توي ۋە سۈيقەست23-قسىم

文摘   2025-02-04 20:56   新疆  

تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

،چىرايلىق چوكان،تالاغا قارىغان ئايال، جىنايەت ۋە جازا شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .




 

 توي ۋە سۈيقەست1-قسىم
توي ۋە سۈيقەست2-قسىم
توي ۋە سۈيقەست3-قسىم
توي ۋە سۈيقەست4-قسىم
توي ۋە سۈيقەست5-قسىم
توي ۋە سۈيقەست6-قسىم
توي ۋە سۈيقەست7-قسىم
توي ۋە سۈيقەست8-قسىم
توي ۋە سۈيقەست9-10-قسىم
توي ۋە سۈيقەست11-قسىم
توي ۋە سۈيقەست12-قسىم
توي ۋە سۈيقەست13-قسىم
توي ۋە سۈيقەست14-قسىم
توي ۋە سۈيقەست15-قسىم
توي ۋە سۈيقەست16-قسىم
توي ۋە سۈيقەست17-قسىم
توي ۋە سۈيقەست18-قسىم
توي ۋە سۈيقەست19-قسىم
توي ۋە سۈيقەست20-قسىم
توي ۋە سۈيقەست21-قسىم
توي ۋە سۈيقەست22-قسىم


ئىشىك ئېچىلىپ يولدىشىمنىڭ ئۆگەي ئاپىسى كىردى.



_ سىز نېمە كېلىنچەكنىڭ يېنىغا كىرىۋالدىڭىز.. چىقىپ پەسكە قارىشىپ بېرىڭ،_ دېدى ئۇ ئاپامغا قاراپ.



_ بۇياق مېنىڭ ئاپام بولىدۇ..خىزمەتچى ئەمەس..



_ ۋوي، شۇنداقمۇ، مەن تېخى خىزمەتچىمىكىن دەپتىمەن.._ يولدىشىمنىڭ ئۆگەي ئاپىسى ئاپامنىڭ ئۈستىدىن ئاستىغا قاراپ قويغاندىن كېيىن سالاممۇ بەرمەي چىقىپ كەتتى.



_ بۇ كىم بولىدۇ،_ دېدى ئاپام گاڭگىراپ.



_ يولدىشىمنىڭ ئۆگەي ئاپىسى..



_ يولدىشىڭنى ئاتا-ئانىسى يوق دەۋاتقانتىڭ، دادىسى بوپ قالدى، ئەمدى ئۆگەي ئانىسىمۇ بار بوپ قالدى..بۇ قانداق گەپ، مەن پەقەتلا بىلەلمەي قالدىمغۇ..



_ ئاپىسى ئۆلۈپ كەتكەن، دادىسى بار..بۇ ئۆينىڭ ئىگىسى دەل ئۇنىڭ دادىسى..



ئاپامنىڭ قولىدىن تۇتۇپ ئولتۇرغۇزدۇم.



_ ئاپا، بۇئىشلارنى ساڭا ئايرىم چۈشەندۈرۈپ قويىمەن..



_ بۇ گىرىم بەكلا قېنىق بوپ كېتىپتۇ..ئازىراق سۇسلاشتۇرغىلى بولماسمۇ..بايا سېنى تونىيالمىغىلى ئاز قالدىم..



_ ھازىر مۇشۇنداق گىرىم مودىكەن ئاپا..بىردەمدىلا ئۆتۈپ كېتىدۇ.



يولدىشىمنىڭ ئۆگەي ئاپىسى بىر ئايالنى باشلىغىنىچە يېنىمىزغا كىردى.



_ بۇياق،_ ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم.



_ سىز ئاپىڭىزنى كەلمەيدۇ دېگەچكە ئاپىڭىزنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ بېرىدىغان، ئوتتۇرىغا چىقىپ سۆزلەيدىغان ئادەم ئەكەلگەنتۇق. بۇ ياق بۈگۈنكى ئاپىڭىز..



_ بۇ..بۇنداق بولسا قاملىشامدۇ..مېنىڭ ئاپام يېنىمدا تۇرسا..



