بۇزۇلغان ئانا12-قسىم

文摘   2025-02-07 21:27   新疆  




تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .





بۇزۇلغان ئانا1-قسىم
بۇزۇلغان ئانا2-قسىم
بۇزۇلغان ئانا3-قسىم
بۇزۇلغان ئانا4-قسىم
بۇزۇلغان ئانا5-قسىم
بۇزۇلغان ئانا6-قسىم
بۇزۇلغان ئانا7-قسىم
بۇزۇلغان ئانا8-قسىم
بۇزۇلغان ئانا9-قسىم
بۇزۇلغان ئانا10-قسىم
بۇزۇلغان ئانا11-قسىم

--12-قىسىم
مۇئەللىم ئاتالمىش ئاپامغا مېنى ياخشى باشقۇرۇش  توغرىلىق تېلېفۇن قىپ ئەھۋال دوكلات قىلدى.ئۇ ئايال بۇلانى  دادامغا چاقماي قاممايدۇ  ئەلۋەتتە. ئۆگىنى ئوقۇش باشلاپ بوغاندىن كىيىن مۇئەللىم دادامنى چوقۇم مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كەسۇن دىدى، مۇئەللىمنىڭ ئويىچە بوغاندا ئاتالمىش ئاپام بەك يۇمشاق سىپايە ئايال بوغاچ مەن يامان ئۆگىنىپ قاپتىمىشمە،دادام مەكتەپكە كىلىپ مۇئەللىم بىلەن پاراڭلىشىپ ئالدىنقى مەۋسۇمدىكى نەتىجەمنىڭ بىر پەندىن تۆت بەش نومۇر  چۈشۈپ كەتكىننى ئاڭلاپ چىرايى تاتىرىپ يۈزلىرى ئىسىلىپ كەتتى. لىكىن ماڭا گەپ قىمماي كاناننى چاقىرىپ كىرىپ مەندىن يىراق تۇرۇشنى،ئۆزىنىڭ يامان ناچار ئادەتلىرىنى ماڭا يۇقتۇرماسلىقنى ئەسكەرتتى. كاناننىڭ بۇنداق مۇئامىلگە ئۇچرىغىنىغا چىدىمىدىم،شۇ ھامان دادامغا مۇنداق دىدىم:

-كانان مېنى يامان ئۆگەتمىدى.

دىيشىمگە ماڭا ۋارقىراپ ئىشخانىدىن چىقىرۋەتتى،دادام كاناننىڭ يەنە يىنىمدا پەيدا بوغىننى كۆسە مېنى ئىچكىردىكى ھەربىي مەكتەپكە ئاپىرۋىتىمە دەپ تەھدىت سالدى. كانانمۇ  مەندىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا باشلىدى، ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق ئالاقە ھەم پاراڭ بوپ باقمىدى، سەيدىن ماڭا دەرس ئۆگىنىمىز دەپ يىنىمدىن كەتمەي ئولتۇرسا مېنىڭ كۆزۈم كىتاپقا ئەمەس باشقا بالىلا بىلەن ئولتۇرغان كانانغا كىتەتتى، كىتاپ يادلايمىز دەپ بىريەگە ئاپاسا كۆزۈم يەنە شۇ كاناندىن نىرى كەتمەيتى.

مۇشۇنداق يۈرۈپ نەتىجەم يىللىقلا بويىچە بىرىنجى چىقتى سەيدىن ئىككىنجى بولدى،لىكىن دادامغا سىنىپ بويىچە بىرىنجى بولدۇم دىدىم،چۈنكى مىنىڭ پىلانىم باشقا ئىدى، نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىش ئالدىدا ئىدىم، ئاپامنىڭ ۋەدە بەرگەن مۆھلىتى كىلەي دەپ قاغان بوغاچ كۈندە كالىندارنىڭ ۋارىقىنى يىرتىپ كۈن ساناۋاتاتتىم، ئۇزۇن ئۆتمەي مەنمۇ  ئارزۇيىمغا يىتىپ ئاپام بىلەن جەم بولالايتىم، ئاپام بىلەن بىللە كىتىش ئۈچۈن ئۈمۈد تۇغۇلغان ئىدى. چاقىرىق قەغىزى كەگەندە دادام ھەممە تونۇشتۇرۇش خىتىنى بىردىن ئوقۇپ چىقتى ئاندىن كۆز ئالدىمدا يىرتىپ پارچىلاپ ئەخلەت چىلكىگە سىلۋەتتى،

