بۇزۇلغان ئانا10-قسىم

文摘   2025-02-05 21:04   新疆  




تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .





بۇزۇلغان ئانا1-قسىم
بۇزۇلغان ئانا2-قسىم
بۇزۇلغان ئانا3-قسىم
بۇزۇلغان ئانا4-قسىم
بۇزۇلغان ئانا5-قسىم
بۇزۇلغان ئانا6-قسىم
بۇزۇلغان ئانا7-قسىم
بۇزۇلغان ئانا8-قسىم
بۇزۇلغان ئانا9-قسىم

--قىسىم
ئاندىن نىمىگە چىچىمنى چۈشۈرۋەتكىنىمنى سورىدى جىم تۇرۋالدىم، ئۆي ئىچى تىنجىپ ئۇ خوتۇننىڭ ئىچى پۇشۇپ قالدىمۇ تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتسام جىم ئولتۇرۇپ كىنو كۆرۋاتقان بالىسىنىڭ بىشىغا بىرنى قويۇپ يىغلىتىپ:

-شەھلا… ئادىل تىخى كىچىك تۇرسا ئاچام دەپ سۈركىلىپ قويسا ئۇرۇش كىتەمدۇ… كىلە بالام يىغلىما ھە ئاچاڭ سېنى ئەركىلتىپ قويدى ھېچنىم بولمايدۇ ھە…ئاچا دىگەن ئۇرۇپ قويغان بىلەن چوڭ بوغاندا ساڭا باش بولىدۇ…

دەپ بالىسىنى ئۆزى ئۇرۇپ ئۆزى بەزلەپ ئويۇن قويدى،سەت بىرنى قاراپ قويۇپ تاپشۇرقىمنى ئىشلەۋەدىم،بالىسىنى ماڭا چىتىپ يەنە بىرجىدەل قويۇپ ئاندىن ئۇ خوتۇن  مېنى ئاقلاپ يالغاندىن  قىرىنداش ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا چىداشماي قىلغان جىدەل دىدى ئاندىن مېنى ھېلىقى  بودەككە بەك ئامراقتى دىدى.  

-بىكا بوسىڭىز ئادىلنىڭ نوپۇسىنى يۆتكىۋاساق بوپتىكە… شەھلا يالغۇز  قاممايتى، مەكتەپتىن قويۇپ بەگەندە سىرتقا بىللە ئەچىقىپ ئويناتساق، ئۆيدە بىللە ئويناپ تېلىۋىزۇر كۆرەتتى…

دادام ئۇ خوتۇنغا سەت بىرنى قارىدى،

-كىيىن بىر گەپ بولسۇن…

پۈتۈن كىيىملىرىمگە ئۇ خوتۇننىڭ بالىسى رەڭگى سۇس بوسا رەسىم سىزىپ رەڭگى توقراق بوسا سىسىق سىر خىنە سۈركىۋتىپتۇ، كىيىملىرىم  بىر-بىرىدىن ۋەيران ئىدى.

-بالىڭىزنى باشقۇرسىڭىز بوممامدۇ،نىمىشقا مېنىڭ نەرسىلىرىم بىلەنلا قىيشىدۇ، مەن ئەمدى نىم كىيىمە…

دادامنىڭ يىنىغا شۇ كىيىملەنى كۆتۈرۈپلا ماڭماقچى ئىدىم ئۇ تۇتۋالدى،

-يىڭىسىنى ئەپ بەسەملا بولدىغۇ ماڭە بازاغا بېرىپ كىلەيلى…

دادامنىڭ ئالدىغا قولامدىن سۆرەپ ئاپىرىپ مېنى يىڭى كىيىم كىيىمە دىدى،پۇل بىرىڭ دىدى، دادام سانىمايلا بىر مۇنچە پۇلنى ئالدىغا تاشلاپ بەدى، ماڭا دادام ئۈچ تۆت يۈز كويغا ئىشتان،ئالتە يەتتە يۈزكويغا ئاياق بىر تال ئاددىي مايكىنىمۇ ئىككى ئۈچ يۈزگە ئەپ بەگەچ  ئۈچ تۆتمىڭ چىققىدەك پۇل بەدى،

-شەھلا ئاق بىلەن ھاۋا رەڭلىك كىيىمنى ياخشى كۆرىدۇ،قاپقارا     نەسىلەنى ئىپ بەمە…مىنىڭ كۆزۈمگىمۇ سىغمايدۇ…

-ماقۇل ماقۇل سىز دىگەندەكنى ئالمىز.

