توي ۋە سۈيقەست24-قسىم

文摘   2025-02-05 21:04   新疆  

تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

،چىرايلىق چوكان،تالاغا قارىغان ئايال، جىنايەت ۋە جازا شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .




 

 توي ۋە سۈيقەست1-قسىم
توي ۋە سۈيقەست2-قسىم
توي ۋە سۈيقەست3-قسىم
توي ۋە سۈيقەست4-قسىم
توي ۋە سۈيقەست5-قسىم
توي ۋە سۈيقەست6-قسىم
توي ۋە سۈيقەست7-قسىم
توي ۋە سۈيقەست8-قسىم
توي ۋە سۈيقەست9-10-قسىم
توي ۋە سۈيقەست11-قسىم
توي ۋە سۈيقەست12-قسىم
توي ۋە سۈيقەست13-قسىم
توي ۋە سۈيقەست14-قسىم
توي ۋە سۈيقەست15-قسىم
توي ۋە سۈيقەست16-قسىم
توي ۋە سۈيقەست17-قسىم
توي ۋە سۈيقەست18-قسىم
توي ۋە سۈيقەست19-قسىم
توي ۋە سۈيقەست20-قسىم
توي ۋە سۈيقەست21-قسىم
توي ۋە سۈيقەست22-قسىم
توي ۋە سۈيقەست23-قسىم


_24-قىسىم

سەھەردە ئىشىكنىڭ قاتتىق چېكىلىشى بىلەن كۆزۈمنى ئېچىپ يېنىمدا ياتقان يولدىشىمنى كۆرۈپ قورقۇپ ۋارقىرىدىم.

_ ۋايجان..

يولدىشىم ئۇيقۇدىن كۆزىنى ئېچىپ ماڭا ۋە ئۆزى قاراپ ھەيرانلىقتا تۇرۇپ قالدى.

_ بۇ..بۇ..

_ سىز. ماڭا چېقىلدىڭىزما؟ بىز نېمە دېيىشكەن..

_ مەنمۇ بىلمىدىم. تۈنۈگۈن زادى نېمىش بولدى؟_ ئۇ يوتقاننى ئېچىپ قاراپ باققاندىن كېيىن چۆچۈپ كەتتى،_ تۈنۈگۈن بىز..

بېشىمنى تۇتقىنىمچە جايىمدا ئولتۇرۇپ قالدىم.  ئىشىك توختىماي چېكىلەتتى.

يولدىشىم ئالدىراپ كىيىمىنى كەيگەندىن كېيىن ئىشىكنى ئېچىش ئۈچۈن چىقىپ كەتتى.

ئۇ چىقىپ كېتىشى بىلەن مۇنچىغا كىرىپ كەتتىم. تۈنۈگۈن زادى نېمە ئىشلار بولغىنى ئېسىمدە يوق ئىدى. لېكىن چوقۇم بىر ئىش بولغانلىقىغا ئىشىنەتتىم. چۈنكى ھېچ ئىش بولمىسا يولدىشىمنىڭ خاراكتىرىدە مېنىڭ يېنىمدا يېتىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۆزۈمدىن سەسكىنىشكە باشلىدىم. ئويۇننى بۇ دەرىجىگە يەتكۈزۈشۈمنى ئويلاپ باقمىغانىدىم. بەدىنىمنى كۈچەپ يۇيۇپ ئۆزۈمچىلا يىغلاپ كەتتىم. گەرچە ئۇنىڭغا بىر ئاز كۆڭلۈم چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىشنىڭ مېنىڭ رايىم بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا يۈز بېرىشىنى خالىمايتتىم.

  مۇنچىدىن چىققاندىن كېيىن، كىيىمىمنى ئالماشتۇردۇم. ئۇ ياتاق ئۆيگە كىردى.

_ دادام بىزنى چىقىپ ناشتا قىلسۇن دەيدۇ..

_ چىقمايمەن. مەن بىردەم يالغۇز ئولتۇراي،_ دېدىم ئۇنىڭ يۈزىگە قاراشتىن ئۇيۇلۇپ.

