دىللاردا سەنەم137-قسىم

文摘   2025-02-06 21:13   新疆  

تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .


 
   
دىللاردا سەنەم1-قسىم
دىللاردا سەنەم2-قسىم
دىللاردا سەنەم3-قسىم
دىللاردا سەنەم4-قسىم
دىللاردا سەنەم5-قسىم
دىللاردا سەنەم6-قسىم
دىللاردا سەنەم7-قسىم
دىللاردا سەنەم8-قسىم
دىللاردا سەنەم9-قسىم
دىللاردا سەنەم9-قسىم
دىللاردا سەنەم10-قسىم
دىللاردا سەنەم11-قسىم
دىللاردا سەنەم13-قسىم
دىللاردا سەنەم14-قسىم
دىللاردا سەنەم15-قسىم
دىللاردا سەنەم16-قسىم
دىللاردا سەنەم17-قسىم
دىللاردا سەنەم18-قسىم
دىللاردا سەنەم19-قسىم
دىللاردا سەنەم21-قسىم
دىللاردا سەنەم22-قسىم
دىللاردا سەنەم23-قسىم
دىللاردا سەنەم24-قسىم
دىللاردا سەنەم25-قسىم
دىللاردا سەنەم26-قسىم
دىللاردا سەنەم27-قسىم
دىللاردا سەنەم28-قسىم
دىللاردا سەنەم29-قسىم
دىللاردا سەنەم30-قسىم
دىللاردا سەنەم31-قسىم
دىللاردا سەنەم32-قسىم 
دىللاردا سەنەم45-قسىم
دىللاردا سەنەم33-قسىم
دىللاردا سەنەم34-قسىم
دىللاردا سەنەم35-قسىم
دىللاردا سەنەم36-قسىم
دىللاردا سەنەم37-قسىم
دىللاردا سەنەم38-قسىم
دىللاردا سەنەم39-قسىم
دىللاردا سەنەم40-قسىم
دىللاردا سەنەم41-قسىم
دىللاردا سەنەم42-قسىم
دىللاردا سەنەم43-قسىم
دىللاردا سەنەم44-قسىم
دىللاردا سەنەم45-قسىم
دىللاردا سەنەم-46-47-قسىم
دىللاردا سەنەم48-قسىم
دىللاردا سەنەم-49-قسىم
دىللاردا سەنەم-50-قسىم
دىللاردا سەنەم-51-قسىم
دىللاردا سەنەم-52-قسىم
دىللاردا سەنەم-53-قسىم
دىللاردا سەنەم54-قسىم
دىللاردا سەنەم55-قسىم
دىللاردا سەنەم56-قسىم
دىللاردا سەنەم57-قسىم
دىللاردا سەنەم58-قسىم
دىللاردا سەنەم59-قسىم
دىللاردا سەنەم60-قسىم
دىللاردا سەنەم61-قسىم
دىللاردا سەنەم62-قسىم
دىللاردا سەنەم63-قسىم
دىللاردا سەنەم64-قسىم
دىللاردا سەنەم65-قسىم
دىللاردا سەنەم66-قسىم
