ئەرگە تىگىش ئۈچۈن بالىڭىزدىن كىچەمسىز؟ئالتۇندەك ئايال6.قسىم

文摘   2025-02-05 21:04   新疆  

新年快乐

چاغىنىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن


تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .





  بۈگۈن سەككىز تېمىدا ئەسەر يوللاردا ئىزدەۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ داۋامى تولۇق يوللاندى، باشقا ئەسەرلەرنىڭ داۋامىنى تاپالمىغان بولسىڭىز ئاستىدىكى شىپىننى تولۇق كۆرۈپ  قانداق چىقىرىشنى، ئۆگىنىۋالسىڭىز بولىدۇ .




ئالتۇندەك ئايال1-قسىم
ئالتۇندەك ئايال2-قسىم
ئالتۇندەك ئايال3
ئالتۇندەك ئايال4.قسىم
ئالتۇندەك ئايال5.قسىم



-- ئېرىڭىزغا ۋاپادارلىق قىلغىنىڭىز ئوبدان ئىش، لىكىن ياش تۇرۇپ گۈلدەك ئېچىلغان چېغىڭىزدا مەپتۇنكارلىقىڭىزنىڭ قەدرىگە يەتمەي، ئۆزىڭىزنى قىيناپ ئۆتىۋاتقىنىڭىزغا مېنىڭ يۈرۈكۈم چىدىمىدى. ئۆزىڭىزنى قويىۋىىتىپ ياشاڭ دەيمەن. 

- مەسىلەن قانداق قېلىپ؟

- سىز نىمىشقا ئۆزىڭىزنى قەدىرلىمەيسىز دەيمەن؟ سىز خېلىلىقىڭىز بار، مەپتۇنكارلىقىڭىز قىزبالىدىن قىلىشمايدىغان چوكان جۇما ئەركىشىنىڭ يۈرىكىگە ئوت سالىدىغان. سىز ئۆزىڭىزنىڭ مۇشۇ جەلىپكارلىقىنى بىلەمسىز، بىلمەمسز؟ ئەتراپىڭىزدا سىزنىڭ ۋىسالىڭىزغا يېتشكە تەشنا بولۇپ، پەرۋانىدەك ئۆزىنى ئېتىشقا ئىنتىزار بولۇپ تۇرغان مەندەك ئەرلەرمۇ بار. ئىچىڭىز پۇشۇپ قالسا ھايىت دېسىڭىزلا يېنىڭىزدا پەيدا بولىمەن.

- سىزنىڭ نېمە دىمەكچى بولغانلىقىڭىزنى چۈشىنەلمىدىم.

- خۇپسەنلىك قىلىۋاتامسىزيا، سىز شۇنداق ساددىمۇ؟ ئوچۇقىنى دېسەم مەن سىزگە ئاشىق. ۋېسالىڭىزغا يېتىشكە تەشنا. ئېرىڭىزگە ئىچىڭىز ئاغرىۋاتقان بولسا، كارغا كەلمەس ئېرىڭىزنىڭ يېنىدا ئۆزىڭىزنى قىيناپ يېتېۋەرمەي، مېنىڭ تەلىپىمگە كۆنسىڭىز خۇشاللىق تاپىسىز. ئېرىڭىزغا بىلدۈرمەي دۇكىنىمغا چىقسىڭىز تۇرمۇشىڭىزدىن خاتىرجەملىك تاپىسىز. قوش پايدا دىگەن  شۇ.

- سىز« توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلاپ» ئابلەتجاننىڭ كۆپ ياردېمىگە ئېرىشكەن دوستى تۇرۇپ مۇشۇنداق دېسىڭىز، مەن ئىككى بالامنىڭ يۈز خاتىرىسىنى قىلماي سىز دىگەن گەپكە ماقۇل بولسام، سىزنىڭچە قانداق بولا؟

- قانداق بولاتتى، ھېچقانداق بولمايدۇ. سىز ئىچ پۇشۇقىدىن قۇتۇلۇپ خۇشاللىق تاپىسىز. مەن سىزنىڭ ۋىسالىڭىزغا يېتىپ كۆڭلۈم ئېچىلىدۇ. سىزنى يېشىڭىزدىن بۇرۇن سۇندۇرماقچى بولغان تۇرمۇش قىيىنچىلىقىڭىزمۇ ھەل بولىدۇ. تۇرمۇش دېگەندە بۇنىڭدىن ياخشى نېمە ئىش بار؟

