دىللاردا سەنەم138-قسىم

文摘   2025-02-07 21:27   新疆  

تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .


 
   
دىللاردا سەنەم1-قسىم
دىللاردا سەنەم2-قسىم
دىللاردا سەنەم3-قسىم
دىللاردا سەنەم4-قسىم
دىللاردا سەنەم5-قسىم
دىللاردا سەنەم6-قسىم
دىللاردا سەنەم7-قسىم
دىللاردا سەنەم8-قسىم
دىللاردا سەنەم9-قسىم
دىللاردا سەنەم9-قسىم
دىللاردا سەنەم10-قسىم
دىللاردا سەنەم11-قسىم
دىللاردا سەنەم13-قسىم
دىللاردا سەنەم14-قسىم
دىللاردا سەنەم15-قسىم
دىللاردا سەنەم16-قسىم
دىللاردا سەنەم17-قسىم
دىللاردا سەنەم18-قسىم
دىللاردا سەنەم19-قسىم
دىللاردا سەنەم21-قسىم
دىللاردا سەنەم22-قسىم
دىللاردا سەنەم23-قسىم
دىللاردا سەنەم24-قسىم
دىللاردا سەنەم25-قسىم
دىللاردا سەنەم26-قسىم
دىللاردا سەنەم27-قسىم
دىللاردا سەنەم28-قسىم
دىللاردا سەنەم29-قسىم
دىللاردا سەنەم30-قسىم
دىللاردا سەنەم31-قسىم
دىللاردا سەنەم32-قسىم 
دىللاردا سەنەم45-قسىم
دىللاردا سەنەم33-قسىم
دىللاردا سەنەم34-قسىم
دىللاردا سەنەم35-قسىم
دىللاردا سەنەم36-قسىم
دىللاردا سەنەم37-قسىم
دىللاردا سەنەم38-قسىم
دىللاردا سەنەم39-قسىم
دىللاردا سەنەم40-قسىم
دىللاردا سەنەم41-قسىم
دىللاردا سەنەم42-قسىم
دىللاردا سەنەم43-قسىم
دىللاردا سەنەم44-قسىم
دىللاردا سەنەم45-قسىم
دىللاردا سەنەم-46-47-قسىم
دىللاردا سەنەم48-قسىم
دىللاردا سەنەم-49-قسىم
دىللاردا سەنەم-50-قسىم
دىللاردا سەنەم-51-قسىم
دىللاردا سەنەم-52-قسىم
دىللاردا سەنەم-53-قسىم
دىللاردا سەنەم54-قسىم
دىللاردا سەنەم55-قسىم
دىللاردا سەنەم56-قسىم
دىللاردا سەنەم57-قسىم
دىللاردا سەنەم58-قسىم
دىللاردا سەنەم59-قسىم
دىللاردا سەنەم60-قسىم
دىللاردا سەنەم61-قسىم
دىللاردا سەنەم62-قسىم
دىللاردا سەنەم63-قسىم
دىللاردا سەنەم64-قسىم
دىللاردا سەنەم65-قسىم
دىللاردا سەنەم66-قسىم
دىللاردا سەنەم67-قسىم
دىللاردا سەنەم68-قسىم
دىللاردا سەنەم69-قسىم
دىللاردا سەنەم70-قسىم
دىللاردا سەنەم71-قسىم
دىللاردا سەنەم72-قسىم
دىللاردا سەنەم73-قسىم
دىللاردا سەنەم74-قسىم
دىللاردا سەنەم75-قسىم
دىللاردا سەنەم76-قسىم 
دىللاردا سەنەم93-قسىم
دىللاردا سەنەم77-قسىم
دىللاردا سەنەم78-قسىم
دىللاردا سەنەم79-قسىم
دىللاردا سەنەم80-قسىم
دىللاردا سەنەم81-قسىم
دىللاردا سەنەم82-قسىم
دىللاردا سەنەم83-قسىم
دىللاردا سەنەم84-قسىم
دىللاردا سەنەم85-قسىم
دىللاردا سەنەم86-قسىم
دىللاردا سەنەم87-قسىم
دىللاردا سەنەم88-قسىم
دىللاردا سەنەم89-قسىم
دىللاردا سەنەم90-قسىم
دىللاردا سەنەم91-قسىم
دىللاردا سەنەم92-قسىم
دىللاردا سەنەم93-قسىم
دىللاردا سەنەم94-قسىم
دىللاردا سەنەم95-قسىم
دىللاردا سەنەم97-قسىم
دىللاردا سەنەم98-قسىم
دىللاردا سەنەم99-قسىم
دىللاردا سەنەم100-قسىم
دىللاردا سەنەم101-قسىم
دىللاردا سەنەم102-قسىم
دىللاردا سەنەم103-قسىم
دىللاردا سەنەم-105-104-قسىم
دىللاردا سەنەم-106-قسىم
دىللاردا سەنەم-107-قسىم
دىللاردا سەنەم-108-قسىم
دىللاردا سەنەم109-قسىم
دىللاردا سەنەم110-قسىم
دىللاردا سەنەم111-قسىم
دىللاردا سەنەم112-قسىم
دىللاردا سەنەم113-قسىم
دىللاردا سەنەم114-قسىم
دىللاردا سەنەم115-قسىم
دىللاردا سەنەم116-قسىم
دىللاردا سەنەم117-قسىم
دىللاردا سەنەم118-قسىم
دىللاردا سەنەم119-قسىم
دىللاردا سەنەم120-قسىم
دىللاردا سەنەم121-قسىم
دىللاردا سەنەم122-قسىم
دىللاردا سەنەم123-قسىم
دىللاردا سەنەم124-قسىم
دىللاردا سەنەم125-قسىم
دىللاردا سەنەم126-قسىم
دىللاردا سەنەم127-قسىم
دىللاردا سەنەم128-قسىم
دىللاردا سەنەم129-قسىم
دىللاردا سەنەم130-قسىم
دىللاردا سەنەم131-قسىم
دىللاردا سەنەم132-قسىم
دىللاردا سەنەم133-قسىم
دىللاردا سەنەم134-قسىم
دىللاردا سەنەم135-قسىم
دىللاردا سەنەم136-قسىم
دىللاردا سەنەم137-قسىم