_ ئاۋال دادامنىڭ يېنىغا چىقايلى، قالغان گەپنى قايتىپ كىرىپ دېيىشەيلى بولامدۇ..

ئۇنىڭ تارتىشى بىلەن ئۈستى قەۋەتكە قاراپ ماڭدىم.

يولدىشىمنىڭ دادىسى يەنە چوڭ سافادا ئولتۇراتتى. ئاستا مېڭىپ ئۇدۇلدىكى سافاغا كەلدۇق.

_ تۈنۈگۈن ياخشى ئارام ئالدىڭلارمۇ؟

_ شۇ..شۇنداق.._ دېدى يولدىشىم دۇدۇقلاپ.

_ ياخشى بوپتۇ، تۈنۈگۈن تويغا ياخشى ماسلىشىپ بەردىڭلار..

_ ئۇ ئۆزۈمنىڭ تويى تۇرسا ماسلاشمىسام قانداق بولىدۇ..

ئۇلارنىڭ پارىڭى دادا ۋە بالىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پاراڭغا ئەمەس، يېڭى تونۇشقان كىشىلەرگە ئوخشايتتى.

_ نەچچە كۈن دەم ئېلىۋەتكەندىن كېيىن شىركەتكە بار.سېنى باش دېرىكتور دەپ جاكارلىۋەتتىم...

_ ۋوي، ئۇنچە ئالدىراشنىڭ نېمە ھاجىتى. يېڭى توي قىلغان يىگىت، ئۆيدە ئارام ئېلىۋېلىپ ئاندىن بارمامدۇ..شىركەتتە مېنىڭ نەۋرە ئىنىم بار تۇرسا..،_ دېدى يولدىشىمنىڭ ئۆگەي ئاپىسى ئۇدۇلىمىزدا ئولتۇرۇپ.

_ بارىمەن دادا، نەچچە كۈندىن كېيىنلا بارىمەن،_يولدىشىم  ئۆگەي ئاپىسىغا سەت قاراپ قويدى.

_ شۇشۇ.. مېنىڭچىمۇ شۇنداق قىل. شىركەتكە بېرىپ قويمىساڭ بولمايدۇ..مەن خەقنىڭ ئالدىدا جاكارلاپ قويغاندىن كېيىن قىسقا ئارلىقتا بارمىساڭ، باشقىلار قارارىمنى يالغانمىكىن دەپ قالىدۇ..

_ ئەنسىرىمەڭە دادىسى، نەۋرە ئىنىم شىركەتتىكىلەرگە توغرا چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ..

يولدىشىمنىڭ ئۆگەي ئاپىسى ئۇنىڭ شىركەتكە بېرىشىنى خالىمايدىغاندەك قىلاتتى.

_ ئاپىڭىزنىڭ ئەھۋالى ياخشىمىكەن..تۈنۈگۈن تويغا كېلەلمىدى..

_ خېلى ياخشى بوپ قاپتۇ. تۈنۈگۈن كەلگەن..

_ كەلگەن؟ ئاپىڭىز كەلدىما؟ مەن ھەجەپ كۆرمىدىمغۇ..

ئۆرۈلۈپ يولدىشىمنىڭ ئۆگەي ئاپىسىغا قاراپ قويدۇم. ئۇ كۆزىنى مەندىن قاچۇراتتى.

_ ئايالىڭ ئورۇن توشۇپ كەتتى دېگەچكە قېيىن ئاپام ئولتۇرمىدى..

_ بۇ قانداق گەپ ئەمدى؟! ئۆزىمىزنىڭ ھويلىسىدا قىلغان تويغىمۇ ئورۇن ئارتۇقلۇق قىلامتى..بىرەر ئورۇندۇق قوشساقلا بولىدىغان ئىشقۇ،_ يولدىشىمنىڭ دادىسى ئايالىغا قاراپ قويدى.

_ ۋاي ئۆزىڭىز ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ ئورنىغا ئادەم تېپىڭ دېگەنتىڭىزغۇ، مەن ئادەم تېپىپ بولغاندا قۇدىمىز تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالدى، مەن نېمە قىلىشنى بىلمەي قالدىم..شۇنىڭ بىلەن..