-ئاغان نۇمۇرىڭنى يۇشۇردۇڭ شۇنداقمۇ؟ مەن سېنى ياخشىراق شارائىتتا چوڭ بوسۇن دەپ ھەممىنى قىلدىم تىرىشتىم، سەن بوساڭ يەنە ئاشنا ئويناپ مەن بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن ئاشۇ ئاپاڭنىڭ يىنىغا كىتىش ئويىڭدىن يانماپسەندە ھە…

دادامنىڭ گىپىنى ئاڭقىرىپ چۈشىنىپ بولامماي قايتا دىيىشىنى، چۈشەندۈرۈپ دەپ بىرشىنى ئۆتىندىم، دادام بوينىمدىن تۇتۇپ يەرگە ئىتتىرۋەتتى، ئاپامنىڭ يىنىغا مەڭگۈ باغۇزمايدىغىننى ئېيتتى، باشقىلادىن كاناننى ئىچكىردىكى بىر ھەربىي مەكتەپكە ئاپىرۋىتىپتۇ دەپ ئاڭلىدىم، گۈلچىھرەنى داداىسى ئىچكىردىكى ئاقسۆڭەكلە تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئاپىرىپ بەمەكچى ئىدى. ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئوقۇسا سودا ئونۋىرسىتىتىغا ئىمتىھانسىز كىرەتتى تىخى چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش پۇرسىتى جىق ئىدى. چەت ئەلگە چىقىپ ئوقىماقچى بوسا ئىلتىماس قىسىلا مەكتەپ ھەل قىلىپ بىرەتتى. گۈلچىھرە ھەپتە ئاخىرى ئۆيگە قايتىقىنىمدا يىڭى مەكتىپىنى داڭلاپ بىرۋىدى ھەسەت قىلدىم، ئىغىزىدىن چۈشۈرمەي شاڭخەي شاڭخەي دەپ توختىمىدى، ئەگەر ماڭا مۇشۇ پۇرسەت بوغان بوسا ئاپامنىڭ يىنىغا كىتەلەيتىم. مومامغا مىنىڭمۇ ئاشۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە بىرىپ ئوقىغىم بارلىقى ئىيتتىم.

-بىر مەۋسۇملۇق ئوقۇش پۇلى نەچچە يۈز مىڭكەن بالام، ياتاق تامىقىنىڭ ئۆلچىمىنى نىم بويىچە قىلدۇ دىدى ئىشقىلىپ،  ياتاق پۇلسى تاماق پۇلىمۇ بەك قىممەتكەن ،ھىساپلاپ باقسام ئۈچ يىللىقىغا  نەچچە مىليۇن پۇل كىتىدىكە،ئارىدىكى ئۇششاق-چۈششەك چىقىملىرىنى ھېساپلىمىدىم تىخى، گۈلچىھرەنى ئاپىسى  بەك داڭلىق ئادەم قىلىمە دەپ تاغاڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ ئاپىرىپ بەدى، سىنىمۇ ئەۋەتسەك بىر ئۆيدىكى ئادەم خىراجەت قىمامدۇق،ئۆيگە بىزگە پۇل كەتمەمدۇ…

-موما ماقۇل دەڭچۇ،بىر مەۋسۇم بوسىمۇ مەيلى، مەن نەتىجە ئىلىپ ئىلتىماستىن ئۆتەلەيتىم،…


مومامنىڭ تىزىغا بىشىمنى قويۇپ تۆكۈلۈپ كەتتىم،ئاپامغا بوغان سىغىنىشىم ھەسسىلەپ ئۆپكەم ئۆرىلىپ كەتتى، مومام گىپىمنى ئاساسەن چۈشەنمەيتى،لىكىن بوۋام چۈشىنەتتى بوۋام ھاسسىنى توكۇلدىتىپ ئۇھسىنىپ قويغاچ ماڭا تەرجىمان بوپ بەدى…  