ـ  شۇنداق ئىكەنلىكىنى مېھرىيار خېنىم ئۆزىمۇ چۈشىنەتتى، ئەمما ئۇ قۇلىقىنى ئېتىۋېلىپ قوڭغۇراق ئوغرىلىغاندەك شۇ بىھۇدە ئۇرۇنۇشلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى. شۇ قېلىقلىرى بىلەن ھەممىلا ئادەم ئۇنىڭدىن بىزار بولسىمۇ، ھېچكىم بۇ بىزارلىقىنى ئېيتالمىدى. ئۇنىڭ بۇ يەردىن كېتىشىنى قانچە خالىسىمۇ «كەتسىڭىز بولاتتى» دېيەلەيدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمىدى. چۈنكى ھەممەيلەن ئۇنىڭ ھازازۇللىقىدىن، گەپ چىڭىغا چىقىپ قالسا ئۆلۈپ كەتكەن دادىسى بىلەن تۇل قالغان ئانىسىنىڭ نامىنى شىپى كەلتۈرۈپ «بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر ئۇنداق چوڭ ئۆتكەن، مۇنداق چوڭ ئۆتكەن، ئاشۇلارنىڭ بالىۋاقىلىرىنىڭ كۆڭلىگە تېگىش قايسىڭنىڭ ھەددى؟ بېشىڭ ئونمۇ ھەرقايسىڭنىڭ؟...» دەپ ئۆكتەملىك قىلىشلىرىدىن قورقاتتى.

