بۇزۇلغان ئانا13-قسىم

文摘   2025-02-08 21:05   新疆  




تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .





بۇزۇلغان ئانا1-قسىم
بۇزۇلغان ئانا2-قسىم
بۇزۇلغان ئانا3-قسىم
بۇزۇلغان ئانا4-قسىم
بۇزۇلغان ئانا5-قسىم
بۇزۇلغان ئانا6-قسىم
بۇزۇلغان ئانا7-قسىم
بۇزۇلغان ئانا8-قسىم
بۇزۇلغان ئانا9-قسىم
بۇزۇلغان ئانا10-قسىم
بۇزۇلغان ئانا11-قسىم
بۇزۇلغان ئانا12-قسىم

-13-قىسىم
مومامدىنلا ئەنسىرەپ مومامغىلا گەپ قىلىپ مىڭىپتىمىز، تۈگۈلۈپ ئىشىككە يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ قاغان بوۋامغا قاراپ كۆزنىڭ يۇمۇلۇپ ئۇزۇندا بىر ئىغىر تىنىۋاتقىنىنى، كالپۇكلىرىنىڭ  ھىم ئىتىلگىنىنى كۆرۈپ  گەپ قىممىدىم،  تەخمىنەن بىر يىرىم سائەت مىڭىپ مەنزىلگە كەلدۇق،  ئەپچىلگىنە ھويلا ئالدىغا بىر ماشىنا پاتاتتى،دادام ماشىنىنى سىيلىق توختاتتى، مەن يۈگرەپ دىگۈدەك چۈشۈپ  مومام ئولتۇرغان تەرەپنىڭ ئىشكىنى ئاچتىم، مومامنى كۆتۈرۈپ ماشىنىدىن ئىلىۋىدى قولۇمدىكى ئەديالنى تامنىڭ يىنىدىكى قۇرۇق ئوت چۆپ غازاڭ يىغىلىپ قاغان جايغا سالدىم، كۈن قايرىلىپ بوغان ئىدى، مومامغا جىلىتكىسىنى كەيدۈرۈپ قويۇپ بوۋامنىڭ يىنىغا باماق بولدۇم.

-بوۋا… سىزنى يۆلىۋالايمۇ…

ئىشىكنى ئىچىشىم بوۋامنىڭ گەۋدىسى يەرگە شۇڭغىدى، چاققانلىق بىلەن تۇتۋالدىميۇ بەدىنىم ئىگىلىپ بوۋامنىڭ ئۈستى بەدىنىنى  قۇچاقلاپ ئولتۇرۇپ قالدىم.

تاغام بىلەن دادام كىلىپ بوۋامنى يۆلىدى، ئوڭدىسىغا قىلىپ ماشىنىغا ئىسىلىپ قاغان پۇتىنى ئىلىپ پەسكە قويۋىدى بوۋام خارتتىدە بىرنى تىندى،ئاندىن ھەممىمىزگە بىر قاراپ مومامنى چاقىردى، مومامنىڭ يىنىغا ئاپىرىپ تاغام گەۋدىسىدىن قۇچاقلاپ ئولتۇردى.

دادام ئىككىمىز داتلىشىپ كەتكەن قۇلۇپنى ئاچقۇچقا ئاچامماي قوشنىلانىڭ ئۆيىدىن ئامبۇر دىگەندەك نەسىلەنى سوراپ ئەچىقىپ قۇلۇپ چىقىش بىلەن ئالدىراش ئىدۇق، جاراققىدە قۇلۇپ ئىچىلۋىدى ئىشىكنى كۈچەپ ئىتتىردىم، كونا ياغاچ دەرۋازا غىچىرلاپ ئىچىلدى، ھويلا قارىغۇسىز،ھەممە يىرىنى ئەخلەت ياۋا ئۆت-چۆپ بىسىپ كەتكەن ئىدى. يۈگرەپ يۈرۈپ قوشنىلانىڭ ياردىمىدە تازلىۋالدۇق، ھويلا ئادەم ئولتۇرغىدەك بولدى، ئۆيلەنى رەتلەپ تازلايلى دەپ ئۆيگە مىڭىۋىدۇق دادامنىڭ ئەنسىز توۋلاشلىرى ئاڭلاندى:

-ۋاي دادام…

دەپ توۋلاپ يىغلىغان ئاۋازى كەلدى،يۈگرەپ ئىشىك ئالدىغا چىقتىم، بايىقى ماشىنا توختاتقان يەردە ماشىنا يوق، لىققىدە ئادەم تۇراتتى، مومام بىلەن بوۋام ئولتۇرغان تامنىڭ ئىككى تەرىپى لىققىدە ئادەم، ئادەملە توپىنى يىرىپ دادامنىڭ بوۋامنىڭ پۇتىنى تۇتقانچە يىغلۋاتقىنىنى كۆدۈم، بوۋامنىڭ يىنىدا سەكسەن توقسان ياشلىق بوۋاي مومايدىن تۆت بەشى با ئىدى. ئۇكام دەپ يىغلىشىۋاتاتتى، مومام  بوۋامنىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ:

-بوۋىيىم…قوپسىلا… قوپسىلا… ئۆلەرمەن بوپ قاغان ئادەم مەن…مەن كىتەي… سىلى ساپساق ئادەم يىتىۋاسىلا  قانداق بولىدۇ…

دەۋاتاتتى، كۆزۈمدىن ياش چىقمىدى، ھەمىسى يىغلاۋاتاتتى مەنلا يىغلىياممىدىم، بوۋام بىلەن تۈزۈك پارىڭىم بوپ باقمىغاچقىمۇ ياكى  ئۇزۇن مەزگىل ئايرىلىپ تۇرغاچقىمۇ  مۇنداقلا قاراپ قويدۇم.بىرىنىڭ ئۆيلە تىخى مەينەتكەن دىيىشى بىلەن يۈگرەپ كىرىپ كەتتىم، كىملە كىرىۋاتىدۇ كىملە چىقىۋاتىدۇ بىلمەيتىم، يول تەرەپتىكى ئىچى تىشى ئىككى ئۆينى سۈپۈرۈپ توبالاپ،تاملانى تورۇسلانى ئىيتىپ،يەنە بىر تەرەپتىكى چوڭ مىھمانخانىنى تازلىدىم، بوۋامنى چوڭ مىھمانخانا ئۆيگە ئەكىرىپ ياتقۇزۇپ قويدى، يەنە يۈگرەپ يۈرۈپ بىر ئىشلانى قىلۋىدىم تاڭ سۈزلەي دەپ قاپتۇ، بوۋامنى ئەچىقىپ كەتكەندىن كېيىن مومامنىڭ يىنىغا بىرىپ يۈز-كۆزىنى ئىيتىپ چاي ئىچۈردۈم، ھېلى تاغامنىڭ يىنىغا بىرىپ ئاقلىغان تۇخۇمنى چاي بىلەن يىدۈرەتتىم، ھېلى دادامنىڭ يىنىغا بىرىپ كىيمىدىكى لاي توپىلانى ئىيتاتتىم. ئىككى كۈن بوغاندا ھويلىنى سۈپۈرۋتىپ بۇرنىمدىن قان كەتتى، ھويلىدىكى سۇپىدا ئولتۇرغان مومام ئىسمىمنى توۋلاپ چىرقىراپ يىغلىغانچە مەن تەرەپكە ئۆزىنى ئاتتى، نەچچە كۈندىن بىرى چىقمىغان يىغا ھازىر چىقتى،  مومام سۇپىدىن چۈشۈپ كەتكەن ئىدى، يۈگرەپ بىرىپ قۇچىقىمغا بىشىنى ئالدىم، پىشانىسى كۆكۈرۈپ چىققان ئىدى.

