يۇمشاقباش بۇرۇنقى يولدۇشۇم؟ئالتۇندەك ئايال9.قسىم

文摘   2025-02-08 21:05   新疆  

新年快乐

چاغىنىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن


تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .





  بۈگۈن سەككىز تېمىدا ئەسەر يوللاردا ئىزدەۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ داۋامى تولۇق يوللاندى، باشقا ئەسەرلەرنىڭ داۋامىنى تاپالمىغان بولسىڭىز ئاستىدىكى شىپىننى تولۇق كۆرۈپ  قانداق چىقىرىشنى، ئۆگىنىۋالسىڭىز بولىدۇ .




ئالتۇندەك ئايال1-قسىم
ئالتۇندەك ئايال2-قسىم
ئالتۇندەك ئايال3
ئالتۇندەك ئايال4.قسىم
ئالتۇندەك ئايال5.قسىم
ئالتۇندەك ئايال6.قسىم
ئالتۇندەك ئايال7.قسىم
ئالتۇندەك ئايال8.قسىم



سەلەينىڭ ھەرىكىتى تېز، كۈچلۈك بولغاچقا ئالتۇنگۈل ئۆزىنى قاچۇرۇپ ئۈلگۈرەلمەيلا سەلەينىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالدى. سەلەي كۈچلۈك قوللىرى بىلەن ئالتۇنگۈلنى قۇچاقلاپ، پۇتىنىڭ ئۇچى بىلەن كۆتۈرۈلۈپ تۇرۇپ ئالتۇنگۈلگە تۇمشۇقىنى ئۇزاتتى. سەلەينىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن غەزەپكە كەلگەن ئالتۇنگۈل ئۆزىنى قاچۇرغاچ سەلەينىڭ قۇچىقىدىن چىقىپ كېتىش ئۈچۈن تىركەشتى.

مۇشۇ ئەھۋالنىڭ ئۈستىگىلا كىرىپ قالغان خوجايىن:

- ۋوي، سىلەر نېمىش قىلىۋاتىسىلەر؟ كۈپكۈندۈزدە، دۇكاندىلا مۇشۇنداق قىلىشىپ يۈرسەڭلار باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن نومۇس قىلمىدىڭلارمۇ؟- دېدى. بۇ گەپ بىلەن سەلەينىڭ قولى بوشاپ، ئالتۇنگۈل ئۇنىڭ قۇچىقىدىن چىقىۋالدى. خوجايىننىڭ سوغۇق قارشىدىن تامدەك تاتىرىپ، يەرگە قارىغان پېتى دۇكاندىن چىقىپ كەتتى.

ئالتۇنگۈل دۇكاندىن چىققان پېتى خۇدىنى يوقىتىپ قويغان ئادەمدەك، ئالدى قىلىقلىق تەرەپكە كېتىپ باراتتى. خورلۇق، نومۇس، ھاقارەت ئۇنىڭ قەلبىنى تىتما-تالاڭ قىلىپ، ئۆزىنى يوقىتىپ قويغۇدەك ئەھۋالغا كەلتۈرۈپ قويغان ئىدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ تېنىگە بىر تال پاشا قونسا پارتلاپ كېتىدىغاندەك، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي بۇزلاپ يىغلاپ كېتىدىغاندەك قىلاتتى. ئەتراپىنى، ئەتراپىدىكى ئۆتۈشىۋاتقان كىشىلەرنى سەزمەي مېڭىشىنى داۋام قىلاتتى. ئۇ شۇ تاپتا نەگە بېرىپ، نېمىش قىلىشىنى ئويلاپ باقمىغان بولسىمۇ، بايىقى خورلۇق تەسىرىدىن كىشىلەردىن، تونۇش يوللاردىن، قانداقتۇر ئۆزىنى بىئارام قىلىۋاتقان مۇھىتتىن قېچىۋاتقاندەك، ئۇلارنىڭ لەنەت نەپرىتىگە ئۇچراۋاتقاندەك ئۆزىنى قاچۇرۇشنىلا ئويلايتتى.

