دىللاردا سەنەم135-قسىم

文摘   2025-02-04 20:56   新疆  

تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .


 
   
دىللاردا سەنەم1-قسىم
دىللاردا سەنەم2-قسىم
دىللاردا سەنەم3-قسىم
دىللاردا سەنەم4-قسىم
دىللاردا سەنەم5-قسىم
دىللاردا سەنەم6-قسىم
دىللاردا سەنەم7-قسىم
دىللاردا سەنەم8-قسىم
دىللاردا سەنەم9-قسىم
دىللاردا سەنەم9-قسىم
دىللاردا سەنەم10-قسىم
دىللاردا سەنەم11-قسىم
دىللاردا سەنەم13-قسىم
دىللاردا سەنەم14-قسىم
دىللاردا سەنەم15-قسىم
دىللاردا سەنەم16-قسىم
دىللاردا سەنەم17-قسىم
دىللاردا سەنەم18-قسىم
دىللاردا سەنەم19-قسىم
دىللاردا سەنەم21-قسىم
دىللاردا سەنەم22-قسىم
دىللاردا سەنەم23-قسىم
دىللاردا سەنەم24-قسىم
دىللاردا سەنەم25-قسىم
دىللاردا سەنەم26-قسىم
دىللاردا سەنەم27-قسىم
دىللاردا سەنەم28-قسىم
دىللاردا سەنەم29-قسىم
دىللاردا سەنەم30-قسىم
دىللاردا سەنەم31-قسىم
دىللاردا سەنەم32-قسىم 
دىللاردا سەنەم45-قسىم
دىللاردا سەنەم33-قسىم
دىللاردا سەنەم34-قسىم
دىللاردا سەنەم35-قسىم
دىللاردا سەنەم36-قسىم
دىللاردا سەنەم37-قسىم
دىللاردا سەنەم38-قسىم
دىللاردا سەنەم39-قسىم
دىللاردا سەنەم40-قسىم
دىللاردا سەنەم41-قسىم
دىللاردا سەنەم42-قسىم
دىللاردا سەنەم43-قسىم
دىللاردا سەنەم44-قسىم
دىللاردا سەنەم45-قسىم
دىللاردا سەنەم-46-47-قسىم
دىللاردا سەنەم48-قسىم
دىللاردا سەنەم-49-قسىم
دىللاردا سەنەم-50-قسىم
دىللاردا سەنەم-51-قسىم
دىللاردا سەنەم-52-قسىم
دىللاردا سەنەم-53-قسىم
دىللاردا سەنەم54-قسىم
دىللاردا سەنەم55-قسىم
دىللاردا سەنەم56-قسىم
دىللاردا سەنەم57-قسىم
دىللاردا سەنەم58-قسىم
دىللاردا سەنەم59-قسىم
دىللاردا سەنەم60-قسىم
دىللاردا سەنەم61-قسىم
دىللاردا سەنەم62-قسىم
دىللاردا سەنەم63-قسىم
دىللاردا سەنەم64-قسىم
دىللاردا سەنەم65-قسىم
دىللاردا سەنەم66-قسىم
دىللاردا سەنەم67-قسىم
دىللاردا سەنەم68-قسىم
دىللاردا سەنەم69-قسىم
دىللاردا سەنەم70-قسىم
دىللاردا سەنەم71-قسىم
دىللاردا سەنەم72-قسىم
دىللاردا سەنەم73-قسىم
دىللاردا سەنەم74-قسىم
دىللاردا سەنەم75-قسىم
دىللاردا سەنەم76-قسىم 
دىللاردا سەنەم93-قسىم
دىللاردا سەنەم77-قسىم
دىللاردا سەنەم78-قسىم
دىللاردا سەنەم79-قسىم
دىللاردا سەنەم80-قسىم
دىللاردا سەنەم81-قسىم
دىللاردا سەنەم82-قسىم
دىللاردا سەنەم83-قسىم
دىللاردا سەنەم84-قسىم
دىللاردا سەنەم85-قسىم
دىللاردا سەنەم86-قسىم
دىللاردا سەنەم87-قسىم
دىللاردا سەنەم88-قسىم
دىللاردا سەنەم89-قسىم
دىللاردا سەنەم90-قسىم
دىللاردا سەنەم91-قسىم
دىللاردا سەنەم92-قسىم
دىللاردا سەنەم93-قسىم
دىللاردا سەنەم94-قسىم
دىللاردا سەنەم95-قسىم
دىللاردا سەنەم97-قسىم
دىللاردا سەنەم98-قسىم
دىللاردا سەنەم99-قسىم
دىللاردا سەنەم100-قسىم
دىللاردا سەنەم101-قسىم
دىللاردا سەنەم102-قسىم
دىللاردا سەنەم103-قسىم
دىللاردا سەنەم-105-104-قسىم
دىللاردا سەنەم-106-قسىم
دىللاردا سەنەم-107-قسىم
دىللاردا سەنەم-108-قسىم
دىللاردا سەنەم109-قسىم
دىللاردا سەنەم110-قسىم
دىللاردا سەنەم111-قسىم
دىللاردا سەنەم112-قسىم
دىللاردا سەنەم113-قسىم
دىللاردا سەنەم114-قسىم
دىللاردا سەنەم115-قسىم
دىللاردا سەنەم116-قسىم
دىللاردا سەنەم117-قسىم
دىللاردا سەنەم118-قسىم
دىللاردا سەنەم119-قسىم
دىللاردا سەنەم120-قسىم
دىللاردا سەنەم121-قسىم
دىللاردا سەنەم122-قسىم
دىللاردا سەنەم123-قسىم
دىللاردا سەنەم124-قسىم
دىللاردا سەنەم125-قسىم
دىللاردا سەنەم126-قسىم
دىللاردا سەنەم127-قسىم
دىللاردا سەنەم128-قسىم
دىللاردا سەنەم129-قسىم
دىللاردا سەنەم130-قسىم
دىللاردا سەنەم131-قسىم
دىللاردا سەنەم132-قسىم
دىللاردا سەنەم133-قسىم
دىللاردا سەنەم134-قسىم