-بىچارە بالام…  

مومام بۇرنىمدىكى قاننى توختىماي ئىيتاتتى،ئىككىلىمىز كۆزىمىز بۇلاق يىغلاشماقتا ئىدۇق. خىلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن بۇرنىمدىن چىققان  قان توختىدى، مومامنىڭ يۈرەك كېسىلى قوزغاپ قالدىمىكىن مەيدىسىنى تۇتۇپ  كۆزىنى يوغان ئىچىپ ئاسمانغا قاراپ يىتىۋىلىپ دوختۇرخانىغا ئاپادۇق. بالنىستقا ئالدۇرۇپ ھەپتە داۋالاتتۇق. دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن مومام كەتكىلى ئۇنىمىدى، دادام بىلەن تاغام گۈلچىھرە ئىككىمىزنىڭ بىرىمىزنىڭ بۇيەدە مومامغا ھەمرا بوپ قىلشىمىزنى ئىيتتى، گۈلچىھرە يىغلاپ ئۇنىمىدى،سەھراغا كۆنەمەيمە مومام بىز بىلەن كەتسۇن دەپ، ئەلۋەتتە تاغام ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئوقۇش پۇلى تۆلىگەن بوغاچ قىزىنى بۇيەدە قالدۇرمايدىغىننىمۇ ماڭا ئىنىق ئىدى.

-مەن قىلىشنى خالايمەن… مەكتەپتىمۇ ئوقىمايمە، مۇشۇ ئۆيدە قىلىپ مومامغا قارايمە.

-مەكتەپتە ئوقىمىسىڭىز بوممايدۇ، مومىڭىزنىڭ ئاش تامىقىنى ئىتىپ  كىر يۇيۇپ ئۆي تازلىشىپ بىردىغان ئايال تىپ بىرمە،سىز ئوقىشىڭىزنى ئوقۇپ  كەچتە كىلىپ مومىڭىزغا ھەمرا بوسىڭىزلا بولدى…

تاغام ئۆزىنىڭ قىزىنىڭ قاممايدىغىنىدىن خۇش بوپ دەرھاللا ماڭا كىرەكلىك ھەممىنى تەپ بەدى، ھېچنىمەم كام قىممايدىغان بولدى. شەھەردىن ئىسكىرىپكامنى ئەكەپ بىرىشكە ئۆلگۈرمەي يىڭىدىن بىرنى ئەپ بەدى مومام ئىككىمىزلا قىلىپ باشقىلانى ئۇزۇتۇپ قويدۇق. مومام قاپقارا خۇرۇم سومكىنى شەرەتلەپ:  

-ئاۋۇ نىمە بالام… ئەكىلە كۆرۈپ باقاي…

-بۇ ئىس… نىمە دەيتى … كۆرۈپ باقە…

ئىسمىنى ئىسىمگە ئالامماي ئۇدۇل ئالدىغا ئەكەلدىم، بۇرۇن دادام تەرجىمە قىلىپ بىرەتتى ھازىر مومام ئىككىمىز مەقسىتىمىزنى ئۇقتۇرۇشتا يىڭى مەسىلىگە دۇچ كىلدىغاندەك تۇراتتۇق…مومام سىيلاپ-سىيلاپ چەپ بىرشىمنى ئىيتتى،

-بومماسمىكى مەن  … نومۇس تاتىمە…

مومام بىلەن يىنىدىكى ھەمشىرىسى كۈلۈپ كۆزىدىن ياش چىقىپ كەتتى،

-كىلولاپ تاتىپ كەتمىسۇن بۇ نومۇسنى…

ئىككىسى كۈلۈشۈپ كۈلۈشۈپ كەينىدىن يىغلاشتى، ئىسكىرىپكامنى چىقىرىپ تىرىڭشىتىپ قويدۇم…

ئەتىسى ئەتىگەندە يىڭى مەكتەپكە باراتتىم،  مومام مىنى يىتىلەپ سىرتقا ئەچىقىپ ماڭىدىغان يولنى كۆسەتتى، ئاندىن نىرىراقتىكى ئالتە قەۋەتلىك بىنانى كۆرسىتىپ مەكتەپنىڭ شۇ بىنانىڭ كەينىدە ئىكەنلىكىنى، ئەتە ئۇدۇل بىرىشىمنى ئىيتتى،

