توي ۋە سۈيقەست25-قسىم

文摘   2025-02-06 21:13   新疆  

تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

،چىرايلىق چوكان،تالاغا قارىغان ئايال، جىنايەت ۋە جازا شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .




 

 توي ۋە سۈيقەست1-قسىم
توي ۋە سۈيقەست2-قسىم
توي ۋە سۈيقەست3-قسىم
توي ۋە سۈيقەست4-قسىم
توي ۋە سۈيقەست5-قسىم
توي ۋە سۈيقەست6-قسىم
توي ۋە سۈيقەست7-قسىم
توي ۋە سۈيقەست8-قسىم
توي ۋە سۈيقەست9-10-قسىم
توي ۋە سۈيقەست11-قسىم
توي ۋە سۈيقەست12-قسىم
توي ۋە سۈيقەست13-قسىم
توي ۋە سۈيقەست14-قسىم
توي ۋە سۈيقەست15-قسىم
توي ۋە سۈيقەست16-قسىم
توي ۋە سۈيقەست17-قسىم
توي ۋە سۈيقەست18-قسىم
توي ۋە سۈيقەست19-قسىم
توي ۋە سۈيقەست20-قسىم
توي ۋە سۈيقەست21-قسىم
توي ۋە سۈيقەست22-قسىم
توي ۋە سۈيقەست23-قسىم
توي ۋە سۈيقەست24-قسىم


_25-قىسىم

ئاپام ئۈستەلگە بىر نەرسىنى قويىۋالغان بولۇپ كۆزئەينەكنى تاقاپ ئەستايىدىل كۆرىۋاتاتتى.ئاستا مېڭىپ ئۇنىڭ يېنىغا كەلدىم.

_ ئاپا خېلى ياخشى بولۇپ قالدىڭمۇ؟

ئاپام خوشالدەك كۆرۈنمەيتتى. ئۇ ماڭا نەپرەتلىك قارىدى.

_ ياخشى كەپسەن، مەنمۇ يېنىڭغا باراي دەپ تۇرغان. بۇ نېمە؟

ئاپام قولدىكى نەرسىنى ماڭا تەڭلىدى. قولۇمغا ئېلىپ يولدىشىم ئىككىمىزنىڭ توختامىنى كۆردۈم.

_ ۋوي، بۇ..بۇنى سەن ئالغانمىتىڭ؟

ئاپام مېنى بىر شاپىلاق ئۇردى.

_ بىر ئايالكىشى تۇرۇپ مۇشۇنداقمۇ توختام تۈزەمسەن؟

_ ئاپا. توختا چۈشەندۈرۈشۈمنى ئاڭلا..

ئاپام يىغلاشقا باشلىدى.

_ سەندەك بىر قىزنى بېقىپ چوڭ قىلغىنىمدىن نومۇس ھېس قىلىۋاتىمەن..ئەركىشى بىلەن مۇشۇنداقمۇ توختام تۈزەمسەن..قىلغان توي، بىر ئۆيدە تۇرۇشلار ھەممىسى يالغان شۇنداقمۇ؟

_ ئاپا چۈشەندۈرۈشۈمنى ئاڭلا بولامدۇ.. بۇ سەن ئويلىغاندەك ئىش ئەمەس..

_ ئەمىسە قانداق ئىش دېگىنە.. توي خەتكە قول قويغاننى كۆرگەن، توي قىلىش ئۈچۈن بۇنداق توختام تۈزگەننى كۆرمەپتىكەنمەن..مېنى ئالداپ نېمىگە ئېرىشمەكچىتىڭ..

_ ئاپا، بۇرۇنقى يىگىتىم ماڭا ۋاپاسىزلىق قىلدى. تويغا تەييارلىق قىلىپ بولغاندا دېرىكتورۇمنى تېپىپ تويىنى قىلىۋالدى..شۇنىڭ بىلەن ئاچچىققا چىدىماي مۇشۇ ئامالنى تاپتىم. يەنە كېلىپ سەن مېنىڭ توي قىلىشىمنى ئارزۇ قىلاتتىڭ، 30 ياشقا كىرىپ كەتمەي دەپ شۇڭا..