ئۇنى قەسىردىن كەتكۈزىۋېتىشنىڭ باشقا ئىلاجى بولمىغانلىقتىن، ئاخىرى بۇ ھەقتىكى ئىشلار سائادەت خېنىمنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزۈلدى. بۇ ئائىلىنىڭ بۈزۈك ئاغىچا خانىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن سائادەت خېنىمنىڭ ئۇنى قوغلىۋېتىشكە تامامەن ھوقۇقى يېتەتتى. شۇڭا ئۇ بۇ سابىق كېلىنىنى ئالدىغا چاقىرىپ ئۇنىڭ بىلەن چىرايلىق سۆزلىشىپ، ئەمدى بۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئېھتىياجى يوقلۇقىنى، ئۆيدىكى ئىشلارنى ئۆزىنىڭ يوليورۇقى بىلەن ئامانەم، گۈلساھىپخان ۋە باشقىلارنىڭ تامامەن يۈرۈشتۈرۈپ كېتەلەيدىغانلىقىنى، ئەگەر يۈرۈشتۈرۈپ كېتەلمىسە ۋاقتىنچە قويۇپ قويغاچ تۇرۇپ، سەيدۇللا باي قايتىپ كەلگەندە ئاشۇ ئۆزى بىرياقلىق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتماقچى بولدى. ئەمما مېھرىيار ئاغىچا خېنىم گەپنىڭ بېشى چىقىشىغىلا سابىق قېيىنئانىسىنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى ئالدىن چۈشىنىپ يەتكەنلىكتىن، دېمىغىنى قېقىپ قويۇپ مۇغەمبەرلەرچە ئۇنىڭغا:

-ئۇنداق دېمىسىلە ئانىكا، قىلىدىغانغا ئىشىم يوق بىكار قېلىپ كېلىۋالمىدىم مەن بۇ ئۆيگە، ئۆزلىرىنىڭ، ئايسەنەمخاننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاي دەپ كەلدىم، بۇ ياخشىلىقىم بەدىلىگە چوڭ بىر ئىشلارنى قىلىپ بەرسە دېمەيمەن، ئاڭلىسام ھازىر شەرۋانىخان ئاغىچا بۇ ئۆيدە يوقمىشقۇ؟ ئىز- دېرىكى بولمىغانغا خېلى ئۇزۇن بولغاننىڭ گېپىنى قىلىشتى، شۇنداق بولغاندا ئۇ ئەمدى بۇ ئۆيگە كەلمەيدۇ دېگەن گەپ. بىرەر يەردە قازا يېتىپ ئۆلۈپ قالمىغانلا بولسا... ئەگەر ھاياتلا بولسا بۇ ئۆيگە قايتىپ كېلەلىشىمۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش بۇ، چۈنكى ئېرىگىمۇ دەپ قويماي، قېيىنئانىسىنىڭمۇ خەۋىرى يوق ھالدا ھېچ گەپتىن ھېچ گەپ يوقلا ئۆيدىن چىقىپ كېتەلىگەن بىر ئايال تالادا شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىتلارنى ئۆتكۈزۈپ قايتىپ كىرسە، سەيدۇللا باي ئۇنى يەنە كۆڭلى كۆتۈرۈپ خوتۇن قىلامدۇ؟ ئويلاپ باقسىلا، قايتىپ كەلگەن بىلەنمۇ شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى نەگە بېرىپ نەدە تۇرغانلىقىنى چۈشەندۈرمىسە، سىلەرگە چۈشەندۈرگەن بىلەنمۇ خەلقئالەمگە چۈشەندۈرگىلى بولمىسا، ئۆزلىرىنىڭ يۈزى تۆكۈلۈپ تۈگىدى دېگەن گەپ ئەمەسمۇ؟ سىلى مۇنداق ئۇياتلىق ئىشقا يەنە يول قويالامدىلا؟ مەن بۇنىڭغا ئىشەنمەيمەن. شۇڭلاشقا ھەممىڭلارنىڭ شەرۋانىخاندىن ئۈمىدىڭلارنى ئۈزۈپ بولغانلىقىڭلارغا تامامەن ئىشىنىمەن، ئۇنداق بولغاندىكىن سەيدۇللا باي يەنە ئاغىچا ئېلىپ ئۆيلىنىدىغاندۇ؟ بالىلىرىغا ئانا تېپىپ بېرىدىغاندۇ؟ يېشى بىر يەرگە بارغاندا قىزلىرى دېمەتلىك كىچىك قىزلارنى ئېلىۋالسىمۇ ئۇلار پەقەت سەيدۇللا باينىڭ نام- ئابرويىنى، پۇل، مال- بىساتىنى دەپلا تېگىدۇ، ھەرگىز بۇ ئۆيگە ئاش بولۇپ ھەرقايسىڭلارنىڭ جاپاسىنى تارتىپ، سەيدۇللا بايغا ھەقىقى خوتۇن بولمايدۇ، شۇڭا ئانىكا، مېنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن يارىشىپ قېلىپ ئۆز بالىلىرىمنى ئۆزۈم باققۇم بار، بولۇپمۇ ئايسەنەم خېنىمغا بۇرۇن قىلىپ بېرەلمىگەنلىرىمنى ھەسسىلەپ قىلىپ بېرىپ، بۇرۇنقى خاتالىقلىرىمنى تامام يۇيۇپ تۈگىتىپ، ئۇنىڭ مېھرىبان، كۆيۈمچان ئانىسى بولغۇم بار. بىر ئادەمنى قىلغان پۇشايمانلىرى بىلەن سۈپۈرۈپلا ئاپىرىپ ھەسرەت- نادامەت ئىچىگە ئىتتىرىۋېتىشمۇ ياخشى ئىش ئەمەس، ئۆزلىرى شۇنچىلىك كەڭ قورساق، ئاق كۆڭۈل ئايال، مېنىڭ بۇ جەھەتتىكى پۇشايمانلىرىمنى چوقۇم چۈشىنىدىلا، شۇڭا ماڭا بىر قېتىم پۇرسەت بېرەرمۇ دېگەننى ئويلاپ بۇ ئۆيدە قاشاڭلىق قىلىپ تۇرىۋالغان يەرلىرىم بۇ، خاتىرجەم بولسىلا، ھازىر مەن تۈزۈلۈپ ياخشى بولۇپ كەتتىم، بۇرۇنقىدەك ئەسكى- پەسكى خۇيلىرىم يوق، ئەگەر بۇ گېپىمگە ئىشەنمىسىلە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىپادەمگە قاراپ باقسىلىمۇ بولىدۇ، مەن چوقۇم ھەممىڭلارنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىشقا تىرىشىمەن، بۇنىڭدىن كېيىن ياخشى كېلىن، ئوبدان خوتۇن، كۆيۈمچان ئانا بولىمەن، گېپىم گەپ، جەزمەن دېگەنلىرىمنى ئورۇنلايمەن،- دېدى.

شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ سائادەت خېنىمنى ئارتۇقچە گەپ قىلدۇرمىدى. نەدىن گەپ باشلىسا شۇ يەردىن ئالدىغا چىقىپ، نېمە توغرىلىق پىكىر بىلدۈرسە ئۇ پىكرىگە رەددىيە بېرىپ، ئىشقىلىپ سابىق قېيىنئانىسىنى ھېچ بىر جەھەتتىن ئېغىز ئاچۇرمايلا قويدى. بۇ ئىشتىن ئىچى سىقىلغان، مېھرىيار خېنىمنىڭ قاراپ تۇرۇپ ئۆزىنى قىلچە كۆزگە ئىلماي سۆز ئوينىتىپ ئۇستاتلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان سائادەت خېنىممۇ ئاچچىقتىن يېرىلايلا دېدى. ئۇنىڭغا گېپىنى ئۆتكۈزەلمىگەندىن كېيىن ئاۋۇت باي قەسرىدىن بىرەرسىنى چاقىرتىپ چىرايلىق سۆزلىشىپ، ئاندىن مېھرىيار خېنىمنى شۇنىڭغا تۇتقۇزۇپ قويماقچى بولدى. بىراق ئاۋۇت باي قەسرىگە ئەۋەتكەن ئادەم «قەسىردە ھېچكىم يوق ئىكەن، ھەممەيلەن يىراقلارغا تۇغقان يوقلاپ كېتىپتۇ» دېگەن گەپنى كۆتۈرۈپ كەلدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ بۇ ئىشنىڭمۇ قاملاشمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان سائادەت خېنىم ئەمدى سەيدۇللا باينىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتمەكتىن باشقا ھېچقانداق ئامال قالمىغانلىقىنى ئىلغا قىلىپ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى.