_ قېيىن ئاپام تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالمىدى، مەن ئۆيگە بېرىپ ئەكەلگەن..

_ نېمىشقا؟ سىلەر قىزىقكەنسىلەرغۇ..ئۈلۈشكۈن مىجەزى يوق كېلەلمەيدۇ دېگەنغۇ..

_ ئايالىم بەك يالغۇز قالدى، شۇڭا ئاپىسىنى ئالغاچ كەلگەنتىم. مىجەزى بولمىسا ھېچ بولمىسا تويدا تۇرۇپ بەرسىمۇ مەيلى دەپ ئويلىغان..

_ دادىسى، بۇ ئىشتا مەندىن خاپا بولمسىڭىز بولمايدۇ جۇمۇ.. مەن قۇدىمىزغا سەھنىگە چىقىمەن دېسىڭىز سۆزلەرنى يادلىۋېلىڭ دېدىم، ئۇنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەنكەن. يادلىيالمايمەن دېدى..شۇنىڭ بىلەن بىز تەكلىپ قىلغان ئايالنى تاللىدىم..بۇمۇ بىزنىڭ ئائىلىمىز ئۈچۈنغۇ..ئۇ ئايال چىقىپ سۆزلىيەلمەي دۇدۇقلاپ قالسا سىزنىڭ يۈزىڭىز تۆكۈلىدۇ ئەمەسمۇ..

  ئۇ ئايالنىڭ ئاپامنى توختىماي چۈشۈرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ غەزىپىم تاشتى. لېكىن مەندەك توختاملىق توي قىلغان ئادەم بۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسىتەلمەيتتىم. چۈنكى يولدىشىمنىڭ پىلانىنى بۇزۇپ قويۇشقا بولمايتتى.

_ ئىشقىلىپ بۇ ئۆيدە ئايالىڭدىن باشقىلارنىڭ قارارى قارار ئەمەسقۇ..

_ ئاپا دە..ئۇ سېنىڭ ئاپاڭ..

_ مېنىڭ بىرلا ئاپام بار..ئۇنى ئاپا دەپ ئېتىراپ قىلغىنىم يوق..

_ بۇ ئىشتا ئەسلىمۇ سېنىڭ خاتا..كەلمەيدۇ دېگەن ئادەمنى خەۋەرمۇ بېرىپ قويماي بېرىپ ئەكەلگىنىڭ نېمىسى..ھەممە ئىشلار ئالدىن ئورۇنلاشتۇرىلىدىغان تۇرسا..

_ بۇ قىزىنىڭ تويى تۇرسا كەلسە نېمە بوپتۇ..ئۆزۈمنىڭ قېيىن ئاپامنىمۇ ئەكېلىش ھوقۇقۇم يوقما؟

_ ئۇنى كەلمەيدۇ دەپ تېلىفون ئۇرغان ئۆزۈڭ بولغۇيتتۇڭ..

_ ئۈلۈشكۈن راستىنلا مىجەزى يوقتى..مەن كۆرۈپ باقاي دەپ بارغان، قارىسام خېلى ياخشى بوپ قاپتۇ، شۇڭا ئالغاچ كەلدىم..

_ مېھرىبانلىقىڭنى قارا،مەندىن سوراقسىز ئۇ تەرەپتە توي قىلغاندا ھەجەپ دادام قانداق تۇرغاندۇ دەپ مېنى كۆرگىلى كەلمىگەنتىڭغۇ..

_ سەن نېمە دېمەكچى، بىزنى ئەيىپلىگىلى چاقىردىڭما؟

_ ياق. ئاپاڭنىڭ قىلغىنى خاتا ئەمەس دېمەكچى.. ئۇنىڭغا بۇنداق دۈشمەنلىك نەزىرىدە قارىما..

_ مېنىڭ بىرلا ئاپام بار ئىدى. ئون نەچچە يىل بۇرۇن كېتىپ قالدى. باشقا ئاپام يوق..خالىغان ئادەمنىڭ ئاپا دەپ چاقىر دەپ مېنى زورلىما..