- ئابلەتجاننىڭ سىزنىڭ مەسلىھەتىڭىزنى ئاڭلاپ نېمىشقا ئۇيچان بولۇپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئەمدى چۈشەندىم. بۇ گېپىڭىز مۇشۇ يەردىلا قالسۇن.  ئابلەتجاننىڭ قۇلىقىغا يېتىپ قالسا، ئوتتۇراڭلاردىكى دوستلۇقۇڭلارغا تەسىر يېتىدۇ. سىز بۇ گەپنى دېمىگەن بولۇڭ، مەن ئاڭلىمىغان بولاي. ئىلگىرىكى مۇناسىۋىتىمىزنى ساقلاپ ئۆتەيلى. ئۇنداق بولماي كېلەر قېتىم يەنە مۇشۇنداق مەقسەتتە گەپ قىلىدىغان بولسىڭىز يۈزىڭىزگە تۈكۈرىمەن.- دېدى ئالتۇنگۈل ئاياپ تۇرمايلا.  ئالتۇنگۈلنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىغان رەجەپ:

- ياخشىلىق قىلغاننى بىلمەيدىغان خوتۇن. ئىززىتىنى قىلغاننى بىلمەيدىغان…  - دەپ غودۇرىغىنىچە ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.

رەجەپنىڭ گەپلىرى كۆڭلىگە تەگكەن ئالتۇنگۈل كەيپىياتىنى تەڭشىۋېلىش ئۈچۈن ھويلىدا بىر ئاز تۇرماقچى بولۇپ سۇپىغا كېلىپ ئولتۇردى. شۇ ۋاقىتتا ئۇزۇن يىل ئىلگىرىكى رەجەپكە مۇناسىۋەتلىك بىر ئىش خىيالىدىن ئۆتۈشكە باشلىدى.

ئۇ چاغدا ئالتۇنگۈل ئىككىنچى بالىسىغا قورساق كۆتۈرگىلى ئۇزۇن بولمىغان ئىدى. شۇ كۈنى ئابلەتجان دۇكاندىن كىرىپ تۇرۇشىغا رەجەپنىڭ ئايالى ئاچچىق ئازاب ئىچىدە ئۆيگە كىردى. رەجەپنىڭ ئايالى ئەلەمدىن ئېسىنى يوقىتىپ قويغاندەك ئابلەتجان ئەر-ئايال بىلەن سالاملىشىشنىمۇ ئۇنتۇپ:

- رەجەپ يەنە ئىش تېرىپ قويدى. ئۇنىڭ بۇ قېتىم تېرىغان ئىشى ئائىلىمىزنى ۋەيران قىلىدىغان ئوخشايدۇ. رەجەپ بۇ قېتىم قىمار ئويناپ قولىدىكى پۇلنىڭ ھەممىنى ئۇتتۇرۇپ بولۇپ، بىرمۇنچە پۇلغا قەرزدار بولۇپ قاپتۇ. قەرز ئىگىسى رەجەپنىڭ دۇكىنىدىكى مېلى بىلەن قوشۇپ دۇكىنىنى تارتىۋالماقچى بولۇۋاتقان ئوخشايدۇ. دۇكان قولدىن چىقىپ كەتسە ئائىلىمىز قىيىن كۈنگە قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن رەجەپمۇ ئىشتىن بىكار بولۇپ، قىلىدىغان ئىشى يوق ئادەمگە ئايلىنىپ قالسا كېرەكتىن چىقىپ كېتىدۇ. رەجەپنىڭ بىر-نەچچە يېقىنلىرىنىڭ يېنىغا ھال ئېيتىپ بارسام ئۇلار مەن بىلەن كۆرۈشۈشنى خالىماي قېچىۋېلىشتى. شۇڭا سىزدىن ئۈمىد كۈتۈپ يېنىڭىزغا كېلىشىم. ئۇششاق بالىلىرىمىز بار. سىز بىزگە ياردەم قىلىپ ئائىلىمىزنى قۇتقۇزۇپ قالغان بولسىڭىز.-رەجەپنىڭ ئايالى شۇنداق دەپ يىغلاپ كەتتى.

