تۇغۇتتا تاشلىۋىتىلگەن ئايال2؟ئالتۇندەك ئايال5.قسىم

文摘   2025-02-04 20:56   新疆  

新年快乐

چاغىنىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن


تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .




يۇقىرىدا تەۋسىيە قىلىنغان چاغانلىق پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن ئاستىدىكى ئارۋېيمانى سكاننېرلاپ قوشۇۋېلىڭ ياكى بۇ نومۇرغا تېلېفون قىلىڭ15022934483


  بۈگۈن سەككىز تېمىدا ئەسەر يوللاردا ئىزدەۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ داۋامى تولۇق يوللاندى، باشقا ئەسەرلەرنىڭ داۋامىنى تاپالمىغان بولسىڭىز ئاستىدىكى شىپىننى تولۇق كۆرۈپ  قانداق چىقىرىشنى، ئۆگىنىۋالسىڭىز بولىدۇ .




ئالتۇندەك ئايال1-قسىم
ئالتۇندەك ئايال2-قسىم
ئالتۇندەك ئايال3
ئالتۇندەك ئايال3.قسىم



- خاتىرجەم بولۇڭ خاناچا، بىزبى بىر يەرگە قېچىپ كېتىدىغان ئادەم بولمىغاندىكىن، پۇلنىڭ ھەممىنى بىراقلا بېرەلمىسەكمۇ، قولىمىزدا بارنى ئالدىدىن ئازىراق بېرىپ تۇرۇپ، قالغىنىنى تاپا-تاپا بېرىپ تۈگىتىۋالامىز.

- ئۇنداق قىلساق قانداق بولا ئۇكام؟ بىز بۇ ئۆينى ساتقان  پۇلنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى تۆلىسەك قەرزىمىز ئاران تۈگەيدىغان تۇرسا. ئاشقان ئازراق پۇل بىلەن تىرىكچىلىك قىلىپ جان باقارمىز دەپ ئويلاشقان تۇرساق.

- ئاكام بار يەردە گەپ قىلىشقا سىزگە نىمە دو كەتتى؟!

- ئۇكام زۆھرە، بۇرۇنقى ۋاقتىم بولغان بولسا سەندىن ھېچنەرسىنى ئايىمايتىم. ھازىرقى ئەھۋالىمنى بېلپ تۇرۇپ مۇشۇنداق دېسەڭ، سېنىڭچە قانداق بولا ئۇكام؟

- ھىچقانداق بولمايدۇ ئاكا، ئۆيۈڭ خەققە كەتكىچە بىزنىڭ قولىمىزدا قالسا ياخشى ئەمەسما؟

- ئۇغۇ شۇنداقتى، لىكىن قەرىز قايتۇرۇش، قورساق بېقىشقىمۇ پۇل كىتىدىغان تۇرسا، سىلەر پۇلنى بېراقلا بېرەلمىسەڭلا، بىزنىڭ بوداق-بوداققا كەلمەي، بىز قانداق قىلامىز؟

- ھېچنىمە قىلمايسىلە ئاكا، خەقنىڭ قەرزى قەرىز پېتى تۇپتۇرىدۇ، بىز نەق بەرگەن پۇل بىلەن جان بېقىپ تۇرىسىلە، بىز تاپا-تاپا بەرگەن پۇل بىلەن ئالدىرىغاننىڭكىنى باشتا، ئالدىرىمىغاننى ئاخىرىدا قايىتۇرۇپ تۈگىتىسىلە. خەق قەرىز سۈيلىدى دەپ بەك جىددىلىشىپ كەتمىگىنە. سەل قېلىن-قاتتىقراق بولۇپ ياشىمىساق جان توشىمايدا.

- ئۇنداق بولسا سىلە ئالدىدىن نەچچە پۇل بېرەلەسىلە ئۇكام؟-زۆھرە ئابلەتجاننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، بېرەلەيدىغان پۇلنىڭ سانىنى دىدى. زۆھرەنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىغان ئابلەتجان:

- ئالدىدىن بېرىدىغان پۇلۇڭلا بەكلا ئازكەن.