ئۇ خوتۇن بازاغا ئەچىقىپ ئەللىك بەش كويغا سىتىقچى بىلەن ئۇرۇشۇپ يۈرۈپ قاپقارا ئاياق قاپقارا كۆينەكتىن ئىككىنى ئىككى يۈز ئون كويغا ئىلىپ مېنى كەتكەچ تۇر دەپ خالتىنى تۇتقۇزۇپ قويدى، ماڭا زولاپ ئىپ بەگەن نەسىسى ماڭا يارىمىغان بوغاچ ئاپىرىپ ئەخلەت چىلكىگە سىلۋەتتىم، ئۇ خوتۇن كەچتە ئۆيگە كىرىپ مېنى چىقىشتىن بۇرۇن مەن چىقىۋالاي دەپ يۈگرەپ ئۆيگە ماڭدىم، دادامغا بازاغا بېرىپ مېنى يوقال دەپ ھەيدىۋەتتى دىدىم،بايا كۆرسىتىشكە ئۈلگۈرمىگەن رەڭ كىيىمنى ئەچىقتىم،  ئۇ خوتۇن بىرمۇنچە خالتا كۆتۈرۈپ كىرۋىدى دادام نىمىشقا ماڭا كىيىم ئەپ بەمىگىننى سورىدى، قولۇمدا ھېچنىمە بوممىغاچ ئۇ خوتۇن تىل ئاڭلىدى.

-ئۆيدە ماڭا يەيدىغان نەسىمۇ بەمەيدۇ، چىچىمنىمۇ  مۇنچا چاچ بوپ كىتىپتۇ دەپ زورلاپ مۇشۇنداق قىلۋەتتى…

شۇلارنى دىگەچ كىلشتۈرۈپ تازا يىغلىۋالدىم، تۇغۇلغاندىن بىرى چۈشۈرۈپ باقمىغان چاچ بوغاچ بۇ گەپنى ئاڭلاپ تىخىمۇ ئاچچىغى كەلدى،دادام ئۇ خوتۇننىڭ تەستىكىگە چاڭڭىدە بىرنى سېلىپ:

-شەھلا بۇ ئۆيدە يىغلاپ قاممىسۇن بوممىسا خىتىڭنى ئىلىپ يوقال…  

خام كاۋىسى دادامغا مۆلدۈرلەپ قارىۋىدى ئۇنىمۇ تىللىدى،

-ماۋۇ خام سىمىزىڭ ئۆزىنى باشقۇرالىسا بۇ ئۆيدە تۇرسۇن بوممىسا  بۇرۇنقى ئىرىڭغا بىرۋەت،بۇ ئۆيدە تۇرمىسۇن…  

دادام گىپىنى تۈگىتىپ كىتاپخانىسىغا كىرىپ كەتتى، ئۇ خوتۇن مومامغا تېلېفۇن قىلىپ تاياق يىگىننى دىدى، يىغلاپ دەريا بوپ كەتتى، ئىچىمدە خوپ بولدى دەپ خۇش ئىدىم، دادامنىڭ كەينىدىن مېڭىپ كۈتۈپخانىغا كىردىم نۇرغۇن گىپىم بوغۇزۇمغا كەلدىيۇ چىقىرامىدى.

ئىككى كۈن ئۇ خوتۇن مېنى ھېچنىمە قىممىدى، ئانا بالا ئىككىسى دادامغا  خۇشامەت قىپ ئاۋارە ئىدى، ئۈچىنجى كۈنى  دادامنىڭ جىنى تۇتۇپ يوق بىر ئىشقا ماڭا ۋارقىراپ تىللىدى،

-مىنى ياقتۇرمىسىڭىز گۈلىستان ئاپامغا بىرۋىتىڭ ئۇ خوتۇن بىلەن بالىسى با ئۆيدە تۇرغۇم يوق،…

دادام خاتىرە كومپىيۇتىرنى ۋاققىدە يىپىپ مەكتەپتە ئۆگىنىشمنىڭ قانداقلىقىنى سورىدى، گەپ قىممىدىم،

-------

ئەسلى ماڭا جىقراق كۆڭۈل بۆل،مەنمۇ دادا مىھرىگە موھتاج دىمەكچى ئىدىم، مەن تىخى كىچىك دىمەكچى ئىدىم، دادام شىرەگە جاڭڭىدە مۇشلاپ ماڭا قولىنى تەڭلىدى…