- «قان يالىغان ئىت كالتەك ئاستىدا ئۆلەر» دېگەندەك،  رەجەپنى بۇ قېتىم يەنە ئاسانلا قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتكۈزۈپ قويساق ئۇ تۈزلەرمۇ؟ ئۇنىڭ بۇ ھالغا چۈشۈپ قېلىشى بۇ بىرلا قېتىم ئەمەس. - دېدى ئابلەتجان.

- رەجەپنىڭ تۈزۈلۈشىگە ئىشەنچ قىلالمىساقمۇ، ئۇنىڭ ئايالى ۋە ئىككى گۆدەك بالىسىنى كۆزدە تۇتمىساق بولمايدۇ. - دېدى ئالتۇنگۈل.

بۇ گەپنى ئاڭلىغان رەجەپنىڭ ئايالى ئۈمىد ئىچىدە ئالتۇنگۈلگە تەلمۈرۈپ قارىدى.

ئابلەتجان ئالتۇنگۈلنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، رەجەپنىڭ ئايالىغا رەجەپكە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. رەجەپنى قەرزدارچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇنىڭ دۇكىنىنى قولىدا ساقلاپ قالدى. رەجەپنىڭ تىجارىتىنى يۈرۈشتۈرۈۋېلىشى ئۈچۈن قولىدا دەسمىي قىلغۇدەك پۇلنىڭ يوقلىقىنى بىلىپ، بۇ ئىشىغىمۇ ياردەم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن رەجەپنىڭ ئىشلىرىمۇ ئىزىغا چۈشتى.

شۇ چاغدا ئابلەتجاننىڭ ئۆزىگە قىلغان ياردىمىدىن چەكسىز خۇرسەن بولغان رەجەپ ھاياجاندىن كۆزىگە ياش ئېلىپ:

- بۇ قېتىم ماڭا تۇغقانلىرىممۇ ياردەم قىلغىلى ئۇنىمىغان، ماڭا قىلغان ياردىمىڭلارنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن.     - دەپ كۆڭلىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن رەجەپنىڭ ئابلەتجان بىلەن بولغان دوستلۇقى چوڭقۇرلىشىپ، يېقىن دوستلاردىن بولۇپ ئۆتۈۋاتقان ئىدى.

- ئانا، ئانا.- دەپ چاقىرغان كىچىك بالىنىڭ ئەنسىز ئاۋازى ئالتۇنگۈلنى ئېسىگە كەلتۈردى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ بولغىچە ئوغلى يىغلامسىرىغان پېتى كىرىپ،- ئانا، ئاچام ئىككىمىز مەكتەپتىن قايتقۇچە بىر-بىرىمىزنى قوغلىشىپ ئوينىغاچ كېلىۋېتىپ، ئاچام مېنى تۇتىۋالىمەن دەپ قوغلاۋېتىپ، يولنىڭ قىرىغا پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشۈپ، پۇتۇم ئاغرىپ كەتتى دەپ ئورنىدىن تۇرالماي يىغلاپ قالدى. شۇڭا مەن سېنى چاقىرغىلى كەلدىم.- دېدى. ئوغلىنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان ئالتۇنگۈلنىڭ يۈرىكى ئەنسىز سوقۇپ، جىددىيلەشكەن ھالدا ئوغلىغا ئەگىشىپ ئۆيدىن چىقتى.

ئالتۇنگۈل قىزى يىقىلىپ چۈشكەن يەرگە يېتىپ كەلگەندە قىزىنىڭ ئەتراپىغا بىر-نەچچەيلەن يىغىلىپ تۇرۇشاتتى. ئالتۇنگۈل ئالدىراپ كەلگىنىچە قىزىنى باغرىغا ئېلىپ، ئەتراپتا تۇرغانلار ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان كىچىك ماشىنىغا قىزىنى ئېلىپ چىقىپ، دوختۇرخانىغا يۈرۈپ كەتتى.