_ ئۇنىڭ مەن بىلەن ياشاۋاتقىنىغا شۇنداق ئۇزۇن يىل بولدى..ئەمدى ئاپا دەپ چاقىرىدىغان ۋاقتىڭ بولدى..ئۇنى دۈشمەن ئورنىدا كۆرمە..

يولدىشىم قولۇمدىن تارتتى.

_ ناشتا قىلمايدىغان ئىش بولسا مەن ئايالىم بىلەن چۈشۈپ كېتەي..

_ ئولتۇر. ناشتا قىلىش تېخى ئاخىرلاشقىنى يوق..

يولدىشىم مېنى تارتتى. مەن بولسام نېمە قىلىشىمنى بىلمەي جايىمدا قېتىپلا ئولتۇراتتىم. يولدىشىمغا ئەگەشسەم دادىسى بىلەن ئۆگەي ئاپىسى مەندىن ئاغرىناتتى. ئەگەشمىسەم يولدىشىمنى قوللىمىغان، ۋەدەمدە تۇرمىغان بولۇپ قالاتتىم.

_ ماڭمامسىز؟!

ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم. ئۇ قولۇمدىن تارتقىنىچە مېنى پەلەمپەي تەرەپكە ئېلىپ ماڭدى.

ئىككىمىز گەپمۇ قىلىشماي ئىككىنچى قەۋەتكە چۈشتۇق. يولدىشىم ئىشىكنى ئىچىدىن تاقاپ ماڭا قارىدى.

ئۇنىڭدىن كۆزلىرىمنى قاچۇرىۋاتاتتىم.

ئۇ ئاستا كېلىپ كارىۋاتتا ئولتۇردى.

_ تازىمۇ بىر..كەيپىياتىم شۇنداق بۇزۇلدى دېسە..

_ مېنىڭمۇ شۇ..ئەتتىگەندىلا كەيپىياتىم بۇزۇلدى..

ئۇ ماڭا قارىدى.

_ ئاۋۇ ئىشقىما؟

ئۇنىڭدىن كۆزۈمنى قاچۇردۇم.

_ مەندىن رەنجىۋاتامسىز..

_ شۇنداق. چۈنكى سىز ماڭا چېقىلمايمەن دەپ ۋەدە بەرگەن..

_ قاراڭ. مەن قەستەن قىلمىدىم. مېنى كەچۈرۈڭ. تۈنۈگۈنكى ئۇخلاش كىيىمىگە ئادەمنى ھاياجانلاندۇرىدىغان ئەتتىر چېچىپ قويغان ئوخشايدۇ..شۇ كىيىمنى كەيگەندىن  كېيىن...

_ بولدى. بولدى دېمەڭ بولامدۇ..

_ ئۇنداق قىلماڭ. گەرچە مەن سىزگە چېقىلمايمەن دەپ ۋەدە بەرگەن بولساممۇ، لېكىن بىز قانۇنلۇق كېنىشكە ئالغان ئەر-ئاياللار، قائىدە بويىچە بۇنى خاتا دېگىلى بولمايدۇ..

_ لېكىن مەن بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ماڭا چېقىلسىڭىز مۇۋاپىق بولمايدۇ-دە..سىز توختامغا ماڭا چېقىلماسلىق توغرىلىق ئېنىق يازغان..

_ سىز ئەمەس، مەنمۇ بىلمەيمەن..ھەر ئىككىلىمىز خۇدىمىزنى يوقىتىپتىمىز..

_ بۇ ئىشنىڭ بولغىنى پەقەت قاملاشمىدى..بىز بەرىبىر ئاجرىشىپ كېتىدىغان تۇرساق..

_ مۇنداق قىلايلى. مەن سىزگە پۇل قوشۇپ بېرەي..

ئۇنىڭغا نەپرەت كۆزلىرىمنى تىكتىم. شۇ تاپتا ھېسسىياتىم ۋە تېنىم تەڭ ساتقاندەك ھېس قىلىۋاتاتتىم.