دىللاردا سەنەم67-قسىم
دىللاردا سەنەم68-قسىم
دىللاردا سەنەم69-قسىم
دىللاردا سەنەم70-قسىم
دىللاردا سەنەم71-قسىم
دىللاردا سەنەم72-قسىم
دىللاردا سەنەم73-قسىم
دىللاردا سەنەم74-قسىم
دىللاردا سەنەم75-قسىم
دىللاردا سەنەم76-قسىم 
دىللاردا سەنەم93-قسىم
دىللاردا سەنەم77-قسىم
دىللاردا سەنەم78-قسىم
دىللاردا سەنەم79-قسىم
دىللاردا سەنەم80-قسىم
دىللاردا سەنەم81-قسىم
دىللاردا سەنەم82-قسىم
دىللاردا سەنەم83-قسىم
دىللاردا سەنەم84-قسىم
دىللاردا سەنەم85-قسىم
دىللاردا سەنەم86-قسىم
دىللاردا سەنەم87-قسىم
دىللاردا سەنەم88-قسىم
دىللاردا سەنەم89-قسىم
دىللاردا سەنەم90-قسىم
دىللاردا سەنەم91-قسىم
دىللاردا سەنەم92-قسىم
دىللاردا سەنەم93-قسىم
دىللاردا سەنەم94-قسىم
دىللاردا سەنەم95-قسىم
دىللاردا سەنەم97-قسىم
دىللاردا سەنەم98-قسىم
دىللاردا سەنەم99-قسىم
دىللاردا سەنەم100-قسىم
دىللاردا سەنەم101-قسىم
دىللاردا سەنەم102-قسىم
دىللاردا سەنەم103-قسىم
دىللاردا سەنەم-105-104-قسىم
دىللاردا سەنەم-106-قسىم
دىللاردا سەنەم-107-قسىم
دىللاردا سەنەم-108-قسىم
دىللاردا سەنەم109-قسىم
دىللاردا سەنەم110-قسىم
دىللاردا سەنەم111-قسىم
دىللاردا سەنەم112-قسىم
دىللاردا سەنەم113-قسىم
دىللاردا سەنەم114-قسىم
دىللاردا سەنەم115-قسىم
دىللاردا سەنەم116-قسىم
دىللاردا سەنەم117-قسىم
دىللاردا سەنەم118-قسىم
دىللاردا سەنەم119-قسىم
دىللاردا سەنەم120-قسىم
دىللاردا سەنەم121-قسىم
دىللاردا سەنەم122-قسىم
دىللاردا سەنەم123-قسىم
دىللاردا سەنەم124-قسىم
دىللاردا سەنەم125-قسىم
دىللاردا سەنەم126-قسىم
دىللاردا سەنەم127-قسىم
دىللاردا سەنەم128-قسىم
دىللاردا سەنەم129-قسىم
دىللاردا سەنەم130-قسىم
دىللاردا سەنەم131-قسىم
دىللاردا سەنەم132-قسىم
دىللاردا سەنەم133-قسىم
دىللاردا سەنەم134-قسىم
دىللاردا سەنەم135-قسىم
دىللاردا سەنەم136-قسىم