_ ساراڭمۇ سەن. بىرسى ساڭا ۋاپاسىزلىق قىلسا يەنە بىر ئادەم بىلەن توي قىلىپ ئۆچۈڭنى ئالامسەن؟! بۇ قانداق ئىش ئەمدى..يەنە كېلىپ مۇشۇنداق توي قىلساڭ مېنى خاتىرجەم بولىدۇ دەپ ئويلامسەن..

_ مېنى كەچۈر ئاپا، نادانلىق قىپتىمەن. ئۇ چاغدا ئۇنىڭ دېگەن گەپلىرى بەك غورۇرۇمغا تەگدى، يەنە كېلىپ ئىككىلىسى مەن ئىشلەيدىغان شىركەتتە، شۇڭا توي قىلىپ ئۆزۈمنىڭ ئاجىز ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاي دېدىم..

_ نېمىگە ئېرىشتىڭ؟ بۇنى ئىسپاتلاپ نېمىگە ئېرىشتىڭ؟ ئۆينىمۇ ئۆزۈڭ ئىجارە ئېلىپ، تويلۇقنىمۇ، ئۈزۈكنىمۇ ئۆزۈڭ ئېلىپ زادى نېمىگە ئېرىشتىڭ؟! مەن سېنىڭ ئاپاڭ تۇرسام، مېنى مۇشۇنداقمۇ ئالدامسەن؟

_ ئاپا.. جېنىم ئاپا، ھاياجانلانماي تۇر..ئارقىدا ئۆزگەرتكەن نۇسخىسى بار..باشتا مېنىڭ شۇنداق قىلغىنىم راست، لېكىن ھازىر توختامنى ئۆزگەرتتۇق..

_ بەش ئايدا 30مىڭ ئېلىپ باشقىلارغا يالغاندىن خوتۇن بولىدىكەنسەن ئۇنىمۇ كۆردۈم..

_ چىقارغىنىمنى قايتۇرىۋالىمەن ئاپا..

ئاپام تەنە ئارىلاش كۈلدى.

_ بەش ئاي باشقىلارغا خوتۇن بولۇپ 30مىڭ ئالىسەن شۇنداقمۇ..ئاۋۇ باي غوجاملارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ خورلۇق تارتىپ 30مىڭ ئالىسەن شۇنداقمۇ؟!

_ ئاپا، مېنى كەچۈر. مەنمۇ بۇ ئىشلارنىڭ بۇنداق بولىشىنى بىلمىگەن..

_ ساڭا باشتىلا ئۇنىڭ سالاھىتىنى ئېنىق سۈرۈشتە قىلىپ توي قىل دېگەن. سەن ئاتا-ئانىسى يوقكەن دېدىڭ..مەن ئىشىنىپ قاپتىمەن..

_ مەنمۇ ئىشىنىپ قاپتىمەن ئاپا، ئۇنىڭ بۇنداق ئائىلىدە تۇغۇلغانلىقىنى مەنمۇ بىلمەيمەن..

_ توي دېگەن ئادەمنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىشى. قاراپ تۇرۇپ مۇشۇنداقمۇ نادانلىق قىلامسەن؟! ئۇ ئۆزى راستىنلا ياخشى بالىكەن. لېكىن ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى ياقتۇرمىدىم.. سېنى خورلاپ قويىدىغاندەكلا ھېس قىلدىم. ئاۋۇ ئاپىسى قارىماققىلا چىقىشقىلى بولمايدىغان ئايالدەك قىلىدۇ..

_ ئاپا، مەندىن ئەنسىرىمە بولامدۇ، مەن پەقەت ئۆزىمىزنىڭ ئۆيىدىن چىقماي ئولتۇرساملا ھېچكىم ماڭا چېقىلالمايدۇ.. ئۇ ئايال ئۇنىڭ ئۆگەي ئاپىسى..ماڭا چېقىلىشقا چىشى پاتمايدۇ..

_ نادانلىقىڭنى قارا، ئۇ سېنىڭ ئۆيۈڭ ئەمەس، ئۇ ئايال سېنىڭ ھېچنېمەڭ ئەمەس، سەنچە ساڭا چېقىلالماي قالارمۇ..

_ مەن ئامال قىلىپ ئۇنىڭغا پۇرسەت بەرمەيمەن ئاپا..