دوختۇرخانىدىكى تەكشۈرۈشتىن كېيىن بالىنىڭ پاچاق سۆڭىكى چاك كەتكەن بولۇپ چىقتى. چاك كەتكەن پاقالچاق سۆڭىكىنى قاداش ئۈچۈن بالنىستتا ياتقۇزۇپ داۋالىنىشى زۆرۈرلۈكى ئۇقتۇرۇلدى.

ئالتۇنگۈل دوختۇرنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، بىر تەرەپتىن قىزىنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەنسىرىسە، بىر تەرەپتىن ئائىلىسىدە ئائىلىدىكىلەرنىڭ بىر ۋاقلىق تاماق يېيىشىگە يەتكۈدەكمۇ پۇل قالمىغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ئالتۇنگۈلنىڭ بېشى پىررىدە قايدى. ئىلاجىسىزلىق ئىچىدە تېڭىرقىدى.

ئالتۇنگۈل ئاغرىق ئازابىدىن ئىڭراپ ياتقان قىزىغا قاراپ يۈرىكى ھەرە چاققاندەك ۋىژژىدە ئېچىشىپ، ئانىلىق قەلبى تىترەپ كۆزىدىن ياش ئاقتى. بالىسىنىڭ ئازابى ئالدىدىكى خىجالەتچىلىك، يوقسۇزلۇق ئۇنىڭ ئانىلىق قەلبىنى لەختە لەختە قىلىۋېتىپ باراتتى. مۇشۇ خىل ئازاب ئىچىدە ئالتۇنگۈل نەدىن، كىمدىن پۇل سورىشىنى بىلەلمەي بېشى قاتتى.

                                   ***

چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ئەكرەمجان دۇكانغا ماڭاي دەپ تۇرۇشىغا ئىشىك چېكىلدى. ئەكرەمجان ئالدىراپ چىقىپ ئىشىكنى ئاچتى. ئىشىك ئالدىدا تۇرغان ناتونۇش ئەرنى كۆرۈپ مەڭدەپ تۇرۇپ قالدى. ئىشىك ئالدىدىكى ئەر ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ، ئىسمىنىڭ غەيرەتجان ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ زىبەيدە بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەنلىكىنى، ئەكرەمجاننىڭمۇ زىبەيدە بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ ئۆزىنىڭ گېپىنى ئاڭلىشىنى تەلەپ قىلدى.

غەيرەتجاننىڭ گېپىنى ئاڭلىغان ئەكرەمجان سەل ئىككىلىنىپرەك غەيرەتجاننى ئۆيگە تەكلىپ قىلدى. ئۇنى ئايرىم ئۆيگە باشلاپ زىبەيدەنى باشلاپ كىردى.

زىبەيدە ئۆيگە كىرىپلا غەيرەتجاننى تونۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئامانلىق سوراشتى. كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئورنىغا ئولتۇرۇپ بولغان غەيرەتجان:

- سىزنى ئىزدەپ كەلگىنىمنى باشقىچە ئويلاپ قالماڭ سىڭلىم زىبەيدە، ئەسلىدە بۇ ئىش توغرۇلۇق ئىنىڭىز بىلەن كۆرۈشسەم توغرا بولاتتى، بىراق مېنىڭ بايقىشىمچە ئابلەتجانغا سىزدىن باشقا قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ چىن يۈرىكىدىن چىقىرىپ كۆيۈنمەيدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەچكە سىزنى ئىزدەپ كېلىپ قالدىم.

سىزمۇ ئوبدان بىلىسىز، مەن ئابلەتجان بىلەن بىللە بىر مەھەللىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان دوستلاردىن. بىز بالىلىقىمىزدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان. داداڭلار بالدۇرلا ئۆلۈپ كەتكەچكە، ئابلەتجان كىچىكلا تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن بولۇپ كەتكەن. ئۇ چاغدا مەن ئاتا-ئانامنىڭ ھىمايىسىدە ھېچ نەرسىنىڭ غېمىنى قىلماي ئويناپ يۈرگەن گۆدەك ياش ئىدىم.