ـئاخشىمى كۆز باغلانغاندا باشلانغان تولغاق تاكى ئەتىسى ئاش ۋاقتىغىچە داۋاملىشىپ، ئايسەنەم خېنىم قىينىلىپ ھۇشىدىن كېتەي دەپ قالغاندا ئاخىرى يەڭگىدى. بالا قىز ئىدى، قىز تۇغقانلىقىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ كۆڭلى بەكمۇ يېرىم بولدى ۋە تاراملاپ ئاققان كۆز ياشلىرىنى توختىتىۋېلىشقا ئىلاج قىلالمىغان، ماغدۇرسىزلىنىپ ھاسىرىغان ھالدا:

-ھەي ئېسىت... قىز بالىنىڭ كۈنى تەس ئىدى، كۆڭلى سۇنۇق، كۆزلىرى ياشلىق، تەقدىرى شورلۇق، تۇرمۇشى ئاندىن قاتتىق ئىدى... بېشىدا ھەر ۋاقىت كۈلپەت تەييار ئىدى، يىللارچە قىلغان ياخشىلىق، تىرىشچانلىقلىرى بىر قېتىملىق سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن تامام يۇيۇلۇپ كېتەتتى، ئەسكى بولمىقى بىردەمچە ئىش، لېكىن ياخشى بولۇشىغا ئۆمرى يەتمەيتتى... كۆپ كىشىلەر كۆپ نەرسىلەرنى، كۆپ مېھىرلەرنى تەلەپ قىلاتتى، لېكىن ئۇ تەلەپ قىلغاندا بېرەلەيدىغانلار ساناقلىقلا بولاتتى، ھەتتا چىقمايمۇ قوياتتى... دۈشمەنلىرى جېق بولاتتى، ياخشى كۈن كۆرۈشىنى ھېچكىم خالىمايتتى، ئاز- تولا كۆرۈپ قالغان ياخشى كۈنلىرىگە ھەسەت چوغلىرىنى چېچىشاتتى... يوللىرىغا تىكەن تېرىيتتى، يۈرىكىنى تاتىلاپ، دىلىنى ئاغرىتىپ ئارام بەرمەيتتى، باشقىلار سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويسا تەجرىبە- ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ ئىبرەت ئالسا بولاتتى، لېكىن قىز بالا سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويسا ھەسسىلەپ بەدەل تۆلەپ، خاتالىقىنى يۇيۇش ئۈچۈن ئات- ئېشەكتەك ئىشلىمىسە بولمايتتى... ئېھتىياجلىرىنى ئېيتىش ئۈچۈن كۈنلەپ- كۈنلەپ تىلى كۆيەتتى، يىغلىتىدىغانلار جېق، كۆز ياشلىرىنى سۈرتىدىغان ھېچكىم بولمايتتى... يالغان دۇنيانىڭ، يالغان مېھىرلەرنىڭ، يالغان كۆيۈملەرنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتەتتى، بەكلا بىچارە ئىدى، ئېيتقۇسىز... چۈشەندۈرگۈسىز دەرىجىدە بىچارە ئىدى... شۇ كۈنلەرگە ئەمدى ئۇمۇ مەھكۇم بولارمۇ؟... مۇنداق ئېغىر كۈنلەردە ياشاپ ئۆتكىچە كاشكى تۇغۇلمايلا قويسىچۇ!...- دېدى، ئاندىن گېپىنى تۈگۈتۈپ بولۇپلا ئېسەدەپ، بەكمۇ پۇچىلىنىپ يىغلاپ كەتتى. ئۇنىڭ ھەسرەت چېكىپ تۈگىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان گۈلساھىپخان قولىدىكى ئەمدىلا يۆگەككە ئېلىنغان بالىنى يېنىدىكى خىزمەتكارغا تۇتقۇزۇپ، ئاستا كېلىپ ئايسەنەم خېنىمنىڭ چاچلىرىنى سىلاپ كۆز ياشلىرىنى سۈرتتى.

-بىچارە قىزىم، كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ جېنىم بالام، مانا بىز بار، ئەمدى مېھرىيار ئاغىچا خېنىم بۇ ئۆيگە كەلمەيدۇ، ئۇ بۇ ئۆيدە بولمىسا سىزنى ھېچكىم بوزەك قىلالمايدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن سىڭىللىرىڭىزنىڭ بوزەك قىلىشىغىمۇ يول قويمايمىز، دانىيار بايۋەتچە سىزنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ كۆز قارچۇقىدەك ئاسرايدىغۇ، ئۇنىڭغا ياتلىق بولغاندىن كېيىن خورلۇقتىكى بۇ كۈنلىرىڭىزنى ئاخىرلاشتى دەپ ئويلايتتىم، ئەگەر يەنىلا شۇنداق بولىۋاتقان بولسا، مەن دادىڭىزغا ئېيتىپ بۇ ئىشلارنى ئۆزۈم ئاخىرلاشتۇرىمەن، ئەمدى ھېچنېمىدىن غەم قىلماي، بالىڭىزنى بېقىپ خۇشال- خۇرام ياشاڭ چىرايلىق بالام.

-رەھمەت گۈلساھىپ ئاچا، ھېلىمۇ ئامانەم ئاچام ئىككىڭلار بوپ قاپتىكەنسىلەر، بولمىسا بۇ يىللاردا ئېلىشىپ قالارمىدىمىكىنتاڭ، ئۆزۈمنىڭ قىز بالا بولۇپ تۇغۇلۇپ قالغىنىمغا يىغلاپ ئېچىنىپ مۇشۇ كۈنگە كەپتىكەنمەن، تۇغقان بالاممۇ قىز بولدى- دە ئاخىر!... «ئوغۇل تۇغسام، مەن كۆرگەندەك ئېغىر كۈنلەرنى كۆرمىسە!» دەپ قانچە ئارزۇ قىلغانلىرىم ئېسىت!...- دېدى ئايسەنەم خېنىممۇ ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتىۋاتقان قولىنى مېھرى بىلەن تۇتۇپ.