- ئاز ئەمەس ئاكا، ئائىلەڭگە ئىشلەتسەڭ بىر يىل كەڭ-كەڭرى يېتىدا.

- ئاندىنچۇ ئۇكام؟

- بىزمۇ قاراپ تۇرماي، ئامال قىلالىساقلا ئارقىغا ئۇلاپ بېرىپ تۇرامىز.

- ئوبدان قىلىدىكەنسىلە ئۇكام. سىلە مۇشۇنداق قىلساڭلا، بىز سىلە بەرگەن پۇلنى ئۇدۇللۇق نان پۇلى، ئوتياش پۇلى قىلىپ خىراجەت قىلىپ تۈگۈتۈپ، پۈتۈن بىر ئۆينى سېتىپ، ئۆي ساتقانغا يارىشا قولىمىزغا دەسمىگە لايىق پۇل چۈشمەي، يا جان باققىدەك بېرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتالماي. يا قەرىزدارچىلىقتىن قۇتىلالماي. چوڭ ئۈمىد بىلەن ئۆيدىن ئايرىلىپمۇ ھېچ ئىشنى بىر باشقا ئېلىپ چىقالماي، قۇرۇق ئۆستەڭگە مىراب بولۇپ قولىمىزنى چىشلەپ قالساق سېنىڭچە توغرا بولاما ئۇكام؟

- ئەمدې ئاكا قول كەسمىگىچە قان چىقمايدا. سەن بۇ ھالغا چۈشۈپ قالغاندىكىن ئۇنچىلىك مۈلۈكتىن ئايرىلماي ياشىغىنى بولمىسايا.

- ياشىدىم دەپلا ھەممە نەرسىدىن ئايرىلىپ، خوتۇن-باللىرىمنى سۆرەپ كوچىدا قالسام ياخشى بولمايدۇ ئۇكام. مۇشۇ بىر قېتىم سەنمۇ خاپا بولمىغىن ئۇكام. مەن ئۆيۈم خەققە كەتسىمۇ، ئۆي ساتقان پۇلنى بىرلا قېتىمدا نەق بېرىدىغان بىرسىنى تېپىپ ساتاي.

- ئاكا سېنىڭ بىزگە كۆيۈنۈشىڭ، بىزنىڭ ياخشى كۈنگە ئېرىشىشىمىزنى ئارزۇ قېلىشىڭ مۇشۇنچىلىكمىتى…- دىگەن زۆھرە ئابلەتجاننىڭ گەپلىرېدىن رەنجىپ، بىر ھارغىچە سۆزلەپ، خاپا بولغان پېتى ئابلەتجانغا خوشمۇ دىمەي قېيىدىغان پىتى كەتتى. بۇ ئىشتىن كۆڭلى يېرىم بولغان ئەر-ئايال ئىككەيلەن تەڭقىسلىق ئىچىدە ئولتۇرۇپ قېلىشتى.

- خاناچا دەرۋازىنى شۇنچە قاقساق جاۋاپ بولمىدى. شۇڭا ئۆيگە كېرىۋەردۇق.- دەپ نىياز ئايالىنى ئەگەشتۈرۈپ ئۆيگە كىردى.

ئۇلارنىڭ گېپى بىلەن ئېسىگە كەلگەن ئابلەتجان بىلەن ئالتۇنگۈل ئىتتىك ئۆزلىرىنى ئوڭشۇشۇپ، ئۇلارنى قارشى ئالدى.