.ئەتىسى ئەتىگەن ناشتىدىن كېيىن قېيىنئانىسىنىڭ دورىلىرىنى تەڭشەپ بېرىش ئۈچۈن چىقىپ كەتكەن شەرۋانەم ئىشىنى تۈگىتىپ قايتىپ كىرگىنىدە ھۇجرىسىدا ئابدۇللانى كۆرمىدى. ئۇ «ئوينىغىلى چىقىپ كەتكەن بولسا ھېلىغىچە كىرەر» دەپ ئويلاپ، ياسىنىپ تەييار بولدى. شۇنىڭغىمۇ كىرمىگەندىن كېيىن خىزمەتكارلىرىنى چىقىپ ئابدۇللانى چاقىرىپ كىرىشكە بۇيرىدى. لېكىن ئۇلار قانداقلا ئىزدەپمۇ بالىنى ھېچ يەردىن تاپالمىدى. ئۇنىڭ قەيەرگە كەتكەن بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى پەرەز قىلغاچ ھەر ياندىن ئىزدەۋاتقاندا، ئامانەمنىڭ كىچىك ئوغلى ماڭقىسىنى چۇۋۇپ يىغلىغان ھالدا شەرۋانەمنىڭ ھۇجرىسىغا ئۈسۈپلا كىردى ۋە:

-ھامما، ھامما... ئايمەمەت ئاكام ئابدۇللا ئاكامنى تامغا نىقتاپ ئۇرىۋاتىدۇ، دەرھال چىقىڭ، ئۇنى بەك ئۇرۇپ كەتتى...- دېدى.

بۇنى ئاڭلاپ پۇت- قولىدا جان قالمىغان شەرۋانەم قولىدىكى نەرسىلەرنى نەگە چۆرىگىنى ئېسىدە يوق ھالدا ئېرغىپ ئورنىدىن تۇرۇپ تالاغا ماڭدى. بالىمۇ ئوقتەك يۈگۈرگىنىچە ھەممىنىڭ ئالدىدا يول باشلاپ ماڭدى.