ئالتۇنگۈل شۇ مېڭىشىدا نەگە بېرىشنى نىشان قىلمىغان، يولنىڭ ئوڭ-چېپىنى ئايرىمىغان بولسىمۇ، ئادەم ۋۇجۇدىدىكى ئۆزىنى قاچۇرۇشقا بولغان تەبىئىي تاللاش ئۇنى كونترول قىلىپ، شەھەر ئەتراپىدىكى كەڭرى كەتكەن سۈيى چوڭقۇر ساياھەت كۆلىنىڭ كىشىلەر كەم كېلىدىغان، سۈيى چوڭقۇر بولغاچقا كۆپلىگەن ھادىسىلەر يۈز بەرگەن ئېگىز دۆڭ ئۈستىگە باشلاپ كەلدى. ئالتۇنگۈل دۆڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، كۆل يۈزىدىن سۈرۈلۈپ كەلگەن نەمخۇش سەلكىن شامال تەسىرىدىن سەل ئېسىگە كەلگەندەك بولدىدە، قېنىپ بىر نەپەس ئېلىپ كۆل بويىغا يېقىنلاشتى.

تىنىق كۆل سۈيى ئۇنى باغرىغا چىللاپ، پۈتۈن       دەرد-ئەلىمىنى ئۇنتۇلدۇرۇۋېتىشكە ۋەدە قىلىۋاتقاندەك يېنىك داۋالغۇيتتى.

ئالتۇنگۈل كۆل بويىغا يېقىنلىشىپ، سەلكىن شامال تەسىرىدىن داۋالغۇپ تۇرغان سۇ يۈزىگە قاراش بىلەن  نېرۋىسىنى كونترول قىلىۋاتقان ئازابى سەل پەسىيىپ، تېنى بوشاشقاندەك بولدى. شۇندىلا ئىچىنى قاپساپ تۇرغان ئەلىمى كۆزلىرىدىن يامغۇرىدەك ياش بولۇپ ئېتىلىپ چىقىشقا باشلىدى. ئۇ ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ يىغلىيالماي، ئىچ-ئىچىدىن بوغنۇقۈپ يىغلىغان پېتى كونتروللۇقىنى يوقاتقاندەك بولۇپ، دەلدۈگۈنۈپ كەتتى. شۇ چاغدا:

-ھاي بالام. -دىگەن ئاۋاز ئىشتىلدى. بۇ ۋاقىتتا ئالتۇنگۈل ئۆزىنى كونتۇرۇل قىلىپ بولالماي، كۆلگە چۈشۈپ كېتىشكە ئارانلا تۇرغاچقا، ئاۋاز ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرمەيتى. گەپ قىلغۇچى ئالتۇنگۈلنىڭ ھەركىتىنى كۆرۈپ، ئالدىراپ كېلىپ ئالتۇنگۈلنى تۇتىۋالدى. مۇشۇ چاغدىلا ئۆز كونتۇرۇللىقىنى تېپىۋالغان ئالتۇنگۈل ئىتتىك ئۆزىنى تۇتىۋالغۇچىغا قارىدى. ئۇنىڭ ئالدىدا مېھرى ئىسسىق، ياشىنىپ قالغان بىر ئايال مېھرىبان كۆزلىرىنى تىكىپ تۇراتتى.