-ئۇنداق بولمايدۇ، ئەمدى بۇنىڭغا يول قويمايمىز، قىزىڭىزنى سىز قوغدايسىز، سىز يېتىشىپ بولالمىسىڭىز بىزمۇ بىللە قوغدايمىز، ئۇ سىز كۆرگەن كۈنلەرنى كۆرمەيدۇ، ئەڭ مۇھىمى، بۇ ئۆيدە ئەمدى مېھرىيار خېنىم يوق، شۇنداق بولغاندا سىز ۋە بىزلەرنى ھېچكىم بوزەك ئېتەلمەيدۇ، كۆڭلىڭىزنى توختىتىپ خۇشال يۈرۈڭ، ياخشى كۈنلەر تېخى ئالدىڭىزدا، كاشكى... مۇشۇ كۈنلەردە شەرۋانىخان ئاغىچا بۇ ئۆيدە بولغان بولسا، ئۇ سىزنىڭ ساق- سالامەت يەڭگىگىنىڭىزنى كۆرگەن بولسا، نەۋرىسىنى قولىغا ئېلىپ، سىزنى مېھرى بىلەن پەپىلەپ پەرۋىش قىلغان بولسا- ھە!؟ سىز قورساق كۆتۈرگەندىن بېرى ئۇنىڭ بىرلا ئارزۇسى پەقەت شۇ ئىدى، ئېسىت، نەلەردىمۇ يۈرىدىغاندۇ بىچارە...

گۈلساھىپخاننىڭ بۇ گېپى بىلەن تەڭ ئايسەنەم خېنىم بايىقىدىنمۇ بەك ئۆكسۈپ يىغلاپ قولىنى چىشلىدى. ئۇنىڭ شەرۋانەمدىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭغا قاتتىق تەگكەنلىكىگە پۇشايمان قىلىپ يىغلىغانلىقىنى ياكى بۇنىڭدىن بۇرۇنلاردا ئۆزىنىڭ بېشىغا كەلگەن، «بۇنىڭدىن كېيىن قىزىمنىڭ بېشىغا كېلىدۇ» دەپ غەم قىلىۋاتقان ئىشلارغا ئېچىنىپ يىغلاۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى.

يۇقۇرىقى بايانلىرى سەۋەبىدىنمىكىن، ئۇ بۇ قىزىغا قارىمايدىغانلا چىقتى. گۈلساھىپخان ياكى ئامانەمنىڭ زورى بىلەن ئېمىتىپ بەرگەندىن باشقا چاغدا بالىنى كۆرەيمۇ دېمەيتتى، قولىغىمۇ ئالمايتتى، ئەھۋالىغا كۆڭۈلمۇ بۆلمەيتتى. خۇددى بالا ئۆزىنىڭ ئەمەستەك، بۇ بالا بىلەن ئۆزىنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقتەك خىيالى ياتاتتى. ئۇنىڭ بۇ بالىغا كۆڭۈلسىز چىققانلىقىنى ئاڭلاپ سەيدۇللا باينىڭمۇ، سائادەت خېنىمنىڭمۇ شۇنچىلىك كۆڭلى يېرىم بولدى. بۇ ھەقتە ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىش، قىلماسلىقنى ئويلاپ بىر قارارغا كېلەلمەي تۇرغان سەيدۇللا باي بۇ خىيالىنى ئامانەم بىلەن گۈلساھىپخانغا ئېيتتى. ئوخشاشلا ئامانەمنىڭمۇ مۇشۇ مەسىلە تۈپەيلىدىن خېلىدىن بېرى كۆڭلى يېرىم ئىدى. ئاچىسى بۇ ئۆيدە بولمىغان بۇ مەزگىلدە ئۇ ئاچىسىغا ۋاكالىتەن ئايسەنەم خېنىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ قويۇشنى ئۆزىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى دەپ ئويلايتتى. شۇڭا ئۇ قىز بىلەن سۆزلىشىپ بېقىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامانەم ئايسەنەم خېنىم بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ كەتكەندە سەيدۇللا باي بىلەن گۈلساھىپخان تاشقىرىقى ئۆينىڭ دېرىزىسى تۈۋىدە تۇرۇپ ئۇلارنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ باقماقچى بولدى.