-پەقەتلا ماغدۇرۇم قاممىدى بالام،قورسىقىم ئاچتى…

مومام مېنى چۈشەنمەي قاممىسۇن دەپ ھەركىتىنى قوشۇپ قويغان ئىدى، يۆلەپ مىڭىپ بىر ئاشخانىغا كىردۇق،مەن دىمەتلىك بالا ئالدىمىزغا چاي ئەكەلدى،

-تىشلىقمۇ چوڭ ئاپا… نىم تاماق يەيلىكىن…

-نىمە چاققان چىقسا شۇنى ئەچىقە بالام…

بالا ماقۇل دەپ كىرىپ كىتىپ بىردەمدە گۆش پولۇدىن ئىككىنى ئەچىقتى،

-ھەي… مەن بۇنى ياخشى كۆمەيمەن… بۇنى ئەكىتىڭ…

ئەسلى يىگىم يوق دىمەكچىتىم ياخشى كۆمەيمەن دەپ سالدىم، پولۇنى بۇ ئون نەچچە كۈندە ئاز يىمىدىم ئەلۋەتتە. ئۇ بالا ماڭا يوغان بىرنى قاراپ نىم يەيدىغىنىمنى سورىدى.

-پاچاق بامۇ؟

- ياق بىزنىڭ دۇكاندا پاچاق ساتمايمىز…

-ئەمسە نىم ساتىسىلە…

-لەغمەن…سومەن…پولۇ… نارىن ياپما…

-مەن…مەن…بولدىلا مۇشىنى يەۋىرەي…

ئۇ بىر تىنىقتا ئوتتۇز نەچچە تاماقنى ساناپ توختىدى، مەن بىشىمنى ئىگىپ گۆشنى غاجاشقا باشلىدىم…

تاماقتىن بىكا بوپ ئۆيگە قايتتۇق،مومام بۇ ئاشخانىنىڭ تامىقىنىڭ ئىغىزىغا تىتىغىننى،چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا مۇشۇ يەدىن تاماق ئىلىپ ئۆيگە قايتىشىمنى ئىيتتى. ئەتىسى ئەتىگەندە يىڭى مەكتەپكە  كەلدىم،ھېچقانچە يىڭىلىقمۇ يوق، تۇرقىم بۇ نەچچە كۈن يىزىغا سىڭىشىپ كەتكەن ئىدى.

ماڭلاي چىچىم ئۆسۈپ كەتكەن بوغاچقا ئارقامغا تاشلاپ چازا قىسىۋاغان  ئىدىم، ئادىداس ئاتالغان بۇ ماركىنىڭ تەنھەركەت كىيىمىنى،ئايىقىنى كىيىپ چىچىمنى بىرلا بوغۋاغان ئىدىم.

-مىنىڭ ئىسىمىم شەھلا،ئۈرۈمچىدىن يۆتكىلىپ كەلدىم، بۇيەدە مومام بىلەن بىللە تۇرىمە… ئۇيغۇرچە پاراڭدا قىينىلىشىم مۇمكىن ساۋاقداشلانىڭ مازاق قىماي مىنى يىتەكلەپ قويشىنى ئۈمۈد قىلىمەن…

سىنىپتا ئۆزىمنى تونۇشتۇرۇپ بوپ جايىمدا ئولتۇردۇم، شۇنداق مەن ئۇيغۇرچە سىنىپنى تاللىۋالدىم، دادامنىڭ ئەلۋەتتە خەۋىرى يوق. ساۋاقداشلا قىزغىنلىق بىلەن ئەتراپىمغا ئولىشىپ ئۆزىنى تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى…