-مەن ساڭا ئۇل سىلۋاتقىلى يەتتە يىل بولدى، بىردەمدە تولۇق ئوتتۇرىغا چىقىسەن، ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقساڭ يىڭى بىلىم يوق، ئۇلۇڭ ياخشى بوممىسا بىشىڭنى تاشقا ئۇساڭمۇ ئىزىڭدىن چىقاممايسە…بۇنداق كەينىڭگە يانغىلى تۇرساڭ ئەخلەتكە ئايلىنىپ كىتىسە…ئۇقتۇڭمۇ؟

ئۈنىمنى چىقىرالماي يىنىپ چىقتىم، ئۇزۇنغا قالماي مەۋسۇملۇق ئىمتاھان نەتىجىمىز چىقتى. ئىنگلىزتىلىدا توقسان،ئەدەبىياتتا سەكسەن سەككىز،ماتىماتىكا سەكسەن بەش،باشقا پەنگە دادام قىزىقمىغاچ مۇشۇ ئۈچ نەتىجەمنى ئالدىمغا تاشلىدى، تىرنىقىمنى تاتىلاپ ئولتۇردۇم، ۋارقىراپ تىللاپ بوپ تەتىللىك كۇرۇسقا سەككىز سائەتلىك دەرسكە تىزىملىتىپ قويدۇم دىدى،خەجلەيدىغان پۇل سورىدىم دادام ئەللىك يۈۋەندىن بىرنى بىرىۋىدى ئامماي قاراپ تۇرىۋەدىم، يۈز يۈۋەندىن نەچچىنى سانىمايلا بەدى،

-يا كىيىم كىيمەيدىكەنسىز، يا كىتاپ ئالمايدىكەنسىز،پۇلنى نەگە خەجلەۋاتىسىز؟

گەپ قىماي تىرنىقىمنى تاتىلاپ تۇرىۋەدىم،

-شەھلا… پۇلنى با دەپ بۇزۇپ چاچسىڭىز بوممايدۇ، ھەممە نەرسىنىڭ قەدرى ئۆتىلدىغان ھايات بۇ، لايىقىدا خەجلەڭ،

-مەن شۇ شۇ…سىرتتىن تاماق يەيمە،بۇزۇپ چاچمىدىمغۇ…

-نىمىشقا ئۆيدىن يىمەيسىز…

-ئۇنىڭ ئەتكەن بەتتام تامىقىنى يىگىم كەممەيدۇ…

يەدىن بىشىمنى كۆتۈمەي گىپىمنى دەۋەتتىم،دادام ئۇھسىنىپ قويدى،ئاندىن  يەنە نەچچە  ۋاراقنى قوشۇپ رەتلەپ تەڭلىدى،

-مەن تاماق ئىتىپ بىرىپ باقمىغان بوغاچقا سىرتنىڭ تامىقىغا كۆنۈپ قاپسىز مەڭ بەك ئاچچىق سوغۇق نەسىلەنى يەۋاماڭ قۇۋەتلىك تاماق يەڭ …

ماقۇل دەپ پۇلنى ئالدىم، ھېلىقى ئىككى سىمىز قاچانلادا كىردىكىن  يىنىمدا بىرى پىيالە بىرى چەينەك كۆتۈرۈپ تۇراتتى،ئۇ خوتۇن قولۇمدىكى بىرمۇنچە پۇلنى كۆرۈپ  مېنى كىچىك، پۇلنى ساقلىياممايدۇ دەپ قولۇمدىكى پۇلغا ئىسىلۋىدى شارتتىدە تارتىپ يانجۇقىمغا سىلۋالدىم.

-دادا… مەن سىزگە يەنە بىر گەپنى دىمەپتىمە… بۇ خوتۇن ئالدىنقى قىتىم سىز ئىچكىرگە كەتكەندە مىنى بەك قاتتىق ئۇرغان…… ماڭا ھەتتا تاماقمۇ بەمىگەن، بۇ يەنىمۇ ئۇ چەينەك ئىتىپ كۆيدۈرۈپ قويغان تېخى…گۈلىستان ئاپام  سۇ يىرىڭنى تاتقۇزغان يەدىكى  چاقا ئىزىنى ئاچتىم، يەنە بىلەيزۈكىمنى ئىلۋاغىننى دىدىم، دادام مىنى چىقىرۋەتتى،ئەتىسى ئۇ خوتۇننىڭ بىر يۈزى ئىششىق،بىر كۆزىنىڭ ئەتراپى كۆپكۆك ئۆيدە مىڭىپ يۈردى.