-مېنى كىچىك ئانىڭىز دەپ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىڭىزنى ۋەيا بۇ ئۆيدە پەقەت قەمبەر ئاكىڭىزنىڭ ئايالى، سائادەت خېنىمنىڭ تۇتۇق قىزى دەپلا چۈشىنىدىغانلىقىڭىزنى بىلمەيمەن، مەيلى قانداقلا ئويلىسىڭىزمۇ ھازىر سىزگە دېمەكچى بولغانلىرىمنى ئىچىمگە يۇتىۋېتەلمەيمەن، خاتا ئىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنى توسماسلىق، داۋاملىق كارى بولماي يۈرىۋېرىش شۇ ئىشقا يول قويغان بىلەن، قوللاپ بەرگەن بىلەن باراۋەر، شۇڭا ئايسەنەم خېنىم، سىزنى توغرا قىلمىدى دەپ ئويلىغان بىر ئىش خۇسۇسىدا ئويلىغانلىرىمنى ئېيتىش ئۈچۈن يېنىڭىزغا كىردىم، بۇ ھەم مۇشۇ ئۆيدىكى ھەممەيلەننىڭ خالىشى. ئۇنداق دېسەم يەنە «مەن كەچكىچە باشقىلارنىڭ خالىشى بويىچە ياشاپ، ئۇلارنىڭ بۇيرۇغىنىغا بويسۇنامدىكەنمەن؟» دەپ ئويلاپ قېلىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما گەپلىرىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنداق خىيالدا بولمايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن. تۇغقان ئانىڭىزدىن «مېنى تۇغۇپلا تاشلىۋېتىپتىكەن، ئۆزى باقماپتىكەن» دەپ رەنجىۋالغىنىڭىز ھېچقايسىمىزغا سىر ئەمەس، ھەم مۇشۇ تۈپەيلى خېلىدىن بېرى شەرۋانەم ئاچامغا قېيداپ كېلىۋاتقانلىقىڭىزنىمۇ ياخشى بىلىمىز، باھانە كۆرسەتكىنىم ئەمەس، ئەگەر شۇ چاغدا ئۇنىڭ سىزنى يېنىدا ئېلىپ قېلىپ بېقىشقا قۇربى يەتكەن بولسا، تىل قىسىنچىلىقى بولمىغان بولسا، رېجىم ۋە مەجبۇرلۇق ئاستىدا قەددى ئېگىلمىگەن، يۈرىكى ئېزىلمىگەن بولسا ئۇ ئەلۋەتتە سىزنى ئۆزى بېقىپ چوڭ قىلغان بولاتتى، كاشكى بىزنى ئەسكىرى تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇپ، قورقۇتۇپ ئۆز بۇيرۇقىغا بويسۇندۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۇ دادىمىز يۈرىكىمىزنى، ئارزۇ- ئارمانلىرىمىزنى ئازراق تىڭشىيالىغان بولسا، بالىلىق تۇيغۇلىرىمىزنى چۈشىنەلىگەن بولسا، يا بولمىسا دادىمىز مەتنۇر ياغاق بالىلىرىنىڭ يىغىسىغا تەڭ يىغلاپ، كۈلكىسى ئۈچۈن خۇش بولىدىغان باشقا دادىلارغا ئوخشىغان بولسا ئىشلار ھەم بۇنداق بولۇپ كەتمەيتتى، بەلكىم ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن، بىز ھەم بۇ ھەقتە ھېچكىمگە ھېچ نەرسە دەپ باقمىغان، شەرۋانەم ئاچام بۈگۈنى كېچىسى سىزنى تۇغۇپ، ئەتىسى بىر كۈن ئۆتۈپ ئۆگۈنى ئەتىگەندىلا تويى بولۇپ باشقا بىر ئۆيگە ئۇزىتىلغان... ئويلاپ بېقىڭ، تۇغۇتىنىڭ ئىككىنچى كۈنىلا ياتلىق بولۇپ باشقا بىر ئۆيگە ئۇزىتىش، بىر ئەرنىڭ خىزمىتىگە ئەۋەتىلىش نېمە دېگەن ئېغىر كۈن ئۇ!؟ ئاچام ھەتتا شۇ تويغىمۇ قارشى چىقالمىغان، بىز ئاچامغا بولۇشۇپ يىغلاپ دادامغا تىزلىنىپ يالۋۇرۇپ ھالىمىز قالمىسىمۇ ئۇ قىلچىلىك ئېرىپ قويمىغان، دادام ئۈچۈن ئۆزىنىڭ دېگىنىنى قىلىشتىن باشقا مۇھىم ئىش يوق ئىدى، بىز ئۈچۈن ھەم دادامنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇشتىن باشقا مۇقەددەس ۋەزىپە يوق ئىدى. بىز ئەنە شۇنداق شارائىتتا، شۇنداق بىر قاتتىق قول، مۇشتۇمزور دادىنىڭ تەربىيەسى ئاستىدا چوڭ بولغان، يېگۈمىز كەلمىگەن نەرسىنى يېمەيمەن دېيەلمەيتتۇق، ياخشى كۆرمىگەن نەرسىلىرىمىزنى ئىتتىرىۋېتەلمەيتتۇق، ئوخشاشلا ئامراق نەرسىلىرىمىزگىمۇ خالىغاندا ئېرىشەلمەيتتۇق، تاكى دادامنىڭ ئاغزىدىن «ماقۇل» دېگەن گەپ چىقمىسا ھەتتا نەپەسمۇ ئالالمايتتۇق، بىز ئۈچ قىز ھەممىمىز ئوخشاش ئىدۇق، ھەممىمىز مانا مۇشۇنداق قاتتىق قوللۇق ئاستىدا ئىككىمىز ئېزىلىپ كۆڭلىمىز سۇنۇپ چوڭ بولغان، ئەمما دادامنىڭ بۇلار بىلەن كارى يوق ئىدى، ئۇ پەقەت بىزنى ئۆزىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇندۇرۇش ئۈچۈنلا ياشايدىغاندەك، بىزنى پەقەت شۇنىڭ ئۈچۈنلا تاپقاندەك... پەقەتلا شۇ ئىدى. شۇ خىل بېسىم، شۇ ئىلاجىسىزلىقلار بىلەن بىز ئاشۇ قىيىن كۈنلەردىن ئاران- ئاران تەستە ئۆتكەن، ئاچامنىڭ ئۇ ئەھۋالىدا سىزنى ئۆز يېنىدا ئېلىپ قېلىپ باقالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئەمدى بولغاندا ئۇ گەپلەرنى سىزگە چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرغاننىڭمۇ پايدىسى يوق، لېكىن ھازىر مېنىڭ سىزگە دېمەكچى بولغىنىم، سىز «شۇ چاغدا ئۆز ئانام مېنى تۇغۇپلا باقماي تاشلىۋېتىپتىكەن» دەپ قېيداپ ئۇنىڭدىن رەنجىۋالدىڭىز، ئەمدى بولسا ئۆزىڭىز قىزىڭىزنى باقماي تاشلىۋېتىپ بارىسىز، سىز ئۇنى تاشلىۋېتىپ، تۇغقان ئانىڭىز سىزگە كۆرسەتكەن شۇ كۈنلەرنى ئۆز قىزىڭىزغىمۇ كۆرسەتمەكچىمۇ؟ سىز ئەنە شۇنداق تاش يۈرەك ئانا بولامسىز؟ جېنىڭىزنى تىكىپ تۇرۇپ بۇ ھاياتقا كۆز ئاچقۇزغان بالىڭىز ئانىسىزلىق دەردىدە يىغلىسا، سىز شۇلارغا قاراپ چىداپ تۇرامسىز؟ كەلگۈسىدە قىزىڭىزمۇ سىزدىن خۇددى سىز ھازىر ئۆز ئانىڭىزدىن نەپرەتلەنگەندەك، ئۇنىڭغا قارىمىغاندەك نەپرەتلەنسە، قېيدىۋالسا كۆڭلىڭىز يېرىم بولماسمۇ؟ مەن مۇشۇنچىلىكلا دەپ قويىمەن، قالغىنىنى ئۆزىڭىز ئويلاڭ، شۇنچە گەپلەردىن كېيىنمۇ يەنە ئۆزىڭىزنىڭ دېگىنىنى دېگەن قىلالىسىڭىز، بىز ئۇ بالىڭىزنى كالا سۈتى ياكى بۇلماقلار بىلەن بېقىپمۇ كېتەلەيمىز، لېكىن مېھىر ئاچارچىلىقىنى ھېچقانداق قىلىپ تولدۇرۇپ بەرگىلى بولمايدۇ، بۇنى سىز مەندىن ياخشى بىلىسىز...