ئاپام ئېغىر بىرنى تىنىۋەتتى.

_ بۇنداق ئىشلارنى كىنودىمۇ كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن. بىركۈنى قىزىمنىڭ مۇشۇنداق يول تۇتۇشىنى ئويلاپ باقماپتىمەن..مەن پەقەت قۇبۇل قىلالمىدىم..

_ ئاپا، مېنى كەچۈر..سېنىڭ تويغا تەييارلىق قىلغىنىڭنى، مېنىڭ بەختىمنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان ھالىتىڭنى كۆرۈپ سېنى ئۈمىدسىزلەندۈرگۈم كەلمىدى..ئاۋۇ ئوغۇل دوستۇم ماڭا ھاقارەت قىلدى، چىدىماي قالدىم..

_ ئادەم بىرگە غەزەپلەنگەندە، بىرگە ئازابلانغاندا قارار چىقارماسلىق كېرەك..

_ كەچۈر ئاپا، بۇ قارارنى چىقىرىپ بولدۇم، ئەمدى داۋاملاشتۇرماي ئامالىم يوق..

_ شۇڭا يېرىم يىلدىن كېيىن ئاجرىشىپ كەتمەكچىما؟

_ شۇ..شۇنداق..

ئاپامغا ئۆزۈمنىڭ بۇ توختامنى ئۇزۇنغا سۈرگىنىمنى، ئۇنىڭغا بالا تۇغۇپ بېرىش ۋەدىسىنى بەرگىنىمنى دېيىشكە پېتىنالمىدىم.ئاپام ماڭا غەزەپ كۆزلىرىنى تىكتى.

_ نېمىنى ئويلاپ شۇنداق قىلغىنىڭنى بىلەلمەيلا قالدىم..سەنچە ئاجرىشىش شۇنداق كىچىك ئىشمۇ؟

_ مەنمۇ بىلمەيمەن ئاپا..شۇ چاغدا كاللام قىزىپ قاپتۇ..بىر ئادەمگە مەن بىلەن ئۇزۇن مۇددەت ئۆي تۇت دېسەم ئۇنىماسمىكىن دېدىم..كاللامدا پەقەت ئۇلار بىلەن تەڭ توي قىلىشلا بار ئىدى..

_ قىزىم ئىشەنچلىك ياخشى ئادەم بىلەن توي قىپتۇ دەپ خوش بولغانىدىم..

_ ئۇ راستىنلا ئىشەنلىك ياخشى ئادەم ئاپا..

_ لېكىن نېمە پايدىسى، بەرىبىر ئاجرىشىشقا توختام تۈزۈپ بوپسىلەر..

_ ئاجراشساممۇ زىيان تارتمايمەن..ئۇ ماڭا پۇل بېرىدىغان بولدى..

_ مۇشۇ گەپنى دەۋېتىپ ئۆزۈڭنىڭ يۈزى چىمىلدىمىدىمۇ؟

_ مېنى كەچۈر ئاپا..ماڭا چېكىنىش يولى قالمىدى..

_ خىزمىتىڭ قانداق بولدى؟

_ ئۇلار مېنى خىزمەتتىن ھەيدىۋەتتى. ھازىر خىزمەت قىلمايۋاتىمەن..

_ ھەي، دېمەك ئۇلارنىڭ ئۆيىدە 24سائەت تۇرىدىكەنسەندە..

_ شۇ..شۇنداق بولىشى مۇمكىن..

_ باي ئائىلىگە كېلىن بولۇش ئۇنداق ئاسان ئەمەس..سەن راستىنلا نادانلىق قىلىۋاتىسەن..

_ ئۇنى بېشىدا باي ئەمەس دەپ تاللىغان، باي ئىكەنلىكىنى مەنمۇ كېيىن بىلدىم..

_ نېمىشقا بۇنداق نادان قىزنى تۇغۇپ قويغاندىمەن. راستىنلا كۆڭلۈم يېرىم بولىۋاتىدۇ..سەندىن بۇنداق ئۈمىدسىزلىنىپ باقمىغانتىم..

_ ئاپا، مېنى كەچۈر..مۇھەببەتتىن ئايرىلىش بەك يامانكەن..ئازابقا چىدىماي مۇشۇنداق قارار چىقىرىپ قاپتىمەن. ئەمدى ئارقامغا يانالماي قالدىم..