ئۇلار ئالدى ھويلا، ئارقا ھويلىلاردىن ئۆتۈپ باغنىڭ بىر بۇلۇڭىغا بارغاندا باغنى چىتلىغان چىتلاق تامغا يۆلىنىپ قالغان ئابدۇللانىڭ بىر تەرەپتىن يىغلىغاچ بىر تەرەپتىن يالۋۇرىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئايمەمەتنىڭ ئۇنىڭ ياقىسىدىن بوغۇپ تۇرۇپ، يەنە بىر قولى بىلەن كاچاتلىرىغا ئۇرغاچ تىللاۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئايمەمەتنىڭ ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان گەپلەر شۇنچىلىك بېزەپ ئىدىكى، ھېلىدىن- ھېلىغا ئابدۇللانى «قەلەندەر، تىلەمچى، يەيدىغان- ئىچىدىغىنى يوق بۇ ئۆيگە كېلىۋالغان، ئانىسى بىلەن بىرلىشىپ بۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ يىلىكىنى قۇرۇتقىلى قەستلىگەن...» دېگەندەك گەپلەر بىلەن ئاھانەت قىلىۋاتاتتى. شەرۋانەم ئۇلارغا يىگىرمە قەدەمچە ئارىلىق قالغاندا بالىسىنىڭ تاياق يېيىشلىرىگە چىداپ ئۇلارغا قاراپ جىممىدە تۇردى. تاكى ئايمەمەتنىڭ ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان گەپلەرگە چىدىغۇچىلىكى قالمىغاندىلا ئېتىلىپ بارغان پېتى ئۇنىڭ گەجگىسىدىن قاماللاپ، كەينىگە ئىتتىرىپلا بىر يانغا چۆرىۋەتتى. شۇ چاغدىلا ئايمەمەتنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلغان ئابدۇللا يېنىك تىن ئېلىپ، ۋاررىدە يىغلىغىنىچە ئانىسىغا ئۆزىنى ئاتتى...

ئۇ كۈنى ئايمەمەت قىلمىشلىرىغا پۇشايمان قىلماقتا يوق، ئۆزىنىڭ ئابدۇللانى باغنىڭ بىر بۇلۇڭىغا كەپلەپ ئۇرغىنىنى ئۇنتۇغان ھالدا شەرۋانەمنىڭ ئۆزىنى بىر تارتىپلا يىقىتىۋەتكىنىنى دادىسى بىلەن مومىسىغا چېقىشتۇرۇپ چىقتى. مومىسى شەرۋانەمنىڭ بىكاردىن بىكارغا ئۇنداق قىلمايدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا ئۇ ئايمەمەتتىن قانداق بولۇپ شەرۋانەمنىڭ چىشىغا تېگىپ قويغانلىقىنى سورىغاندا، ئايمەمەت ھەممىدىن تېنىپلا:

-ئوينىغىلى باغقا بارغان ئىدىم، شۇ يەردە بەكرەك ۋاراڭ- چۇرۇڭ قىلىپ ئۇيقۇسىنى بۇزۇپ قويدۇممىكىن، كېلىپلا تىللاپ ئۇرۇپ كەتتى، تېخى ئۇرۇپ مېنى يىقىتىۋەتتى، قولۇممۇ زېدە بولدى،- دەپ يالغان ئېيتتى.