ئامانەم شۇلارنى دەپ سۆزدىن توختىدى، ئۇ گەپلىرىنى باشلاپ تۈگىتىپ بولغۇچە يىغلاپ ئېقىپ كەتكەن ئايسەنەم خېنىمنىڭ لەۋلىرى قانىغۇدەك چىشلەنگەن ئىدى.

شۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەردە ئۇ قىزىغا تەتۈر قارىمىدى. ئۆز قىزىنى قولىغا ئېلىپ، باغرىغا بېسىپ تۇرۇپ ئانىلىق مېھرى بىلەن ئېمىتكەندىكى ھېسسىياتنى ئۇ قايتىدىن ھېس قىلدى ۋە يۈرىكى ئىللىق بىر سېزىم بىلەن ئېرىدى. ئامانەم بىلەن بولغان شۇ كۈنكى سۆھبەتتىن كېيىن ئۇ ھەتتا شەرۋانەمنى سېغىنىدىغان، تولا ئويلايدىغان، ھەر ۋاقىت ئەنسىرەيدىغان ھەم «يېنىمدا بولسا ئىدى» دېگەن ئارزۇ بىلەن يانىدىغان بولدى. ئۇ بۇ خىيالىنى ھېچكىمگە بىلدۈرمەيتتى، لېكىن كۆڭلىدىكى شۇ ئارزۇ- ئارمانلىرى ئۇنى قايتىدىن، يېڭى بىر ئوتتا كۆيدۈرمەكتە ئىدى... (112-باب تۈگىدى)

-113باب

ھەغدادىغا يەتكەن قېلىنلىق


(212)


ئايسەنەم خېنىمنىڭ قىرىقى توشماستا قەشقەردىكى ئىمىنتوختى باينىڭ ئۆيىدىن خەت كېلىپ، ئۇنىڭ خوتۇنى ئانىقىز ئاغىچا خېنىمنىڭ قازا قىلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى. سائادەت خېنىمنىڭ ئۇ ھالىتىدە ئۇنى قەشقەرگە ئېلىپ بېرىشنىڭ ئىلاجى يوق ئىدى، ئايسەنەم خېنىم تۇغۇپ ياتقانلىقتىن، ئامانەم بىلەن گۈلساھىپخانمۇ بارالمايتتى. شەرۋانەمنىڭ ھېلىغىچە ھېچ يەردىن ئۇچۇرى بولمىغاچقا، ئاكىسىنىڭ ئۆيىدىكى ئۆلۈم ئىشىغا پەقەت سەيدۇللا باي بىلەن قەمبەر ئىككىسىلا بېرىشقا توغرا كەلدى.

شۇنداق قىلىپ تەييارلىقلار تېزلا پۈتتۈرۈلدى. ئىككەيلەن ئانچە كۆپ سوۋغا- سالاممۇ ئالماي، يېنىغا جېقراق نەق پۇل ئېلىۋېلىپ تېز پۇرسەتتە قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقتى. سائادەت خېنىم يامغۇردەك ياش تۆككىنىچە ئۇلارغا ئاق يول تىلەپ، چوڭ ئوغلىغا سېغىنىشلىق سالام يوللاپ ئۆيدە قالدى.