_ ئۆزۈڭلار تۈنۈگۈن ئاپىڭىزنىڭ مىجەزى يوق دېدىڭلار. كېلەلمەيدىكەن دەپ تەييارلىق قىلىپ بولغاندا ئەمدى ئاپىڭىز پەيدا بولۇپ قالدى..



_ شۇنداقتىمۇ ئۆزۈمنىڭ ئاپىسىنى قويۇپ باشقىلارنى ئاپا دېسەم قانداق بولىدۇ..



  يولدىشىمنىڭ ئۆگەي ئاپىسى قەغەزگە يېزىلغان بىرمۇنچە خەتنى ئاپامغا تەڭلىدى.



_ مەيلى ئەمىسە، ماۋۇنى يادلىيالامسىز..



ئاپام ئوڭايسىزلىنىپ ماڭا قارىدى.



_ بىز ئۆتكۈزىدىغان توي مۇراسىمى سىلەرنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. قارشى تەرەپنىڭ ئاپىسى چوقۇم ئوتتۇرىغا چىقىپ سۆزلىشى كېرەك. ئاپىڭىزنىڭ تەييارلىقى بولمىسا، بۇ ياق بۈگۈن ئورنىغا چىقىپ سۆزلىسۇن.



ئۆگەي ئاپامنىڭ يېنىدا تۇرغان ئايال ئېسىل كىيىنگەن بولۇپ، قارىماققا باي ئايالدەك كۆرىنەتتى. بۇ ئۇلارنىڭ كەلگۈچىلەرگە باي ئايال بىلەن قۇدا بولدۇق دېگەن تەسىرنى بېرىش ئۈچۈن قىلغان تەييارلىقى ئىدى.



  ھەممە ئىش مېنىڭ ئويلىغىنىمدەك ئەمەس ئىدى.



_ قىزىم، بولدى، مۇشۇ خانىم دېگەندەك بولسۇن بولسۇن. مەن ئوتتۇرىغا چىقىپ سۆزلىيەلمەيمەن. مېنىڭ ئورنۇمدا سۆزلەپ بەرسىمۇ مەيلى.._ دېدى ئاپام مېنىڭ خىجىلچىلىقتا قالغىنىمنى بايقاپ.



_ شۇنداق بولسۇن. ھېلى زالغا مۇشۇ ھەدىمىز كىرسۇن..ئاپىڭىز مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرسۇن..



_ بۇنداق قىلساق قانداق بولىدۇ. مېنىڭ تويۇمدا ئاپامنىڭ بىر كىشىلىك ئورنى بولۇشى كېرەكقۇ..



_ قىزىقكەنسىزغۇ.. ئاپىڭىزنى كەلمەيدۇ دېگەن ئۆزىڭىزغۇ..



_ بۇنداق قىلساق قاملاشمايدۇ..



_ قانداق قاملاشمىغۇدەك. سىلەر توي قىلغاندا ئاپىڭىز باش بولغان بولغۇيتتى. بىزنىمۇ تويغا چاقىرمىغانغۇ..



ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرالماي تۇرۇپ قالدىم.



_ ئورۇننىڭ ھەممىسىگە ئادەم بېكىتىلىپ بولدى، ئارتۇق ئورۇن يوق. ئاپىڭىز مۇشۇ يەردە ئارام ئېلىپ تۇرسۇن...



 يولدىشىمنىڭ ئۆگەي ئاپىسى شۇنداق دەپلا چىقىپ كەتتى. يالغان ئاپاممۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ چىقىپ كەتتى. جايىمدا قېتىپلا تۇرۇپ قالدىم. باي ئائىلىدە ئىززەت ھۆرمەتنىڭ بۇنچە قەدرى يوقلىقىنى ئويلاپ باقمىغانىدىم. شۇ تاپتا ئاپامنىڭ يۈزىگە قارىيالمايۋاتاتتىم.



  ئاپام قولۇمنى تۇتتى.



_ قىزىم، خىجىل بولما. مەن دەرىزىدىنمۇ كۆرەلەيمەن ياكى ئولتۇرماي ئۆرە تۇرساممۇ مەيلى..بالدۇرراق تەييارلىق قىلىپ قويمىغان خاتالىق مەندە..