- ئاكا سىلىنىڭ ئۆينى ساتىدىغان بولغانلىقىڭلىنى ئاڭلاپ ئالدىراپلا قۇرۇق قول كەپقالدۇق. ئاكا مەن بۇ ئۆيگە كېلىن بولۇپ كىرگەدىلا، بۇ ئۆيگە كۆڭلۈم چۈشۈپ قالغان. ئاڭلىساق ئۆينى ساتىدىغان بولۇپ بازارغا ساپسىلە. بىز قاراپ تۇرۇپ بۇ ئۆي خەققە كەتكىچە بىز ئەپقالساقمىكىن.- دىدى نىيازنىڭ ئايالى چىمەنگۈل.

- ئوبدان ئويلاپسىلە ئۇكام. ھەقىچان ئۆينىڭ سودا بولغان باھاسىنىمۇ ئاڭلىدىڭلا. مېنىڭ ھازىرقى پۇلغا مۇھتاج ئەھۋالىمنىمۇ بىلىسىلە. ھازىرقى مېنىڭ ئەھۋالىمدا ئۆينى كىمنىڭ ئېلىپ قېلىشى مۇھىم ئەمەس. مۇھىمى مېنىڭ دەردىمگە دەرگىزە بولۇپ، مېنىڭ خىجالەتچىلىكتىن   پاتراق قۇتىلىدىغان ئېشىم.-دىدى ئابلەتجان.

- نىيازجان سىزنىڭ بىر قورساق قېرىندىشىڭىز، بىز سىزدىن چوڭ ئۈمىد كۈتۈپ كەلسەكمۇ شۇنداق دەپ تۇرىۋالاسىزمۇ ئاكا؟-دىدى چىمەنگۈل.

- تۇرمۇش مىنى كىسەلكىن دەپ زىغىردەك ئايىماي ئالدىغا سېلىۋېلىپ، ھالالىقىمنى قويماي مۇشۇنداق قىلىپ قويدى ئۇكام. شۇڭا مېنى قانائەتلەندۇرەلىگىدەك پۇل بېرەلىسەڭلا، ئۆينى سىلىدىن ئاشسا خەققە ساتىمەن.

- بۇ گېپىڭىزچە بىزگە بەش-ئونكوي يۈز خاتىرىمۇ قىلمايدىكەنسىزدە؟

- ئۇ جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇڭلا، سىلىگە خەققە ساتقاندىن ئەرزانراق بەرسەم بولىدۇ.

- ئۇنداق بولسا مەنمۇ ئويلىغىنىمىزنى دەي. نىيازجان سىزگە قولىچىلاپ پۇل بىرىپ تۇرۇپتىكەن. ھازىرچە شۇ پۇل ئالدىدىن بەرگەن پۇلىمىز بولسا، قالغىنىغا بىز ئولتۇرىۋاتقان ئۆينى سېتىپ بەرسەك. ئۇنىڭدىن كېيىن تايىنلىقلا پۇل قالىدىكەن، قالغان پۇلنى نىيازجاننىڭ ئايىقىدىن شامال ئۆتۈشۈپ تۇرسا تاپا-تاپا بېرىپ تۈگىتىۋېتەمىز.

- ئوبدان ئويلاپسىلە. ئۆيۈڭلا قاچان سېتىلا ئۇكام؟

- تېخى بازارغا سالمىدۇق. سىلە بىزگە ئۆينى بېكار قىلىپ بەرسەڭلا، بىز مۇشۇ ئۆيگە كۆچۈپ كېلىۋىلىپلا بازارغا سالساق، تىزلا سېتىلىپ قالا.

- بىز قولىمىزدا ئۆي ئىجارە ئالغىدەك پۇلنىڭ تايىنى يوق، ئۆينى سىلىگە بېكار قىلىپ بېرىپ نەدە ئولتۇرۇپ، نىمە بىلەن جان ساقلاپ تۇرامىز ئۇكام؟

- كۈنۈڭلا ھازىرمۇ كېتىپ بارمامدۇ، شۇ چاغدىمۇ كىتىدۇ بۇ كۈن ئاكا.