ئايمەمەت سائادەت خېنىمغا شۇ گەپلەرنى دەۋاتقان سورۇندا ئۇنىڭ باشقا ئۈچ ئاچىسىمۇ بار ئىدى. قىزلار ئۆگەي ئانىسىنىڭ ئىنىسىنى بوزەك ئېتىۋالغانلىقىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلمىدى- دە، ئاستا شەرەتلىشىپ غىپپىدە سائادەت خېنىمنىڭ ھۇجرىسىدىن چىقىپ، شەرۋانەمنىڭ ھۇجرىسىغا كىردى. سائادەت خېنىم ئايمەمەتنى بەزلەپ ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىپ تۇرغان شۇ پەيتتە، ئارىدىن بىر پىيالە چاي سۇۋۇغىچىلىكمۇ ۋاقىت ئۆتمەستە شەرۋانەمنىڭ ھۇجرىسىدىن قىيا- چىيا ئاۋازلار ئاڭلىنىپ كەتتى. بۇ ئىشتىن چۆچۈگەن سائادەت خېنىم ئامانەمنى دەرھال چىقىپ قاراپ بېقىشقا بۇيرۇدى. ئۇنىڭغىچە ئارقا ھويلىدىكى خىزمەتكارلارمۇ بۇ ۋاراڭ- چۇرۇڭلارنى ئاڭلاپ دۈكۈرلىشىپ شەرۋانەمنىڭ ھۇجرىسىغا يۈگۈرۈشكەن ئىدى. ئۇلار يېتىپ كەلگەندە ئايچېھرە خېنىم، ئايتۇرسۇن خېنىم، ئايزىبا خېنىم ئۈچەيلەن شەرۋانەمگە ئېسىۋېلىپ، ئۇنىڭ چاچلىرىدىن يۇلۇپ، سۆرەپ قارا- قويۇق دەسسەپ ئۇرىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارغا تەڭ كېلەلمىگەن ئابدۇللا ھېلى ئۇ قىزنىڭ قولىغا، ھېلى بۇ قىزنىڭ قولىغا ئېسىلىپ تارتىپ، ۋارقىراپ يىغلاۋاتاتتى. ئامانەم ۋە خىزمەتكارلار تۇشمۇ- تۇشتىن بېرىپ ئۇلارنى ئاجرىتىپ شەرۋانەمنى قىزلارنىڭ تايىقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالدى. لېكىن بۇ چاغدا ئاللىقاچان كېچىككەن بولۇپ، ئۇنىڭ قاپىقى يېرىلغان، سول جاۋغىيى يىرتىلىپ، شۇ يەردىن ئاققان قان زاڭىغىچە سارقىپ چۈشكەن، كىيىم- كېچەكلىرى يىرتىلغان، بىر قۇلىقى يېرىلىپ ھالقىسى نەلەرگىدۇر چۈشۈپ قالغان، قۇلىقىنىڭ يېرىلغان يېرىدىنمۇ قان ئېقىۋاتقان ئىدى. يەنە تېخى ئايچېھرە خېنىمنىڭ قولىدا ئۇنىڭ بىر تۇتام چېچى قالغان بولۇپ، ئەھۋالدىن قارىغاندا بايا سۆرەپ يۈرۈپ ئۇرغاندا يۇلۇنۇپ قولىغا چىققاندەك قىلاتتى. شەرۋانەمنىڭ شۇ تۇرقى تولىمۇ ۋەيرانە بولۇپ، خۇددى نەچچە ئىت بىر بولۇپ تالىۋەتكەندەكلا پاراكەندە كۆرۈنەتتى. ئابدۇللا ئانىسىنىڭ قىزلاردىن قۇتۇلغىنىغا خۇش بولۇپ يۈگۈرۈپ بارغىنىچە ئۇنى قۇچاقلاپ، تېخىمۇ ئېسەدەپ يىغلاپ كەتتى. ئامانەممۇ ئاچىسىنى بۇ ھالدا كۆرۈپ چىدىمىدى ۋە بوقۇلداپ يىغلىغىنىچە بېرىپ ئۇنى قۇچاقلىدى...

خىزمەتكارلاردىن بىرسى چىقىپ شەرۋانەمنىڭ ھۇجرىسىدا كۆرگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى سائادەت خېنىمغا يەتكۈزدى. ئاڭغىچە يەنە بىرەيلەن سەيدۇللا بايغا خەۋەر يەتكۈزۈپ ئۇنى چاقىرىپ كەلگىلى كەتتى. تاكى شۇنىڭچىلىكمۇ قىزلارنىڭ ئېغىزى بېسىقماي سۆزلەپ شەرۋانەم ۋە ئابدۇللانى توختىماي تىللاۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن چىققان گەپلەرنىڭ سەتلىكىگە چىداپ تۇرغىلى بولمايتتى. گەپلەرنىڭ ھەممىسى شەرۋانەمنىڭ بۇ ئۆيگە كېلىپلا ھەممەيلەنگە ئۆگەيلىك قىلىپ، ھەتتا سەيدۇللا باينىڭ بىردىنبىر ئوغلى بولغان ئايمەمەتنىمۇ بۇ ئۆيگە پاتۇرماي، ئۇنى بوزەك قىلىپ يۈرگەنلىكىگە نارازى ئىكەنلىكى ئىدى. يەنە تېخى ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى، مەھەللىسى ۋە ئاچا- سىڭىللىرىنى قوشۇپ تىللاپ، ئۇلارنى تېجىمەل، كەمبەغەل، يوقسۇل، تىلەمچى، يالاڭتۆشلەر قاتارىغا چىقىرىپ، شۇنچىلىك سەتلىشىپ ئېغىزىنى بۇزىۋاتاتتى. بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان ئامانەم چىداپ تۇرالمىدى ۋە ئاچىسىنى قۇچاقلاپ ئولتۇرغان يېرىدىن چاچراپ قوپقىنىچە ئايچېھرە خېنىمغا دېۋەيلەپ بارماقچى بولدى. لېكىن شەرۋانەم دەرھال ئۇنىڭ قولىغا ئېسىلىۋېلىپ، گەپ قىلماسلىققا شەرەت قىلىپ تۇرىۋالدى. بۇ ئۇنىڭ ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ، سىڭلىسىنىمۇ، سەيدۇللا باينىمۇ ئايىغىنى ئىدى.

