بۇزۇلغان ئانا9-قسىم

文摘   2025-02-04 20:56   新疆  




تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

مۇھەببەت سودىسى،تارتىۋېلىنغان ئەر،ئازمايدىغان كىم بار، تارتىۋېلىنغان ھايات شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .





بۇزۇلغان ئانا1-قسىم
بۇزۇلغان ئانا2-قسىم
بۇزۇلغان ئانا3-قسىم
بۇزۇلغان ئانا4-قسىم
بۇزۇلغان ئانا5-قسىم
بۇزۇلغان ئانا6-قسىم
بۇزۇلغان ئانا7-قسىم
بۇزۇلغان ئانا8-قسىم

-
9-قىسىم
خالتىنى ئەمدى ئىچىشىمغا كانان موككىدە يىنىمدا پەيدا بولۇپ قالدى،

-مىنىڭ چىدىرىمدا يەيدىغان ياخشى  نەسە با يۈرۈڭ…

دەپلا قولۇمدىن يىتىلەپ چىدىرغا ئەكەلدى،كاناننىڭ چىدىرىدىكى ئىككى ئوغۇل سىرتتا ئۇخلىسا پەيزى بولىدۇ دەپ نىرىراقتىكى دەرەخنىڭ ئاستىغا ئەدىيال سىلىپ شۇ يەدە يىتىپتۇ،كۇسۇلدىشىپ كانان بەگەن  كاۋاپنى يەپ بوپ جايىمدا ئۇخلاپ قاپتىمەن. ئەتىسى كۈن تىكلەشكەندە ئويغىنىپ رەڭگى ئوخشىمايدىغان چىدىرنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتىم،كانانمۇ يىنىمدا ئىدى،كانان خىلى بۇرۇنلا ئويغانغان بوسا كىرەك چىدىرنىڭ بۇلۇڭىدا تۈگۈلۈپ ئولتۇراتتى،

-ھەي سىز بۇيەدە نىمىش قىلىسىز...

كانان بىرنى چۈشكۈرۈپ ماڭا يوغان بىرنى قارىدى

-سىرت سوغۇقكە…مۇشۇيەدە ئولتۇردۇم شۇ…

ئورنىمدىن تۇرۇپ كانان پۇتىمغا يۆگەپ قويغان چاپانغا كۆزىم چۈشتى، ئەديالنى پۈرلەپ يىرمىنى ئاستىمغا بىسۋاپىتىمە، كانان بۇيەدە بىر كىچە توڭلاپ چىققاندەك قىلاتتى،كۈندە ئىچىم قىززىپ يوتقاننىڭ سىرتىغا چىقىرىپ ئۇخلاپ ئەتىسى ئويغانغاندا مۇزدەك تۇردىغان،بىر كۈن ئىسسىمايدىغان پۇتۇم بۈگۈن ئىسسىق ئىدى.

تاغدىكى  ئوتلاقلادا چىپىپ يۈرۈپ  دالا تامىقى يەپ  كۈنىمىز شۇنداق خۇشال ئىدى. ساياھەت ئاخىرلىشىپ يۇرت كۆرۈپ قايتىپ كەگەندە دادامنىڭ يىنىدا ھەممە يىرىگە ئالتۇن ئىسىپ ئولتۇرغان چىرايىنى ئاپپاق بويۋىلىپ چىچىنى ئۇششاق بۈدۈر قىلىپ بويتىۋاغان ئايالنى،يەنە ئۇ ئايالنىڭ ئون ياشلار چامىسىدىكى ئوغلىنى كۆدۈم. دىمەك ئۇ مەن يوق بۇ بىر نەچچە كۈندە توي قىغان ئىدى. ئۇ ئايال  ئادەمگە «ئىچىنىڭ قارىسى تىشىغا چىقىپ كەتكەن» تەسىرىنىلا بىرەتتى،نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئارزۇ قىغان يىڭى ئاپامنى ياخشى كۆرۈشكە تىرىشىۋاتاتتىم، ئاق يۈزى بىلەن رەڭ تالىشىپ قاغان قاپقارا قۇلاق بويۇنلىرىغا قاراپ كۆڭلۈم بىر قىسما  بوپ كەتتى.