شۇنداق قىلىپ ۋاقتىنچە بۇ ئائىلە يەنە شۇ مۇتتەھەمنىڭ بولۇپ تۇردى. ئەمما مېھرىيار خېنىم ئاغزىدا «ئايسەنەم خېنىمغا كۆيۈنىمەن، ئۇنىڭغا ياخشى بولسۇن دېدىم» دېگەننى باھانە قىلىپ، خىزمەتكارلار ئاتايىتەن تەييارلاپ كىرگەن قىرىقى ئىچىدىكى تاماقلارنى ئايسەنەم خېنىمغا يېگۈزمىدى. ئاتايىن مەخپىي رېتسىپلار بىلەن تەييارلانغان شورپىلارنى، يېڭى سۈتلەرنى، شوۋىگۈرۈچلەرنى پىشۇرۇپ كۆتۈرۈپ كىرگەن خىزمەتكارلار مېھرىيار خېنىمنىڭ يول قويماسلىقى بىلەن قولىدىكى تاماقنى ئايسەنەم خېنىمغا يېگۈزەلمەي، لېۋىنى چىشلىگەن پېتى قانداق ئەكىرگەن بولسا شۇ پېتىلا ياندۇرۇپ چىقىشقا باشلىدى. يېيىشكە تېگىشلىك غىزالارنى يېيەلمىگەندىن كېيىن ئايسەنەم خېنىمنىڭ سۈتى كېسىلىپ بالا تويغۇدەك سۈتمۇ چىقمىدى. ئۇ ھەتتا بالىغا تەييارلاپ كىرگەن بۇلماق ۋە سۈتلەرنىمۇ يېگۈزگىلى قويماي، «بۇلارنى يېسە ئاشقازانغا زىيانلىق، ماۋۇنى يېسە سېرىقلىق چۈشۈپ قالىدۇ...» دېگەندەك تايىنى يوق سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ شۇ كىچىككىنە بالىغىمۇ قورسىقى تويغۇدەك تاماق يېگۈزگىلى ئۇنىمايۋاتاتتى. خىزمەتكارلار پۇرسەتنى پايلاپ تۇرۇپ مېھرىيار خېنىمنىڭ كۆزى بىردەم- يېرىمدەم ئۇيقۇغا ئېلىنغان ھامان بالىغا سۈت ئىچۈرىۋېلىش ياكى بۇلماق يېگۈزىۋېلىشنىڭ تەييارلىقىدا ھەرقاچان سەگەك تۇراتتى. بىراق ئۇ شۇلارنىمۇ سېزىپ تۇراتتىكى، خىزمەتكارلاردىن كىملا بالىنىڭ يېنىغا بىر قەدەم يېقىنلاشسا دەرھال كۆزىنى ئېچىپ «نېمە قىلاي دەپ كەلدىڭ؟» دەپ پارقىراپ قاراپ تۇراتتى.

ئۇنىڭ بۇ قىلىۋاتقانلىرى بارا- بارا ئۆزىنى ئاشكارىلاشقا باشلىدى. گۈلساھىپخان ۋە ئامانەملەرمۇ بىردەك بۇ ئىشتا قەستەن زىيانكەشلىك قىلىش مەقسىتى بارلىقىنى بىلىپ يەتتى.