سائادەت خېنىم پالەچ ياتقانلىقى ئۈچۈن ئۆزى چىقىپ ئۇلارنىڭ جېدىلىگە ئارىلىشالمىدى. ئۆزىگە خەۋەر يەتكۈزۈپ كىرگەن خىزمەتكارغا قىزلارنى بۇ يەرگە چاقىرىپ كىرىشنى بۇيرۇۋېدى، لېكىن قىزلار خىزمەتكارنىڭمۇ، سائادەت خېنىمنىڭمۇ گېپىگە ئۇنىمىدى ۋە شۇ يەردە تۇرۇپ شەرۋانەم ئاچا- سىڭىللارنى قارا- قويۇق تىللاۋەردى. مۇنداق ناھەق بوزەك بولۇپ كېتىۋېرىشلەرگە چىدىمىغان ئامانەم ئاچىسىنى ئېلىپ بۇ ئۆيدىن كەتمەكچى بولدى. شۇ چاغدا شەرۋانەم سىڭلىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا:

-مەن ياتلىق بولۇپ كىرمەستە بۇ ئۆيدە جېدەل يوق ئىدى، ھېچكىم بىلەن ھېچكىم ئۇرۇشۇپ قالمايتتى... سىزنىڭ بۇ ئىشلارغا ھېچقانداق چېتىشلىقىڭىز يوق، پەقەت مەن مۇشۇ ئۆيدە بولغانلىقىم ئۈچۈنلا بولىۋاتقان جېدەللەر بۇ... سىز قېلىڭ، ئائىلىڭىز بار، قەمبەر سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى ئاغرىتقىنى يوق، بۇ ئۆيدە ھېچكىم سىزگە ئازار بەرمەيدۇ، پەقەت مەن كەتسەملا ھەممە ئىش بېسىقىدۇ، بولدى، بالىنى ئېلىپ مەنلا كېتەي،- دېدى ۋە ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، چۇۋۇلغان چاچلىرىنى تۈزەشتۈرۈشكە باشلىدى.

شەرۋانەم ئازغىنە نەرسە- كېرەكلىرىنى ئېلىپ، بايا يىرتىلغان كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ، چاچلىرىنى ئاندا- مۇندا تۈزەپ يولغا چىققاندا قىزلار تاكى ئۇ دەرۋازا تۈۋىگە چىققۇچە كەينىدىن قاراپ تۇرۇشتى. شۇ ئارىدا ئايتۇرسۇن خېنىم تېخى «بىز قاراپ تۇرمىساق ئۆيدىن قانداقتۇر نەرسىلەرنى ئوغرىلاپ ماڭمىسۇن، دىققەتتە تۇرايلى جۇمۇ قىزلار» دەپمۇ ئۈلگۈردى. بۇ گەپ شەرۋانەم ئانا- بالا ئۈچۈن چىدىغۇسىز ھاقارەت ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ مۇشۇ يەردىن كەتسىلا ھەممە جېدەل بېسىقىدىغانلىقىنى ئويلاپ، ھەممە دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ يۇم- يۇم يىغلىغىنىچە قەسىردىن ئايرىلدى. ئۇلار قەسىرنىڭ سىرتىغا چىقىپ بولغاندا قەمبەرنىڭ ياردەمچىسى غاپپار قەسىرنىڭ مەپىسىنى قېتىپ چىقىپ ئۇلارنى ئاپىرىپ قويماقچى بولدى. قىزلار بۇنىڭغا نارازى بولىۋېدى، ئامانەم ھۆركىرەپ ئالدىغا چىقىپ، ئەگەر بۇنىڭغىمۇ يول قويمىسا ئۆزىنىڭمۇ بالىلىرىنى ئېلىپ بۇ ئۆيدىن كېتىدىغانلىقىنى، ئاندىن سەيدۇللا باي بىلەن قەمبەرگە ئۆزلىرىنىڭ جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇلارنى قورقۇتۇپ قويدى. شۇنىڭدىلا قىزلار جىم بولۇشۇپ كەينىگە داجىشتى. غاپپار شەرۋانەم بىلەن ئابدۇللانى مەپىگە ئولتۇرغۇزۇپ باش مەھەللىگە ئېلىپ ماڭدى.