مەن ئون سەككىز ياشقا كىرگەن يىلى دادام سودىدا ۋەيران بولۇپ، ئائىلىمىز قىيىن كۈنگە قالدى. مەن بۇ چاغقىچە ئويناپ يۈرگەچكە قولۇمدىن ھېچ ئىش كەلمەيتتى. شۇ چاغدا «كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال» دېگەندەك، ئانام ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قېلىپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ چىققۇدەكمۇ پۇلنىڭ ئامالىنى قىلالمىدۇق. دادام قاتتىق ھەسرەت ئىچىدە قالغان ئىدى. مېنىڭ ئانامنىڭ كېسەللىكتىكى تارتىۋاتقان ئازابىغا قاراپ يۈرىكىم تىتما تىتما بولۇپ كېتىپ باراتتى، بىراق قولۇمدىن ھېچ ئىش كەلمەيتتى. باشقىلاردىن ياردەم سورىغان بولساممۇ ھېچقانداق كىشىنىڭ ياردىمىگە  ئېرىشەلمىدىم. چۈنكى باشقىلار بىزنىڭ ئائىلىنىڭ قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ يوقلىقىنى چۈشىنىپ قالغان ئىدى.

مەن شۇ چاغدا تۇرمۇشنىڭ ئىنتايىن قاتتىق قول ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم. كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭمۇ ئادەمگەرچىلىكنى ئەمەس، پايدا مەنپەئەتنى ئالدىنقى شەرت قىلىدىغانلىقىنى، پايدا مەنپەئەت ئالدىدا ئادەم ئازابىنىڭ ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەيدىغانلىقىنى چۈشەندىم. شۇ چاغدا مەن ئىنتايىن ئازابلىنىپ، چوڭقۇر ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە قالغان ئىدىم.

مەن ئاشۇ پېتى قالغان بولسام كىشىلەر ئارىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەت، ئىشەنچ، دوستلۇق، قىيىنچىلىق ئىچىدە قالغانلارغا ياردەم قىلىش دېگەن گەپلەرگە ئىشەنمىگەن، باشقىچە ئادەم بولۇپ ياشىغان بولاتتىم.

مەن ئاشۇنداق پەرىشان تۇرغان ۋاقتىمدا ئابلەتجان مېنى ئىزدەپ كېلىپ قالدى. مەندىن ئەھۋال سوراپ، ئانامنىڭ ئاغرىق ئازابى ئىچىدە ئامالسىز قالغانلىقىنى بىلىپ، ئورنىدا تۇرالماي قالدى. ئۇ چاغدا ئابلەتجاننىڭمۇ قولىدا تۈزۈك ئېشىنچا پۇل يوق ئىدى. شۇ ئەھۋالدا تۇرۇپمۇ ئىككىلەنمەستىن مېنى باشلاپ ئۆيىگە باردى. ئۆيدىكىلەر تاماق يەيدىغان بارلىق پۇلنى ئېلىپ چىقىپ قولۇمغا تۇتقۇزۇپ، شۇ پۇل بىلەن ئانامنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ چىقىشىمنى تاپىلاپ، مېنىڭ ئارقىمدىن يەنە پىتكە پۇلنىڭ يولىنى قىلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قالدى.  

مەن ئانامنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ چىقىپ ئورۇنلاشتۇردۇم. ئانامنىڭ تومۇرىغا تۇنجى دورا سۇيۇقلۇقى ئېقىشقا باشلىغاندا، ئانامنىڭ كېسەل ئازابىدىن قۇتۇلۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم ئاشتى. مېنىڭ ئەنسىزلىك ئىچىدە قالغان بالىلىق كۆڭلۈممۇ تەسكىن تاپتى. كەچتە ئابلەتجان دوختۇرخانىغا چىقىپ قولۇمغا يەنە بىر مۇنچە پۇل تۇتقۇزدى. مەن ئۇنىڭدىن بۇ پۇلنى نەدىن تاپقانلىقىنى سورىسام ئۇ:

- بۇ پۇلنى ئېلىپ خاتىرجەم بولۇپ ئاناڭنى داۋالاتقىن.   - دەپ ماڭا ئىلھام، مەدەت بېرىدىغان گەپلەرنى قىلىپ كىرىپ كەتتى. كېيىن سۈرۈشتۈرسەم ئابلەتجان بۇ پۇلنى سودا قىلىش ئۈچۈن يىللاردىن بېرى ئىقتىسادچىللىق بىلەن يىغقان ئىكەن. مەن مۇشۇ چاغدىلا دوستلۇقنىڭ، قىيىن ئەھۋالدا قالغانلارغا ياردەم قىلىشنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يەتكەن ئىدىم.

