دىللاردا سەنەم139-قسىم

文摘   2025-02-08 21:05   新疆  

تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .


 
   
دىللاردا سەنەم1-قسىم
دىللاردا سەنەم2-قسىم
دىللاردا سەنەم3-قسىم
دىللاردا سەنەم4-قسىم
دىللاردا سەنەم5-قسىم
دىللاردا سەنەم6-قسىم
دىللاردا سەنەم7-قسىم
دىللاردا سەنەم8-قسىم
دىللاردا سەنەم9-قسىم
دىللاردا سەنەم9-قسىم
دىللاردا سەنەم10-قسىم
دىللاردا سەنەم11-قسىم
دىللاردا سەنەم13-قسىم
دىللاردا سەنەم14-قسىم
دىللاردا سەنەم15-قسىم
دىللاردا سەنەم16-قسىم
دىللاردا سەنەم17-قسىم
دىللاردا سەنەم18-قسىم
دىللاردا سەنەم19-قسىم
دىللاردا سەنەم21-قسىم
دىللاردا سەنەم22-قسىم
دىللاردا سەنەم23-قسىم
دىللاردا سەنەم24-قسىم
دىللاردا سەنەم25-قسىم
دىللاردا سەنەم26-قسىم
دىللاردا سەنەم27-قسىم
دىللاردا سەنەم28-قسىم
دىللاردا سەنەم29-قسىم
دىللاردا سەنەم30-قسىم
دىللاردا سەنەم31-قسىم
دىللاردا سەنەم32-قسىم 
دىللاردا سەنەم45-قسىم
دىللاردا سەنەم33-قسىم
دىللاردا سەنەم34-قسىم
دىللاردا سەنەم35-قسىم
دىللاردا سەنەم36-قسىم
دىللاردا سەنەم37-قسىم
دىللاردا سەنەم38-قسىم
دىللاردا سەنەم39-قسىم
دىللاردا سەنەم40-قسىم
دىللاردا سەنەم41-قسىم
دىللاردا سەنەم42-قسىم
دىللاردا سەنەم43-قسىم
دىللاردا سەنەم44-قسىم
دىللاردا سەنەم45-قسىم
دىللاردا سەنەم-46-47-قسىم
دىللاردا سەنەم48-قسىم
دىللاردا سەنەم-49-قسىم
دىللاردا سەنەم-50-قسىم
دىللاردا سەنەم-51-قسىم
دىللاردا سەنەم-52-قسىم
دىللاردا سەنەم-53-قسىم
دىللاردا سەنەم54-قسىم
دىللاردا سەنەم55-قسىم
دىللاردا سەنەم56-قسىم
دىللاردا سەنەم57-قسىم
دىللاردا سەنەم58-قسىم
دىللاردا سەنەم59-قسىم
دىللاردا سەنەم60-قسىم
دىللاردا سەنەم61-قسىم
دىللاردا سەنەم62-قسىم
دىللاردا سەنەم63-قسىم
دىللاردا سەنەم64-قسىم
دىللاردا سەنەم65-قسىم
دىللاردا سەنەم66-قسىم
دىللاردا سەنەم67-قسىم
دىللاردا سەنەم68-قسىم
دىللاردا سەنەم69-قسىم
دىللاردا سەنەم70-قسىم
دىللاردا سەنەم71-قسىم
دىللاردا سەنەم72-قسىم
دىللاردا سەنەم73-قسىم
دىللاردا سەنەم74-قسىم
دىللاردا سەنەم75-قسىم
دىللاردا سەنەم76-قسىم 
دىللاردا سەنەم93-قسىم
دىللاردا سەنەم77-قسىم
دىللاردا سەنەم78-قسىم
دىللاردا سەنەم79-قسىم
دىللاردا سەنەم80-قسىم
دىللاردا سەنەم81-قسىم
دىللاردا سەنەم82-قسىم
دىللاردا سەنەم83-قسىم
دىللاردا سەنەم84-قسىم
دىللاردا سەنەم85-قسىم
دىللاردا سەنەم86-قسىم
دىللاردا سەنەم87-قسىم
دىللاردا سەنەم88-قسىم
دىللاردا سەنەم89-قسىم
دىللاردا سەنەم90-قسىم
دىللاردا سەنەم91-قسىم
دىللاردا سەنەم92-قسىم
دىللاردا سەنەم93-قسىم
دىللاردا سەنەم94-قسىم
دىللاردا سەنەم95-قسىم
دىللاردا سەنەم97-قسىم
دىللاردا سەنەم98-قسىم
دىللاردا سەنەم99-قسىم
دىللاردا سەنەم100-قسىم
دىللاردا سەنەم101-قسىم
دىللاردا سەنەم102-قسىم
دىللاردا سەنەم103-قسىم
دىللاردا سەنەم-105-104-قسىم
دىللاردا سەنەم-106-قسىم
دىللاردا سەنەم-107-قسىم
دىللاردا سەنەم-108-قسىم
دىللاردا سەنەم109-قسىم
دىللاردا سەنەم110-قسىم
دىللاردا سەنەم111-قسىم
دىللاردا سەنەم112-قسىم
دىللاردا سەنەم113-قسىم
دىللاردا سەنەم114-قسىم
دىللاردا سەنەم115-قسىم
دىللاردا سەنەم116-قسىم
دىللاردا سەنەم117-قسىم
دىللاردا سەنەم118-قسىم
دىللاردا سەنەم119-قسىم
دىللاردا سەنەم120-قسىم
دىللاردا سەنەم121-قسىم
دىللاردا سەنەم122-قسىم
دىللاردا سەنەم123-قسىم
دىللاردا سەنەم124-قسىم
دىللاردا سەنەم125-قسىم
دىللاردا سەنەم126-قسىم
دىللاردا سەنەم127-قسىم
دىللاردا سەنەم128-قسىم
دىللاردا سەنەم129-قسىم
دىللاردا سەنەم130-قسىم
دىللاردا سەنەم131-قسىم
دىللاردا سەنەم132-قسىم
دىللاردا سەنەم133-قسىم
دىللاردا سەنەم134-قسىم
دىللاردا سەنەم135-قسىم
دىللاردا سەنەم136-قسىم
دىللاردا سەنەم137-قسىم
دىللاردا سەنەم138-قسىم