قوڭغۇراق بالىلارنىڭ ئاۋازىنى بىسىۋەتتى.ماتىماتىكا دەرسى ئىدى دەرسنى چۈشەنمىدىم،لىكىن باشقا ياققا قاراپمۇ ئولتۇرمىدىم، چۈشتە دەرستىن چۈشۈپلا ئالدىراش سومكامنى يىغىشتۇرۇپ ھېلىقى مەكتەپنىڭ نىرىسىدىكى ئاشخانىغا يۈگۈردىم. مومامنىڭ ئىشىك ئالدىدا ئاچ قورساق ئولتۇرۇپ ئىسىىق ئۆتكىزۋىلشىنى خالىمايىتىم، تىز قەدەم بىلەن ئاشخانىغا كىرىپ ئىككى كىشىلىك چۆپ ئىككى كىشىلىك سەي بۇيرىدىم. تاماقنى قولۇمغا تەڭلىگەندە يۈگرەپ ئۆيگە ماڭدىم، تەخمىنەن ئون مىنۇتتەك  مىڭىپ ئىشىك ئالدىغا كەلدىم، چۆپ  كاللەك بوپ قاغان ئىدى، مومام يىيەممىدى، قايناقسۇغا بىسىپ  ئىسسىتىپ ئەچىقۋىدىم تەمى يوقلا بىر نىمە بوپ قاپتۇ…چۈشتىن كېيىن يەنە يۈگرەپ دىگۈدەك مەكتەپكە ماڭدىم. كەچتە مەكتەپتە چوڭ تازلىق با دەپ بىر  سائەت كىيىن كەلدىم.

-بالام ساڭا تېلېفۇن ئالايلى! داداڭ بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرۇشقا ئەپلىك…يەنە كىچىكرەك توكسىكلىتمۇ ئەپ بىرەي،بۇنداق يۈگرەپ بىرىپ يۈگرەپ كەسەڭ… ھەي ساڭا بەك ئىچىم ئاغرىيدىكەن…

مومام رەت قىسام ئۇنىماي يان تېلېفۇن بىلەن توكقىمۇ چاتقىلى بولدىغان،توكى يوق بوسا ۋەلىسپىت قىپ مىنگىلىمۇ بولدىغان كىچىك ھارۋىدىن بىرنى ئەپ بەدى. مەكتەپكە بىرىپ كىلىش ئەمدى ئاسانلاشقان ئىدى. بىرە ئاي ئۆتۈپ مومامغا ئۇرىدىغان تۇرمۇش پۇل ئۇرۇلمىدى، تاغاملا ئىچكىرگە كەتكەن بوغاچ  ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ قالدى، دادام ئۆگەي ئانامنى ھازىرلا ئۇرۇپ بىرىدۇ دىدى.لىكىن ئۇ ئايالنىڭ ماڭا قىسقىسى مەن با ئۆيگە پۇل بەمەيدىغىنىنى ئوبدان بىلەتتىم، ئۇنىڭ نەزىرىدە مەن تىرىك  يىتىم بوغاچ قورسىقىم ئاچماسلىقى ئۇنى بۇنى ئاغىم كەممەسلىكى،قىسىقىسى بىر كوي چىقىمىم بومماسلىقى ھەتتاكى ھېچنىمىگە ئىھتىياجىم چۈشمەسلىكى ھېچنىمە تەلەپ قىماسلىقىم  كىرەك ئىدى …

مومام ئۇچ مىڭدەك پۇلنى ماڭا خەجلىۋەتكەن بوغاچ ئۇ خوتۇن مومامغا شۇ پۇللا تۈككەندە سەپ بىرەي دىدى، مومام تېلېفۇن ئاغىنىمىزنى توكسىكلىت ئاغىنىمىزنى دىيىشىگىلا

-ۋاي ۋۇي ئاپا مۇشتۇمدەك ئادەمگە يان تېلېفۇن ئىلىشنى كىم قويۇپتۇ،  مەكتەپكە ھەممىسى مىڭىپ بارىدۇ ھازىر،مىڭىپ بىرىپ كەسۇن ساغلام بولىدۇ،توكسىكىلىت بىلەن تېلېفۇننى ئەچىقىپ سىتىۋىتىپ خىراجەت قىلغاچ تۇرۇڭلا… ئىسمايىلنىڭ سودىسى دىگەندەك ياخشى ئەمەس نەچچە كۈنگىچە بىر گەپ بوسۇن ھە…  مەن ھازىر بىر كىسەلنى يوقلاپ كەگەن ھېلى تېلېفۇن قايتۇراي خوش…