_ بۇنداق دېسەم خاتا چۈشىنىدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن..لېكىن بولىدىغان ئىش بولدى. مەن سىزگە رازى بولغۇدەك بىر جاۋاب قايتۇرمىسام بولمايدۇ.. مۇنداق بولسۇن، 50مىڭ بېرەي..

_ سىز نېمە دېمەكچى..مەن پەقەتلا بىلەلمەي قالدىم..

_ ئەگەر بالىمىز بولۇپ قالسا تۇغۇڭ بولامدۇ..ئۆتۈنۈپ قالاي..مەن سىزگە پۇل قوشۇپ بېرەي، بالىڭىز تۇغۇلسا ھەرگىز سىزنى جاپا تارتقۇزمايمەن..

_ لېكىن بىز ئاران 5 ئايلا دېيىشكەن تۇرساق.. بالا دېگەن 9 ئايدا ئاران تۇغۇلىدىغان نەرسە..مېنى بىر ئۆمۈر مۇشۇ ئۆيدە ئالدامچىلىق بىلەن ئۆتۈڭ دېمەكچىمۇ؟

_ بىر يىلغا سۈرەيلى بولامدۇ.. مەن توختامنى ئۆزگەرتەي..بىر يىل بولسا 100مىڭلا قىلىپ بېرەي..

ئۇنىڭغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلەلمەي قالدىم. مەندەك خىزمەتتىن ئايرىلغان 30دىن ئاشقان ئايالغا نىسبەتەن بىر يىلدا 100مىڭ تېپىش چوڭ خوشاللىق بولسىمۇ، لېكىن بۇ پۇلنىڭ تېنىم ۋە روھىمنى سېتىش بەدىلىگە كېلىشىنى خالىمايتتىم..

_ قاراڭ. مەن بىر ئايالكىشى ، قاراپ تۇرۇپ ماڭا بۇنداق تەلەپنى قويسىڭىز قاملاشمايدۇ-دە..غۇرۇرۇڭ بىلەن تېنىڭنى ماڭا 100مىڭغا سېتىپ بەر دېگەنلا گەپقۇ بۇ..

_ ئەينى ۋاقىتتا سىز ماڭا مەن بىلەن توي قىل، ماڭا چېقىلمايسەن ئايرىم ياتىمىز دېگەندە. مېنىڭمۇ مۇشۇنداق ھېسسىياتتا بولغانلىقىمنى ئويلاپ باققانمىتىڭىز؟!

_ لېكىن سىز مەن ئۈچۈن ئەمەس، ئۆزىڭىزنىڭ ئۆچ ئېلىش پىلانىغا يېتىش ئۈچۈن تەلەپكە قوشۇلغان..

_ سىز ئۇچاغدا بۇ ئىشلارنى بىلمەيتتىڭىز، شۇڭا ئۆزىڭىزنى دەپ بۇ تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان، مېنىڭ غورۇغۇمنى ئويلاشقانمىتىڭىز..
_ لېكىن مەن تاللاش ھوقۇقىنى سىزگە بەرگەن. زورلىغىنىم يوق..ئۆزىڭىز قوشۇلغان..يەنە كېلىپ سىزگە پۇل بېرىمەن دېگەن..

_ شۇنداق. سىز پۇل بېرىمەن دېگەن. لېكىن مەن پۇلىڭىزنى ئالمىدىم. بۇ ئىشنى سىز باشلىدىڭىز داۋاملاشتۇرمىسىڭىز بولمايدۇ...

_ مەن راستىنلا بۇ تەنتەك قارارىمغا پۇشايمان قىلدىم...

_ قارارنى چىقىرىپ بولغاندا ئارقىمىزغا يانالمايمىز.. شۇڭا داۋاملىق ئالدىمىزغا ماڭمىساق بولمايدۇ..

_ مېنى نېمە قىل دەيسىز..

_ بايا دېگىنىمدەك، توختامنى بىر يىلغا سۈرىمىز..مەن بىلەن بالىلىق بولىسىز، بىر يىلدىن كېيىن ئاجرىشىمىز، بالا مەن بىلەن قالىدۇ..سىزنى پۇل بىلەن قايتۇرىمەن..بولدى 120مىڭ بولسۇن. سىزگىمۇ ئادالەتسىزلىك بولمىسۇن. قانداق؟!