- ئۆزىڭىزنى تۇتىۋېلىڭ قىزىم، دۇنيانىڭ كۆڭۈلسىزلىكلىرى ئۈچۈن جاندىن كېچىشكە ئەرزىمەيدۇ. سىزنىڭ بۇ قىسمىتىڭىز خۇشاللىقىڭىزنىڭ ئاخىرلىشىپ، ھاياتىڭىزنىڭمۇ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بەلكىم سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىڭىزدا سىز بۇ چاغقىچە كۆرۈپ باقمىغان خۇشاللىقلار بولۇشى مۇمكىن. كېلىڭ بىردەم تىنىچلىنىۋىلىڭ.  -موماي شۇنداق دەپ، ئالتۇنگۈلنى يېتىلىگەن پېتى كۆل بويىدىن نىرىراقتىكى مەجنۇن تالنىڭ يېنىغا ئىلىپ كىلىپ ئولتۇرغۇزدى. ئۆزىمۇ ئالتۇنگۈلگە ياندىشىپ ئولتۇرۇپ، - قەلبىڭىزدىكى دەرت-ئەلىمىڭىز چىرايىڭىزدىن بىلىنىپ تۇرۇپتۇ. ئۈمۈتسىزلەنگەن بولسىڭىز ئۆزىڭىزنى قويىۋىتىپ ئىچىڭىز بوشىغىچە يىغلىۋىلىڭ، ئەمما ھاياتتىن ئۈمۈت ئۈزمەڭ. سىز ئۆزىڭىزدىن ۋاز كەچكەن بىلەن، سىزدىن ۋاز كەچمەيدىغان يېقىنلىرىڭىز بولىشى مۈمكىن، ئۇلار سىزدىن ئايرىلىپ قالسا ئازاپتا قالمىسۇن. -دىدى. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئالتۇنگۈلنىڭ ۋۇجۇدىغا كەلكۈن كەلگەندەك كۆز يېشى يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ كەتتى. موماي ئالتۇنگۈلنىڭ يىغا تەسىرىدىن شامال سوققان ياپراقتەك تىترەۋاتقان تېنىنى ئۆزىگە تارتىپ باغرىغا باستى. ئالتۇنگۈل موماينىڭ قۇچىقىدىن ئانىسىنىڭ ھىدىنى تاپقاندەك بولۇپ ئىچى بوشىغۇچە يىغلىۋالدى.

موماي ئالتۇنگۈلنىڭ يىغلاپ يىغلاپ ھالى قالمىغان تېنىنى باغرىغا بېسىپ، مېھرىبانلىق بىلەن ئۇنىڭ بۇنچە ئازابلانغۇدەك نېمە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكىنى سورىدى. ئالتۇنگۈل ئېسەدەپ تۇرۇپ ئۇچرىغان خورلۇقلارنى سۆزلەپ بەردى. ئالتۇنگۈلنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بولغان موماي:

- سىز غورۇرلۇق، ساداقەتمەن ئايال بولغاچقا بۇ ئىشلار سىزگە بەك ئېغىر كەپتۇ. «بالا كەلسە قوش كەپتۇ» دېگەندەك، كىشىلىك تۇرمۇش بەزىدە تولىمۇ رەھىمسىز بولىدۇ. سىزنىڭ ئورنىڭىز تۆۋەن بولغاچقا، سىزنىڭ قىلغىنىڭىز توغرا بولسىمۇ باشقىلار سىزنى توغرا چۈشەنمەيدۇ. سىز ئېغىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندا سىز ئىشەنگەن كىشىلىرىڭىزمۇ سىزنى كەمسىتىشكە، بوزەك قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. بىز ئۇلارغا سەۋرچانلىقىمىز، چىدامچانلىقىمىز بىلەن تاقابىل تۇرمىساق تۈگىشىپ كېتىمىز. مەنمۇ شۇنچە يىل ياشاپ، ھاياتنىڭ           سىر-ئەسنالىرىنى چۈشىنىپ يېتەلمەي تېڭىرقاپ يۈرگەن باغرى داغلانغان ئانا.

مىنىڭ ئىللىق بىر ئائىلەم بولغان. باللىرىمنىڭ دادىسى كۆيۈملۈك، مەسئۇلىيەتچان، مىھرىبان كىشى ئىدى. ئۇ كىشىنىڭ ئۆمرى قىسقا كېلىپ قېلىپ، ئوغلۇم ئون سەككىز ياشقا كىرگەن يېلى ئۆلۈپ كەتتى. مېنىڭ ئىككىلا پەرزەنتىم بولۇپ ئوغلۇم بالىلارنىڭ چوڭى، ئۇنىڭ بىر سىڭلىسى بار ئىدى. ئوغلۇم دادىسىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن، دادىسىدىن ئۆگەنگەن ھۈنىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشىنى قامداپ ئۆتۈشكە باشلىدى.

ئوغلۇم كىچىكىدىن باشلاپلا دادىسىنىڭ ياخشى تەربىيىسىنى ئېلىپ چوڭ بولغاچقا دادىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ، دادىسىغا ئوخشاشلا ئائىلىگە كۆيۈنىدىغان مېھرىبان بالا بولۇپ يېتىلدى. شۇڭا ئائىلىمىز ھېچقانداق ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تارتمىغان، بالىلىرىمغا دادىسىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرمەي ئۆتۈپ ئوغلۇم ئۆيلىنىش يېشىغا يەتتى.