-ئايال كىشى تۇغۇتىدا ياخشى يەپ- ئىچىپ ياخشى كۈتۈنمىسە ئاجىزلاپ كېتىدۇ، ھەتتا قىرىقىدىن چىقالماي ئۆلۈپ كېتىشىمۇ مۇمكىن، تۆت بالا تۇغقان ئايال بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ بۇلارنى ئوبدان بىلىدۇ، شۇڭا ئۇ سەيدۇللا باينىڭ ئۆيدە يوقلۇقىدىن پايدىلىنىپ ھەممە ئىشتا ئۆزىنىڭ دېگىنىنى دېگەن قىلىپ، ئايسەنەم خېنىمغا ھېچنېمە يېگۈزمەي، ئىچكۈزمەي، بالىغىمۇ ھېچ نەرسە يېگۈزگىلى قويماي ئۇلارنى ئاستا- ئاستا ئاجىزلىتىپ ھالىدىن كەتكۈزمەكچى، مۇشۇنداق قىلىپ بىر ئاينى ئۆتكۈزەلىسە، سەيدۇللا باي قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئايسەنەم خېنىمنىڭ ھېچ نەرسە يېمىگەنلىكىنى بىلىپ تېۋىپ ۋە خىزمەتكارلارغا بۇيرۇپ ئۇنىڭغا قۇۋۋەتلىك تاماقلارنى قىلدۇرۇپ بېرىدۇ، شۇنچە ئۇزۇن ھېچ نەرسە يېمەي ماغدۇرىدىن كەتكەن كىشى بىراقلا قۇۋۋەتلىك تاماقلارنى يېسە، ئۇ تاماق ئېغىر كېلىپ ئادەمنى بىراقلا ئۆرىۋېتەلەيدۇ، مېھرىيار خېنىم چوقۇم مۇشۇلارنى پىلان قىلغان گەپ. شۇڭا بىز ئالدى بىلەن ئۇنىڭ بۇ ئۆيدە قىلىۋاتقان مۇشتۇمزورلىقىنى شىكايەت قىلىپ سەيدۇللا بايغا خەت يېزىشىمىز كېرەك، ئاندىن خەيرۇللا باينىڭ ئۆيىدىكىلەرگە بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىپ، ئۇ ئۆيدە مەيلى كىملا قالغان بولسا دەرھال كېلىپ ئايسەنەم خېنىمنى قۇتۇلدۇرىۋېلىشىنى مۇراجىئەت قىلىشىمىز كېرەك،- دېدى گۈلساھىپخان ئامانەم بىلەن يالغۇز قالغاندا بۇ ھەقتە مەسلىھەتلىشىپ. ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئامانەممۇ چۆچۈدى ۋە دەرھاللا:

-ۋىيەي، مەن بۇلارنى ئەجەب ئويلىماپتىمەن دېسە، بۇ ھەقىقەتەن ياۋۇز خوتۇنكەن، شۇنداق ئىشلارنىمۇ پىلانلاپ ئويلاپ چىقالىغىنىنى قارا، بۇ بولماپتۇ، دەرھال تۇتۇش قىلايلى ئۇنداقتا، قاراپ تۇرۇپ ئايسەنەم خېنىمنى بۇ خوتۇنغا كاپ ئەتكۈزۈپ بەرمەيلى،- دېدى ئامانەممۇ جىددىيلەشكەن ھالدا.

شۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار پىلان بىلەن يۈرگۈزۈلدى. ئامانەم ئۆزى بېرىپ خەيرۇللا باي قەسرىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى. مىڭ ئەپسۇسكى، بەھرىيە ئاغىچا خەيرۇللا باي، يادىكار بايۋەتچىلەر ھەممىسى قەشقەرگە ئىمىنتوختى باينىڭ ئۆيىگە كەتكەن بولۇپ، پەقەت دانىيار بايۋەتچىلار بۇ ئائىلىدىكى ئىگىلىكنى، يۇقىرى تۆۋەندىكى سودىلارنى باشقۇرۇپ ئۆيدە قالغان ئىدى. دېمىسىمۇ نەچچە كۈنلەردىن بېرى ۋاقتى يەتسىلا ئايسەنەم خېنىم بىلەن قىزىنى يوقلاپ تۇرغان دانىيار بايۋەتچىنىڭ ئىشلىرى ئالدىراش بولۇپ قالغانلىق سەۋەبىدىن بارسا بېرىپ، بالىسى ۋە خوتۇنىنى كۆرىۋېلىپ يەنە دەرھاللا قايتىپ كېتەتتى. بۇ تۇرقىدا ئۇنىڭ قانچىلىك ئالدىراش ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتمەك تەس ئەمەس ئىدى. شۇڭا ئامانەم ئۆيدە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قەسىرنىڭ باش باشقۇرغۇچىسىغا ئېيتىپ قويۇپ، دانىيار بايۋەتچە قايتىپ كەلگەندە ئۇنىڭغا تولۇقى بىلەن يەتكۈزۈشىنى تاپىلاپ قايتىپ كەتتى.