كېيىن ئانام دوختۇرخانىدىن ساقىيىپ قايتىپ كىردى. مەن يەنە بېشى يوق يىلاندەك قىلىدىغان ئىشىمنى تاپالماي قېيىپ يۈرەتتىم. مۇشۇ چاغدىمۇ ئابلەتجان مېنى ئىزدەپ كېلىپ، ماڭا نۇرغۇن نەسىھەت قىلىپ، مېنى يېتەكلەپ ئىش ئورنىغا ئېلىپ چىقتى. ئېغىر ئەمگەككە چىدىماي بەرداشلىق بېرەلمىسەم تەسەللىي بېرىپ، ئۈمىدۋار تىلەكلەر بىلەن قىزغىنلىققا يېتەكلەپ كۆڭلۈمنى ئۆستۈرۈپ تۇردى. شۇنداق قىلىپ بىز ئايرىلماس دوستلاردىن بولۇپ كەتتۇق.

ئاينىڭ ئون بەشى قاراڭغۇ، ئون بەشى ئايدىڭ دېگەندەك، ئابلەتجان ئىككىمىز ئاشۇنداق جاپالىق ئىشلەپ يۈرۈپ ئاز ئازدىن پۇل يىغقاندىن كېيىن، ئابلەتجاننىڭ يېتەكلىشى بىلەن سودىغا كىرىشتۇق. «تېرىساڭ ئالىسەن، تىرىشساڭ تاپىسەن» دېگەندەك، بىزنىڭ بىر-نەچچە يىللىق تىرىشچانلىقىمىز مېۋە بېرىپ، خېلى ئوبدان تىجارەتچىلەردىن بولۇپ قالدۇق.

بۇ چاغدا ئابلەتجان ئىككىمىزمۇ ئۆيلىنىش يېشىغا يېتىپ قالغان ئىدۇق. شۇ چاغدا ئابلەتجان ئىككىمىزنىڭ كۆزى بىر قىزغا چۈشۈپ قالدى. ھەر ئىككىلىمىز ئاستىرتتىن قىزنى ياخشى كۆرەتتۇقۇ، لېكىن قىزنىڭ ئالدىنى توسۇپ مۇھەببەت ئىزھار قىلىشقا جۈرەت قىلالمايتتۇق. شۇ چاغدا ئابلەتجان مەندىن چاققانراق چىقىپ قىزنىڭ ئۆيىگە ئانىسىنى ئەۋەتىپ، ئۆزى ئۈچۈن قىزنى سوراتقۇزدى. قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ئابلەتجاننىڭ پەزىلىتىنى بىلگەچكە ئابلەتجانغا ماقۇللۇق بەردى.

مەن ئابلەتجاندىن بۇ گەپنى ئاڭلاپ، قىزغا چىدىماي ئىچىمگە ئوت كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمنى بېسىۋالالماي قىزنىڭ ئالدىنى توسۇپ كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلدىم. بىراق قىز ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئابلەتجانغا ماقۇللۇق بېرىپ بولغانلىقىنى ئېيتىپ كۆڭلۈمنى رەت قىلدى. مېنىڭ بۇ ئىشتا بۇنداقلا بولدى قىلغۇم كەلمەي، قىزغا يېپىشىۋېلىپ، ئۇنى ماڭغىلى قويماي كۆڭلۈمنى قوبۇل قىلىشىنى ئۆتۈندۈم.

شۇ ئەھۋالنىڭ ئۈستىگە ئابلەتجان كېلىپ قالدى. نېمىشقىدۇر شۇ ۋاقىتتا ئابلەتجاننى كۆرۈپلا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بوشۇشۇپ، چوڭقۇر خىجالەتچىلىك ئىچىدە قېلىپ، ئابلەتجانغا قاراشقا پېتىنالماي بۇ يەردىن قاچقاندەك كېتىپ قالدىم.