كۇرۇسقا بىرىشنى باشلاپ ھەپتە بوماي دادام يەنە ئىچكىرگە ماڭدى،دادامدىن ئىلۋاغان پۇلۇمنى ئۇ خوتۇن بىر ئۇخلاپ قوپقىچە ئوغۇرلىۋاغان ئىدى. ئۇ خوتۇن بىر ئاماللانى قىلىپ ماڭا پۇل بەمەيتى،تاماقمۇ بەمەيتى، كۇرۇستا بىسىم ئىغىر بوغاچ تامىقىمنى ۋاقتىدا يىمىسەم بىشىم ئاغرىپ كىتەتتى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ پۇل بە دىدىم بەمىدى، چوڭ ئۆيگە شەنبە يەكشەنبە  كۈنىلا بارالايتىم، كۇرۇس بىلەن چوڭ ئۆينىڭ ئارلىقى تەتۈر يۆلىنىشتە ئىدى. سەھەر كۇرۇسقا مىڭىپ بوپ يانجۇقىمغا قول سالدىم، قۇرۇق ئىدى، چۈشتە تاماق يىيىشىم يەنە ماتىريال ئىلشىم كىرەك ئىدى، بىنانىڭ ئىچىدىن چىقماي ساقلاپ تۇردۇم، خام سىمىز توپنى كۆتۈرۈپ يۈگرەپ لىفىتتىن چىقىۋىدى ياقىسىدىن تۇتۋالدىم،

-ئۆيگە كىرىپ ئاۋۇ ئاپاڭدىن پۇل ئەچىق؟

-قويۋەت،نىمىشقا ساڭا پۇل ئەچىقىپ بىرمە،ئۇ دىگەن بىزنىڭ پۇلىمىز…

ئىغىزىغا ۋاقىشتىپ كاچات بىلەن ئۇردۇم،

-ئاياق بىلەن يۈزۈڭنى ئۇرۇپ ئىششىتىۋتىمە بىكا،ماڭە پۇل ئەچىق…

ئۇ يىغلاپ لىفىتكە ماڭدى

-توختا… مېنىڭ ئۇرغىنىمنى دەيدىغان بوساڭ  مەن سىنى…

مۇشتۇمنى تۈگۈپ كۆرسىتىپ قويدۇم، ئۇ يىشىنى ئىيتىپ لىفىتنىڭ ئىشكىنى ئەتتى،خىلىغىچە چۈشمىدى، بىر كەمدە ئۇ سىمىز ئاپىسى بىلەن چۈشىۋاتمامدۇ، ئاپىسىنىڭ تەلەتىگە قاراپ سىرتقا يۈگۈردۈم، ئىچىمدە مىڭنى تىللىدىم ئۇ خام سىمىزنى، كۇرۇسقا بامىدىم ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغىدەكمۇ پۇل يوقتى يانجۇقىمدا،  چۈشتە ئۆيگە كىرىپ ئۇ ئىككىسىنىڭ ئۇخلاۋاتقىننى كۆرۈپ  ئۇ خوتۇننىڭ  سومكىسىدىن، ياتاق ئۆيدىكى تاتمىدىن سانىماي نەچچە تۇتام پۇل ئالدىم، ئاندىن سومكامغا تىقىپ مۇنچىغا كىرىپ بىر داس مەينەت سۇ ئەچىقپ ئىغىزىنى ئىچىپ ئۇخلاۋاتقان خام سىمىزنىڭ ئىغىزىغا قۇيدۇم، غۇرتىلدىتىپ ئىچىۋەدى بۇ سىمىز، داسنى ۋاققىدە دۈم كۆمتۈرۈپ  سىرتقا يۈگۈردۈم…

كۇرۇسقا باغىم يوق بوغاچ بىر سائەتتىن ئارتۇق يول يۈرۈپ تاغامنىڭ ئۆيىگە كەلدىم، ئالدىنقى قىتىم دادام توي قىلدى دەپ خۇش بولسام، گۈلچىھرە ئۆگەي ئاپا تىپ بەسە خۇش بولدۇڭ دەپ مېنى تىللاپ ئىككىمىز  ئۇرۇشۇپ  قاغانتۇق، كارتون كۆرۈپ ئولتۇرغان گۈلچىھرە مېنى كۆرۈپ ھومىيىپ قويدى، تاغام بىر ياندا چاي ئوتلاپ ئولتۇرۇپتۇ، مېنى يىنىغا شەرەتلىدى يىنىغا باسام گۈلچىھرە بۇرنىنى پۈۋلەپ يەنە ھومايدى،