دادام سىرتتىن كىرىپ ئەمدى بىر پىيالە سۇ ئىچىپ ئولتۇرۋىدى گۈلچىھرە ئالدىغا يۈگرەپ بىرىپ:

-تاغا شەھلا مومامغا مىنىڭمۇ گۈلچىھرە بىلەن ئوقىغىم با دەيدۇ،بوممىسا ئىككىلىمىز بىر مەكتەپتە ئوقۇيلى.  

دىدى ئۆلگۈر گۈلچىھرە دادامنىڭ تۈنگۈن مېنى يەۋەتكىدەك بوپ چاقىرىق قەغىزىمنى يىرتقىنىنى بىلمەيتى، دادام ماڭا سەت قاراپ يىنىمغا كەلدى، مومام توسۋاغان بوغاچ ماڭا قول سالاماي ئالدىراپ ئۆيگە كىتىمىز دىدى. ئۆيگە قايتقاندا ھېچنىمە دىمەي ياتاق ئۆيگە سولاپ قويدى،يىغلاپ نالە قىلىپ كەتتىم، ئىككى كۈنگىچە بىر تىمىم سۇمۇ بەمىدى…ئىككىنجى كۈنى كەچتە سۇ كۆتۈرۈپ كىرىپتۇ، ئۆملەپ دىگىدەك يىنىغا بىرىپ سۇغا ئىسىلدىم،

-تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى چوقۇم شىنجاڭدا ئوقۇيسىز،ئالىي مەكتەپنىمۇ چوقۇم دۆلەت ئىچىدە ئوقىشىڭىز كىرەك، بۇ مەسلىھەت ئەمەس شەھلا بۇ دىگەن بۇيرۇق… ئاڭلىدىڭىزمۇ؟

بىشىمنى لىڭشىتتىپ سۇغا ئىسىلدىم،ئاپىسى گۈلچىھرەگە ئاتاپ ئۇزىتىش يىغلىشى ئۆتكەزدى، گۈلچىھرەنىڭ دوسلىرىنى چاقىرىپ ھەممە نىمىسىنى كۆز-كۆز قىلىشىغا قاراپ تۇردۇم.كانان بوغان بوسا بىللە سىرتنى ئايلىنىپ كەگەن بوسام كۆڭلۈم ئىچىلىپ قالاتتى، دەرىزە يىنىغا بىرىپ يىغىۋاتقان يامغۇر تامچىسىغا قاراپ تۇردۇم، گۈلچىھرە يىنىمغا كىلىپ:

-ھەي قىزلا بۇيەگە كىلىڭلاچۇ؟ بۇ مېنىڭ تاغامنىڭ قىزى،ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ قويۇڭلا…

قايسىدۇر مەلىكىنىڭ كىيمىنى كىيۋاغان ساپسىرىق بىر قىز مېنىڭ كىيمىمنى تۇتۇپ بۇرنىنى پۈۋلىدى،

-ھەي بۇ سىڭلىڭ بەك نامراتقۇ، نىم كىيۋالدى ئۇچىسىغا ئۇخلاش كىيىمىمۇ  نىمە بۇ…يۈز كوي دەپ تولاپ ساتقان يەدىن ئاغان چىغى…

ھەممىسى ئاسما ئىتىكى كەڭ كۆينىكىمنى ھەريان تارتىپ كۈلۈشكىلى تۇردى. گۈلچىھرە ئۇلارنىڭ مىنى زاڭلىق قىلشىغا تاتىپ ئۇيان-بۇيان ئىتتىرشىگە ئىپادە بىلدۈرمىدى، ئۇنىڭغا قايتىدىن ئۆچ بوپ كەتتىم.