غورۇر ۋىجدانىمنىڭ تولۇق دەپسەندە بولىۋاتقانلىقىنى بىلسەممۇ، ھېچنېمە دېيەلمەيتتىم. چۈنكى بۇ ئىشنى ئۆزۈم باشلىغانىدىم. ئۆچ ئېلىش نىيىتىمنى ئويلاپ ئۇنى بۇ ئويۇنغا سۆرەپ ئەكىرگەن ئۆزۈم ئىدىم. مېنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقۇم يوق ئىدى.

_ قاراڭ. سىز بىر يەردە ئىشلىسىڭىزمۇ سىزگە بۇنداق مائاش بەرمەيدۇ.. يەنە كېلىپ بۇ ئۆيدە خىزمەتكارلار بار، سىز ئىش قىلمايسىز..پەقەت مېنىڭ ئايالىم بولۇپ بەرسىڭىزلا بولدى.. نېمىگە بۇنچە ئىككىلىنىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلمەيلا قالدىم..باشقا قىزبالا بولسا خوشاللىق بىلەن قوشۇلاتتى..

_ بىلىمەن. بىرەر يەردە ئىشلىسەم ماڭا بۇنداق يۇقىرى مائاش بەرمەيدۇ. لېكىن ئۇلار ماڭا بالا تۇغۇش تەلىپىنى قويمايدۇ.

_ مەن ۋەدەمدە تۇرغاچقا سىزگە باشتا چېقىلمىدىم. ئەگەر باشقا ئەر بولغان بولسا سىزگە ئاللىبۇرۇن چېقىلاتتى. بالىڭىزمۇ بولاتتى..لېكىن يەنە ئاجرىشاتتىڭلار. ئۇ سىزگە پۇلمۇ بەرمەي بالا بىلەن يالغۇز قوياتتى. بۇنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ..

_ سىزمۇ بەرىبىر ماڭا چېقىلدىڭىزغۇ..ئۇلار بىلەن نېمە پەرقىڭىز..

_ پەرقى بار، بىرىنچىدىن، مەن سىز بىلەن قانۇنلۇق توي قىلدىم. ئىككىنچىدىن ھەر ئىككىمىز بۇ ئىشنى بىلمەيمىز، خۇدىمىزنى يوقىتىشتىن بولدى، ئۈچىنچىدىن مەن بۇ ئىشقا ئىگە بولماقچى. سىزنى زىيان تارتقۇزمايمەن. بالىنى تاشلاپ قويۇپ ئىگە بولماي قالمايمەن. سىزگە رازى بولغۇدەك پۇل بېرىمەن..

ئۇنىڭغا قارىغىنىمچە تۇرۇپ قالدىم. بۇ ئىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلسەممۇ لېكىن ئۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسىتەلمەيتتىم. چۈنكى بۇ نەس باسقان ئويۇننى ئۆزۈم باشلىغان ئىدىم.

_ ماقۇل. ئەمىسە 150مىڭ بېرىسىز..چۈنكى بىر ئايالنىڭ بىر بالىنى تۇغمىقى ئاسان ئەمەس...

_ بولىدۇ. شۇنداق بولسۇن ئەمىسە..بۇنى توختامغا ئېنىق كىرگۈزۈپ قويايلى..

يولدىشىم ياتاق ئۆينىڭ تارتمىسىنى ئېچىپ ئاقتۇرۇشقا باشلىدى. لېكىن توختامنى تاپالمايۋاتاتتى.

_ سىز توختامغا چېقىلدىڭىزما؟

_ ياق. چېقىلمىدىم..ئالدىنقى قېتىم 50مىڭغا ئۆزگەرتكەندىن كېيىن توختامنى سىز ئېلىۋالغان..

ئۇ بېشىنى تۇتقىنىچە كارىۋاتتا ئولتۇردى.