-بالام مەن سىزگە دىگەن گەپلەنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزما،؟ شەھلا ئاتايىن سىزنى ئىزدەپ  كەپتۇ قوپۇپ كۆرۈشۈڭ ئۇ دىگەن سىڭلىڭىز…

گۈلچىھرە گەپ قىماي مېنى مۇنداقلا قۇچاقلاپ قويدى، ئاندىن قولۇمدىن تارتىپ يىنىدا ئولتۇرغۇزدى،لىكىن تەرىنى تۈرۈپ تېلىۋىزۇردىن كۆز ئۈزمەي ئولتۇرىۋەدى، تاماق يەپ بوپ بىردەم ئولتۇرۇپ خوشلاشتىم، تاغام خەجلەڭ دەپ ئىككى ۋاراق پۇلنى يىنىمغا سەپ قويدى، گۈلىستان ئاپام كىلىپ ئۇ پۇلنى ئىلۋالدى،گەپ قىمماي قاراپ تۇردۇم، ماڭا ئۇ ئۆيدە بوزەك بومما  داداڭ بەگەن  پۇللانى ئۇ خوتۇنغا بەمە دەپ بىرمۇنچە گەپ قىلدى، پۇلۇمنى ئىلۋالدىغنىنى ئىيتتىم،

-مەن راس دەپتىمەنمۇ، قارىڭە شەھلانىڭ چىرايىغا تاماق يىگەن چىرايى يوق تاتىراڭغۇ، كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ، يۈزى بوشاپ ساڭگىلاپ كىتىپتۇ، ئۇنىڭغا  پۇل بەسىڭىز ئۆگەي ئاپىسى ئىلۋاسا يەنە مۇشۇنداق يىرىم ئاچ يىرىم توق يۈردۇ،شەھلاغا ئۆيىنىڭ يىنىدىن تاماق يەيدىغان  كىتەرلىك نەسىلەنى ئالدىغانغا ئادەم ئۇقۇشۇپ بىرىڭە…

تاغام  مەن بىلەن گۈلچىھرەنى ئىلىپ  يولغا چىقتى ماشىنىنى ئۆيىمگە يىقىنلا جايدىكى بىر ئاۋات جايدا توختاتتى، تاغام  نەچچە دۇكاندار بىلەن كۆرۈشۈپ مېنىڭ ئاغان نەسىلىرىمنى خاتىرلەپ قويۇپ پۇلىنى ئۆزىدىن ياكى دادامدىن ئىلىشنى ئىيتىپ مېنى كۆرسىتىپ قويۇپ ماڭا ئازراق خىراجەت بىرىپ كەتتى.  

ئۆيگە كەسەم ئۇ خوتۇن مېنى تۇتۋىلىپ  پۇلۇم ئازلاپ كىتىپتۇ دەپ تىللىدى يانجۇقىمنى ئاختۇرۇپ بايا تاغام بەگەن پۇلنى قولىغا ئىپلا  ماڭا ۋارقىردى، كەينىدىن قول سالدى،
-خەجلەپ مۇشىنى قويدۇڭما؟ تىخى مېنىڭ پۇلۇمنى ئىلۋاغىدەك بولدۇڭما مانا ئالە… چوڭ بوساڭ ئەرگىمۇ تىگەمەيسە ھۇ مەينەت ئوغرى…

بىر قولۇمنى تۇتۋىلىپ بىر قولىدا دۈمبە كاسامغا ئۇزۇن پەلكۈچ بىلەن كۈچەپ سىلىشقا باشلىدى، مېنى ئۇرۋاتقان جايغا دادام كىرىپ كەلدى، ئۇ خوتۇن قولىدىكىنى ۋاققىدە تاشۋىتىپ دادامغا يىغلاپ ئىسىلىپ مېنى ئۆزىنىڭ يەتتە يۈز كوي پۇلىنى ئوغۇلاپ سىرتتا بىر كۈن چۆگىلەپ خەجلەپ بوغىنىمنى ئىيتتى،