_ ئاپا تۈنۈگۈن ئەسلى سېنى ئالغىلى بارغان، قارىساق مىجەزىڭ يوقكەن. شۇڭا سېنى خىجىل قىلىشنى خالىمىدۇق. مېنى كەچۈرگىن..



_ ھېچقىسى يوق قىزىم..مەن تۆۋەن مەلۇماتلىق، ئۇ يەرگە چىقىپ جايىدا سۆزلىيەلمەي سېنىڭ يۈزۈڭنى تۆكۈپ قويماي..باشقىلارنى ئورۇنلاشتۇرغىنىمۇ بوپتۇ..



ئاپامنى قۇچاغلىدىم.


_ كەچۈرگىن ئاپا، سېنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا خىجىلچىلىققا قويدۇم.



_ قىزىم، باي ئائىلىگە كېلىن بولۇش بەك قىيىن..جاپادا قالدىڭ..لېكىن يولدىشىڭ بەكلا ياخشى..شۇڭا چىدىۋەتكىن..



_ ماقۇل ئاپا..مېنى توغرا چۈشەنگىن..



گىرىمىمنى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن شۇنچە تىرىشىۋاتقان بولساممۇ ياشلىرىمنى تۇتىۋالالمايۋاتاتتىم.



«مېنى كەچۈر ئاپا، ئۆزۈمنىڭ پىلانىغا سېنى ئارلاشتۇرۇپ قويدۇم، سېنى خاتىرجەم قىلىمەن دەپ يالغاندىن توي قىلىپ، سېنى تېخىمۇ خاتىرجەمسىزلەندۈرۈپ قويدۇم»ئىچىمدىكى گەپلىرىمنى ئاپامغا دېيەلمەيتتىم.



ئاپام يۈزۈمدىكى تورۇمنى يېپىپ قويغاندىن كېيىن پىشانەمگە سۆيدى. يالغان ئاپام قولۇمدىن يېتىلىگىنىچە مېنى زالغا ئەچىقىپ كەتتى. گەرچە بۇ ھەقىقىي توي مۇراسىمى بولمىسىمۇ، لېكىن ئوخشاشلا ئازابلىنىۋاتاتتىم. ئۆزۈمنىڭ ئالدىراپ چىقارغان قارارىم تۈپەيلى بۇنچە كۆپ ئادەمنى دىشۋارچىلىققا سېلىشىمنى ئويلىمىغانىدىم.



   يالغان ئاپام قولۇمنى يولدىشىمغا تۇتقۇزدى. يولدىشىم قولۇمنى تۇتۇپ ماڭا قارىدى. ئەتراپتىن چاۋاك ئاۋازلىرى ئاڭلىنىشقا باشلىدى. يېشىمنى توختىتالمايۋاتاتتىم.



 ئۈزۈكنى بۇ قېتىم مەن ئەمەس يولدىشىم تەييارلىغانىدى. بىز ئۈزۈك ئالماشتۇرغاندىن كېيىن ئۇ يۈزۈمنى ئاچتى. ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ قالدىم، ئالدىنقى قېتىم ئۇنىڭغا ۋەزىپە ئورۇنداش ئۈچۈن قارىغان بولسام، بۇ قېتىم ئۇنىڭغا مۇھەببەتلىك قاراۋاتاتتىم. ئۆزۈم باشلىغان بۇ ئويۇنغا ئۆزۈممۇ ئىشىنىپ قېلىۋاتاتتىم.



ھەممەيلەن بىزگە قاراپ چاۋاك چېلىشقا باشلىدى. بېشىمنى كۆتۈرۈپ يان تەرەپتە ماڭا قاراپ تۇرغان ئاپامنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ كىشىلەر ئارىسىدا ئۆرە تۇراتتى.



  ئۆز ئاپامغىمۇ تونۇشلۇق بېرەلمەيۋاتقان ئۆزۈمدىن نەپرەتلىنىۋاتاتتىم.



توينىڭ قائىدىلىرى تۈگەپ ھەممەيلەن جايلىرىغا كېلىپ ئولتۇردى.



_ تۆۋەندە كېلىنچەكنىڭ ئاپىسىنى سۆزگە تەكلىپ قىلايلى..



ئۇلار ئورۇنلاشتۇرغان يالغان ئاپام ئوتتۇرىغا چىقىپ سۆزلەشكە باشلىدى.