- يېقىننىڭياقى مۇشۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىپ، ئۆي ساتىدىغان بولغاننىڭياقى قېرىنداشلىرىمنى، قېرىنداشلىرىمنىڭ كۆڭلىنى ناھايىتى ئوبدان چۈشۈنۈپ يېتىۋاتىمەن ئۇكام. مەن ھەربىرسىڭلىنى ناھايىتى بەلەن تونۇدۇم. رەھمەت! مەن ئۆيۈمنى سېتىپ، تۇنجى بولۇپ سىلىنىڭ پۇلۇڭلىنى بېرىۋىتەي. شۇنىڭغىچە مېنى ئارامىمدا قويۇپ ئۆينى سېتىۋالغىلى قويۇڭلا.

- ھەەە بىز لازىم بولغان، بىزدىن نەپ ئالىدىغان چاغدا تۇققان. بىزگە ئازىراق يول قويىدىغان چاغدا پۇل ياخشىما؟!…- چىمەنگۈل نىيازنى قارىتىپ ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ ئابلەتجانغا سوغۇق سۆزلەپ ئىچىنى بوشىتىۋېلىپ، قېيدىغان پىتى كەتتى. بۇ ئىشتىن بىرمۇنچە قورساق كۆپىگى تارتىۋالغان ئابلەتجان:

- ماۋۇ قېرىنداشلىرىم مېنى ئەخمەق كۆرىۋاتامدۇ؟ بوزەك قېلىشىۋاتامدۇ؟ - دىدى ئىچ-ئىچىدىن ئۆرتۈنۈپ.

- سىز ئاران تۇرىسىز، قېرىنداشلىرىڭىز بىزنى بۇنداق خاپا قىلىۋەرسە بولمايدۇ. بۇ ئىشتىن ئانامنى خەۋەردار قىلىپ قويساق بولامدىكى؟-دىدى ئالتۇنگۈل.

- بولدى قىلە، قېرىنداشلىرىمنىڭ قىلىۋاتقان بۇ ئىشىدىن بىزنىڭ بىئارام بولىۋاتقىنىمىزمۇ يېتەر. بۇ ئىشنى ئانامغا دەپ، ئانامنىڭ كۆڭلىنىمۇ بىئارام قىلىپ يۈرمەيلى.

- نىمە ئىشنى ئانامغا بىلدۈرمەيسەن ئاكا؟-دەپ كىردى زىبەيدە.

ئالتۇنگۈل چوڭ بىر ھېماتچىغا ئېرىشكەندەك باغرى ئېزىلىپ، ئۆينى ساتىدىغان ئىش توغرىسىدا زۆھرە بىلەن نىياز ئەر-ئايالنىڭ دىگەن گەپلىرىنى دەپ بەردى.

بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان زىبەيدە كۆڭلى يېرىم بولۇپ، بۇ ئۆيگە كېلىش مەقسىتىنىمۇ ئېيىتماي كەتتى. ئالدىراپ ئۆيىگە بېرىپ، بولغان ئەھۋالنى ئانىسىغا دىدى. بۇ گەپتىن خەۋەردار بولغان باھارخان ئانا شۇ كۈنىلا زۆھرە بىلەن نىيازغا خەۋەر قىلىپ، ھەممە بالىسىنى  ئابلەتجاننىڭ ئۆيىگە يىغدى.