مىنى ئىتتىرشىپ ياندىكى ئىشىكتىن زالنىڭ سىرتىغا ئەچىقتى، چىچىمنى تارتىپ بەدىنىمنى چىمداپ ئىتتىرىپ يەرگە يىقىتۋەتتى،ئۇنداق قىمماڭلا دىسەم ئۇنىمايتى، يەتتە سەككىزى ئوتتۇرغا ئىلۋاغان بوغاچ كۈچۈممۇ يەتمەيتى…  

-ھەي قانداق تەربىيە ئاغان بالىلا سىلە؟ قىزبالنىڭ قىلقىمۇ بۇ قويۋىتىڭلا…

كاستىيۇم كىيۋاغان،چىچىنى كۆپتۈرۈپ ئارقىغا تارۋاغان بويى مەن دىمەتلىك بىر بالا  يىنىمغا كەلدى، بايىقى مېنى بوزەك قىغان سېرىق قىز:

-خاتا چۈشىنىپ قامماڭ ئىلدام، بىز بۇ قىزغا ياردەم قىلىپ چىچىنى ئوڭشاپ قويۋاتىمىز.

دەپ چىچىمنى سىيلاپ پەسكە تارتقىلى تۇردى، بايدىن بىرى چىگلەشتۈرۈپ قالايمىقان قىلۋەتكەن چىچىم ئاغرىپ ئۇنىڭ قولىنى ئىتتىرۋەتتىم،

-كۆدىڭىزمۇ، بۇ مەتۇ ياخشى كۆڭلىمنى بىلمەي مۇشۇنداق ئىتتىرىپ يۈردۇ…

ھېلىقى بالا كىلىپ ھەممىسى تىنجىپ كەتكەن بوغاچ ئۇ يەدىن قىچىپ سىرتقا ماڭدىم، مىھمانساراينىڭ ئالدىدىكى ماشىنا توختىتىش مەيدانىدىن ئۆتۈپ چوڭ يولغا چىقتىم. قورسىقىم پىچاق سانجىغاندەك ئاغرىپ كەتتى، قورسىقىم ئاغرىپ توختىمىغاچ ئامالسىز كەينىمگە يېنىپ مىھمانخانىنىڭ بىرىنجى قەۋىتىگە كىردىم. قورسىقىمنى تۇتۇپ مىڭىپ  پۇتۇمغا يالىغان قاننى كۆرۈپ يىغلىۋەتتىم، بىرە ساقايماس ئۆلدىغان كىسەل ئوخشايمە دەپ ئويلىغان ئىدىم، مەن ئاپامنى كۆمەي تۇرۇپ ئۆلۈشنى خالىمايتىم.  

يەڭسىز كوپتا قىسقا يوپكا كىيىپ پاشنىلىق ئاياق  كىيۋاغان،بىر قولىدا سومكا كۆتىرۋاغان ئاپام دىمەتلىك ئايال يىنىمغا كىلىپ يۆلىدى، مېنى نىرىراقتىكى سافاغا ئەكىلىپ ئولتۇرغۇزدى، ئولتۇرۇپ بوپلا سافاغا بىرنىمىنىڭ ئۆتۈپ كىتۋاتقىننى ھېس قىلىپ تۇرۇپ قاراپ باقتىم، ھەقىقەتەن بىر پارچە قان با ئىدى، يەردە زوڭ ئولتۇرۇپ يىغلاپ تۆكۈلۈپ كەتتىم.

-نەچچە ياشقا كىردىڭىز؟

-ئون تۆت  

-ئاپىڭىز دەپ بەرمىگەنمۇ؟بۇ دىگەن نورمال ھادىسە،ئادەت كۆرۈپسىز  يىغلىغۇدەك ئىش ئەمەس.

-مىنىڭ…مىنىڭ ئاپام…

ئاپامنىڭ يىنىمدا ئەمەسلىكىنى دىمەكچى ئىدىم،پۇررىدە تەر چىقىپ  بىر ئاغرىق بىلەن ھالسىزلىنىپ يەردە يىتىپ قالدىم. ئۇ ئايال بىركىملەنى تولاپ مېنى كۆتۈرگۈزۈپ بىر ياتاققا ئەكىرىپ ياتقۇزۇپ قويدى، ئاندىن ماڭا چاي ئىچۈرۈپ ئادەت توغرىسىدا بىرمۇنچە گەپ قىپ بەدى.

