا يالۋۇرغۇزۇش ئۈچۈن قەستەن با دىدىم،

-ئىككىمىز خاپۇلىشىپ قاغان بىلەن يەنىلا بىر ئۆينىڭ ئادىمى دىگىنە، تۇققانلىرىم ياردەم قىل دەپ نەچچە ئون مىڭنى ئەكەتتى،يەنە سەن چاققان تېلېۋىزۇر چاقچۇق نەسىلەنى ئالىمە دەپ ئىككىلى بىلەيزۈكىمنى چىقىم قىلدىم، پۇلنى ئۇنداق بالدۇ سورىماس دەپ پۇلغا بىلەيزۈك ئىلۋىتىپتىمە زەنجىرنى بىرىپ تۇساڭ كىيىنچە ساڭا تېخىمۇ چوڭىنى ئەپ بىرىلى…

قولۇمنى چىڭ سىقىۋاغان سىمىزغا سەت بىر ھومايدىم،

-مېنى ساراڭ كۆرۈۋاتامسە، ئاپامدىن قاغاننى ساڭا بىرەمدىم؟ تولۇقلاپ بىرەمىش تىخى…ساڭا ئاپامدىن قاغان سېسىق پايپاقنىمۇ بەمەيمە   ئۇخلاپ چۈشۈڭ…

ئۇنىڭ چىرايى ئۆڭۈپ لىۋى تىترەپ كەتتى،يوق زەنجىرنى با دەپ قويغاچ ئۇ شۇ زەنجىرنى ئىلۋىلىش ئۈچۈن ئۆيىمنى رەتلىگەن بوپ  ئاختۇرۇپ باقتى،مومامدىن گەپ ئىلىپ چوڭ ئۆيدىكى نەسەمنى قايتۇرۇپ ئەكەلمەكچى بولدى. پۇل تاپامماي خەخكە يالۋۇرۇپ يۈرۋىدى يالغانچىلقىمغا تېخىمۇ ئىشەندۈرۈپ ياتاق ئۆيىمنىڭ ئاچقۇچىنى بوينۇمغا ئىسىۋىلىپ يۈردۈم. ئۇ توختىماي يانجۇقىمغا پۇل تىقىپ ماڭا كىيىم-كىچەك قىممەت ئاياغ ئەكەپتۇ، ئاتالمىش زەنجىر ئۈچۈن ماڭا  ئويۇن قويۇپ  بىرۋاتاتتى، ئۇ ئايالغا گەپمۇ قىلماي ئۇدۇلمۇ كەممەي يۈردۈم.

ئۆزۈمچە ئۇنىڭ مېنى قىينىمىغىغا خۇش ئىدىم، كىم بىلسۇن بۇ جادۇگەر دادام كەپ بوغىچە مېنى پۇلى بار ئەرلە بىلەن مۇناسىۋتى باكە،ئۆيگە ئالتۇن بۇلاپكا كۆتۈرۈپ كىردى بىرىنىڭ ماشىنىسىدىن چۈشكىننى خەخنىڭ ماڭا پۇل بەگىننى كۆرۈپ قالدىم  دىدى. بىشىمدىكى چاقىنى سىرتتىن تاياق يەپ يارا قىپ كىرىپتۇ دىدى. ئەقلى كەم دادام مېنى سوتلاپ زەنجىرنىڭ سورىقىنى ئالدى،يوق نىمە بوغاچ يوق دىدىم،دادام ئىشەنمىدى، ياتاق ئۆيىمنى ئاختۇرۇپ راسلا بىر تال ئالتۇن زەنجىر تاپتى،چوڭلا ئالتۇن زەنجىرگە قاراپ ئەسەبىيلىشىپ بوينىمدىن تۇتۇپ   مىنى مۇنچىغا ئەكىرىپ ئۈستىمگە مۇزدەك سۇ چۈشۈرۈپ كىملە بىلەن ئالاقە قىپ يۈرگىنىمنى سوراپ سوتلىدى،

-بۇ زەنجىر نەدىن كەلدى گەپ قىلىڭە… مېنىڭ بەگەن پۇلۇم يەتمەيۋاتامدۇ كىملە بىلەن ئارلىشىپ يۈردىڭىز؟