شۇ كۈنى قاش قارايغان مەزگىلدە دانىيار بايۋەتچە قەسىردىن مەپىلىك يولغا چىقىپ، بىرمۇنچە سوۋغا- سالاملارنى كۆتۈرۈپ كېلىپ شۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى سائادەت خېنىمنىڭ ئالدىغا قويۇپ، خوتۇنى بىلەن قىزىنى ئۆز قەسرىگە قايتۇرۇپ كەتمەكچى بولدى. لېكىن مېھرىيار خېنىم شۇنىڭغىمۇ ئۆكتە قوپۇپ مەيدىسىگە مۇشتلاپ ئالدىغا چىقتى ۋە بوينىنى تولغاپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا:

-خاپا بولمىسىلا كۈيئوغۇل بالام، بۇ ئۆيدىكىلەر بىلەن ھەرقانچە ئۇرۇق- تۇغقان بولسىلىمۇ مەن سىلىنىڭ بۇ ئىشلىرىغا يول قويالمايمەن، جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ سىلىگە بىر بالا تۇغۇپ بېرەلىگەن خوتۇننى ئەل- مەھەللىگە ئاش تارتىپ، ئات توي مەرىكىسى قىلىپ ئاندىن يۆتكەپ كېتىدىغان ئىش بار، ھازىر سىلىنىڭ ئاتا- ئانىلىرى قەسىردە ئەمەس، ئايسەنەم خېنىمنىڭ دادىسىمۇ ئۆيدە ئەمەس، بۇ تۇرقىدا ئات توي مەرىكە قىلىمىز دېگىلى بولمايدۇ، ئالدى بىلەن ئۇلار كېلىپ قىزىمنىڭ ھۆرمىتىگە كاتتا مەرىكە بېرىپ لايىقىدا داستىخان سالغاندىن كېيىن ئاندىن ئېلىپ كەتسەڭلار مەيلى، ھازىر بىرىنچىدىن، ئۇلار ئۆيدە ئەمەس، ئۆز ئالدىمىزغا مەرىگە قىلساق بولمايدۇ، ئىككىنچىدىن، ئۇنىڭ تېخى قىرىقى توشمىدى، قىرىقى توشمىغان بىر ئايالنى مۇشۇنداق داق مەپىگە ياتقۇزۇپ ئۇيان- بۇيان سۆرەپ يۈرسىلىرى سىلىنىڭ كۆڭۈللىرى ئۇنامدۇ؟ لېكىن مەن ھەرگىز بەرمەيمەن قىزىمنى. مەيلى قانداقلا سەۋەب كۆرسەتسىلىمۇ مەن بۇ ئىشتا سىلىگە يول قويمايمەن، شۇڭا سىلى ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇپ بېرىپ ئىشلىرىنى قىلىۋەرسىلە، مەن سىلىگە ۋاكالىتەن ئايسەنەم خېنىم بىلەن قىزلىرىنى ئوبدان باقىمەن،- دېدى.
دانىيار بايۋەتچە ئۇنداق دەپ بېقىپمۇ، مۇنداق يالۋۇرۇپ بېقىپمۇ مېھرىيار خېنىمنى گېپىگە كىرگۈزەلمىدى. ياش يىگىت ئاچچىقىدا خېلى كۆكىرىپ ئالدىغا ئىككى قەدەم مېڭىپ باقتى-يۇ، لېكىن جېدەلنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئامانەم بىلەن گۈلساھىپخان ئۇنىڭ بىلىكىگە ئېسىلىۋالدى. شۇنداق قىلىپ دانىيار بايۋەتچىنىڭمۇ، سائادەت خېنىمنىڭمۇ، ئامانەم ۋە گۈلساھىپخانلارنىڭمۇ ھېچقانداق گېپى ئۆتمىگەن ھالدا بۇ مۇتتەھەم ئايال داۋاملىق مۇشۇ ئۆيدە قېلىپ، كىچىككىنە بالا بىلەن بىچارە ئايسەنەم خېنىمغا ئەسكىلىكىنى قىلىۋەردى. ھېلىمۇ ياخشى ئەھۋالدىن تولۇق خەۋەر تاپقان دانىيار بايۋەتچە ھەرقانچە ئالدىراش بولسىمۇ ئەتىگەن، چۈش ۋە كەچلەردە ئۆز قەسىرىدىن تاماق تەييارلىتىپ كۆتۈرۈپ كېلىپ، ئۆزى بىر قوللۇق ئايسەنەم خېنىمغا ئاز- ئازدىن يېگۈزۈپ، بالىسىنى ئۇنىڭغا ئېمىتىپ ۋە بۇلماق، سۈتلىرىنى جايىدا يېگۈزۈپ، ئىككىلىسىنىڭ قورسىقى قويغاندا ئاندىن قايتىپ كېتىشنى ئادەت قىلىۋالدى. ئۆز دادىسى بىلەن ئېرى ئۇلارغا غىزا يېگۈزىۋاتقان يەردە مېھرىيار خېنىم ئۇلارغىمۇ يول قويماي يەنە ئارتۇقچە ساراڭلىق قىلالمىدى. ھەرقانچە ساراڭلىق قىلغۇسى بولسىمۇ دانىيار بايۋەتچىنىڭ ھازىرلا ئادەم يەيدىغاندەك پولتىيىپ چىقىپ تۇرغان قاپىقىدىن سەل- پەل ئەيمەندى. ئىشلارنىڭ تۇيۇقسىز ياخشى تەرەپكە تارتقىنىدىن خۇش بولغان ئامانەم ۋە گۈلساھىپخانلارمۇ دانىيار بايۋەتچىنىڭ بۇ قەدەر باش قاتۇرۇپ قىلىۋاتقان كۆيۈملىرىدىن خۇش بولۇپ قەلبى ئىللىقلىققا تولدى. شۇنداق بولغاندا ئەمدى ئايسەنەم خېنىم بىلەن بالا مېھرىيار خېنىمنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇپ، ئادەمدەك تاماق يەپ، ئادەمدەك ياشايدىغان شارائىتقا ئىگە بولاتتى.