_ مەن ئۇنى تارتمىغا سېلىپ قويغان..يوق تۇرىدۇ.. چاتاق چىقتى..چوڭ چاتاق چىقتى..

_ نېمىش بولدى؟ توختام چۈشۈپ قاپتۇما؟

_ بىلمەيمەن. ئۇ باشقىلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتسە بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز ئاشكارلىنىدۇ دېگەن گەپ..

_ نېمىشقا دېققەت قىلمايسىز. شۇنداق مۇھىم نەرسىنىمۇ مۇشۇ تارتمىغا سېلىپ قويغان بارمۇ..

_ بۇئۆيگە يېڭى كىرگەن تۇرساق. ھەممە نەرسىنى جايىغا قويۇشقا ئۈلگۈرمىدىم..

_ قانداق قىلىمىز..بۇ نەرسە زادى كىمنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەندۇ..

_ مەنمۇ بىلمەيمەن..تۈنۈگۈن بۇ ئۆيگە كىملەر كىردى؟ ئېسىڭىزدىمۇ؟

_ ئۆگەي ئاپىڭىز، ھېلىقى گىرىمچىك، ئاپامنىڭ ئورنىغا كەلگەن ئايال، يەنە ئاپام...

_ ئۇ خوتۇننىڭ كىرگىنىنى بىلەتتىم..ئۇ بۇنداق پۇرسەتنى ھەرگىز قولدىن بەرمەيدۇ..

_ راستلا ئۇ ئالغانمىدۇ..ئۇ ئالغان بولسا نېمىشقا بۈگۈن ئاشكارلىمايدۇ..

_ ئۇنىڭ قورسىقىدا لىققىدە يامان پىلان بار..ئۇنداق ئاسان ئاشكارلىمايدۇ..بەلكى بۇ نەرسە ئارقىلىق بىزنى بىراقلا يىقىتاي دەپ ئويلىغان بولىشى مۇمكىن..

_ ھەي. بۇ ئىش راستىنلا قاملاشمىدى..تېخىمۇ جىددىيلىشىپ كېتىپ بارىمەن..نېمىشقا ھەممە ئىش بۇنداق مۇرەككەپلىشىپ كېتىدىغاندۇ..

_ سىز جىددىيلەشمەي تۇرۇڭ. بىز يەنە بىر نۇسخا توختام تۈزسەك بولىدۇ..ئەنسىرىمەڭ. مەن ۋەدەمدە تۇرىمەن..

_ قىزىقكەنسىز.مېنى ۋەدىڭىزدە تۇرماسلىقىڭىزدىن ئەنسىرەۋاتامدىكىن دەمسىز.. بۇ ئىش ئۆيىڭىزدە ئاشكارلىنىپ كەتكەن بولسا ئۆزۈمنىڭ بۇئۆيدە قانداق تۇرۇشۇمدىن ئەنسىرەۋاتىمەن..

_ مەن ئامال قىلاي..جىددىيلەشمەي تۇرۇڭ..توختامنى ئۇ ھازازۇل ئالغان بولسا چوقۇم ئەدىپىنى بېرىمەن..ئۇ نېمىلا قىلسا مېنى قورقۇتالمايدۇ..

_ ھەي..نېمانچە مۇرەككەپ ئىشلار بۇ..

_ سىزنى ئاپىڭىزنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ قوياي.. پاراڭلىشىپ كەيپىياتىڭىزنى تەڭشىۋېلىڭ.قالغىنىنى مەن مۇشۇ ئۆيدە بىر تەرەپ قىلاي..

يولدىشىم مېنى ئاپامنىڭ مەھەللىسىگە تاشلاپ قويغاندىن كېيىن كېتىپ قالدى.

ئۆينىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلگەندىن كېيىن بىردەم تۇرۇپ كېتىپ ئاچقۇچۇمنى چىقاردىم-دە، ئىشىكنى ئاچتىم.

ئاپام ئۈستەلگە بىر نەرسىنى قويىۋالغان بولۇپ كۆزئەينەكنى تاقاپ ئەستايىدىل كۆرىۋاتاتتى.


tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章