(208)


باش مەھەللە، مەتنۇر ياغاقنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدى.

ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ مەپىدىن چۈشكەندە شەرۋانەم غاپپارنى شۇ يەردىن قايتىپ كېتىشنى، ئۆيگە ئۆزلىرى كىرىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنى يولغا سېلىۋەتتى. تاكى غاپپارنىڭ قارىسى يۈتۈپ مەپە كۆرۈنمەي قالغاندىلا ئاندىن يېنىك تىن ئالدى. ئەمما مەپە ھەيدەپ كېتىۋېتىپ پات- پات كەينىگە قاراپ قويىۋاتقان غاپپار ئۇ ئىككىسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەتمەي، ئۆزىنىڭ كەينىدىن خېلى ئۇزۇن قاراپ تۇرغانلىقىغا قاراپ ئەجەبلەندى. ئادەتتە ئۆزىنى بۇسۇغا ئالدىدىن قايتۇرىۋەتكەنلەردە ھەر قېتىم غاپپار بىرىنچى قېتىم كەينىگە قارىغاندىلا ئۇلارنىڭ ئاللىقاچان كىرىپ كېتىپ بولغانلىقىنى كۆرەتتى. بۇ قېتىم ھېچقاچانقىغا ئوخشىماي، غاپپار مەھەللىدىن چىقىپ كەتكەنگە قەدەر ئۇلار دەرۋازا ئالدىدا تۇردى. غاپپار بىلەن مەپىنىڭ قارىسى يۈتكەندىن كېيىن، شەرۋانەم ئابدۇللانىڭ قولىنى تۇتۇپ ئاستا كوچىنىڭ ئۇ بېشىغا ماڭغاچ بالىغا:

-بۇ تۇرقىمىز بىلەن يىغلاپ ئېقىپ ئۆيگە كىرسەك ئانام بىلەن دادامنىڭ يۈرىكى چىدىمايدۇ، ھېلىمۇ ئالدىنقى قېتىملىق جېدەللەردە دەرد ئېيتىپ كەلگىنىم ئۈچۈن دادام بىچارە يىقىلىپ قېلىپ مېڭىسىگە قان چۈشۈپ پالەچ بولۇپ قالدى، ئەمدى بۇ قېتىممۇ دەردىمنى تۆكۈپ كىرىپ ئۇلارنىڭ يۈرىكىنى ئاغرىتسام بولمايدۇ، شۇڭا بۇ ئۆيگە كىرمەيلى، بالام،- دېدى.
-ئەمىسە نەگە بارىمىز؟

ئابدۇللانىڭ بۇ سوئالىغا جاۋاب بەرگۈچە شەرۋانەمنىڭ كۆزىدىن ئىككى تامچە ياش سىرغىپ چۈشتى. ئۇ يېنىدىكى بالا ئارانلا ئاڭلىغۇدەك قىلىپ:

-بىلمەيمەن... مۇشۇ يولنى بويلاپ مېڭىۋېرەيلى، بىر گەپ بولار قېنى، ئىشقىلىپ... بېشىمىز پاتقۇدەك بىرەر ماكان چىقىدۇ...- دېدى. (110-باب تۈگىدى)