خۇددى ئىشىك تۈۋىگە قاراۋۇل قويۇپ گەپ تىڭتىڭلىغاندەك، ئايسەنەم خېنىمنىڭ تۇغۇپ ياتقانلىقىنى، سەيدۇللا باينىڭ ئاكىسىنىڭ ئۆيىدىكى ئۆلۈم ئىشىغا قاتناشقىلى كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان مېھرىيار خېنىم ئايسەنەم خېنىمنىڭ تۇغۇتىنى يوقلاش باھانىسى بىلەن بۇ ئۆيگە كەلدى. كەلدى-يۇ، «دادىسى بىلەن قەمبەر ئاكىسى ئۆيدە بولمىسا، ئايسەنەم خېنىمنى نەدىكى بىر ئاي توشسا ئىش ھەققىنى ئېلىشنىلا بىلىدىغان مايلار بىلەن ئۆز بالىلىرىدىن ئېشىنغاندا ئاندىن ئالدى ھويلىغا ئۆتەلەيدىغان ئامانەمخانغا تاشلاپ قويغىلى بولمايدۇ، تۇغۇتلۇق ئايال دېگەن ياخشى كۈتۈنۈشى كېرەك، دادىسى قايتىپ كەلگۈچە مەن بۇ ئۆيدە قېلىپ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاچ نەۋرە قىزىمنى باقىمەن» دەپ تۇرىۋېلىپ، باشقىلار ھاجىتى يوق دەپ قانچە توسقىنىغا ئۇنىماي قېلىنلىق قىلىپ بۇ ئۆيدە قالدى.

ئەسلى قائىدە بويىچە ئاجرىشىپ كېتىپ بولغان ئەرنىڭ ئۆيىدە مۇنداق تۇرىۋېلىش، بولۇپمۇ ئاجراشقاندىن كېيىن قايتا ئۆيلىنىپ ئۆيىگە ئاللىقاچان ئاغىچا ئەكىرىپ بولغان بىر ئادەمنىڭ ئۆيىگە كېلىپ «قىزىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىمەن» دەپ، ئۆزىنىڭ قىلچە قانداشلىقى بولمىغان، كىچىكىدىن تارتىپ ئۆچمەنلىك قىلىپ ھېچ ھالىنى قويمىغان بىر قىزغا ئانىلىق قىلىۋېلىشنىڭ قىلچە ئورنى يوق ئىدى. بۇ ھەم باشقىلار ئاڭلىسىمۇ ھەيرانلىقتىن دوپپىسى يەرگە چۈشۈپ كەتكۈدەكلا بىر ئىش ئىدى. بولۇپمۇ ئايسەنەم خېنىم ئۈچۈن بۇ مېھىرلەرنىڭ، بۇ ئانىلىقنىڭ زەررىچە كېرىكى يوق ئىدىكى، ئۇ ھازىر ئۆز ئانىسى شەرۋانەمنى دەممۇ- دەم سېغىنىپ، ئۇنىڭ خىيالى بىلەن كۈنلىرىنى غەمكىنلىك ئىچىدە ئۆتكۈزمەكتە ئىدى. شۇ تاپتىكى مېھرىيار خېنىمنىڭ ئۇنىڭغا باشقىچە كۈچۈكلىنىپ ۋاي دەپ كېتىشلىرى ھەممىلا ئادەمنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرگىنىدىن باشقا پايدىسى يوق بىھۇدە ئۇرۇنۇشلار ئىدى. ھېلىغۇ شۇنچە كۆيۈنۈپ ۋاي دەپتۇ، يۈرىكىنى يېرىپ ئالدىدا قويغۇدەك بولغان ھالەتتىمۇ ئايسەنەم خېنىم ئەمدى ئۇنىڭغا ھەرگىز ئىشەنمەيتتى

tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章