-نەرسە كېرەكلىرىڭىزنى يىغىشتۇرۇپ ئەكىتىپ بولدۇق، تاماقتىن كىيىن يىڭى ئۆيىمىزگە قايتىپ كىتىمىز… ھۇجرا ئۆيىڭىزنىمۇ جابدۇپ قويدۇم…

ئۇ ئايال گەپ قىلۋاتقاندا دادام تېلېفون ئىلىپ نىرىراققا ماڭدى، ئۇ ئايالنىڭ كۆز نۇرى دادامغا بىر يۆتكىلىپلا بەزدىن قاچقاندەك بىر مىتىر نىرىغا شۇنداق تىز يۆتكەلدى ئاستا ئورنىمدىن تۇرۇپ ياتاققا ماڭدىم…

خىلىدىن كىيىن تەييارلىق قىلىپ يىڭى ئۆيگە كەلدۇق، دادام ماڭا يىڭى ئۆينى تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى،مەكتەپكە ئارلىق سەل يىراق كەپ قاغىننى دىمىسە ياخشى ئىدى،كىچىك ھويلىسى با ئىدى،يىڭى ئۆيدە چاي دەملەپ ئەچىقىپتۇ دادامنىڭ ئايالى،دادام ئىككىمىز ئىشىك يىنىغا قويۇپ قويغان جوزىدا ئولتۇردۇق. كۆزۈم دادامنىڭ يىڭى ئايالى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى لەپپىدە پەسكە قاراپ قىينىئانىسىغا چاي سۇنغان ئايالدەك لىۋىنى ئىككى يانغا سوزۇپ كۆز نۇرىنى شىرەدىن ئامماي ماڭا چاي قۇيۋاتاتتى، ئۇ چاينى قۇيۇپ بولۇپ ماڭا بىر قاراپ چايغا بىر قارىدى دە كەينىدىكى ئورۇندۇقنى تارتىپلا ئولتۇردى. ئوچۇق ئىشىكتىن ئۆي ئىچىدىكى ئۇنىڭ ئوغلىغا قارىدىم، ئۇ شاپىلدىتىپ ئىغىزنى ماڭچاينىتىپ بىر نەرسەى يەۋاتقان بولۇپ ئۆزئارا تىگىشىشمىگەن لىۋى ئارىسىدىن يىمەكلىك ئۇچۇپ چۈشىۋاتىدۇ، دادامنىڭ ئاغان بۇ خوتۇنى يىڭى ئۆيگە كىرىپ ئۈچ كۈن ماڭا ۋاي دەپ ئۆتتى،ئاپا دەپ چاقىراي دەيتىميۇ ئىغىزىمدىن چىقىراممايتىم، ئۈچىنجى كۈنى كەچتە ئۇ خوتۇننىڭ بالىسى  مىنىڭ يۈز لۆڭگەمدە چىچىنى ئىيتىپ مۇنچىدىن چىقتى.

-ھەي نىمىشقا مېنىڭ لۆڭگەمنى ئىشلىتىسە؟

-ئىشلەتسەم نىم بوپتۇ!

ئۇ لۆڭگەمدە بۇرنىنى بىر ئىيتىپ يۈزىمگە ئاتتى،كۆڭلۈم ئىلىىشىپ لۆڭگىنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ ئاتتىم،

-شۇنداق جىق لۆڭگە تۇرسا نىمىشقا مىنىڭ يۈز لۆڭگەمنى ئىشلىتىسە ھە…

-ئاپام بۇ ئۆيدىكى ھەممە نەرسە سىنىڭ دىگەن ئىشلىتىمە قانداق،  نىمىنى ئىشلەتكىم كەسە شۇنى ئىشلىتىمە…

جىلە بوپ  ياتىقىمغا كىرىپ كەتتىم، ئەتىسى ئەتىگەندە ناشتا قىلۋاتسام  ئۇ چىش چوتكىسدا تىرنىقىنىڭ كىرىنى ئاغاچ قىشىمىزغا كىلىپ ئولتۇردى، قولىدىكى چىش چوتكىسى مىنىڭ ئىدى،نىمىشقا چىش چوتكامدا كىرىنى ئالىدۇ؟ ئالدىغا يۈگرەپ بىرىپ قولىدىكىنى تارتىۋالدىم،

-بۇ بۇ مىنىڭ چىش چوتكامغۇ؟

-نىم بولدى، مەن تۈنۈگۈن مۇشىنىڭدا پۇتۇمنىڭ كىرىنى ئاغان…

ئەتىگەن چىشىمنى مۇشىنىڭدا چوتكىلغان ئىدىم ئىچىم ئىلىشىپ ھۆ تۇتۇپ كەتتى.

-دادا… ئۇنىڭغا دەپ قويۇڭ مېنىڭ نەرسىلىرىمگە قالايمىقان چىقىلمىسۇن،ئۇ مۇشۇنداق مەينەت ئەسكى ئادىتىنى داۋاملاشتۇرىۋەسە مېنىڭ نەرسىلىرىمگە چىقىلىۋەسە بىر كۈنى ساراڭ بوپ قالىمە…

دادام جوزىغا پاققىدە بىرنى ئۇرۇپ مېنى

-جايىڭىزدا ئولتۇرۇڭ  نىم قاق سەھەردە سەكرەپ يۈرسىز

دىدى،ئادالەت پەرۋەرلىكىم تۇتۇپ كىتىپ ئاۋۇ سىمىزنى مەندىن كەچۈرۈم سورىسۇن دىدىم

-كىچىككىنە ئىشقا  ئادەمنىڭ بىشىنى ئاغرىتىپ.