-111باب

باشقا كەلگەندە باتۇر


(209)


ھەممە ئىشلاردىن ئەڭ كېچىكىپ خەۋەر تاپقان سەيدۇللا باي باش مەھەللە، ئاياغ مەھەللە، پۈتۈن ئۇرۇق- تۇغقانلارنىڭ ئۆيلىرىنى ئىزدەپمۇ شەرۋانەم بىلەن ئابدۇللانى تاپالمىدى. ئۇلارنىڭ زادى نەگە كەتكەنلىكى بىر سىر بولۇپ قالغانىدى. مۇشۇ ئىش تۈپەيلى تۆت بالا ۋە دادىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بەك چوڭ زىددىيەت چۈشۈپ قالدى. بۇ قېتىم سەيدۇللا باي بالىلىرىنى كەچۈرمىدى. بولۇپمۇ ئايچېھرە خېنىمنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، كىچىككىنە ئىشنى يوغىنىتىپ چىقىپلا ئۆگەي ئانىسىغا تاياق سالغىنى، سىڭىللىرى بىلەن بىرلىشىپ ئۇنى ئۇرۇپ ئۆيدىن ھەيدىۋەتكىنى ئۈچۈن ئۇنى پەقەتلا كەچۈرمىدى. شۇ كەچۈرمەسلىكلەر ئىچىدە ئۇنىڭ ھەتتا يامانلاپ بۇ ئۆيدە تۇرۇشىنىمۇ خالىماي، ئۇنى دەرھال نەرسە- كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، بالىسىنى ئېلىپ ئېرىنىڭ ئۆيىگە كېتىشكە بۇيرۇدى.بۇ قېتىم بىز ئاپىرىپ قويايلى دېگەن گەپنىمۇ قىلمىدى. «نۇركامىل بايۋەتچىنىڭ يارىشىپ قالغۇسى بولمىسا يەنە قايتۇرىۋېتەرمىكىن» دېگەن غەمنىمۇ قىلمىدى. ئىشقىلىپ ئايچېھرە خېنىمنىڭ بۇ ئۆيدىن دەرھال كېتىشىگىلا بۇيرۇق بېرىپ، ھازىرنىڭ ئۆزىدە كەتمىسە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېشىدا قاراپلا تۇردى. يەنە تېخى ئەگەر ئېرى يارىشىپ قېلىشنى خالىمىسا بۇ ئۆيگە كەلمەي ئۇدۇل ئانىسىنىڭ يېنىغا كېتىشنى جېكىلەپ، بىرەر ئات ھارۋا ياكى مەپىنىڭ ئاپىرىپ قويۇشىغىمۇ قوشۇلماي، «پىيادە كەتسۇن!» دەپ كەينىنى قىلىپ تۇردى. ئۇلار ھەممىسى بۇ قېتىم ئاقىۋەتنىڭ بۇنچە ئېغىر بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتمىگەن ئىدى. ھەممىدىن مۇھىمى، خىزمەتكارلار باغدا نېمىلەرنى كۆرگەنلىكىنى، قەسىرگە قايتىپ كىرگەندىن كېيىن نېمە ئىشلار بولغانلىقىنى سەيدۇللا بايغا تولۇق ئېيتقان بولۇپ، توغرا- خاتا، ھەق- ناھەق مانا مۇشۇنداق ئايدىڭلاشقانلىقتىن، سەيدۇللا باي پۈتۈن قېلىقلىرى بىلەن بەئەينى مېھرىيار خېنىمغا ئوخشايدىغان بۇ قىزلىرىدىن سەسكىنىپ قالغانىدى.