_ قىزىمنىڭ بۇنىڭدەك ئېسىل، ئۇقۇمۇشلۇق ئائىلىگە ياتلىق بولغىنىدىن تولىمۇ پەخىرلىنىۋاتىمەن.. بۇنىڭ ئۈچۈن قۇدامغا ۋە كۈيئوغلۇمغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. كۈيئوغلۇم بىلەن ئىككىسى ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قويغاندەك ماسلىشىدۇ. ھەر ئىككىلىسى يۇقىرى مەلۇماتلىق، چىرايلىق، يېشىمۇ تەڭ شۇنداق ماسلاشقان..



  بۇ ئايالنىڭ ھاياجانلىق سۆزلىرىنى كىمنىڭ يېزىپ بەرگەنلىكىنى بىلمەيتتىم. ئاڭلىغانسىرى بىئارام بولىۋاتاتتىم. ئاستا ئىڭىشىپ يولدىشىمغا پىچىرلاپ قويدۇم.



_  بۇ ئايال نېمىلەرنى دەۋاتىدۇ، بىلمەيلا قالدىم..



_ داداملارنىڭ تاپقان ئادىمىكەن، ئاپىڭىزنى بىز تۈنۈگۈن كەلمەيدۇ دېگەچكە..



_ ھەرقانچە بولسىمۇ مۇشۇنداقمۇ يالغان سۆزلەمدۇ..



_ بۇ ھېچقانچە گەپ ئەمەس. ئېشىپ كەتكىنى يوق. چىدىۋېتىڭ. بىردەمدىلا ئۆتۈپ كېتىدۇ..



_ ۋىيەي ئاكا، تويىڭىزغا مېنى چاقىرمىغىلى تاس قاپسىز ھە، ھاممام دېمىگەن بولسا بىلمەي قالاركەنمەن..



يولدىشىمنىڭ مۆرىسىگە قولىنى قويغان ياش قىزغا قاراپ تۇرۇپ قالدىم.



يولدىشىم مۆرىسىدىن قىزنىڭ قولىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئۆرۈلدى.



_ مەن ھېچكىمگە باغاق يېزىپ باقمىدىم، ھەممەيلەننى دادام چاقىردى..



_ قانداقلا بولمىسۇن، مۇبارەك بولسۇن ئاكا،_ ياش قىز ماڭا قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن يولدىشىمغا قاراپ كۆزىنى قىسىپ قويۇپ جايىغا كېتىپ قالدى.



يولدىشىمغا سۇئال نەزىرىدە قاراپ قويدۇم.



_ بۇ ئاۋۇ ئايالنىڭ جىيەنى ھە دېسىلا مۇشۇ ئۆيگە كېلىۋالىدۇ..



_ سىزگە خېلى ئامراقتەك قىلىدۇ..چىرايلىق قىزكەن..



_ ئۇنىڭ تۇققانلىرىنىڭ ھېچقايسىسىغا مەن ئامراق ئەمەس.. چىرايلىق كۆرۈنمەيدۇ..



ئىككىمىز كۇسۇرلىشىۋاتقاندا يولدىشىمنىڭ ئۆگەي ئاپىسى يېنىمىزغا كەلدى.



_ كۆپچىلىك دادىڭىز ئىككىڭلارنى ئۇسۇلغا تەكلىپ قىلىۋاتىدۇ..



يولدىشىم ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدى، بىرىنچى تويىمىز ئاددىيلا ئۆتكۈزۈلگەچكە ئۇنىڭ ئۇسۇل ئوينىغىنىنى كۆرۈپ باقمىغانىدىم.



ئۇنىڭغا چىقىڭ دېگەندەك ئىشارەت قىلىپ قويغاندىن كېيىن مەيدانغا چۈشۈپ كەتتى.  ئۇنىڭ ئۇسۇلنى بۇنداق ياخشى ئوينايدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغانىدىم. ئۇلارغا قارىغانچە مەستلىكىم كېلىۋاتاتتى.



ئۇسۇل تۈگىگەندىن كېيىن يولدىشىمنىڭ دادىسى ئۇنىڭ مۆرىسىنى تۇتتى.