- زۆھرە، نىياز مەن ئىككىڭگە كۆكسۈمنى پاكىز سۈرتىۋېتىپ ئېمىتىپ چوڭ قىلغان. ئىككىڭ بەك ھەددىڭدىن ئېشىپ كىتىشىپ بېرىشامسەنيا؟ ئاكاڭ ئۆزىنىڭ دەردىنى تارتىپ بولالماي ئاران تۇرسا، ئىككىڭ كېلىپ ئاكاڭغا دەت-ئېيتىشىپ بىر قىلىشىپسىنا؟! مۇشۇنداق چاغدا قېرىنداشلىقنى يەتكۈزۈپ، «بۇغداي ئېشىڭ بولمىسا، بۇغداي سۆزۈڭ يوقمۇ» دەپ، قولۇڭلاردىن ياردەم قىلالمىساڭلارمۇ، ئېغىزىڭلاردا بولسىمۇ «ئاكا ھالىڭ نىچۈك» دېمەي. كۆكەمىلىك قىلىشىپسىنا؟! ھەرقايسىڭنىڭ ئاكاڭغا ئۆتكۈزۈپ قويۇشقىنىڭ يوق جۇما، ئۆزۈڭنى سورىۋېلىش! يات ئادەم قىلمايدىغان قىلىقنى قىلىشىپ، ئاكاڭ مۇشۇ ھالدا تۇرسا كىچىككىنا ھېسداشلىق قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئاكامنى ئايايلى دېيىشمەي. توپىلاڭدىن توغاچ ئوغۇرلاشماقچى بولۇشتۇڭما؟! ئاكاڭنىڭ كۆكسى-قارنى كەڭ، باغرى يۇمشاقمىكىن؟! ئاكاڭنىڭ ئىلگىرى سەنلەرگە قىلغان كەڭ قوللۇقىنى «ئەخمەقلىقى» دەپ ئويلاپ قېلىشقانمىدىڭ يا؟ ھەرقايسىڭنى مۇشۇنداق چوڭ سۆزلىگىدەك قىلىپ، ھەم ئاكا، ھەم دادا بولۇپ، قاناتلىققا قاقتۇرماي، تۇمشۇقلىققا چوقۇتماي مۇشۇ كۈنگە ئېرىشتۈرگەن مۇشۇ بىچچارە ئاكاڭ. ھەرقايسىڭغا داداڭدىن ئالتۇن تاغ قالمىغان. پۇلغا ئالغان ناننى يەپ، بېكارغا يىغلايدىغان، يەپ تويمايدىغان ئېغىزىڭ بىلەن جېدىلى تۈگىمەيدىغان ھەرقايسىڭ قالغان.

بىچچارە بالام، داداڭلا ئۆلۈپ كەتكەن چاغدا تولۇقسىز ئوتتۇرىنىمۇ تۈگەتمىگەن. شۇ چاغدا ئاكاڭلا ھەرقايسىڭغا ئوخشاش تەڭنە بىكار قىلىپ، پۇلغا ئالغان ناننى پوققا ئايلاندۇرمايتى. مەكتەپتە ناھايىتى ياخشى ئوقۇپ، سىنىپنىڭ ئالدى ئىدى. داداڭلا ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن تۇرمۇشىمىز ئىزىدىن چىقتى. شۇ چاغدا ئاكاڭلا جەينەكتەك تۇرۇپ، مەكتەپتە ئوقۇشتىن ۋازكېچىپ ئۆينىڭ ئىختىسادىغا تېرەك بولماقچى بولدى. شۇ چاغدا ئوقۇتقۇچىسى ئۆيگە تولا كېلىپ «بۇ بالام بەك ياخشى ئوقۇغان، بۇنداق ئوقىغان بالىنى ئوقۇشتىن چېكىندۈرىۋالساق بەكلا ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ. ئىختىسادىڭلار يار بەرمىسە مۇشۇ بالامنىڭ ئوقۇشىغا مەن ياردەم قىلاي. نىمە بولىدۇ؟ مۇشۇ بالام بىر ئوقۇپ قالسۇن!» دەپ كېلىپ يۈرىكىمنى ئېزىپ. ئاكاڭلا «مەن دىگەن ئوغۇل بالا، ئانا سەن تۇرمۇش غېمىدە جاپاغا قالساڭ بولمايدۇ. ئۆينىڭ خىراجىتىنى ئەمدى مەن ئۈستۈمگە ئالىمەن» دەپ، ئەمگەن سۈتى بۇرنىدىن تېمىپ تۇرغان ھالىدا ھېلى قۇرۇلۇشتا ئىشلەپ، ھېلى ئۇنى-بۇنى ئېلىپ-سېتىپ، مەن بىلەن تەڭ تۇرۇپ ھەرقايسىڭلىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ. «ئۇكىلىرىمنىڭ بوينى قىسلىپ قالمىسۇن» دەپ، ئۆزى كونا كېيمنى يۇيۇپ كېيىپ، ھەرقايسىڭلىغا يېڭىسىنى كىيدۈرۈپ چوڭ بولدۇڭلا.