دادام سىرتقا چىقىپ كەتتى، ئۆگەينىڭ ئالدىدا مېنى ئايىمىغىنى قوغدىمىغىنا ئاچچىقىم كەلدى، تۆتىنجى كۈنى دادام سودا ئىشى بىلەن ئىچكىرگە كىتىۋىدى بۇ ئانا-بالا  ماھىيتىنى ئاشكارلىدى.  

مىنىڭ ياتىقىمدا ئاغان مۇكاپات لوڭقىلىرىم، يەنە بىر دۆۋە تەقدىرنامەم با ئىدى، يەنە گۈلچىھرە ئىككىمىزگە  ئوخشاش  سوقتۇرۇپ بەگەن ئالتۇن مونچاق بىلەن مارجان ئارلاشتۇرۇپ  ئۆتكىزگەن بىلەيزۈكىم با ئىدى، ئاۋال بىلەيزۈكىمنى تاقاپ باقاي دەپ ئىلۋىلىپ بەمىدى، ئاندىن ياتىقىمنى قالايمىقان ئاختۇرۇشقا باشلىدى، قەستەن قىلمىدىم دەپ تەقدىرنامەمنىڭ نەچچىسىنى قاتلاپ يىرتىپ قويدى،مۇكاپات لوڭقامنى ئۇ سىمىز بالا سىلكىپ چۆرۈپ يەرگە بىر تاشلاپ چىقىۋەتتى ئاندىن تايىنى يوق نىمىكەنغۇ بۇ دىدى، ئاچچىقىم كېلىپ چىقىپ كەت دىدىم، تەڭ تۇرۇپ مېنى تىللىغاچ ئۈستىلىمدىكى نەرسىلەنى قولىدا سىيرىپ پەسكە چۈشۈرۋەتتى، توسىۋاسام مېنى ئىتتىرۋەتتى، ئىككىسىنى ياتاقتىن قوغلىدىم، ئۇ ئايال كاچىتىمغا ئۇلاشتۇرۇپ ئۈچنى سالدى،كالپۇكىم ئىچىشىپ ئوتتۇرسىدىن قان يالىدى،  مەن قايتۇرۇپ ئۇراممىدىم،ئۇ قولۇمنى يوغان سىمىز قولىدا تۇتىۋىلىپ مىجىپ قايرىدى،ئاغرىپ ۋايجان دەپ چىرقىراپ كەتتىم.

-ئاڭلاپ تۇر مەن ئاپاڭ ئەمەس سېنى ئەركىلتىپ ۋاي دەيدىغان،  بۈگۈندىن باشلاپ بۇ ئۆينىڭ ھەممە يىرىنى تازلايسەن، تاماق ئىتىشنى ئۆگىنىسەن مىنىڭ دىگىنىمنى قىلىسە ئۇقتۇڭمۇ …

دەپ قولۇمنى قويۋىتۋىدى ئىشىڭنى قىل دىيىشىمگە بىشىمغا  بىر نەسە بىلەن چاڭڭىدە قويدى، ئاندىن قولىدىكى چاڭ توزان تازلايدىغان پەلكۈچ بىلەن تازا نىختاپ سۆزلىدى.  بۇ خوتۇنغا قارشىلىق قىلدىم.  

-ئاڭلاپ قوي سەنمۇ مىنىڭ ئاپام ئەمەس، مېنى ئۇرۇپ گەپكە كىرگۈزمەن دىيشىڭ ئۇخلاپ چۈشۈڭ…بىلەيزۈكىمنى قايتۇرۇپ بە بوممىسا گۈلىستان ئاپامغا دەيمەن…

ئۇ قولىدىكى پەلكۈچ بىلەن دۈمبەمگە تازا سالدى، مۇنچىدىكى ئەينەكتىن دۈمبەمدىكى قىپقىزىل قاپارتما گۈللەگە قاراپ يىغلاپ ئولتۇردۇم، بۇ خوتۇننىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى، بالىسىغا نىم ئاغاچ كىلەي دەۋاتاتتى، كىيمىمنى تىز كىيىپ مىھمانخانىغا چىقتىم، ئۇ سىمىز بەدىنىگە ئىتىلىپ كەتكىدەك كىپ قاغان كۆينەكنىڭ پىشنى سىلاپ قويۇپ ئايىقىنى كىيىپ  تاقىلداپ ئۆي ئىچىدە مىڭىپ باقتى.ئاپىسىدىن ئۆچىمنى ئالامىغان بوغاچ  ئۇ خوتۇن بازاغا كىتىپ بوغاندا  بالىسىنى تۇتۋىلىپ تازا ئۇردۇم،