-ئۇ زەنجىر مېنىڭ ئەمەس دادا، مەندە ئالتۇن زەنجىر نىمىش قىلىدۇ،ئاۋۇ خوتۇن مېنى  قارغا ئىتتىرىپ ياتىقىمغا يوشۇرۇپ قويۇپتۇ،

ئۇ خام سىمىز خوتۇن دادامنىڭ يىنىغا كىلىپ مىنىڭ ئالتۇن زەنجىرىم با كۆرەڭلەپ يۈرگىنىم توغرىسىدىكى ھېكايىنى يەنە بىر قايتىلىدى. دادامنىڭ ئۆزىنىڭ ماڭا  بۇنداق زەنجىر ئاغىدەك پۇلمۇ بەمىگىننى پەش قىپ مېنى قارلاۋەدى، يالاڭ پاچىقىمغا،دۈمبەمگە تاياق بىلەن  ئۇرۇپ يارا قىلۋەتتى، ئۇ خوتۇننىڭ مېنى بۇنداق قارلايدىغننى قەتئىي خىيالىمغا كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدىم. ئاغرىققا چىدىماي چىقىراپ يىغلىدىم،ئۆتىندىم،ئۇ ئايالغا مۇنداقلا دەپ قويغان،مەندە ئاپامنىڭ ئالتۇن  زەنجىرى با دەپ  يالغان ئىيتىپ قويغان دىدىم ئىشەنمىدى.

يارا ئىچىلىپ كەتكەن يەلە ئىچىشىپ ئۇخلىياممىدىم مۇنچىغا كىرىپ ئەينەككە قاراپ گۈل ئىچىلىپ كەتكەن بەدىنىمنى ئاستا تۇتۇپ تۆكۈلۈپ كەتتىم،ھېلىقى خوتۇن مېنى تاياققا قويغان ھېلىقى زەنجىرنى چىڭ سىقىمداپ  ئاستا چاپىنىمنى كىيىپ  سىرتقا ماڭدىم. تۈن كىچە بوغاچ ھەممىسىنى ئۇخلاۋاتىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم، دادام قايسى ۋاقىتتا سىرتقا چىقىپ كەتتىكىن مەن مىھمانخانىغا چىقىپ بوغىچە سىرتتىن قايتىپ كىردى.

-بۇ دورىنى سۈرىۋىلىڭ.

قولىدىكى خالتىنى ماڭا تەڭلىدى، گەپ قىمماي كەينىمگە بۇرۇلدۇم، كەينىمدىن مىڭىپ دورىنى ياتىقىمغا ئەكىرىپ قويدى ياتاق ئۆيىمگە قايتىپ كىرىپ دورىنى سۈرمىدىم، ئۇرۇپ كۆڭلۈمنى يارا قىپ بوپ  قىلغان بۇ قىلقىغا ئىرىپ كەتمىدىم، ئەتىسى ئەتىگەندە ئۇ خوتۇننىڭ ئىشچانلىقى تۇتۇپ كىتىپ ئۆيىمنى سۈپۈرۈپ ئىيتىپ بىرنەسىلەنى تاراقشىتىپ ئويغىتۋەتتى، يوتقاندىن بىشىمنى چىقىرىپ سەت بىرنى ئالايدىم.

-ئۆيلەنى تازلاپ قوياي دىدىم سەن ئۇخلاۋە.

چاڭ توزان سۈمۈرگۈچنى غۇڭۇلدىتىپ ئۇيە بۇيەگە داقىلدىتىپ سوقۇپ ئۇخلاۋە دىگىنىگە ئاچچىغىم كىلىپ ئورنىمدىن تۇرۇپ تەييارلىق  قىپ  سىرتقا ماڭدىم…ھېلىقى مېنى تاياققا قويغان زەنجىر ئەخلەت چىلكىدە،لىققىدە سەي قالدۇقىغا مىلىنىپ ياتاتتى، ئۇ خوتۇننىڭ بوينىدا ئوپمۇ-ئوخشاشتىن بىرى ئىسىقلىق ئىدى،  ئەخلەت چىلكىگە بىرمۇنچە ئەخلەت تۆكۈپ ھېلىقى زەنجىرنى كۆمىۋەتتى ئۇ خوتۇنغا قاراپ بىر ھومىيىپ  تاراقشىتىپ ئايىقىمنى ئالدىم.