شۇنىڭدىن كېيىن مەن ئابلەتجاننىڭ ئالدىدا ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قېلىپ، ئابلەتجانغا يۈزلىنىشكە بەرداشلىق بېرەلمەي، سودىدىكى ئۇنىڭ بىلەن بولغان شېرىكچىلىكتىن ئايرىلىپ، ھەر ئىككىلىمىز ئۆز ئالدىمىزغا تىجارەت قىلىشقا باشلىدۇق. ئابلەتجانمۇ كۆڭۈللۈك تويىنى ئۆتكۈزۈۋالدى. ئۇ قىز دەل ھازىرقى خاناچىڭىز ئالتۇنگۈل ئىدى.

مەن ئاشۇ ئىشىم سەۋەبلىك ياخشى بىر دوستۇمدىن ئايرىلىپ قالدىم. شۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا ئابلەتجاننى ئەسلەپ ئۇنىڭ بىلەن سىرداشقۇم، كۆڭۈللۈك پاراڭلاشقۇم  بولسىمۇ ئۇنداق قىلالمىدىم. مانا ئارىدىن شۇنچە يىل ئۆتۈپ كەتتى. ياخشى ئادەملەر دوقالدا بىر ئويلىمىغان قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراپ قالىدىكەن. ئابلەتجاننىڭ كېسەل بولۇپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ ئۇنى شۇنچە كۆرگۈم، يوقلاپ كەلگۈم كەلگەن بولسىمۇ جۈرەت قىلالمىدىم. ئەمما باشقىلاردىن ئۇنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇردۇم. «يېتىپ يېسە تاغمۇ توشىماپتۇ» دېگەندەك، ئاڭلىسام ئابلەتجان كېسەل بولۇپ قالغان ئۈچ يىلدىن بېرى داۋالىنىمەن دەپ ھەممە پۇلدىن ئايرىلىپ، بىر-مۇنچە پۇلغا قەرز بولۇپ قالغاچقا، ئۆينى ساتماقچى بولۇۋېتىپتۇ. كېسەللىك سەۋەبى بىلەن شۇنچە مۇھەببەتلىك بىر ئائىلە بۇنداقلا ئاسان سەرسانچىلىقتا قالسا بولمايدۇ.

ئويلاپ باقسام مەن بۇ چاغقىچە ئابلەتجانغا قىلدەك دوستلۇقۇمنى يەتكۈزۈپ باقماپتىمەن. ئابلەتجاندەك ياخشى ئادەم قىيىن كۈندە قالسا بولمايدۇ. مەن مۇشۇ چاغدىمۇ ئابلەتجان بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشكە جۈرەت قىلالمىدىم. يەنە بىر جەھەتتىن ئالتۇنگۈلنىڭ يۈزىگە قاراشقىمۇ خىجىل بولىمەن. سىز ئارىغا چۈشۈپ ئاكىڭىزغا «ئۆينى سېتىشىڭغا يولدىشىم قوشۇلمىدى. ئۇ ئامال قىلىپ سېنىڭ قەرزىڭنى پاك پاكىز قايتۇرىۋېتىدىغان بولدى.» دەپ ئاكىڭىزنى ئىشەندۈرۈپ، قەرز ئىگىلىرىنى بىلىپ كەلسىڭىز. ئەكرەمجان، سىز، مەن ئۈچىمىز بىرلىكتە بېرىپ قەرز ئىگىلىرىنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇپ ئاكىڭىزنى قەرزدىن خالاس قىلساق. ئاكىڭىز قەرزدارچىلىقتىن قۇتۇلۇپ ئۇنىڭ كۆڭلى ئارام تاپقاندىن كېيىن، ئاكىڭىزنىڭ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداشقا بىر ئامال ئويلاشساق. خاتىرجەم بولۇڭ، مەن قەرز ئىگىلىرىگە بەرگەن پۇلنى ئاكىڭىز پۇل تاپالىغۇدەك بولۇپ قايتۇرۇپ بەرگەندە ئالىمەن، بولمىسا دوستۇمغا ياردەم قىلغان بولۇپ تۈگىتىۋېتىمەن. شۇڭا بۇ ئىش توغرۇلۇق ئابلەتجاندىنمۇ، سىزدىنمۇ ھېچقانداق ھۆججەت، ئىسپات تەلەپ قىلمايمەن. ھازىرچە مەن ئازراق پۇل ئالغاچ كەلگەن، بۇ پۇلنى ئېلىپ ئاكىڭىزغا بېرىڭ. بۇ پۇل بىلەن ئۇ تۇرمۇشىنى قامداپ تۇرسۇن.- غەيرەتجان شۇنداق دەپ گېپىنى ئاخىرلاشتۇردى. يېنىدىن بىر باغلام پۇلنى چىقىرىپ زىبەيدەنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.