ـ-114باب

ئايدىڭدىكى كۆڭۈل ئىزھارى


(213)


خىزمەتكارلار خۇشاللىقتا قىن- قېنىغا پاتماي شەرۋانەم بىلەن ئابدۇللانى ئۆيگە باشلاۋاتقاندا، مېھرىيار خېنىم قاپىقىدىن مۇز ياغدۇرغان ھالدا بوسۇغىدا پەيدا بولدى ۋە ئۇلارغا تەكشى قاراپ بىرنى ئالىيىۋەتكەندىن كېيىن ئۇرغۇلۇق ئاۋازدا:

-كىم سىلەرگە بۇ خوتۇننى ئۆيگە باشلاپ كىرىڭلار دېدى؟ سەيدۇللا باي ئۆيدە يوق تۇرسا، ئەمدىلا يەڭگىگەن تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ يېنىغا ئايىغىدىن شۇملۇق ياغىدىغان نەس بىر ئايالنى باشلاپ كىرسەڭلار قانداق بولىدۇ؟ بۇ خوتۇننىڭ ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ ھازىرغا قەدەر ھېچكىمنىڭ خەۋىرى بولمىغان شارائىتتا نەگە بېرىپ نەدە تۇرغىنىنى ھېچقايسىمىز بىلمىسەك، ئەگەر بۇ جەرياندا ئۇ ئاللىكىملەر بىلەن يېتىلىشىپ نەلەردىدۇر پوق دەسسەپ يۈرگەن بولسا، سەيدۇللا بايغا يېشىل بۆك كىيدۈرۈپ ئۇنىڭغا خىيانەت ئەيلىگەن بولسا، سىلەر بىلىپ- بىلمەي مۇشۇ ئايالنى يەنە ئۆيگە باشلىساڭلار، باي قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بۇ ئىشلارنى سۈرۈشتۈرۈپ قالسا ئۇنىغۇ بوش قويمايدۇ، سىلەرنىڭمۇ تاناۋىڭلارنى تارتىپ ئوبدان ئەدەبلەپ قويىدۇ، مۇنداق ئىشلاردا ئۆزى خالىغانچە قارار چىقىرىدىغانغا كىمنىڭ ھەددى؟ كىم بەرگەن قايسى ھوقوق بىلەن مۇنچە يوغىناپ كېتىۋاتىسىلەر؟- دېدى.