-مەن كۆينىكىمنى يۇيۇپ بۇيەدە قۇرتىۋاسام بولامدۇ؟

-كۆينەك؟ ئەستا دىمىسىڭىز ئۇنتۇپ قاپتىمەن… بۇنداق ۋاقىتتا سوغۇق سۇ بىلەن ھەپىلەشسىڭىز قورسىقىڭىز تىخىمۇ ئاغرىيدۇ سىزگە كىيگىدەك كىيىم تىپىپ بىرەي،بۇنى تاشۋىتىڭ بولدى، بۇ رەختكە يۇقۇپ قاغان قاننچۇ يۇيۇپ چىقاغىلى بوممايدۇ…

ئۇ ئايال ماڭا ئوغۇل بالنىڭ ئازادە مايكىسىنى تەنھەركەت ئىشتىننى ئەكىرىپ بەدى، بىردەمدىن كېيىن كىيىم ئالماشتۇرۇپ سىرتقا چىقتىم.

ھېلىقى بويى مەن دىمەتلىك بالا يىنىمغا كەلدى،بۇرۇتلىرنى پاكىز قىرۋەتكىنىنى ھازىر كۆدۈم،بەلكىم مەندىن چوڭ بولسا كېرەك…

-ياخشىمۇ ئىسمىڭىز نىمە؟

مىنىڭ ئىسمىم ئىلدام،ئىلدام ئاكا دىسىڭىز بولىدۇ.

-ئىسمىم شەھلا…

ئۇ ئايال ماڭا قايتىدىن قاراشقا باشلىدى، ئاندىن ئاپام توغرىلىق سوراشقا باشلىدى، قىسقىچە دەپ بەدىم،

-مەن مەكتەپتە ئوقىمايلا توي قىۋاغان، بۇ كىچىك ئوغلۇم… تەقدىر دىگەن ئاجايىپ بولدىكە دىسە، يىگىرمە نەچچە يىل ئۆتۈپ جانجىگەر دوستۇمنىڭ قىزىنى ئۇچرىتىپ قاغىنىمنى قارمامدىغان…

ئاپام ئىككىسىننڭ بالىلىق ھېكايىسىنى بىردەم ئاڭلىدىم، ئاپام بىلەن دادامنىڭ كىچىك چىغىمدىلا ئاجرىشىپ كەتكىننى ئىيتتىم. ئۇھسىنىپ قويۇپ گەپ قىممىدى، ئاپامنىڭ بۇ دوستى ھازىر مۇشۇ مىھمانخانىنىڭ دىرىكتۇرىكەن، ئىرى ئىككىسىنىڭ ئىگىلىكىكەن بۇ…
دائىم ئىزدىشىپ ئۆتىدىغانغا كىلىشىپ خوشلاشتۇق.ئىلدام مېنى ئاپىرىپ قوياي دىدى،ماقۇل دەپ ماشىنىغا چىقىپ بوپ ئۆگەي ئانامدىن قوقتۇم، شۇڭا ئۆيگە يىقىنراق يەدە چۈشۈپ قالدىم.

مەكتەپتە يىڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلايدىغان كۈنى ئەتىگەندە يولغا چىقتىم.گۈلچىھرەنىڭ ھېلىقى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇشقا بارالايدىغىننى ئويلاپ ئىچىم ئىچىشاتتى، مىڭىش خۇشياقماي يول بويىدا ئولتۇردۇم. مەكتەپكە بىرىش پەقەتلا خوش ياقمىدى، سومكامنى ئىسىپ كەتتىم، كەچ كىرگىچە باردىغان يە تاپامماي ئىلدامنى ئىزدەپ مىھمانخانىغا بادىم.

-مەكتەپتىن قاچتىڭىزما؟ يامانلىقىنى…

ئىلدام شۇنداق دەپ ئالدىمغا كەلدى، مەكتەپتە ئوقىماي ئىشلىمەكچىمۇ بولدۇم، لىكىن ئون ئۈچ  ياشلىق ئادەمنى كىم ئىشلىتەتتى، جىممىدە مىڭىپ ئىلدامنىڭ يىنىدىكى شوپۇرىنىڭ  ماڭا ئۆتكەن دەرسىنى ئاڭلاپ ماڭماقتا ئىدىم، ئىككىلىسى ياخشى ئوقۇشقا ئۈندەۋاتاتتى.