ئايىقىمنى ئالماشتۇرۇپ چوڭ ئۆيگە كەتتىم. مومام بەدىنىمنىڭ يارىسىنى كۆرۈپ دادامغا تېلېفۇن قىلىپ بىردە يىغلاپ بىردە تىللىدى،ئۆيدە  ئولتۇرغۇم كەممەي   كۆل بويىغا ماڭدىم، چۆرگىلەپ بوش ئاڭلىنۋاتقان گىتتار مۇزىكىسى قۇلقۇمغا  كىرىپ قالدى، بىر سۈنئىي تاشنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ گىتتار چاغاچ ناخشا غىڭشىۋاتقان كانان ئىدى يۈگرەپ ئالدىغا بادىم، كاناننىڭ بىر دوستى كىلىپ گىتىرىنى قايتىدىن تەڭشەپ مۇزىكىغا چالدى، كانان ئىككىمىز ئوڭمۇ-تەتۈر سەكرىشىپ چۆرگىلەپ كۈلۈشۈپ كەتتۇق،كانان تۇيۇقسىز مايكامنى تۇتۋىلىپ ئۈستى تەرەپنى قايرىپ بەدىنىمگە قارىدى ئۇنى ئىتتىرىپ نىرىسىغا قاچتىم.

-دۈمبىڭىز ساپلا يارىكەنغۇ،نىم بوغان يارا ئۇ؟

-ھېچ…ھېچنىمە…

مەن قاچسام ئۇنىماي تۇتۋىلىپ نىم بوغىننى سوراۋەدى، تاشتا ئولتۇرۇپ چوڭقۇر بىرنى تىندىم، كانان ئولتۇرغىلى قويماي دوستى بىلەن خوشلىشىپ مېنى خالىي،ئەتراپى ياۋا چۆپلە بىلەن ئورالغان بىر دالدىدىكى ئورۇندۇققا ئەكەلدى…ئۇنىڭغا دادامنىڭ ئۇرغىنىنى دىدىم، ئۆيدىكى ئىككى سىمىزنىڭ ئىشىنىمۇ دەپ بەردىم، كانانغا مېنى قانداق بوزەك قىغانلىرىنى سۆزلەپ يىنىكلەپ قالدىم، ئاندىن دورىخانىغا بادۇق،

-مەن بەدىنىڭىزنى كۆسەم قاملاشمايدۇ، ئاۋۇ ئاچاشقا دىسىڭىز دورا سۈرۈپ قويسۇن.

كانان شۇنداق دەپ سىرتقا چىقىپ كەتتى،دۈمبەمگە سۈرۈپ بوپ كىيمىمنى ئوڭشاپ نۆۋەت پۇتۇمغا كەگەندە كانان يۈگرەپ كىردى،

-ئادەم ئەمەس… ھايۋانمۇ ئۆز بالسىنى چىشلىمەيدۇ،بىر قىز بالىنى مۇشۇنداقمۇ ئۇرامدۇ…

دىدى پاچىقىمدىكى يارىغا قاراپ…جىممىدە ئولتۇرۇپ كانانغا قارىدىم،

-بىزنىڭ ئۆيگە كىتىڭە بولدى ئاپام ئىككىمىز سىزگە ياخشى قارايمىز…

كاناننىڭ گىپىنى ئاڭلاپ دورىخانىدىكى ئاچاشمۇ كۈلۈپ كەتتى.

بىر قىتىم چوڭ ئۆيدە قونۇپ كەسەم ئۇ ئايال ئىشىكنىڭ قۇلپىنى ئالماشتۇرۋىتىپتۇ،مەن ئۇقماي ئاچقۇچنى سىلىپ تولغاۋىرىپتىمە، ئىشىكنى يىرىم كۈن ھەپىلشىپ ئاچاماي گۆم-گۆم ئۇرىۋەدىم،بىر كەمدە قوشنىلا چىقىپ ئارام ئاغۇزمىدىڭ دىگەن بوغاچ جىممىدە پەسكە چۈشۈپ كەتتىم…

قاراڭغۇ چۈشۈپ كىتۋاتقان ئىدى،نەگە بىرىشنى ئۇقماي تۇراتتىم  كانان قورۇغا كىرىپ كەلدى

-سىزنى قانداق تاپامەن دەپ ئەنسىرەپ كەتكەنتىم تىخى،يۈرۈڭ…

كانان شۇنداق دەپ قولۇمدىن سۆرەپلا ماڭدى

-نەگە بارىمىز؟توختاڭ…مىنى نەگە ئاپىرسىز…

-دالا پائالىيتىگە چىقىمىز،ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر ئاچام بار  ئىدى يىگىتى بىلەن چىقماقچىكەن،يىگىتىنىڭ دوسلىرى بىلەن ئەپسىز بولۇپ قالدۇ دەپ مېنىڭ يىنىمغا كەپتۇ قاغىننى ماڭغاچ دەپ بىرەي.