دادىسىنىڭ ئاچچىقىدىن ئەيمىنىپ قالغان ئايتۇرسۇن خېنىم بىلەن ئايزىبا خېنىم ئاچىسىنى كەتكۈزىۋەتمەسلىك ھەققىدە ئۇنىڭغا بىر ئېغىز گەپ قىلالمىدى. ئەگەر ئاچىسىغا بولۇشۇپ گەپ قىلىدىغانلا بولسا سەيدۇللا باي ئۇلارنىمۇ قوشۇپ جازالاپ، ئاچىسىنىڭ كەينىدىن ماڭدۇرۇپ قويىدىغاندەكلا ھېس قىلىپ قورقۇپ قالغان ئىدى. بۇ ئىشتا جېدەلنى باشتا تېرىغان ئايمەمەت ئۆزى بولسىمۇ، ئەمما ئاچىسىنىڭ بېشىغا كۈلپەت كەلگەندە ئۇنىڭغا ياردەم قىلالماي، ئىشىكنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنۇپ جىمجىت ماراپ تۇراتتى. ئايچېھرە خېنىم ئۇنى ئۆزىگە ياردەم قىلالايدۇ دەپ ئويلىمايتتى، لېكىن قارىسىنىمۇ كۆرسەتمەي، ھەتتا ئۆزىگە خوشمۇ دەپ قويماي نەلەرگىدۇر يوشۇرۇنىۋالار دەپ پەقەتلا خىيال قىلمىغان ئىدى. شۇلارنى ئويلاپ ئىنى- سىڭىللىرىدىن بەكلا ئۈمىدسىزلەنگەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى مارجان كەبى تۆكۈلەتتى. بۇ قېتىم سائادەت خېنىممۇ نەۋرىلىرىنىڭ تەرىپىنى ئېلىپ ئوغلىغا ياخشى گەپ قىلمىدى. ئوغلىنىڭ قارارىنى ئۆزىنىڭ قارارى دەپ بىلىپ، ھېچكىمگە گەپ قىلماي تەتۈر قاراپ يېتىۋالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ كۈندىن باشلاپ شەرۋانەم بىلەن ئابدۇللانىڭ ھېچ يەردە ئىز- دېرىكى بولمىغانلىقتىن، ئۇلاردىن ئەنسىرەپ يۈرىكى سۇ بولغان سائادەت خېنىم بۇ قېتىم ئايچېھرە خېنىم ۋە ئايتۇرسۇن خېنىملارغا بۆلەكچىلەر قېيدىۋالغان ئىدى. ئايچېھرە خېنىم پىيادە ھالدا ئېرىنىڭ ئۆيىگە يول ئېلىپ بولغاندىن كېيىن سەيدۇللا باي قىزلىرىنى كۆزلىرى ئارقىلىق باشقۇرۇپ قەسىرگە قايتۇرۇپ كىردى. ئاندىن ئانىسىنىڭ ئەھۋالىنى سوراش ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىغا كىرگەندە، سائادەت خېنىم كۆزلىرىگە لىققىدە ياش ئېلىپ يېتىپ:

-ھەي ئېسىت، ئانىسىنى دورىسۇن دېسە شۇنداقمۇ دورىغان بارمۇ؟ «ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق» دېگەندەك، مېھرىيار خېنىم ئۆزىنىڭ بالىلىرىنى ئۆزىدىنمۇ ئاشۇرۇپراق تەربىيەلەپتۇ، بۇلارنى مۇنچىۋالا يۈرىكى قارا، ئوسال ئادەم بولار دەپ پەقەتلا ئويلىماپتىكەنمەن، ئېسىت، بىچارە كېلىنىم نەلەردە سەرسان بولۇپ يۈرىدىغاندۇ؟ يا ئاچىسىنىڭ، يا دادىسىنىڭ، يا تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە بارماپتۇ، بىزنىڭ بىرەر تۇغقانلىرىمىزنىڭ ئۆيىگە بارغان بولسىمۇ كاشكى، ھېچ بولمىسا ساق- سالامەتمۇ ياكى بېشىغا بىرەر كۈلپەت كەلدىمۇ، شۇنى بولسىمۇ بىلگەن بولساق، ئۆيدىن چىقىپ كېتىدىغان چاغدا يېنىدا پۇل- پىچەك بولغىيمىدى؟ تۇرمۇشتىن قىينىلىپ قالغانمىدۇ؟ نەدە يېتىپ، نەدىن قوپىۋاتقاندۇ شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە؟... ۋاي يۈرىكىم... بۇ ئۆمرۈم بالا دەردىدە، تۈگىمەس پاراكەندىچىلىك ئىچىدە ئېقىپ تۈگەيدىغان ئوخشايدۇ،- دېدى.




tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章