_ كۆپچىلىك. كۆپىنچىڭلار مېنىڭ ئوغلۇمنى كۆرۈپ باقمىغان. بۇ ياق مېنىڭ ئوغلۇم، مېنىڭ ۋارىسىم، بۈگۈن ئۇنىڭ تويى بىلەن بىرگە يەنە مۇھىم بىر ئىشنى جاكارلىماقچى. ئوغلۇم، بۈگۈندىن باشلاپ شىركىتىمنىڭ دېرىكتورلۇقىغا تەيىنلەندى.



  «يولدىشىم» ھەيرانلىقتا دادىسىغا قارىدى. ھەممەيلەن چاۋاك چېلىۋاتاتتى. بىرلا يولدىشىمنىڭ ئۆگەي ئاپىسى ئۇنچە خوشالدەك كۆرۈنمەيتتى.



  يولدىشىمنىڭ ھوقۇققا ئېرىشكەنلىكىدىن خوشال بولۇپ چاۋاك چېلىشقا باشلىدىم، ھېچ بولمىسا ئۇنىڭ پىلانىغا يېقىنلىشىۋاتتۇق. كۆزۈم سۈرۈلۈپ يەنە بۇلۇڭدا تۇرۇپ ماڭا قاراۋاتقان ئاپامغا چۈشۈپ قالدى. خوشاللىقىم يەنە غايىپ بولدى.



 بىر نەچچە ئادەم تەبرىك سۆزلىرىنى قىلغاندىن كېيىن يولدىشىم يېنىمغا قايتىپ كەلدى. ئۇنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدىم.



_ مۇبارەك بولسۇن. دادىڭىزنىڭ بۇ مۇراسىمنى قىلغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئەمدى بىلدىم..



_ مەنمۇ ئويلاپ باقماپتىكەنمەن..



_ پىلانىڭىزغا يەتكەندەك تۇرىسىز..



_ ياق تېخى.پىلان ئەمدى باشلاندى..



ئۇ قولۇمنى سىقىپ قويدى.



تەبرىك سۆزلىرى تۈگەپ كىشىلەر ئۆز ئارا ئۇسۇل تانسىغا چۈشكەندە ئاستا سۇخانا تەرەپكە قاراپ ماڭدىم ۋە ئاپامغا ئىشارەت قىلدىم. ئاپام ماڭا ئەگەشتى.



_ يولدىشىڭ باش دېرىكتور بوپتۇ. مۇبارەك بولسۇن..،_ دېدى ئۇ سۇخانىغا كىرىپلا قولۇمنى تۇتۇپ.



_ رەھمەت ئاپا. جاپا تارتتىڭ.بۇلۇڭدا تۇرغىنىڭنى كۆرۈپ يۈرىكىم بەك ئېچىشىپ كەتتى..



_ ياقەي. مەن قىزىمنىڭ بەختىنى كۆرۈپ خوش بولدۇم. ئۇ ئايال مەندىن ياخشى سۆزلەيدىكەن. ھېچقىسى يوق. بەرىبىر بۇ چوڭ سورۇندا ھېچكىم مېنى تونىمايدۇ..



ئاپام چاچلىرىمنى ئوڭشاشقا باشلىدى.



_ ئۆزۈڭگە چىڭ بول، چوقۇم ياخشى كېلىن بول. بۇنداق ئۇقۇمۇشلۇق ھەم باي ئائىلىگە كېلىن بولۇش ئاسان ئەمەس..



_ ماقۇل ئاپا. چوقۇم شۇنداق قىلىمەن..



ئىشىكتىن بىرەيلەننىڭ كىرىشى بىلەن قوللىرىمىزنى قويىۋەتتۇق…



_ مەن ماڭاي. سېنى بۇ يەردە خىجىل قىلىپ قويغۇدەكمەن..



_ سېنى يولدىشىم ئاپىرىپ قويسۇن.. يالغۇز ماڭما..



_ توي يىگىت سەھنىدىن ئايرىلسا قانداق بولىدۇ..مەندىن ئەنسىرىمە..كېتەلەيمەن..



ئاپام سۇخانىدىن چىقىپ كەتتى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ قالدىم، ئۇنى ئۇزۇتۇپ قويالمايتتىم.