-بەك دىلىڭىز سۇنۇق بالىكەنسىز، لىكىن ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قوياي دەۋتىپسىز، بىر يەگە ئاپىراي ئۆزىڭىزنى تىپىۋىلشىڭىزغا ياردىمى بوپقاسا ئەجەپ ئەمەس…

ئىلدامنىڭ شوپۇرى ئىغىر كىسەللە بۆلمىگە ئەكەلدى دوختۇرخانىدا بەدىنى مىيىپ ساقايماس كىسەل بوغانلا،كۆز ئالدىدا ئۆلۈم ئۇچۇپ يۈرگەنلەنى كۆرۈپ يىغلىۋەتتىم، مەنلا بىچارە ئەمەسكەنمە بۇ دۇنيادا ئاپام يوقلىقىنى دىمىسە خىلى ئادەملەدىن بەخىتلىككەنمە ئەسلى.

تاماقتىن كىيىن ئۆيگە قايتتىم، ئىشىكتىن كىرمەي تۇرۇپ دادام ئۆيدىن يۈگرەپ دىگۈدەك چىقىپ كەلدى،چوڭ ئۆيگە بارمىز دىدى مومامنىڭ ئەھۋالى ئىغىركەن. توختىماي قان يۆتۈلۈپ ياتقان مومامنىڭ قولىنى تۇتۇپ كۆزۈمدىن بۇلدۇقلاپ ياش چىقىپ كەتتى.

-چوڭ بوپ توي قىغىنىڭنى كۆسەم خاتىرجەم كۆزۈم يۇمۇلاتتى جىنىم بالام، مەن بىسىپ تۇمىسام ئۆگەي ئاناڭ سېنى ئۆيگە پاتۇرمايدۇ سېنى،كۆزۈم يۇمۇلغاندىن كىيىن سىنىڭ غىمىڭنى قىلدىغان ئادەم يوق نەلەدە بويۇن قىسىپ يۈرەسەن… شەھلاغا كۆڭۈل بۆلۈپ قوي بىر ئۆيدىن چىكەتسەڭ ئون نەچچە كۈن يوقايدىكەنسە، بالىنى ئۆگەي ئاپىسىغا تاشلاپ  قويماي كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ  قوي …  

دادام بىشىنى لىڭشىتىپ  مومامنىڭ قولىنى تۇتتى،گۈلچېھرەنىڭ ئاپىسى قىزىنى ئىلىپ ئىچكىرگە كەتكەنچە قايتىپ كەلمىگەن ئىدى.مومام كونا ھويلىلىق ئۆيۈمگە ئاپىرىڭلا دىدى،  ئورۇقلاپ بىر تىرە بىر ئۇستىخان بوپ قاغان مومامنى دادام كىچىك بالىنى كۆتۈرگەندەك كۆتۈرۈپ  ئىشىك تەرەپكە ماڭدى، مومام دائىم تىزىغا يىپىۋالدىغان ئەديالنى،كۈندە كىيۋالدىغان جىلىتكىسىنى ئىلىپ دادامغا ئەكەشتىم،  بوۋام ھاسىسىنى تۆكۇلدىتىپ دادامغا ئىشىك ئىچىپ بەدى،  ئالتىنجى قەۋەتتىن چۈشكىچە مومام مېنى چاقىرىپلا ماڭدى، بىنا ئالدىغا چۈشكەندە تاغام ماشىنىنىسىنى ئەچىقتى،  مومامنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بوپ تاغام دادامنى ماشىنىنى ھەيدە دەپلا ئۆزى بوۋامنى،مومامنى ماشىنىغا چىقرىپ مېنى ئالدىغا چىقىپ ئولتۇر دىدى. مومامدىنلا ئەنسىرەپ مومامغىلا گەپ قىلىپ مىڭىپتىمىز.


tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章