چوڭ بولغاندىن كېيىنمۇ ھەرقايسىڭلىنىڭ دەردى تۈگىمەي، قىزلىرىڭلىنى دادا بولۇپ ئۈستىدە تۇرۇپ ياتلىق قىلدۇق. ئوغۇل ئۆيلىدۇق. شۇ چاغدىمۇ دەردىڭلا تۈگىمەي، مۇشۇ چاققىچە ئاكاڭلىنى يونۇپ يەپ كەلدىڭلا. ئاكاڭلىنىڭ سىلەرگە قىلغىنىنى ئىتقا قىلغان بولسا، شۇ ئىت جېنىدا ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمىسە ئاكاڭلىنىڭ ئەتراپىدىن كەتمەي قاۋاپ بېرىتى. سىلە ئاكاڭلار ئەڭ قېيىن ئەھۋالدا قالغاندا بىرسىڭلار بالام دىدىڭلا، بىرسىڭلا ئېرىم دىدىڭلا.

شۇ چاغدا ئالتۇنگۈل بىچچارە ئاكاڭلىنى نەمۇ-نە يالغۇز يۈدۈپ يۈرۈپ داۋالاتتى. مانا ئەمدى قولچىلاپ ياردەم قىلالمىساڭلارمۇ، قەلبىڭلىدىن ھېسداشلىقمۇ قىلماي، ئاكاڭلىنى شىلىپ يەيمەن دەپ، ئاكاڭلىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىپسىلە. ئادەمنىڭ ئەسكىسى بىر ئادەم قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا شۇ ئادەمنىڭ قىيىنچىلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز نەپسىنى قاندۇرماقچى بولىدۇ. سىلەر شۇ ئەسكىلەردىنمۇ؟ ئۇنداق قىلماڭلار بالام. ئاكاڭلا كېسىلىنىڭ دەردىنى تارتسۇن. ئۆينى سېتىپ قەرزدارچىلىقتىن قۇتۇلۇپ تۇرمۇشىنى ئىزىغا سېلىۋالسۇن.- ئانا گېپىنى داۋام قىلىپ، يۈرىكىدىن چىقىرىپ بالىلارغا نەسىھەت قىلغاندىن كېيىن گېپىنى ئاخىرلاشتۇردى.

باھارخان ئانا باللىرىنى ئېلىپ ئۆيدىن ئۇزىدى. مېھمانلارنى ئۇزۇتۇپ چىققان ئالتۇنگۈل ئارقىغا يېنىشىغا، ئابلەتجاننىڭ يېقىن دوستى رەجەپ يېتىپ كېلىپ، ئالتۇنگۈل بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئالتۇنگۈل رەجەپنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ ئابلەتجاننىڭ يېنىغا باشلاپ كىردى. رەجەپ ئابلەتجان بىلەن كۆرۈشۈپ  بولغاندىن كېيىن:

- سىلىنى يوقلاپ كېلەلمەي ئۇزۇقۇپ كەتتى. ھەر قېتىم يوقلاپ كېلەي دەيمەن. سىلىمۇ بېلىسىلە سودا ئىشى ئالدىراش بولۇپ قېلىپ، دىگەن ۋاقىتتا كېلەلمەي قالدىم. ئاڭلىسام قەرز قايتتۇرىمەن دەپ ئۆيۈڭلىنى ساتماقچى بولىۋېتىپسىلە. ماۋۇ ئىشتىن مېنى خەۋەردار قىلىپ قويماي كۆڭلۈمگە كەلدى. سىلە بىلەن مەن ئەل-ئاغىنە ئادەم. ماۋۇ چاققىچە سىلە مەندىن پۇل ئايىماي كەلگەن. ئەمدى سىلە قېيىن ئەھۋالدا قالغاندا قاراپ تۇرسام بولمايدۇ. مېنىڭچە ئۆينى ساتماڭلا. ھازىر سىلىدىن قەرىز قايتتۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ بەك سۈيلەپ كەتكەنلەر بولسا مەن پىشكە پۇل بېرىپ تۇراي، شۇ پۇل بىلەن ئالدىرىغانلىنىڭ قەرزىنى قايتتۇرۇپ تۇرۇڭلا. قالغانلىرىنىڭكى ئاستا-ئاستا بىر ئامالى بولۇپ قالا. مېنىڭچە ئالتۇنگۈل بېچىقىم چوكان ئەمەس. مېنىڭ تىجارىتىم ئايال كىشىنىڭ قىلىشىغىمۇ تازا ماس كىلىدۇ. ئالتۇنگۈل مېنىڭ ھەمشىرەمدەك. سىلە بىلەن ئەل-ئاغىنە بولۇپ يۈرۈپ، ئۆيۈڭلىنىڭ ئاش-تۇزىنى يىگەن. مەن سىلىنىڭ ئەھۋالىڭلىنى بىلگەندىكىن پات-پات سىلىنى يوقلاپ تۇرۇشقا ۋاقىت چىقىرىپ بەرسەم. ئالتۇنگۈل مېنىڭ دۇكىنىمغا چىقىپ قاراشقاچ سودا-سېتىق بىلەن تونۇشسا، سەل كۆزى پىشقاندىن كېيىن ھە-پە قىلىپ دۇكاندىن بىرنى ئېچىپ بەرسەك، تۇرمۇشۇڭلىمۇ ئىزىغا چۈشۈپ قالىتى. سىلىنىڭچە مۇشۇنداق قىلسااق بولامۇ؟  -دىدى. رەجەپنىڭ گەپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ ياتقان ئابلەتجان:

- ماڭا كۆڭۈل بۆلگىنىڭلىگە رەھمەت، مەن بىر ئويلىشاي. - دىدى.

- مەيلى، بولسا ھازىر بىر قارارغا كەلسەڭلا تېخى ياخشى، سىلە بىلەن ماڭا ھېلىشىر گەپ كەتمەيدۇ.

- شۇنداق، لىكىن ئالتۇنگۈل ماۋۇ چاققىچە ئۆي ئىشى بىلەن بالا بېقىشتىن باشقا ئىش قىلىپ باقمىغان خوتۇن، بۇ مەسلىھەتنى ئۇنىڭ ئېديىسىدىن ئۆتكۈزۈپ جاۋاپ بېرىلى.- دىدى ئابلەتجان ئويچانلىق ئىچىدە.

- ئۇنداق بولسا مۇشۇ ئىشقا بىر كۆڭۈل بۆلۈپ قويۇڭلا. دوس-دۇشمەننىڭ ئالدىدا بويۇن قىسىپ يۈرگىچە مۇشۇ مەسلىھەتىمىز قولۇشۇپ قالسا، قېيىنچىلىقىڭلا ھەل بولۇپ كېتە.- دېگەن رەجەپ ئەپسۇسلانغاندەك كەيپىياتتا ئابلەتجان بىلەن خوشلاشتى.

رەجەپنى ئۇزۇتۇپ قويۇپ كىرگەن ئالتۇنگۈل:

- رەجەپ سىزنىڭ ئىشەنچىلىك ئاغىنىڭىز بولغاندىكىن، ئۇ بىزگە كۆڭۈل بۆلۈپ مەسلىھەت بېرىۋاتسا قىزغىنراق بولۇپ جاۋاپ بەرمەي، ھەجەپبىر سالقىن كەيپىياتتا جاۋاپ بەردىدىڭىز.-دىدى.