-تولا تۆھمەت قىلمىسىلا مېھرىيار خېنىم، ئەھۋالنى ئېنىق بىلمەي تۇرۇپ قالايمىقان پەرەز قىلسىلىرى قانداق بولىدۇ؟ ئاچام ئۇنداق ئاياللاردىن ئەمەس، ئۇنداق ئايال ئەمەسلىكىنى بىلگەچكە شۇڭا سەيدۇللا باي...

-سەن ئاغزىڭنى يۇم! بۈزرۈك خانىم «ئاتاق قىزىم» دەپ بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ قويسا جېنىڭغا پاتماي كۆرەڭلەپ كەتتىڭمۇ؟ توختاپ تۇر، بۇ خوتۇننىڭ تالادا قىلىپ يۈرگەن ھەررەڭ- سەررەڭ ئىشلىرى پاش بولۇپ مەيدانغا چىققاندا سەنمۇ بۇ ئۆيدىن خۇددى لالما ئىتتەك قوغلىنىسەن تېخى!

ئامانەم مېھرىيار خېنىمنىڭ باشتا دېگەن گەپلىرىگە چىدىماي ئاچىسى تەرەپتە تۇرۇپ ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىشىگە، مېھرىيار خېنىم ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈپلا ۋارقىراپ قولىنى شىلتىدى. مېھرىيار خېنىمنىڭ باشتىكى ئۇ گەپلىرى خىزمەتكارلارنىمۇ ئەندىشىگە سېلىپ قويغان بولۇپ، ئۇلارمۇ سەيدۇللا باي قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئەھۋالنىڭ ھەقىقەتەن ئۇ ئېيتقاندەك بولۇپ چىقىشىدىن، بەكرەك تەكشۈرۈپ سۈرۈشتە قىلسا شەرۋانىخان ئاغىچىنىڭ تالادا قىىپ يۈرگەن قانداقتۇر سەت ئىشلىرى چىقىپ قېلىپ، ئۆزلىرىنىڭمۇ شۇ ئىشقا چېتىلىپ قېلىپ شەرۋانىخان ئاغىچا بىلەن بىللە بىرتەرەپ بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەشمەكتە ئىدى.

شۇنداق قىلىپ، خىزمەتكارلار ھەممىسى مېھرىيار ئاغىچىنىڭ ئېغىزىدىن قورقۇپ، شەرۋانىخان ئاغىچىغا ياردەم قىلىشقا پېتىنالماي بىر چەتكە ئۆتۈپ تۇرۇشتى. ئۇلارنىڭ قورقۇنچاقلىق قىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ ئاچچىقى كەلگەن گۈلساھىپخان بىر قەدەم ئالدىغا چىقتى ۋە:

-بۇ ئايالنىڭ قالايمىقان بىلجىرلاشلىرىغا ئىشەنمەڭلار، سەيدۇللا باي ئۇنى ئاللىقاچان خېتىنى بېرىپ ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغان، ئۇ ھەتتا ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆيىگىمۇ پاتماي، ئاچىسىنىڭ ئۆيىدە پاناھلىق تىلەپ تۇرىۋاتقان بىزدىنمۇ ئۆتەر بىچارە بىرسى، شۇ تۇرقىدا قالايمىقان سۆزلەپ سىلەرنىڭ كاللاڭلارنى يۇيىۋاتىدۇ، ئەگەر سەيدۇللا باي ئۇنىڭ بىلەن يارىشىپ قالماقچى بولسا ھازىرغىچە ساقلامتى؟ شەرۋانىخان ئاغىچىنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ بولۇپ، ئاندىن ئۇنى قويۇۋېتىپ بۇنىڭ بىلەن ياراشمىسا بولمايدىغان نېمە بوپتىكەن؟ ياراشقۇسى بولسا ئەينى ۋاقىتتا ھەيدىۋەتمەيتتى، تۆت بالىسىنىڭ يۈزىگىمۇ قارىماي، ئۇزۇن يىللىق قەدىناس خوتۇنۇم دەپمۇ ئويلىماي قويىۋەتكەن ئىكەن، دېمەك بۇنىڭدىن كېيىن ياراشمايدۇ، باي قايتىپ كەلگەندىن كېيىن سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلارنى ئەمەس، ئۇنىڭ قىلمىش- ئەتمىشلىرىنى سۈرۈشتۈرىدۇ. ئەگەر ئىشىكنىڭ تېشىدىكى بىرەيلەننىڭ يالغان- ياۋىداقلىرىغا ئىشىنىپ شەرۋانىخان ئاغىچىغا ئەسكىلىك قىلغىنىڭلارنى بىلسە سەيدۇللا باي ھېچقايسىڭلارنى بوش قويمايدۇ، ئۇ چاغدا مەنمۇ سىلەرگە يان باسمايمەن بىلىپ قويۇڭلار!- دېدى.
خىزمەتكارلار ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ نېمە قىلىشنى بىلمەي، بىردە ئۇنىڭغا، بىردە شەرۋانىخان ئاغىچىغا، يەنە بىردە مېھرىيار خېنىمغا قاراپ ھودۇقۇپ قېلىشتى. شۇ چاغدا ئاچچىقتىن جالاقلاپ تىترەپ لېۋىنى چىڭ چىشلىۋالغان مىھرىيار خېنىم ئالدىغا بىر قەدەم سىلجىپ، گۈلساھىپخاننىڭ كۆزلىرىگە قولىنى تىقىۋەتكۈدەك بولۇپ ۋارقىرىدى:

-بىر چۈپرەندە قېرى دېدەك ئىكەنلىكىڭنى، مەدىكار ئىكەنلىكىڭنى ئۇنتۇپ قېلىپ بۇ يەردە ماڭا چوڭچىلىق قىلىۋاتامسەن تېخى؟ ئىشىنەمسەن؟ ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا، سەيدۇللا باينىڭ قايتىپ كېلىشىنى ساقلىمايلا سېنى بۇ ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىمەن! ئىگسىنى تونۇمايدىغان قانداق ئىت سەن؟ ھۇ نومۇسسىز! ئەيمەنمەي ماڭا تىل تەگكۈزۈپ، تېخى خىزمەتكارلارنى ماڭا قارشى كۈشكۈرتىۋاتىسەن ھە؟ ئەينى يىللىرى مېنىڭ قولتۇقۇم ئاستىدا پىتلىنىپ مەندىن ئاشقان بىر بۇردا ناننى يەپ جان ساقلايدىغان تېجىمەل ئىدىڭ، ئەمدى بۇ ئۆيگە ئۆزۈڭگە ئوخشاش مەدىكاردىن بىرسىنى ئاغىچا خېنىم قىلىپ تىكلەپلا ھالىڭ يوغىناپ قاپتىغۇ سېنىڭ؟ ئاگاھ بول، ۋاقتى كەلگەندە ئۇ قەمبەر دەيدىغان دىۋانە ئوغلۇڭ، ماۋۇ تېگى پەسنىڭ قىزلىرىدىن بولغان كېلىنىڭ بىلەن ئاغىچا خېنىمىڭ ھېچنىمىگە ئارا تۇرالمايدۇ، مەن خالىسام سېنى ھېلىغۇ بۇ قەسىردىنكەن، ھەتتا بۇ يۇرتتىنمۇ قوغلاتقۇزىۋېتەلەيمەن، شۇ چاغدا قېرىغان ئىت جېنىڭنى ئېلىپ نەلەردە جان ساقلايسەنكىن قېنى، ۋاقتى كەلگەندە كۆرىمىز...