_ سەن 30دىن ئاشتىڭ، ئۆزۈڭنىڭ تۇرمۇشىدىن ئۆزۈڭ قارار چىقارغۇدەك بولدۇڭ..مەن ھېچنېمە دېمەي..

_ قۇبۇل قىلالمايۋاتقانلىقىڭنى بىلىمەن..مېنى كەچۈر ئاپا..

_ بولدى، مەندىن كەچۈرۈم سورىما. بىرەر كۈنى ئۇ ئۆيدىن كۆڭلۈڭ سۇ ئىچمەي قالسا قايتىپ كەل، بۇ ئۆينىڭ ئىشىكى ساڭا مەڭگۈ ئوچۇق..

ئاپامنى قۇچاغلىدىم.

_ رەھمەت ئاپا، مېنى توغرا چۈشەنگىنىڭگە رەھمەت..

_ نادان قىز..ئايرىلىپ كەتسەڭ ھېچقىسى يوقتى..ئايرىلىپ كەتكىنىڭنى شۇ چاغدا دېگەن بولساڭ بۇنداق ئازابلىنىپ كەتمىگەن بولاتتىم. تويۇڭنى قىلمىساممۇ يەنە سېنى قىزىم دەپ ئەركىلىتىپ ئۆتەتتىم ئەمەسمۇ..نېمىشقا بۇنداق يولنى تاللايسەن..

_ مېنى كەچۈر ئاپا..

ئاپام بىلەن قۇچاغلىشىپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن يىغلاپ كەتتۇق.

بىردە ئاپامنى ئازابلىغىنىمنى ئويلاپ بىئارام بولسام، بىردە ئاپامنىڭ بۇ ئىشنى ۋاقتىدا بىلىپ، يەلكەمدىكى يۈكنىڭ يېنىكلىگىنى ئۈچۈن خوشال ئىدىم.

ئىشىك ئالدىغا كەلگەندە ئاپامغا قارىدىم.

_ ئاپا، مەندىن ئەنسىرىمە، چوقۇم ياخشى ئارام ئال، ئۆزۈڭنى ئاسرا بولامدۇ..

_ سەنمۇ شۇنداق. ھەرقانداق ئىش بولسا بۇ ئۆيگە قايتىپ كەل..ئۆيىمىزنىڭ ئىشىكى ساڭا مەڭگۈ ئوچۇق..

ئاپامنى يەنە بىر قېتىم چىڭ قۇچاغلاپ قويغاندىن كېيىن توختامنى كۆتۈرۈپ يولدا چىقتىم. قاراڭغۇ چۈشكەن بولۇپ، شامال يۈزلىرىمنى سىيلاپ ئۆتىۋاتاتتى. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى يالغۇز شامالدىن ھوزۇرلىنىپ باقمىغانىدىم.

شامالدا بىردەم تۇرىۋەتكەندىن كېيىن تاكسىدىن بىرنى توسۇپ داچىغا يۈرۈپ كەتتىم.

ئۆيىمىزگە كىرىپ سافادا بېشىنى تۇتۇپ ئولتۇرغان يولدىشىمنى كۆردۈم. ئۇ ماڭا قارىدى.

_ كەيپىياتىڭىز خېلى ياخشى بولۇپ قالدىمۇ؟

_ ھەئە. ئاپام بىلەن ئۇزۇن پاراڭلىشىۋالدىم..

_ ياخشى بوپتۇ. لېكىن مېنىڭ كەيپىياتىم بەكلا ناچار..ئۇ خوتۇن ئۆيىمىزگە كىرگىنىنى ئېتىراپ قىلمىدى..خىزمەتكارلارمۇ شۇ..

توختامنى ئۇنىڭغا سۇندۇم. ئۇ ماڭا ھەيرانلىقتا قارىدى.

_ توختامنى ئاپام ئاپتىكەن..

_ بۇ..بۇ..

_ مېنى كەچۈرۈڭ، ئاپامنىڭ ئورنىدا سىزدىن كەچۈرۈپ سورايمەن. ئۆگەي ئاپىڭىز بىلەن خىزمەتكارغا ئۇۋال قىپتىمىز..