ئايسەنەم خېنىمنىڭ قىرىقى توشماستا، سەيدۇللا باي، قەمبەر ۋە خەيرۇللا بايلار قەشقەردىن قايتىپ كەلمەستە، مېھرىيار خېنىممۇ بۇ ئۆيدىكى ئەسكىلىكىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان شۇ پەيتتە بىر كۈنى تۇيۇقسىز ئابدۇللانى يېتىلىگەن شەرۋانەم دەرۋازىدىن كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ كېلىشىدىن ئالدىن ھېچ خەت- خەۋەر بولمىغاچقا، مۇنداق بىر قايتىپ كېلىشلەرنى پەرەزمۇ قىلمىغان بولغاچقا بۇ تۇيۇقسىزلىقتىن چۆچۈگەن ھەم خۇش بولغان بارلىق خىزمەتكارلار ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئۇ تەرەپكە چېپىشتى. ئايسەنەم خېنىمنىڭ يېنىدا قوش تەكىيىگە يۆلىنىپ مۈگدەپ قالغان مېھرىيار خېنىم تۇيۇقسىز ھويلىدا يۈز بەرگەن ئوپۇر- توپۇرلاردىن كېيىن قۇلىقىغا كۇسسىدە كىرىپ قالغان «-ۋاي قاراڭلار! شەرۋانىخان ئاغىچا قايتىپ كەلدى، ئەنە قاراڭلار، دەرۋازىدىن كىرىۋاتىدۇ، ئاغىچا خېنىم قايتىپ كەلدى!...» دېگەن گەپلەرنى ئاڭلاپ تىرىڭڭىدە چۆچۈدى ۋە چاچراپ ئورنىدىن تۇرغىنىچە ئوچۇق تۇرغان دېرىزىدىن ھويلىغا بويۇنداپ قارىدى... (113-باب تۈگىدى)


tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章