-ئۇنداق ئېغىزلىرىنى بېزەپ ئېتىپ تۇزكورلۇق قىلمىسىلا مېھرىيار خېنىم، تۆت بالىلىرىغا نان چايناپ يېگۈزۈپ ھەممىسىنى ئۆزۈم بىر قوللۇق ئەي قىلغان، ئۈچ قېتىملىق تۇغۇتلىرىنىڭ ھەممىسىدە يانلىرىدا تۇرۇپ جانلىرىغا جان قوشقان گۈلساھىپخان مەن، قىيىن كۈنلەرنى ھەمدەم بولۇپ بىرگە ئۆتكۈزگىنىمىزنىڭ بولسىمۇ يۈز- خاتىرىسىنى قىلىدۇ، ئادەمدەك ئادەم بولىدۇ دەپ ئويلاپتىمەن، يۈز ئۆرۈش شۇنچىۋالا ئاسانكەنغۇ سىلىگە...- دېدى گۈل ساھىپخانمۇ پاڭڭىدە يىغلىغىنىچە ئېغىردىن- ئېغىر ئۇۋالچىلىق ھېس قىلىپ. شۇ چاغدا نەدىندۇر پەيدا بولغان ئايتۇرسۇن خېنىم ئانىسىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ تۇرۇپ گۈلساھىپخانغا گۆلەيدى ۋە:

-بالىلىرىنى باققان بولساڭ، تۇغۇتىدا يېنىدا تۇرغان بولساڭ، جاپالىرىنى تارتقان بولساڭ تېگىشلىك ھەققىڭنى ئالغانسەن؟ بىكاردىن بىكارغا ئىشلەپ بەرمىدىڭ ھەقىچان؟ سېنىڭ ئورنۇڭدا باشقا بىرسى بولسىمۇ شاراقشىتىپ ساناپ تەڭگە بەرسەك ھەممە ئىشنى قىلىدۇ، ئۆزۈڭچە بەك ئۇلۇغۋار ئىشلارنى قىلىپ كەتكەندەك ئويلىما گۈلساھىپخان، مىڭنى قىلسىمۇ سەن دېگەن بىر مەدىكار، ئانامغا ئۆكتەملىك قىلىپ ۋارقىرايدىغانغا نېمە ھەددىڭ؟ كىمتىڭ سەن بۇ يەردە نوچىلىق قىلىدىغان؟!...