- مەن رەجەپ بىلەن ئۇزۇن يىللىق ئاغىنە، ئۇنىڭ خۇي-پەيلىنى ئوبدان چۈشەنگەچكە، ئۇنىڭ بۇ مەسلىھەتىگە قىزغىن بولالمىدىم. يۈرۈگىمدىكى گەپنى قىلسام ئۇنىڭ مەسلىھەتىنى قوبۇل قىلغۇم يوق.

- نىمىشقا؟ رەجەپ سىزنىڭ سىرداش ئاغىنىڭىزغۇ؟

- سىرداش ئاغىنەم بولغاچقا مۇشۇنداق ئويغا كېلىۋاتىمەن. بولدى، بىرقىسىم ئىشلارنى سەن چۈشەنمىگەندىكىن بۇ گەپتىن ئۈمۈتلىنىپ يۈرمە.

- مەن ئۇنىڭ بىزگە پۇل بىرىپ تۇرماقچى بولغىنىدىن خۇش بولۇپ كەتمىدىم، لىكىن مەن ئۇنىڭ دۇكىنىغا چىقىپ سودا قىلىشنى ئۈگىنىدىغان ئىش ماڭا بەك ئۈمۈت بېغىشلىغان. مەن تېخى چىقىش يولى تاپقاندەك خۇش بولۇپ كىتىپتىكەنمەن.
ئەتىسى رەجەپ ئابلەتجاننىڭ جاۋابىنى ئالغىنى كەلدى. ئابلەتجان رەجەپكە كۆپ رەھمەت ئېيتىپ، ئۆزرە بىلەن ئۇنىڭ تەكلىپنى رەت قىلدى. ئابلەتجاننىڭ جاۋابىنى ئاڭلىغان رەجەپ رەنجىپ، خاپا بولغاندەك قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتى. ئالتۇنگۈل ھۆرمەت ئىچىدە ئۇنى ئۇزاتقىلى ئەگىشىپ چىقتى.

رەجەپ ئابلەتجان ياتقان ئۆينىڭ ئالدىدىن يىراقلىشىپ، ھويلىنىڭ بىر تەرىپىگە ئۆتۈپ كەينىگە ئۆرۈلدى. ئالتۇنگۈل ئىتتىك ئورنىدا تۇرۇپ، يۈزىنى تۆۋەن قىلىپ تۇردى. رەجەپ ئاۋازىنى پەس چىقىرىپ:

- ئېرىڭىزغا نىمە بوپتۇ؟ ئۇ نىمىشقا مېنىڭ تەكلىپىمنى رەت قىلىدۇ؟

- مەنمۇ بىلمىدىم. ئابلەتجاننىڭ كۆڭلىدە ئويلىغان باشقىچە ئويى بار ئوخشايدۇ.

- مېنىڭ تەكلىپىمگە سىز قانداق قارايسىز؟

- ئابلەتجان نىمە دىسە شۇ.

- ئابلەتجان ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغىلى ئۈچ يىل بولاي دەپ قالدى. ئاڭلىسام ئۇ ھەممە تەرەپتىن ئىشتىن چۈشۈپتۇ. سىز تېخى ياش، چىرايلىق ئايال تۇرسىڭىز، بۇنداق ئۆتۈپ ئىچىڭىز پۇشمىدىمۇ؟

- ئابلەتجان مېنىڭ قىز تەككەن ئېرىم. ئىككى بالامنىڭ دادىسى. ئىلگىرى بىز كۆڭۈللۈك تۇرمۇش ئۆتكۈزگەن. ئابلەتجاننىڭ بۇنداق بولۇپ قېلىشى تۇرمۇشنىڭ ماڭا بەرگەن سىنىقى. بۇ تۇرمۇشقا چىدىمىسام بولمايدۇ.

tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章