بۇ چاغدا ئوغلۇم تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق-سوغۇقىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، پىشىپ يېتىلگەن ئەرلەرگە ئوخشاش ئۆزىنى توختاتقان، ئەدەپ-قائىدىلىك يىگىت بولدى. ئۇنىڭ ئەخلاقىغا كۆزى چۈشكەن تونۇش-بىلىش، ئۇرۇق-تۇققانلار ئۆزلىرى ئېغىز ئېچىپ ئوغلۇمغا قىزلىرىنى سايە قىلسا «ياندىكى ھېسىپنىڭ قەدرى يوق» دىگەندەك، ئۇلارنىڭ گېپىگە قۇلاق تۇتماي ئۆز كۆڭلۈمدە «پۇل تېپىشى بۇنداق ياخشى، ھەممە ئادەمنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ئوغلۇمنى ئۆزۈم ئىزدەپ، چېكىپ تاللاپ تۇرۇپ ئۆيلەيمەن» دەپ، ئەتراپلىق سۈرۈشتۈرمەيلا ئەر كىشىنىڭ گېپى ئۆتمەيدىغان، ئايال كىشى باش بولىۋالغان بىر ئائىلىنىڭ قىزى ياراپ قېلىپ، شۇ قىزنى ئوغلۇمغا ئېلىپ بەردىم.

تويدىن كېيىن ئوغلۇم بىلەن كېلىنىم ياخشى ئۆتتى. مەنمۇ كېلىنىمنى ئۆز قىزىمدەك كۆرۈپ ھالىغا يېتىپ ياخشى ئۆتتۈم. تويدىن كېيىنكى بىر يىل ئاشۇنداق ئوبدان ئۆتتى. بىر يىلدىن كېيىن كېلىنىم ھامىلدار بولۇپ قىز نەۋرەمنى تۇغۇپلا ئۆزىنى ئاشكارىلاشقا باشلىدى. ئانىسىنىڭ ئۆيىدە قىرىقىنى چىقارغىچە كۈندە دېگۈدەك ئوغلۇمغا گەپ ئەۋەتىپ ھېلى ئۇنى، ھېلى بۇنى تەلەپ قىلىپ قىرىقىنى توشقۇزۇپ، يۆتكەپ ئېلىپ كېلىدىغان چاغدا نورمال چەكتىن ئاشقان تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئوغلۇم بۇ تەلەپنى بىلگەندىن كېيىن «بىرنى تۇغۇپلا ئارتۇقچە تەلەپ بىلەن ھەددىدىن ئاشقىلى تۇردى، يەنە بىرنى تۇغۇپ قالسا كۆرسىتىدىغان كۈنى بار ئوخشايدۇ. سۈرۈشتۈرسەم دوستلىرىمنىڭ بىر-نەچچىدىن بالا تۇغۇپ بەرگەن ئاياللىرىمۇ بۇنداق ئارتۇق تەلەپ قويماپتىكەن» دەپ غۇدۇرسا، «ئايال كىشىنىڭ قورساق كۆتۈرۈپ بالا تۇغمىقى ئاسان ئەمەس، سەل ئارتۇقچە بولسىمۇ بۇنچىلىك تەلىپىنى قاندۇرساق ھېچ ئىش بولمايدۇ.  بىزدىن تەلەپ قىلغان نەرسىلەرنى ئېلىپ بەرسەك يات بىرسىگە ئەمەس، بالاڭنىڭ ئانىسىغا ئېلىپ بېرىمىز.» دەپ ئوغلۇمنى بېسىپ، كېلىنىمنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇپ يۆتكەپ ئېلىپ كەلدۇق.