  توي ئاخىرلىشىپ ھۇجرىمىزغا قايتىپ كىردۇق. كىيىمنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردۇم.



_ بۈگۈن تازا ئېچىلالمىدىڭىزغۇ..



_ بۈگۈن مېنىڭ ئېچىلىش ئېچىلماسلىقىم مۇھىم ئەمەس، سىز بىلەن دادىڭىز ئېچىلغان بولسىلا بولدى..



_ ئاپىڭىزنى ئالدىغا ئەچىقمىغىنىمىز ئۈچۈن تولىمۇ خىجىلمەن..



_ بۇ سىزنىڭ خاتالىقىڭىز ئەمەس..چوڭلار مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرسا سىزدە نېمە ئامال..



_ يالغۇز قالغانتىڭىز كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ قالدى، يەنە كېلىپ ئاپىڭىزنى بۇنداق كۈندە ئۆيدە يالغۇز قويغۇم كەلمىدى، شۇڭا ئەكەلگەنتىم. لېكىن ئورۇنلارنىڭ ئالدىن بېكىتىلىپ بولغىنىنى، قۇدىمىزنىڭ سەھنە سۆزى بارلىقىنى بىلمەپتىمەن..



  ئۇنىڭغا قاراپ كۈلدۈم.



_ بايلار بىلەن ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ تويىنىڭ پەرقى مۇشۇ..بىرىنچى قېتىم توي قىلغاندا ئاددىيلا قىلغانتۇق. نەدىمۇ چوڭلار ئوتتۇرىغا چىقىپ سۆزلەيدىغان ئىشنى ئويلىغان دەيسىز..



_ شۇ ئەمەسمۇ. بىزنىڭ ئۆيدە يالغۇز مەنلا بار، ئالدىمدا بىرسى توي قىلىپ باقمىغاچقا بۇ قائىدىلەرنى بىلمەيدىكەنمەن. مېنى كەچۈرۈڭ..



_ بولدى، ھېچقىسى يوق. بەرىبىر بۇ يالغان توي، قانداقلا بولسۇن. ئاخىرلاشتى..لېكىن ئاپامغا بۇ ئىشلارنى قانداق چۈشەندۈرۈشنى بىلمەي قالدىم..ئەسلى ئاپام كەلمىسە بوپتىكەن..



 _ پاختىنىڭ ئارىسىدا ئوتنى ساقلىغىلى بولمايدۇ. ھامان بىلەتتى.  ئاپىڭىزغا بۇ ئىشنى ۋاقىت چىقىرىپ چۈشەندۈرۈپ قوياي. سىزدىن ئىزچىل ئائىلەمنى يوشۇرغىنىمنى دەي..



_ تەڭ چۈشەندۈرەيلى. ئەتە ئاپامنىڭ يېنىغا بارايلى..



توي كۆينەكنىڭ تورىنى بېشىمدىن ئېلىۋەتكەندىن كېيىن كۆينەكنى يەشمەكچى بولۇپ يولدىشىمغا قارىدىم.



_ مەن چىقىپ تۇراي. كىيىمنى ئالماشتۇرىۋېلىڭ..



يولدىشىم چىقىپ كەتكەندىن كېيىن توي كۆينەك بىلەن گىرىم ئەينىكىگە قاراپ باقتىم. ھاياتىمدا بىر يىگىت بىلەن توي قىلىش ئۈچۈن ئىككى قېتىم توي كۆينىكى كەيگەن بولساممۇ ئوخشاشلا ئېچىلالمايۋاتاتتىم.



 كۆينەكنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشۇم بىلەن ئىشىك چېكىلدى. مەن چىقىپ بولغۇچە يولدىشىم ئىشىكنى ئاچتى. يولدىشىمنىڭ دادىسى بىلەن ئۆگەي ئاپىسى بىر خالتا نەرسىنى كۆتۈرگىنىچە ئىشىكتىن كىردى.



ئالدىراپ يولدىشىمنىڭ يېنىدا تۇرىۋالدىم.



_ تېخىچە ئۇخلىمىدىڭلارما؟_ دېدى يولدىشىم تەمتىرەپ.