_ ھېچقىسى يوق..بەرىبىر ئۇلار ئېتىراپ قىلمىدى..

_ تازىمۇ قاملاشمىغان ئىش بوپتۇ..ئەمدى ئۇنىڭغا قانداق يۈزلىنەرمىز..

_ مەن ئۇلارنى سىلەر قىلدىڭلار دەپ ئەيىپلىمىگەندىن كېيىن ھېچقىسى يوق..لېكىن..ئاپىڭىز بۇنى كۆرۈپ قانچە ئازابلىنىپ كەتكەندۇ..

ئېغىر بىرنى تىنىپ قويدۇم.

_ ئاپام ھەممە ئىشنى بىلدى..

_ سىزدىن رەنجىدىمۇ؟

_ ئەلۋەتتە رەنجىيدۇ-دە..مېنى شاپىلاق بىلەن ئۇردى..

_ ھەي، جاپا چەكتىڭىز، تازا ئاغرىغاندۇ ھە..

ئۇ يۈزۈمنى تۇتتى، ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە قاراپ تۇرۇپ قالدۇق.

_ مېنى ئۇرغىنى توغرا..ئەسلى جىقراق ئۇرۇشى كېرەك ئىدى..قىلغان خاتالىقىمغا بۇ بىر شاپىلاق دال بولمايدۇ.. مەن ئېغىر تاياققا لايىق..

_ ئۇنداق دېمەڭ بولامدۇ..مەن مۇشۇ كەمگىچە سىزنىڭ دىلىڭىزغا ئازار بېرىپ باقتىممۇ..

_ ياق. سىز راستىنلا بەك ياخشى..

_ ئەمىسە ئۆزىڭىزدىن بۇنداق رەنجىمەڭ..

_ بۇرۇنقى يىگىتىمنىڭ ئازابى كۆزۈمنى كور قىلىپ قويۇپتۇ..ئۆزۈمنىڭمۇ، سىزنىڭمۇ غورۇرىڭىزنى ئويلاشماي بۇ توختامنى تۈزۈپتىمەن..

_ بۇنداق قىلماڭ. بۇ ئىشتا سىزمۇ مەنمۇ زىيان تارتمىدىم..

_ شۇنداق. مەن باشقىلارنىڭ نەزىرىدە كېلىشكەن باي يىگىتكە تەگكەن بولدۇم. سىزمۇ بۇرۇنقى قىز دوستىڭىزنىڭ ئالدىدا باشقا بىر قىزنى ياخشى كۆرگەن بولدىڭىز..

_ شۇ ئەمەسمۇ.. شۇڭا بىز زىيان تارتقانغا كىرمەيمىز..

_ لېكىن كېيىن..

_ كېيىندىن ئەنسىرىمەڭ..سىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەيمەن..دېگىنىڭىزنى بېرىمەن.._ ئۇ قولۇمنى تۇتتى.

ئىككىمىز يېڭى توختامنى يازغاندىن كېيىن ئالدىمىزغا قويدۇق. توختام بىر يىلغا سوزۇلۇپ 150مىڭ بىلەن پۈتۈپ چىقتى.

يولدىشىم ئۆزىنىڭ قولىنى باسقاندىن كېيىن توختامنى ئالدىمغا قويدى.

_ قولىڭىزنى بېسىڭ..

قولۇمنى توختامغا باسقىنىمچە يىغلاپ كەتتىم. باشتا پەقەت ئەركىنلىكىمنىلا يوقاتقان بولسام، ئەمدى تېنىمنىمۇ يوقىتىۋاتاتتىم.
_ بۇنداق قىلماڭ..مېنىمۇ خىجىل قىپ قويدىڭىز..

_ خىجىل بولماڭ. بۇ ئۆزۈمنىڭ خاتالىقىنىڭ جاۋابى..

ئۇ توختامنى يىغۇشتۇرغاندىن كېيىن ياستۇقنى ئېلىپ يانغا ئۆتتى.

_ بولدى، ئەمدى يەردە يېتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق..

ئۇ ماڭا قاراپ تۇرۇپ قالدى.

_ كارىۋاتتا يېتىۋېرىڭ.. بۇ كارىۋات خېلى چوڭكەن..