كېلىنىم بۇ قېتىم يۆتكەپ ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان بىر ئادەم بولۇپ كەپتۇ. ئەتىگەنلىك ناشتىلىق تەييار قىلىشقا چىقمايدىغان بولىۋالدى. مەن كۆڭلۈمدە، «بولۇپتۇ، ياش بالىلار كېچىدىن بېرى بالىسى يىغلاپ ئۇخلاتمىغان بولسا ئەمدى ئارام ئالغان ئوخشايدۇ.» دەپ ئويلاپ، ناشتىلىقنى ئۆزۈم تەييار قىلىپ چاقىرسام ئوغلۇم بىلەن بىللە چىقىدۇ. ناشتىلىقنى قىلىپ بولۇپ ئوغلۇم دۇكانغا ماڭغاندىن كېيىن كېلىنىم:

- بالام كېچىچە يىغلاپ ئارام ئالدۇرماي ئەمدى ئۇخلاپ قالدى. مەنمۇ مۇشۇ باھانىدا بىردەم ئارام ئېلىۋالايمىكىن؟   - دەيدۇ. كېلىنىمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ ماقۇل بولىمەن. ئۆينىڭ ئىشلىرىنى قىزىمنى ھەمكارلاشتۇرۇپ ئۆزۈم قىلىپ، چۈشلۈك تاماقنىڭ تەييارلىقىنى قىلىدىغان ۋاقىتمۇ بولىدۇ. كېلىنىم بۇ چاغدىمۇ چىقمىغاندىن كېيىن چاقىرىپ يۈرمەي چۈشلۈك تاماقنى ئۆزۈم تەييار قىلىمەن. ئوغلۇم چۈشلۈك تاماققا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن كېلىنىممۇ قاپاقلىرى ئىششىغان ھالدا چىقىپ تاماقنى خوش ياقماسلىق بىلەن يەپ قورسىقىنى تويغۇزىدۇ. ئاندىن بالىسىنىڭ قورسىقىغا تاماق بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بىر چەتكە ئۆتىدۇ.

ئوغلۇم قورسىقىنى تويغۇزۇپ بولۇپ دۇكانغا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، بالىسىنى ئۇخلىتىپ بولغان كېلىنىمگە تاماقنىڭ قاچا-قۇچىلىرىنى يۇيۇۋېتىشنى بۇيرۇپ، يېشىم چوڭ بولۇپ قالغاچقا ئەتىگەندىن بېرى ھەرىكەت قىلىپ چارچاپ قالغان تېنىمنى ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن بىر ئاز يېتىۋالىمەن. مەن ئەھۋالىم سەل ياخشىلانغاندىن كېيىن چىقسام كېلىنىمنىڭ بالىسىنىڭ يېنىدا تاتلىق ئۇخلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرىمەن. كېلىنىمنى ئىشلىرىنى تۈگىتىپ بولۇپ ئۇخلىدىمىكىن دەپ ئاشخانىغا كىرسەم ئاشخانىدىكى قازان-قومۇچ، قاچا-قۇچىلار جايى جايىدا تاشلاقلىق، ئۈستىدە چىۋىنلار گىژىلداپ قونۇپ يۈرگەن ھالەتنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بىر قىسىم بولغان ھالدا ئاشخانىنىڭ ئىشلىرىنىمۇ ئۆزۈم يىغىشتۇرىۋالىمەن.

شۇنداق قىلىپ كېلىنىم بالىسىنى ئالتە ئايلىق قىلغاندىن كېيىن، ئۇ ئىلگىرىكى ئىشىغا يەنە بىر يېڭىلىقنى قوشۇپ:

- ئانا بالامغا قاراپ تۇرسىلا بولۇپتىكەن، ئانام چاقىرتىپتىكەن دىككىدە بېرىپ كېلەي. ئانا بۈگۈن دوستۇم بىلەن بىر يەرگە بارىدىغان ئىشىم بار ئىدى، بالىنى ئېلىۋالاي دېسەم ئەپسىز بولىدىكەن، شۇڭا سىلە قاراپ تۇرغان بولسىلا. - دەپ چىقىپ كېتىدىغان بولدى.

بۇ ئىش مۇشۇنداق داۋام قىلىۋەرگەندىن كېيىن، بۇ ئىشنى بىلىپ تۇرغان قىزىم بىر كۈنى بۇ ئىشنى ئاكىسىغا دەپتۇ. ئوغلۇم بۇ ئىش توغرۇلۇق ئايالى بىلەن سۆزلەشسە ئۇ ئوغلۇمغا بوي بەرمەي، ھە دەپ ئوغلۇم بىلەن تەڭ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ گېپىنى راست قىلىپ جېدەل تېرىغىلى تۇردى. مەن بۇ ئىشقا ئارىلىشىپ ئوغلۇمنى بېسىپ، كېلىنىمگە نەسىھەت قىلدىم. ئەمما مېنىڭ قىلغان نەسىھەتلىرىم ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرمىگەندەك، يەنە ئۆزى بىلگەننى قىلىپ يۈرىۋەردى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا گەپ قىلىۋەرسەم ئارىمىزدا زىددىيەت پەيدا بولۇپ قالمىسۇن دەپ، ئۇنىڭ ئانىسى بىلەن كۆرۈشتۈم. مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىغان چىشى قۇدام:

- ئاتايىن مەن بىلەن دېيىشىدىغان گېپىم بار ئىدى دەپ  كەلسىلە نېمە يوغان گەپ بولغىيتتى؟ دەپ ئويلاپ كېتىپتىمەن تېخى، ئاشۇ گەپمىدى؟ قىزىم مېنىڭ نەسىھىتىمنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان بالا، ئۆزىنى باشقۇرۇشنى بىلىدۇ. ئانچە-مۇنچە مەن چاقىرسام، ياكى دوستلىرى بىلەن ئۇ يەر، بۇ يەرگە بارسا نېمە يامىنى بار؟ ياشلىقىدا ئۇ يەر، بۇ يەرگە بېرىپ كۆڭلىنى ئېچىپ ئوينىۋالسۇن. بالىلىرى سەل چوڭ بولغاندا بالا غېمى بىلەن ھېچ يەرگە بارالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. قىزىمنىڭ كۆڭلى ئېچىلىپ ساغلام تۇرسا، خىزمەتلىرىنى ئوبدان قىلىشقا ئەسقاتار؟ ئەمدى بىر نەۋرىلىرىنى بېقىشىپ بېرىش سىلىگە ئېغىر كېلىپ قالغان ئوخشىمامدۇ قۇدام؟ قىزىم سىلىنى ھېچ ئىشقا يېقىن كەلتۈرمەي خىزمەتلىرىنى قىلىپ، خانىشلاردەك ئىككى قات كۆرپىنىڭ ئۈستىدىن چۈشمەي ئولتۇرۇپ، ئۆي ئىشىغا قوللىرىنى ئەگرى قىلماي كۆنۈپ قالغاچقا، ئانچە-مۇنچە نەۋرىلىرىگە قاراپ بېرىش خوشياقمايۋېتىپتۇ دە؟ ھازىرلا ئۆزلىرىنى تاشلاپ يېتىۋالسىلىرى ئاغرىقچان بولۇپ قالىلا جېنىم قۇدام. كۈندە ئىنجىقلاپ يۈرسىلىرى بالىلارغىمۇ يۈك بولۇپ قالىلا. نەۋرىلىرىنى باققان باھانىدا ھەرىكەت قىلسىلىرى پۇت-قوللىرىنىڭ قانلىرى يۈرۈشۈپ، ساغلام بولۇپ قالىلا. بۇنداق ئۇششاق گەپ تېپىپ يۈرسىلىرى ياخشى بولمايدۇ. ھازىر سىلە قىزىم بىلەن ئوغۇللىرىنىڭ قولىغا قاراشلىق بولۇپ قالغاندىكىن، قىزىمدىن تولا قۇسۇر ئىزدىمەي ئۇنىڭ رەيىگە بېقىپ ياشاشنى ئۆگىنىۋالسىلا، بولمىسا يالغۇز قالىلا. - قۇدامنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم.

ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بۇ ئىشلارنى ئوغلۇمغا بىلدۈرمەي ئۆتۈشكە باشلىدىم. قىزىم بۇ ئىشلارغا نارازى بولۇپ ئانچە-مۇنچە غۇدۇراپ قوياتتى، بىراق ئۇنى ئېغىز ئاچۇرمايتتىم. نەۋرە قىزىم ئىككى ياشقا كىرگەن يىلى قىزىمنى ياتلىق قىلدۇق. شۇ كۈنلەردە كېلىنىم ئىككىنچى بالىسىغا ئېغىر ئاياغ بولدى. بۇ كۈنلەردىكى كېلىنىمنىڭ ھەددىدىن ئېشىشى، ئەمدى ئىككى ياشقا كىرگەن نەۋرەمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، ئۆي ئىشلىرى، ئىككى قات كېلىنىمنىڭ رەيىگە بېقىش مېنىڭ زىممەمگە يۈكلەندى. ھەر ئاماللار بىلەن ئوغلۇمغا بۇ ئىشلارنى بىلدۈرمەيتتىم. بۇ ئىشلارغىمۇ چىداپ ئۆتتۈم. ئەمما كەچلىرى ياتقاندا ئۇستىخانلىرىم ئاغرىپ كۆپ ھەرەج تارتاتتىم.