_ بۈگۈن بالامنىڭ تويى تۇرسا بۇنداق بالدۇر ئۇخلايتتىممۇ..ئەكىرىپ قويۇڭ.._ يولدىشىمنىڭ دادىسى خىزمەتچى ئايالغا بۇيرۇق قىلدى. قولىدا بىر نەرسىنى كۆتۈرىۋالغان ئايال ھۇجرىغا كىرىپ كەتتى.



_ ئۇ نېمە؟ بىزنىڭ ھۇجرىغا كىرسە بولمايدۇ..



_ ۋاي نېمىگە ئاچچىقلىنىسەن، ئۇ سىلەرنىڭ ئۇخلاش كىيىمىڭلار،_ دېدى يولدىشىمنىڭ دادىسى ئۇنىڭ قولىغا ئېسىلىپ. يولدىشىم ئۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسەتمىدى.



_ بۇرۇن مەيلى قانداق توي ئۆتكۈزگەن بولۇڭلار، بىزنىڭ قائىدىمىز ئوخشىمايدۇ..بۈگۈن بىز بەرگەن ئۇخلاش كىيىمىنى كىيىڭلار..



 ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە قاراپ قويدۇق.



_ بولدى، چارچاپ قالدىڭلار، بىز چىقىپ كەتتۇق..



يولدىشىمنىڭ دادىسى ئۇنىڭ مۆرىسىنى بېسىپ قويدى، بالىسىغا نېمىلەرنىدۇر ئەسكەرتىۋاتقاندەك قىلاتتى.



ئۇلار چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ھۇجرىغا كىردۇق. يولدىشىم ئۇلار ئەكىرگەن كىيىمنى ئاچتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ تورلاردىكىدەك ئوچۇق كىيىم بولىشىدىن ئەنسىرەپ تۇراتتىم ھەم ئۇنداق كىيىم سوۋغا قىلىشنى ئاتا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى ھۆرمەتنى بۇزغانلىق دەپ قارايتتىم.



  كىيىم ناھايىتى نورمال ئۇخلاش كىيىمى بولۇپ، ئۇنچە ئوچۇق ئەمەس ئىدى. ئېغىر بىرنى تىنىۋەتتىم. يولدىشىم ماڭا كۈلۈپ قاراپ قويدى.



_ نېمە بولدى؟ بەك ئېغىر تىنىپ كەتتىڭىزغۇ..



_ ھېچ..ھېچنېمە..باشقىچە كىيىممىكىن دەپ ئەنسىرەپ..



_ ھاھا..قورقماڭ. نورمال كىيىمكەن..



_ بولىدۇ، ئەمىسە سەپ قويايلى.._ ئۇنىڭ قولىدىن كىيىمنى ئېلىپ ئىشكاپ تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.



_ مېنىڭچە كىيىمنى كىيىۋالايلى..ئەتە ئۇلار تەكشۈرۈشى مۇمكىن..بۇ ئوچۇق كىيىم بولمىغاندىن كېيىن خىجىل بولماڭ..



  كىيىمنى تۇتۇپ تۇرۇپ قالدىم، بايلارنىڭ قائىدىلىرىگە كۆنەلمەيۋاتاتتىم، لېكىن بۇ ئىشنى باشلىغان ئۆزۈم بولغاچقا بۇ قائىدىلەرنى قۇبۇل قىلماي ئامالىم يوق ئىدى.



_ ماقۇل، ئەمىسە يەنە چىقىپ تۇرۇڭ..



يولدىشىم كىيىمنى يەنە بىرئۆيگە ئەچىقىپ كەتتى. مەن بولسام ھۇجرىدا ئالماشتۇردۇم.



ئۇ كىرگەندىن كېيىن ئىككىمىز بۇ ئاشىق مەشۇقلار ئۇخلاش كىيىمىگە قاراپ كۈلۈپ كەتتۇق.



ئۇ قائىدە بويىچە يەردە ياتتى. مەن كارىۋاتقا چىقتىم.  كىيىمدىن ئاجايىپ خۇشپۇراق چىقىپ تۇراتتى، بېشىم قېيىپ، يۈزلىرىم قىزىرىپ كېتىپ باراتتى.

tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章