كانان مېنى سۆرەپ تېخىمۇ تىز ماڭدى،قورۇ ئالدىدىلا بىر ماشىنا بار ئىكەن،شۇنىڭغا چىقىپ ماڭدۇق، خىلى ماڭغاندىن كېيىن يەنە بىر ئاق ماشىنا بىلەن ئۇچقاشتۇق،ئۇدۇلدىكى ماشىندىن كۆك پادىچىلا ئىشتىنى،  قىزغۇچ يەڭسىز تەنھەركەت مايكىسى كىيۋاغان بىر جۈپ قىز يىگىت،كەينىدىن يەنە بىر قاپقارا كىيىم كىيۋاغان،چىچىنى ئۈستىدىن بوغىۋاغان بىر ئوغۇل  بوينىدىكى زەنجىرنى ئويناپ چۈشتى،

-سىز شەھلامۇ،مەن مۇبارەك،كاناننىڭ نەۋرە ھەدىسى!

ئۇ قىز ئۇدۇل ماڭا قول تەڭلەپ كەگەچ ئۆزىنى تونۇشتۇردى، قولۇمنى بەدىم،

-بولۇڭلا باللا،يول يىراق،بەك كەچ بوپ كەتكىچە بىرە قونالغۇ تىپىۋالايلى.

مەن چۈشكەن ماشىنىنىڭ يەنە بىر تەرپىدىن گىتار ئىسۋاغان بىر بالا كىيملىرىنىڭ يانجۇقى،ئىسىپ قويغان ھالقىسى جىق يەنە بىر بالا يىنىمغا ئۆتۈپ تۇردى،كاناننى قوشسا ئوغۇللا ئالتە ئىدى، بىردەمدە ماشىنىنىڭ كەينى ئىشىكىدىن ئىتتىرىپ مىنى ئولتۇرغۇزۇپ قويدى،كانان يەنە بىر تەرىپىمگە چىقتى، يۈرۈپ كەتتۇق،كاناندىن نەگە نىمىش قىلغىلى باردىغىنىمىزنى سورىدىم،

-بۇلانىڭ ھەممىسى مۇزىكا ئوينايدۇ دەڭە، شۇ ھەپتە ئون كۈن تاغ يايلاقلادا يۈرۈپ ئازراق ئىلھام ئىلىپ مۇزىكا ئىجاد قىلماقچى،مۇسابىقىگە ئەسەر قاتناشتۇردۇ…

ئالدىدىكى كىيىمىنىڭ ھالقىسى جىق بالا،يەنە بىر شوپۇر بىزگە قارا كۆزى يوق،پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن ناخشىنى غىڭشىپ ئۆزئارا بىقىشىپ باش لىڭشىتىپ ئولتۇراتتى،شوپۇر بالا بىر كەمدە چارچاپ قالدۇق دەپلا بىر مىھمانخانا ئالدىدا توختىدى.

-مۇبارەك سىز سىڭلىمىز بىلەن چىقىپ ئارام ئاغاچ تۇرسىڭىز بىز ئازراق يەيدىغانلانى ئەپ چىقايلى.

كاناننىڭ ئاچىسى،ھېلىقى يەڭسىز قىزغۇچ مايكا كىيۋاغان بالا شەپكىسىنى كىيگەچ يىنىمغا كەلدى، ئۇنغىچە باشقىلامۇ ماشىندىن چۈشۈپ بوغانتى،كىيمىنىڭ ھالقىسى جىق بالا مۇنداق دىدى:

-نەرسە كىرەكلەنى كىم ئەچىقىدۇ ھەممىمىز بارامدۇق.

-راس بۇنى ئويلىماپتىمەن،،كانان ئىكىمىز يەنە سەنمۇ بىللە با،ئۈچىمىز بارايلى.