بوۋاق ۋاقتىدىن باشلاپ مەيدىسىگە تېڭىپ يۈرۈپ، پوق- سۈيدۈكىنى ئادالاپ، ئاش- نانلىرىنى ئۆز قولى بىلەن يېگۈزۈپ، خۇددى ئۆز بالىسىنى باققاندەك جان پىدالىق بىلەن بېقىپ چوڭ قىلغان بۇ قىزنىڭ ئۆزىگە قولىنى شىلتىپ تۇرۇپ دېگەن بۇ گېپى گۈلساھىپخاننىڭ جان- جېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ شۇ چاغدا ھېس قىلدىكى، قانچە ياخشى تەربىيە بېرىشىدىن قەتىينەزەر قىز بالا دېگەن مەڭگۈ ئانىسىنى دورايدىكەن. بۇ بالىلارنىڭ شۇنچە يىللاردىن بېرى مىجەزىنىڭ ياخشى تەرەپكە تارتالمىغانلىقى، قىلچە ئۆزگەرمەي يەنىلا شۇ بەتخۇيى بىلەن چوڭ بولغانلىقى بىكار ئەمەس ئىكەن. «ياخشى كۈننىڭ يامىنى كەلسە ئانىسىدىن چارە بېقىپ چوڭ قىلغانلىقىمنىڭ يۈزىنى قىلىدۇ» دەپ گۈلساھىپخان ھەقىقەتەن ئارتۇق ئويلىۋاپتۇ. ئۇلار گۈلساھىپخانغا يۈز- خاتىرە قىلمىغان يەردە، شەرۋانىخان بىلەن ئامانەمگە يۈز- خاتىرە قىلارمىدى؟ شۇ تۇرقىدا ئۇلار بىلەن بەكرەك دېيىشسە تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغان بىلەن باراۋەر بولاتتى. شەرۋانىخان ئاغىچىنىڭ ھېچنېمىگە گېپى ئۆتمىگەن ئىكەن، باشقۇرغۇچى قەمبەرنىڭ خوتۇنى بولغان ئامانەمنىڭمۇ ھېچقانداق گېپى ئۆتمەيتتى. ئۇلار بىردەك ئۆز كۆڭۈللىرىدە مېھرىيار خېنىمنىڭ نېمىشقا بۇنچە كۆرەڭلەپ چوڭچىلىق قىلىپ، بۇ ئۆيدىن ئاللىقاچان چىقىپ كېتىپ بولغان بىرسى تۇرۇپمۇ يەنە ئۆزىچىلا قايتىپ كېلىۋېلىپ، ھەممىنى بۇيرۇقىغا بويسۇندۇرۇپ يۈرەلەيدىغانلىقىغا ئەقلى ھەيران بولغانلىقىنى ئويلاپ، تۇيۇقسىز ئۇنىڭ بۇ ئۆيدە قالغان ئۈچ بالىسىغا ئىشىنىپ شۇنچە كۆرەڭلەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتى. دېمەك، ئۇنىڭ شۇنداق مۇشتۇمزۇرلۇقىنى قوللاپ بېرىدىغان ئىككى قىز، بىر ئوغلى مۇشۇ ئۆيدە تۇرىۋاتقان يەردە، باشقىلارنىڭ گېپى ئوسۇرۇققا تەڭ ئىدى. ئەگەر سەيدۇللا باي قايتىپ كەلمەي داۋاملىق قەشقەردە تۇرىۋېرىدىغان بولسا بۇلارنىڭ مۇشتۇمزورلۇقى يەنە داۋاملىشىدىغاندەك قىلاتتى. خىزمەتكارلار بىلەن ئاساسەن ئەپ ئۆتىدىغان، ئالاھىدە ئەھۋال بولۇپ قالمىسا ئۇلار بىلەن ئارتۇقچە ئېيتىشمايدىغان ئايتۇرسۇن خېنىمنىڭ ئانىسىنىڭ ئىككى ئېغىز ۋارقىراپ قويغىنى بىلەنلا ئۇ تەرەپكە ئۆتۈپ قوللىرىنى شىلتىپ، مومىسى بىلەن تەڭ گۈلساھىپخانغا گەپ ياندۇرۇپ ئۇنى تىللاپ يۈرگەنلىكى دەل بۇنىڭ ئىسپاتى ئىدى.

شۇ جېدەلنىڭ ئۈستىگە ئىچكەركى ئۆيدە نېمجان ياتقان سائادەت خېنىمنىڭ «قايسىڭلار بار؟ تالادا نېمە ئىش بولىۋاتىدۇ؟ بىرەرسىڭلار مېنى يۆلەپ ياكى كۆتۈرۈپ ھويلىغا ئېلىپ چىقساڭلارچۇ! يا بولمىسا ھويلىدا جېدەل قىلىۋاتقانلارنى يېنىمغا چاقىرىپ ئەكىرىڭلار، نېمە ئىشلارنىڭ بولغىنىنى مەنمۇ بىلەي!...» دەپ ۋارقىراشلىرى بىر ياندا قالدى. خىزمەتكارلار نە ئۇنىڭ يېنىغا كىرەلمىدى، نە ھويلىدىكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلالمىدى. يۇۋاشلارچە بېشىنى ئېگىپ، مېھرىيار خېنىمنىڭ كۆزىگە قاراپ يەر بېقىپ جىم تۇرۇشتى.

-ھېچ ئىش بولمىدى ئانىكا، مەن خىزمەتكارلارغا تەربىيە بېرىۋاتىمەن، سىلى ئەنسىرىمەي ئاراملىرىنى ئېلىۋەرسىلە،- دېدى مېھرىيار خېنىم ئىچكەركى ئۆينىڭ دېرىزىسىگە بوينىنى سوزۇپراق ئۈنلۈك ئاۋازدا ۋارقىراپ.