شۇ ئىشنىڭ ئۈستىگە مەھەللىدىكى تونۇش بىرەيلەن كىرىپ، ئابلەتجاننىڭ قىزىنىڭ مەكتەپتىن قايتىپ يولدا كېلىۋاتقۇچە ھادىسىگە يولۇققانلىقىنى، ئالتۇنگۈلنىڭ ئۇنى ئېلىپ دوختۇرخانىغا چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. بۇ گەپنى ئاڭلىغان زىبەيدە جىددىيلىشىپ:

- مەن ھازىرلا دوختۇرخانىغا چىقاي، خاناچامنىڭ قولىدا دوختۇرخانىغا تۆلىگۈدەك پۇل بولمىسا خىجالەتچىلىك تارتىپ، ئىككى تەرىپىگە قاراپ قالمىسۇن.- دەپ، ئالدىراپ ئۆيدىن چىقتى.

زىبەيدە دوختۇرخانىغا چىققاندا ئالتۇنگۈل قانداق قىلىشنى بىلمەي قىزى بىلەن تەڭ ئازابلىنىپ ئولتۇرغان ئىدى. ئۇ زىبەيدەنى كۆرۈپ چوڭ بىر ھېماتچىغا ئېرىشكەندەك ئۈمىد بىلەن ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ قارىدى. زىبەيدە ئالتۇنگۈلنىڭ ئەھۋالىغا قاراپلا، ئۇنىڭغا ئارتۇق گەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى بىلىپ، ئالتۇنگۈلنىڭ قولىدىن پۇل تاپشۇرۇش قەغىزىنى ئېلىپ، ئالتۇنگۈلگە بالىسىنى ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تاپىلاپ، ئۆزى پۇل تۆلەش ئورنىغا كېلىپ پۇل تاپشۇردى.
ئالتۇنگۈل قىزىنى ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپ كۆڭلى سەل ئارامىغا چۈشتى. ئۇ كۆڭلى تىنجىپلا يېنىغا كىرگەن زىبەيدەگە:

-  مەن بايا ئۆيدىن چىقىدىغان چاغدا بەك جىددىيلىشىپ كەتكەچكە بۇ ئىشتىن ئاكىڭىزنى خەۋەرلەندۈرمەيلا  چىققان. ئاكىڭىزنىڭ ئاستىنى قۇرۇقداپ، چۈشلۈك تامىقىنى بېرىدىغان ئىشىم بار ئىدى. ئالدىراش ئىشىڭىز بولمىسا قىزىمغا سىز قاراپ تۇرغان بولسىڭىز. مەن ئۆيگە كىرىپ ئاكىڭىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاچ ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇۋېتىپ چىققان بولسام.- دېدى.

- خاتىرجەم بولۇڭ خاناچا، بالىنىڭ سالامەتلىكىدىنمۇ مۇھىم زۆرۈر ئىش بولمايدۇ. سىز ئالدىرىماي ئۆيگە كىرىپ  ئىشلىرىڭىزنى ئورۇنلاشتۇرۇۋېلىڭ. بالىنىڭ يېنىدا مەن بار زۆرۈر بولۇپ قالسا ئەكرەمجاننى چاقىرساممۇ، ئانامنى چاقىرىپ چىقساممۇ بولىدۇ. دوختۇرخانىدا مەن بولغاندىكىن بۇ يەردىكى ئىشلاردىن ئەنسىرەپ كەتمەي ئىشىڭىزنى قىلىۋېلىڭ.- دېدى.

ئالتۇنگۈل زىبەيدەنىڭ گېپى بىلەن كۆڭلى ئارام تېپىپ ئالدىراپ ئۆيگە ياندى.

tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章