چىراغنى ئۆچۈرۈپ يېتىپ قالدۇق.

_ بىر ئىشقا ھەيران بولمىدىڭىزمۇ؟

_ نېمە ئىشقا؟

_ دادىڭىز نېمىشقا بىزگە ئادەمنى ھاياجانلاندۇرىدىغان ئەتتىر چېچىلغان ئۇخلاش كىيىمىنى كەيگۈزىدۇ..بۇ غەلىتىلا ئىشقۇ..بىز يا يېڭى توي قىلغان بولمىساق، ئۇ بىزنىڭ ئاللىبۇرۇن توي قىلىپ بولغىنىمىزنى بىلىدىغۇ..

_ راست دېسەم بۇ مەسىلىنى مەنمۇ ئويلىغان. سىزگە دېيەلمىگەنتىم.. توختام يۈتكەندە مەن دادامنى ئالدىمىكىن دەپمۇ گۇمان قىلغان.. لېكىن ئۇ ئەمەسكەن..

_ ماڭا دادىڭىز غەلىتىلا بىلىنىۋاتىدۇ..

_ دادام ئەزەلدىن مۇشۇنداق غەلىتە..شۇڭا ئۇنى ياقتۇرمايمەن...

_ لېكىن ئۇ سىزنى ياخشى كۆرىدىكەن. باشقىلارنىڭ ئالدىدا سىزنى باش دېرىكتورلۇققا تەيىنلىدى..

_ ئايالىنىڭ قورسىقىدىكىنىڭ ئوغۇل ياكى قىز ئىكەنلىكىنى بىلمىگەچكە شۇنداق قىلىدۇ..

_ لېكىن ئۇنىڭ بىزگە بۇنداق ئۇسۇل قوللىنىشىنىڭ سەۋەبى زادى نېمىدۇ..

_ بىلمەيمەن..مەنمۇ زادى بىلمەي قالدىم.. ئۇ كۈنى بىزگە ئۇخلاش كىيىمى ئەكەپتۇ دەپلا چۈشىنىپتىمەن..

_ دېمەك ئۇ سىزنىڭ تېزرەك بالىلىق بولىشىڭىزنى ئارزۇ قىلىدىكەن..

يولدىشىم گەپ قىلمىدى. مەنمۇ ئارتۇق سۇئال سوراشنى خالىمىدىم.

ئاستا ئۆرۈلۈپ دەرىزە تەرەپكە قاراپ ياتتىم. دەرىزىدىن ھويلىدىكى دەرەخنى ۋە ئاسماننى كۆرگىلى بولاتتى. ئاينىڭ نۇرى دەرەختىن ئۆتۈپ ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرە پەيدا قىلىپ قويغانىدى.

ئۇنىڭ يېنىمغا كەلگىنىنى ھېس قىلدىم. لېكىن بۇ نۆۋەت ئۇنى رەت قىلالمىدىم.

سەھەردە سىرتتىن ئاڭلانغان ۋاراڭ چۇرۇڭ بىلەن كۆزىمىزنى ئاچتۇق.

بۇ نۆۋەت يولدىشىمدىن بالدۇر تۇرۇپ كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ زالغا چىقتىم. توي كۈنى يولدىشىمغا گەپ قىلغان چىرايلىق قىز يولدىشىمنىڭ قېيىن ئاپىسى بىلەن پەلەمپەيدىن چىقىۋاتاتتى.

_ ۋوي. بۇ يەڭگەمكەنغۇ..ياخشىمۇسىز يەڭگە..

_ ياخشىمۇسىز،_ بېشىمنى بوشقىنە لىڭشىتىپ قويدۇم.

 يولدىشىم ئارقامدىن كېلىپ مۆرەمنى تۇتتى.

_ يۈرۈڭ چىقىپ ناشتا قىلايلى..

يولدىشىمغا ئەگىشىپ ئۈستى قەۋەتكە چىقتىم. قېيىنئاتام ئوتتۇرىدا ئولتۇرغان بولۇپ، يولدىشىمنىڭ ئۆگەي ئاپىسى ۋە ئۇنىڭ جىيەنى ياندا ئولتۇراتتى. لېكىن ئۈستەل قۇرۇق ئىدى.