ئۇ قاپقارا كىيىم كىيۋاغان بالىنى تارتىپ شۇنداق دىدى، ھە دەپ ئۇ تەقسىملىگەن بويىچە ئۆز ئىشىمىزغا ماڭدۇق،

-لايىقىمنىڭ ئىسمى سەردار ،ماۋۇ چىچىنى بوغۋاغان ئاكىڭىزنىڭ ئىسمى  نۇرلان،ماۋۇ  سىز بىلەن  بىر ماشىندا  كەگەن كىيمى ئالاھىدە  ئاكىڭىز جەسۇر، يىنىدىكى شوپۇرۇڭلانىڭ ئىسمى قاسار،بۇ ياق بوسا دۇمباقچىمىز  ئالىم…سەردار ئاكىڭىز بىلەن كەتكەن قارا كىيىملىكى بولسا ئەسئەت…بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئايرىم، ئالدىرماي چۈشەندۈرۈپ قويمە،ئاۋال تونىۋىلىڭ.

 ياتاققا كىرىپلا بىرە قۇر بۇ ئەترەتتىكىلەنى تونىغان بولدۇم، ناخشىنى سەردار بىلەن مۇبارەك ئىيتىدىكەن، قاغانلا مۇزىكا چاغاچ تەڭ ئىيتىدىكەن،يىڭى ئىقىم مۇزىكىسى،خەلق ناخشىسى تىكسىتىنى ئارلاشتۇرۇپ غەلىتە بىر ئۇسلۇپتا ناخشا ئوقۇيدىكەن…
كانان ئىككىمىز ئۇلانىڭ ناخشىسىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ مۈگدەپ كەتتۇق،ئەتىسى ئەتىگەندە كانان كارۋاتنىڭ ئۇ بىشىدا كارۋاتنىڭ بىشى تەرپىدە توغرىسىدا يىتىقلىق، مەن بۇ بۇرجىكىدە تۈگلۈپ يىتىغلىق،مۇبارەك كارۋاتنىڭ ئوتتۇردا ياستۇقنى قۇچاقلاپ كاناننى ياستۇق قىپ ئۇخلاغلىق ھالەتتە ئويغاندۇق.

مەنزىلگە كەگەندىن كىيىن ئۇلار بىلەن يىنىمىزغا ياڭراتقۇ ئىسپ ناخشا قويۇپ دەريا بويلاردا چۆرگىلەپ يۈرۈپ،قورساق ئاچسا تاماق يەپ ھەپتە ئۆتتى،ئۇلار ناخشىنىڭ تىكسىتى مۇزىكىسىنى ئۆزگەرتىپ يۈرۈپ  يىڭى ناخشىسىنىڭ بىر بۆلكىنى پۈتتۈردى،ئاندىن يىراق يىزىلاغا بىرىپ ئىلھام تىپىپ ناخشىنىڭ ئاخىرنى پۈتتۈرمەكچى بولدى،كانان ئىككىمىزنىڭ تەتىلى توشۇپ قاغاچقا كەتمىسەك بوممايتى.

-ئەمسە ئەتە ئەتتىگەن  كىتىڭلا، تەخمىنەن توققۇزدىن ئاشقاندا بىر ئاپتۇبۇس كىلدۇ،شۇنىڭغا چىقىپلا ماڭساڭلا ئۈرۈمچىگە بىرىپ توختايدۇ…

مۇبارەك قولىمىزغا پۇل تۇتقۇزۇپ قويۇپ چىدىرنى ئەتە سىلە قايتۇرۇڭلا دەپ كەتتى،چىدىردا كانان ئىككىمىز يايلاقتا قاقلىغان قوي كاۋىپىتىن ئەكىرىپ يەپ ئولتۇرساق سىرتتىن بىر نەچچەيلەن يامغۇر يېغىپ كەتتى دەپ يۈگرەپ كىردى،كىرگەنكەنىڭ ئارسىدا سىنىپ مۇدىرىمۇ با ئىدى،چوڭلا قىنى دەپ كۆزىمىزگە كىرۋالدى،مۇئەللىم ئاتالمىش ئاپامغا مېنى ياخشى باشقۇرۇش  توغرىلىق تېلېفۇن قىپ ئەھۋال دوكلات قىلدى

tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章