سائادەت خېنىم بۇنىڭ خىزمەتكارلارغا ئاددىي بىر تەربىيە بېرىش ئەمەسلىكىنى چۈشىنىپ تۇردى، لېكىن تالادىن ھېچ بىرەرسى كىرىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلمىغانلىقتىن، زادى نېمە ئىشلارنىڭ بولىۋاتقىنىنى بىلمەي قالدى. شۇ ئەسنادا شەرۋانەم «مېنىڭ كەلگىنىمنى ئانىكام بىلمەي قالمىسۇن» دېگەندەك، يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلىدى:

-سىلىنىڭ ھەممە دەردلىرى مەن، شۇنداققۇ مېھرىيار خېنىم؟ مەندىن ئالالمىغان دەردلىرىگە گۈلساھىپخان، ئامانەم ۋە بۇ خىزمەتكارلار بىلەن ئېتىشمىسىلا، ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ئەيىبى يوق، مېنى قوغلىۋەتكەنلىرى بولسا «كەتسەڭ بولاتتى» دەپ ئوچۇقلا دېسىلە بولىدۇغۇ؟ مەنمۇ بۇ ئۆيگە يېتىۋالاي دەپ كەلمىدىم، پەقەت ئايسەنەم خېنىمنى يوقلاپ، ئۇنىڭ تۇغۇتىنى كۆرۈپ ئەھۋالىنى بىلسەم قايتىپ كېتىمەن، بۇنىڭدىن بۇرۇن سىلىنىڭ ھېچقانداق ئىشلىرىغا پۇتلاشمىغىنىمغا ئوخشاش، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھېچنېمىلىرىگە پۇتلاشمايمەن، داۋاملىق ئۆي تۇتۇش ياكى ئاجرىشىپ كېتىش، سىلى بىلەن يارىشىپ قېلىش ئىشىدا سەيدۇللا باي ئۆزى قايتىپ كەلگەندە قارار چىقىرىدۇ، بۇنىڭغا نە سىلىنىڭ، نە مېنىڭ چىشىم پاتمايدۇ، بىكاردىنلا ھېچقانداق خاتالىقى يوق ئادەملەرگە ئازار بېرىپ ھەممەيلەننى ئۆزلىرىگە ئۆچ قىلمىسىلا، مەن چېغىمدا «شۇنچە ئۇزۇن قېيىنئانامنىڭ ھەم ئېرىمنىڭ خىزمىتىنى قىلغان ئىكەن» دەپ گۈلساھىپخاننى ئۆز ئانامدەك كۆرۈپ ھۆرمەتلەيمەن، سىلنى نېمىشقا ئۇنىڭغا قاتتىق تېگىدىلا؟ ئادەم دېگەن قىلغاننى بىلگۈلۈك، ھېچ بولمىغاندا تۇزكور بولمىغۇلۇق.

-سىلەرنىڭ بىر- بىرىڭلارنى ھۆرمەتلىشىڭلار شۇ ئۆزئارا ھەرقايسىڭغىلا يارىشىدۇ، مەدىكارلىقتىن كېلىپ چىققان دەپ قاراپ باشقا ھېچكىم ھۆرمەت قىلمىغاندىكىن ئۆزئارا بولسىمۇ ھۆرمىتىڭنى قىلىشىسەن-دە ئەلۋەتتە! ماڭا تولا يوقىلاڭ ئىشلاردىن ۋەز ئېيتىپ بەرمەي، نەدىن كەلگەن بولساڭ شۇ يەرگە يوقال! بۇ ئۆي سېنى قارشى ئالمايدۇ!