_ خېلى ياخشى تۇرۇپسىلەرمۇ؟

_ شۇنداق،_ يولدىشىم ئىككىمىز ئۈستەلگە ئورۇنلاشتۇق.

_ قېنى. ناشتا تەييار بولمىدىما؟ئائىلە خىزمەتچىلىرى قېنى..

_ ئۇلارنى ھەيدىۋەتتىم..شۇڭا ناشتا تەييارلايدىغان ئادەم يوق..

_ ئىككىلىسىنىما؟نېمىشقا؟ نېمىشقا بۇنچە چوڭ ئىشنى ماڭا دېمەيسىز..

_ ئوغلىمىزنىڭ ھۇجرىسىدا بىر نەرسە يۈتۈپتۇ..شۇڭا ئۇلارنى ھەيدىۋەتتىم..

_ لې..لېكىن مەن ئۇلارنى ئالدى دېمىسەم،_ يولدىشىم دۇدۇقلاپ كەتتى.

_ ئۇلار ئالمىسا كىم ئالاتتى. يا مەن ئالمىسام. پەقەت ئېتىراپ قىلغىلى ئۇنىمىدى. شۇڭا ھەيدىۋەتتىم..

_ ھە بوپتۇ..باشقا بىر خىزمەتچى تەكلىپ قىلايلى..قولى ئەگرى ئادەمنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ..

  ئاپامنىڭ سەۋەبىدىن ئىككى ئادەمنىڭ قارلىنىپ ھەيدەلگەنلىكىنى ئويلاپ ئېيتقۇسىز خىجالەتچىلىكتە ئولتۇراتتىم. يولدىشىم قولۇمنى سىقىپ قويدى.

_ بولدىلا، سىرتنىڭ ئادىمىگە ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدۇ..كېلىنىمىزمۇ ئۆيدە بولغاندىن كېيىن ئىككىمىز تەڭ قىلساق بولىدىغۇ..

ھەيرانلىقتا يولدىشىمنىڭ ئۆگەي ئاپىسىغا تىكىلدىم.

_ سىزگە قارىساملا شۇنداق قولىڭىزدىن ئىش كېلىدىغاندەك ھېس قىلىمەن..تاماق ئېتىش دېگەنلەر سىزگە ئېغىر كەلمەيدىغۇ ھە..

يولدىشىمغا قارىدىم.

_ بۇ قانداق گەپ؟ مەن ئايالىمنى بۇ ئۆيگە خىزمەت قىلسۇن دەپ ئەكىرمىدىم..

_ ئۆيدە نەرسە يۈتىۋاتسا، باشقىلارنى ئىشلىتىشتىن ئەنسىرەپ قالدىم..تۈنۈگۈن ئۆزىڭىزمۇ شۇنداق دېدىڭىزغۇ..

ئۇ يولدىشىمنى قەستەن قىيناۋاتاتتى. يولدىشىم گەپ قىلالماي تۇرۇپ قالدى.

_ بۇمۇ بولغۇدەك..كېلىنىمنىڭ قولىنى تېتىپ باقايلى..بۈگۈنكى ناشتىنى كېلىنىم قىلىپ باقسۇن ئەمىسە..

گاڭگىراپ تۇرۇپ قالدىم. يولدىشىمدىن ئۈمىد كۈتىۋاتاتتىم. لېكىن ئۇمۇ ئۆزىنىڭ تۈنۈگۈن ئالدىراپ بۇ ئىشنى ئېيتىپ قالغىنى ئۈچۈن پۇشايمان قىلىۋاتاتتى.

_ بولىدۇ دادا..بۈگۈن مەن ناشتا تەييار قىلاي..

ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئاشخانىغا كىرىپ كەتتىم. ئاشخانا ھەرخىل ئىلغار ئۈسكۈنىلەر بىلەن توشقان بولۇپ بۇنداق نەرسىلەرنى ئۆمرۈمدە ئىشلىتىپ باقمىغانىدىم.

ياندىكى خالتىسىغا چەتئەلچە خەت بېسىلغان تالقاننى ئالدىم-دە،پۇراپ باقتىم. ئەتكەنچاينىڭ تالقىنىدەك قىلاتتى. ئۇنى چەينەككە تۆكتۈمدە ئۈستىگە قايناقسۇ قۇيدۇم.

tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章