 تىلفۇن دۇدۇتلاپ ئۈزۈلدى…

-توخۇ پوقى،كۆزۈمگە نىم كىرىپ قىلىپ سېنى كىلىن قىلاي دىگەن بوغىيتىم…تۈف ھۇ مەرەز…

مومام ئۇنى تىللىدى… يەگە بىر تۈكۈرۋىتىپ  ماڭا قارىدى، ئۆيدىكى بار پۇل ئىككى يۈز نەچچە كويلا ئىدى. مومام ئىككىمىزنىڭ كىرىمى يوق مۇشۇ پۇلغا قاراشلىق ئىدۇق… سىنىپتا خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ بىريەدە ئىشلەپ  پارچە خىراجەت تاپماقچى بولدۇم.

ھېلىقى تاماق يەيدىغان ئاشخانىغا كىرىپ شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى مۇلازىم ئىشلىتىدىغان ئىشلەتمەيدىغىننى سورىدىم،

-سىز ئىشلەمسىز؟

-ھەئە.

-پاھ… ئىسرايىل باينىڭ ئەتىۋالىق قىزى مۇلازىم بولامدا چاقچاق قىمماڭە…

ئۇنىڭ مېنى گۈلچىھرە دەپ قاغىننى بىلدىميۇ گۈلچىھرەنىڭ نەۋرە سىڭلىسى دىيىشنى خالىمىدىم.
-يوشۇرماڭ بولدى، دادىڭىزنىڭ داڭلىق قۇرلۇش ھۆددىگىرى ئىكەنلىكىنى كىم بىلمەيدۇ، بۇ كىچىك ناھىيەدىلا زىمىنىڭلادىن نەچچىسى بادۇ،  ئۈرۈمچىدە يەنە تىخى ئىچكىرگە شىنجاڭ ماللىرىنى تارقىتىدىغان قۇرۇق-يەل يىمىش  ئىسكىلاتىڭلا باكەنغۇ… تۆتمىڭ كەممىسىمۇ ئۈچ مىڭ پىڭفاڭدىن ئاشا ئۇ ئىسكىلات مەن بىر تەتىلدە ئىشلەپ باققان جۇمۇ…ئىسمىڭىز گۈل نىمىتى باشقىلادىن ئاڭلىغان ئىسىمگە ئالاممىدىم…

-كەچۈرۈڭ مىنىڭ ئىسمىم شەھلا  ئىسمايىل… ئىسمايىل چۈشەندىڭىزمۇ  مىنىڭ دادام قۇرۇق يەل-يىمىش سودىسى قىممايدۇ،… ئۇنىڭ ئۈستىگە بەكلا كىچىك سىتىقچى…

گىپىمنى تۈگىتىپ چىقىپ كەتتىم، ئەتىسى ھەپتىنىڭ بەشىنجى كۈنى ئىدى، شەنبە يەكشەنبە ئىشلەيدىغان جاينى تىزراق تىپىۋىلىش ئۈچۈن چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا كۆزۈم كۆگەن ھەممە دۇكاننى ئارىلاپ ئىشلەمچى لازىممۇ دەپ سوراپ چىقتىم. ھېچكىم لازىم دىمىگەن  بوغاچ روھىم چۈشۈپ مەكتەپكە قايتىپ كەلدىم،چۈشتىن كىيىنكىسى تەنتەربىيە دەرسى ئىدى قوشتىل ئىككىنجى سىنىپ بىلەن ئانا تىل ئالتىنجى سىنىپنىڭ تەنتەربىيە دەرسىنى بىللە ئۆتىدىكەن، مۇئەللىم بەدەن قىزتىپ مەيداننى ئىككىنى ئايلىنىشنى ئىيتتى، ئايلانغاندا ھېچنىمە بوماي مەيدان يۈگرەپ بوپ توختاپلا بىشىم قىيىپ ئولتۇرۇپ قالدىم، ھۆ تارتىپ كۆپكۆك سۇ ياندۇرۇپ كەتتىم.



tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章