مېھرىيار خېنىمنىڭ بۇ ھاقارەتلىرى شەرۋانەمنىڭ جان- جېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ بەكرەك چىڭ تۇرۇپ بىر نەرسە دېيىشەي دېسە گۈلساھىپخان، سىڭلىسى ۋە باشقا خىزمەتكارلارنى تەڭلىكتە قويۇشنى خالىمىدى. ھەممە ئىشنى مەيلىگە قويۇپ تۇرۇپ، قالغىنىنى سەيدۇللا باي قايتىپ كەلگەندە بىراقلا ھېسابلىشىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئاستاغىنە كەينىگە ياندى. دەل شۇ چاغدا ئايسەنەم خېنىمنىڭ ھۇجرىسى ئىشىكىدە تۇغۇتىدىن تېخى تۈزۈك تۇرمىغان، ئورۇقلاپ بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان، چىرايى سارغىيىپ ئۆرە تۇرغۇدەك ماغدۇرى قالمىغان ئايسەنەم خېنىم ئۇرۇق گەۋدىسىنى تامغا يۆلەپ دېگۈدەك پەيدا بولدى ۋە يىغلامسىرىغىنىچە ھەممەيلەنگە ئاڭلىتىپ تۇرۇپ ئۈنلۈك ۋارقىرىدى:

-ئانا... شەرۋانىخان ئانا!... كەتمىسىلە، يېنىمدا قالسىلا، مەن سىلىگە ئېھتىياجلىق... كەتمىسىلە ئانا!...

ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ شەرۋانەمنىڭ ۋۇجۇدى لەرزىگە كېلىپ، كۆزلىرىدىن ئىختىيارسىز ئىككى تامچە ياش دومىلاپ چۈشتى. بۇ ئىشتىن ئاچچىقى كېلىپ يېرىلايلا دەپ قالغان مېھرىيار خېنىم شاپپىدە ئايسەنەم خېنىم تەرەپكە بۇرۇلدى ۋە قەھرى بىلەن ۋارقىرىدى:

-بېشىڭىز ئايلىنىپ قالمىغاندۇ قىزىم ھە؟ سىزنىڭ ئانىڭىز مەن، مانا مەن! سەيدۇللا باي سىزنى ئورمانلىقتىن تېپىۋېلىپ ئەكىرىپ باققاندا ماڭا بالا ئېتىپ بەرگەن، ھەرگىزمۇ شەرۋانىخان ئاغچىغا ئەمەس. بۇ يىللارغىچە باققاننى بىلمىسىڭىز بوپتۇ دېدىم، ئەمدى ئاخىرقى پەيتلەرگە كەلگەندىمۇ يەنە مەندىن يۈز ئۆرۈپ بۇ خوتۇننى ئانا ئېتىپ ئولتۇرسىڭىز مەن كەچۈرمەيمەن جۇمۇ! ھەددىڭىزنى بىلىپ كىرىپ يېتىڭە مېڭىڭ!

-ياق، سىلى ئەزەلدىن مېنى بالا قاتارىدا كۆرمىگەن... مەن سىلىنىڭ بالىلىرى ئەمەس، شەرۋانىخان ئانا، كەتمىسىلە ئۆتۈنەي! مەن بۇ ئۆيدە بەك قىينىلىپ كەتتىم، ماڭا سىلى بولمىسىلا بولمايدۇ...

-نېمىگە قاراپ تۇرىشىسەن ۋۇ ئەقلى گەجگىسىگە ئۆتۈپ قالغانلار، دەرھال چوڭ خېنىمنى يۆلەپ ئۆيگە ئەكىرىپ كېتىشمەمسەن!...

ئايسەنەم خېنىم شەرۋانىخان ئاغىچىغا يالۋۇرۇپ ئۇنى ئېلىپ قېلىشقا ئۇرۇنۇپ، شەرۋانىخان ئاغىچا مېھرىيار خېنىم بىلەن داۋاملىق جېدەللىشىۋېرىشتىن بىزار بولۇپ نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇرغان شۇ پەيتتە، تۇيۇقسىز سائادەت خېنىمنىڭ ھۇجرىسىدىن قانداقتۇر نەرسىلەرنىڭ تاراق- تۇرۇق قىلىپ ئۆرۈلگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. ئاۋازنى ئاڭلاش بىلەن تەڭ ھەممەيلەن ھودۇقۇپ شۇ ھۇجرا تەرەپكە قارىدى.

tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章