كېلىنىم بۇ قېتىم ئوغۇل تۇغدى. بۇ قېتىم ئۇنى يۆتكەپ ئېلىپ كېلىش ئاسان بولمىدى. كېلىنىم بۇ قېتىم يۆتكەپ كېلىنگەندىن كېيىن خانىشنىڭ ئۆزىلا بولۇپ كەلدى. يامان بولغىنى كېلىنىم بالا تۇغقان بىلەن ئۆز خىيالىدىن باشقىغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغاندەك، بالىلىرىغا ئانچە بەك كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيتتى. شۇڭا مەن نەۋرىلىرىمنى ساغلام چوڭ بولىۋالسۇن دەپ ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىمەن دەپ ئىشىم ئاۋۇپ قالاتتى.

قىزىمنى ياتلىق قىلغىلى بىر يىل بولۇپ قالغان ئىدى. قىزىم بىلەن كۈيئوغلۇم خېلى ئوبدان چىقىشىپقىلىپ، تۇرمۇشى كۆڭۈللۈك كېتىپ باراتتى. كۈيئوغلۇم ئەدەپ قائىدىلىك يىگىت بولغاچقا، قىزىم مېنىڭ يېنىمدا كەچلەپ كەتكىلى كەلگەن ياكى كېلىدىغان چاغدا، كۈيئوغلۇم ئەكىلىپ قويغۇچە ياكى ئېلىپ كەتكۈچە مېنىڭ ئالدىمغا كىرىپ، مەن بىلەن كۆرۈشۈپ ئەھۋال سوراپ قايتاتتى. بۇنداق چاغدا كۈيئوغلۇمنى ئەھۋاللىشىپ بولۇپلا يولغا سېلىپ قويغۇم كەلمەي مېھمانخانىغا باشلاپ ئالدىغا داستىخان سالاتتىم.

كېلىنىم باشقا ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان بولىۋالغىنى بىلەن ئۆيگە مېھمان كەلسە ناھايىتى سۈلكەت بىلەن ئالدىغا چىقاتتى. تولىمۇ قىزغىن كۈتۈۋالاتتى.

مېنىڭ نەزىرىمدە كۈيئوغلۇممۇ ئۆزۈمنىڭ بالىسى، كېلىنىممۇ ئۆزۈمنىڭ بالىسى بولغاچقا ئۇلارنىڭ ئۆز ئارا قىزغىن مۇئامىلە قىلىشى ماڭا باشقىچە بىلىنمەيتتى. ئىشلار ئاشۇ ھالەتتە تەرەققىي قىلىپ مېڭىۋەردى. كېلىنىمنىڭ كۈيئوغلۇمنىڭ ئالدىغا قىزغىنلىق بىلەن چىقىپ ئەپ ئۆتۈشى مېنى خاتىرجەم قىلاتتى.

قىزىمنىڭ بويىدا بارلىقى ئاشكارىلىنىپ ھەممەيلەننى خۇشال قىلىۋەتتى. قىزىم سېزىككە چۈشكەندە مەن ئېتىپ بەرگەن ھالۋۇغا سېزىك بولغاچقا، پات پات مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ ھالۋا ئېتىپ بەرسەم يەپ كېتەتتى. بۇنداق چاغدا ئېرى كېلىپ ئېلىپ كېتەتتى.

بىر كۈنى قىزىم مەن ئېتىپ بەرگەن ھالۋىنى يەپ بولغاندىن كېيىن سىرتنى ئايلانغۇسى كېلىپ، ئايلاندۇرغىلى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ كەتتىم. قايتىپ كەلسەك كۈيئوغلۇم ئۆيدە ئولتۇرۇپتىكەن قىزىمنى ئېلىپ كەتتى. 

ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتكەندە بىزنىڭ ھويلىنى ئۆگزىسىدە تۇرۇپ كۆرگىلى بولىدىغان يان قوشنىمىز ئالدىمنى توسۇپ:

- كېلىنلىرى بىلەن كۈيوغۇللىرىنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىپ قويسىلا، ئۇلار يالغۇز ئۇچراشمىسۇن.      - دېدى. مەن قوشنامنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدىم.

ئۆزۈم يالغۇز قالغاندىن كېيىن ئويلىنىپ قوشنامنىڭ گېپىنىڭ تېگىگە يەتكەندەك قىلغان بولساممۇ، ئوغلۇمدەك قاملاشقان، كۆيۈمچان، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ھېچ نەرسىسىنى كەم قىلمايدىغان ئېرى بار كېلىنىمنىڭ نېمىسىگە، نېمە يەتمەي يولدىن چىقىدىغانلىقىغا باھانە تاپالمىغانلىقىم ئۈچۈن كېلىنىمدىن يامان گۇماندا بولۇشقا  ئۆزۈمنى قايىل قىلالمىدىم. كۈيئوغلۇمنىڭ قىزىم بىلەن توي قىلغان، توي قىلىپ مەن تونۇشقاندىن بۇيانقى ئەدەپ ئەخلاقى، مېنىڭ ئائىلىدە ئاياللىق بۇرچىنى قانداق ئادا قىلىش ئۈستىدە قىلغان نەسىھەتلىرىمنى چىن يۈرىكىدىن ئاڭلاپ، ئائىلىسىگە سادىق بولۇپ، ئېرىنى ھۆرمەت قىلىپ ئۆتىدىغان ئالدىنقى قاتاردىكى قىز-چوكانلارنىڭ ئۈچنىڭ بىرى بولالايدىغان قىزىمدەك ئايالى تۇرۇپ ئۆز ھەمشىرىسىدەك ئالدىغا چىقىپ قارشى ئېلىۋاتقان كېلىنىمگە كۆز تاشلايدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالمىدىم. شۇنىڭ بىلەن قوشنامنىڭ قىلغان گېپىنى خاتا چۈشۈنۈش دېگەن يەرگە كېلىپ، كېلىنىم بىلەن كۈيئوغلۇمنى ئاقلاپ چىققان بولساممۇ، كۆڭلۈمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا بىر خىل غەشلىك پەيدا بولۇپ قالدى. شۇنداق بولسىمۇ مەن بۇ ئىشنى ئائىلەمدىكى ھېچ كىشىگە بىلدۈرمەي كېلىن، كۈيئوغلۇمغا ئىلگىرىكىدەك مۇئامىلە قىلىپ يۈرىۋەردىم.
ئارىدىن خېلى كۈنلەر ئۆتۈپ كەتتى. مەن قوشنامنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئۇنتۇپ كېتەي دەپ شۇنچە تىرىشساممۇ، كېلىنىمنىڭ ھەددىدىن ئاشقان قىلىقلىرى كۆزۈمگە چېلىقىشى بىلەن تەڭ قوشنامنىڭ شۇ ئاگاھلاندۇرۇشى ئېسىمگە كېلىپ كۆڭلۈم ئەسكى بولۇپ قالاتتى. بۇ ئىشنىڭ كۆڭلۈمگە نېمىشقا بۇنچە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەنلىكىنى چۈشىنەلمەيلا قالاتتىم.

بىر كۈنى چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ئوغلۇم دۇكانغا چىقىپ كەتتى. مەن كېلىنىمگە ھەمكارلىشىپ چۈشلۈك تاماقنىڭ قازان-قومۇشلىرىنى يىغىشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن بىر ئىش بىلەن سىرتقا چىقىدىغانلىقىمنى، بارغان يېرىمدىن كەچ كىرگەندە ئاران قايتىپ كېلەلەيدىغانلىقىمنى ئېيتىپ ئۆيدىن چىقتىم. كېلىنىم ئىككى بالىسىنى ئۇخلىتىپ قالدى.

مەن بارىدىغان يېرىمگە ئاز قالغاندا بۇ يەرگە كېلىش ئۈچۈن ئېلىۋالغان نەرسەمنى ئۆيدە ئۇنتۇپ قالغىنىم ئېسىمگە كەلدى، مەن ئۆيگە قايتتىم.

tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章