-يالغان گەپ قىمما سىنىڭ پۇلۇڭنى مەن ئاممىدىم بۇ پۇلنى بايا  ئىسرايىل دادام بەگەن،

-كۆدىڭىزمۇ شەھلا ھېكايە توقۇشقا بەك ئۇستا بوپ كىتىپتۇ ئىغىزىنى ئاچسىلا يالغان گەپ چىقىدۇ، مىنىڭ ئۇنى ئۇرغۇم بامۇ،ئۇمۇ مىنىڭ قىزىم تۇرسا يامان ئۆگىنىپ قاممىسۇن دەيمەندە…

ئۇ بىر قولىنى مەيدىسىگە قويۇپ بىر قولدا كۆزىنى ئۇۋۇلاپ يالغاندىن چىقمىغان يىشىنى ئىيتىپ قويدى،

-شەھلانىڭ قانداق بالا بوغىنىنى مەن سەندىن ياخشى بىلىمەن…  شەھلا  بۇياققا كىلىڭ…

دادام بىر قولىدا مېنى شەرەتلىدى،يىنىغا بىرىپ بوغىچە مايكامنىڭ ئۈستىنى بىر كەرىپ دۈمبەمگە قارىدى، ئاندىن مايكامنىڭ گىلىىنى قويۋەتتى…

-شەھلا مېنى بىنا ئالدىدا ساقلاپ تۇرۇڭ.

دەپ مېنى پەسكە چۈشۈرۋەتتى، دادام خىلىدىن كىيىن يىنىمغا چۈشتى،تاماق يەپ ئۆيگە يىنىپ كىردۇق،ئەلۋەتتە ئەتىسى ئەتىگەندە مەن ئۇيقۇمنى ئىچىپ بوغىچە يەنە كىتىپ بوغان ئىدى، ئۇيقۇمنى ئىچىپ ئەمدى ناشتا قىلاي دەپ ئاشخانىغا ماڭسام ئۇ خوتۇن ئايىقىنى سىلىپ ماڭا ئىتىلىپ كەلدى، چاققانلىق بىلەن قىچىپ يانغا ئۆتىۋالدىم  ئۇ يىقىلدى، ئورنىدىن تۇرۇپ بوغىچە چىرايىغا قاراپ ئۈلگۈردۈم، چىرايى لىققىدە تاياق ئىزناسى ئىدى.

ماڭلايدىكى چاچنى بىر قولۇمدا تۇتىۋىلىپ بىر قولۇمدا  ئۇنىڭ ھەممە يىرىگە ئۆزىنىڭ ئايىقى بىلەن ئۇردۇم،بالىسىمۇ ئىتىلىپ كەلدى ئەلۋەتتە،ئۇنىمۇ قوشۇپ ئۇردۇم.

ئۆيدە قىيا-چىيا قىلىپ قاچقان خام سىمىز  بالسىنى  توختىماي قوغلاپ  جىنىنى قويمىدىم،ئىككىسى ئەمدى كىرىسلۇدا ئولتۇرۋىدى ياندىكى گۈل لوڭقىسىنى خام سىمىزنىڭ بىشىغىلا ئاتتىم، باش دىگەنمۇ شۇنداق قاتتىق بولامدۇ بۇ سىمىز شۇمنىڭ بىشى ھېچنىمە بولمىدى ئاپىسى يۈگرەپ قوپتى،ئىككىسىگە قولۇمغا چىققان نەرسىلەنى ئىتىپ ھەممە نەرسىنى چىقىپ بولدۇم… چىقىپ بوپ ياتاق ئۆيىمگە كىرىپ ئىشىكنى ئەتتىم، ئەتتىميۇ ئىچ-ئىچىمدىن يىغا قايناپ كەتتى. پىشانەم ۋاژىلداپ ئىچىشىپ كەتتى،ئاغرىققا چىدىماي ئەينەككە قارىدىم، چىكەمنىڭ ئۈستىرەك تەرىپىدە تۇخۇمدەك جاي كۆكۈرۈپ خاسىڭ مىغىزىچىلىك جاي يىغىر بوپ قاغان ئىدى، يانجۇقىمنى ئاختۇرۇپ پۇل بالىقىنى جەزىم قىپ   دورىخانىغا ماڭدىم. ئۇ خام سىمىز خوتۇن بىرىگە تېلېفۇن قىلۋاتىپتىكەن،چىققىنىمنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى

-گەپ قىلە… نىم بولدى؟

tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章