-ئاڭلاپ تۇر پور سىمىز بۇندىن كىيىن نەرسىلىرىمگە چىقىلدىغان بوساڭ ئۇرۇپ پۇتۇڭنى چىقىۋتىمە ئۇقتۇڭمۇ، يەنە مەن بىلەن قىرىشامسە مېنىڭ نەرسىلىرىمگە چىقىلامسە…

ئۇنىڭ دۈمبىسىگە پەلكۈچ يىنىك تىگىپ قاغان بوسا كىرەك ماڭا بوي بەمىدى،

-ئىشىڭنى قىل … نىمىنى ئوينىغىم كەسە شۇنى ئوينايمە…

پەلكۈچنى تاشۋىتىپ  ئاشخانىغا كىرىپ نوغۇچنى ئەچىقتىم، بىر قولۇمدا سۈپۈرگىنى تۇتۋىلىپ ئۇ سىمىز كاۋىنى ئۆيدە قوغلاپ ئۇرۇشقا باشلىدىم، مېنى ئىغىزىنى بۇزۇپ تىللىغىنى ئۈچۈن كۆزۈمگە ھېچنىمە كۆرۈنمەي ئۇرۋاتاتتىم، مۇشۇ چاغدا بازاغا كەتكەن ئاپىسى قايتىپ كىرىپ قالدى،تازا ئۇراي دەپ قوغلاۋاتسام ئاپىسى ئالدىمنى توسۋالدى،  بالىسىغا ئاتقان نوغۇچ ئاپىسىغا تىگىپ  كەينىگە يىنىپ كىتىپ يىقىلىپ چۈشۈپ قوپاممىدى،ئاپىسى يىقىلسىمۇ  خام سىمىز  يەنە بوي بەمىدى،
قولۇمدىكىنى تاشۋەتتىم سىمىز يۈگرەپ كىلىپ قورسىقىمغا قاتتىق ئۈستى، كەينىدىن بىلىمدىن قاماللىۋىلىپ چۆرگىلىگىلى تۇردى،ئاپىسى يۈگرەپ كىلىپ چىچىمدىن تۇتۋالدى، مەنمۇ خام سىمىزنىڭ چىچىنى بىر قولۇمدا تۇتۇپ، بىر قولۇمدا قۇلقىنى تىرنىقىمنى پاتۇرۇپ تۇتۋالدىم پۇتۇمدا تىزلاپ قورسىقىغا ئۇرىۋەدىم. ئىككىسىگە ئەمدى كۈچۈم يەتمىدى يۈزىمگە ئۇرمىدى بەدىنىم ئوبدانلا كۆگەدى لىكىن خام سىمىزنىڭ قۇلقى ئوبدانلا تىرناق ئىزى بوپ قالدى، قولۇمغىمۇ بۈدۈر قىلدۇرۇپ قويغان بىر تۇتام چىچى چىقتى.

كەچلىك تاماققا مېنى چاقامايلا قامماي ئۆيدىكى يىگىلى بولدىغاننىڭ ھەممىسىنى ياتىقىغا تىقىۋالدى، ھەتتا خام گۆشنىمۇ قويمىدى،  كىچىدە قورسىقىم ئىچىپ چىدىمىدىم. يىنىغا بىرىپ دادامنىڭ ماڭا قالدۇرغان پۇلنى بە دىدىم بەمىدى، خام سىمىزنىڭ شاپىلدىتىپ كارۋاتنىڭ بىشىدا قات-قات يەپ ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ يۈگرەپ بىرىپ تارتىۋالدىم  ئاپىسى كىلىپ دۈمبەمگە بىرنى  سالدى، ئۇ يەتمەي چىچىمغا ئىسىلدى  ئۇنىڭ كارۋات بىشىغا قويۋاغان ئىككىسىنىڭ ئاتالمىش ئائىلە سۈرىتى بىلەن  بىرنى سالدىم.

-مەنمۇ ئادەم مىنىڭمۇ قورسىقىم ئاچىدۇ، ئۆزۈمنىڭ ئۆيىدە بىرنەسە يىيىش ئۈچۈن سىنىڭ كۆزۈڭگە قارامدىم تېخى؟

-ما يىتىم ئوغلاقىنى، ماڭا  ھۆرپىيۋاتامسە تىخى… ۋاي جىنىڭغا بىقىپ گەپ قىلە…

ئۇ گەپ قىغاچ ماڭا يىقىنلىغان ئىدى ئەينەك پارچىسىنى ئاتتىم  مەيدىسىگە توككىدە تىگىپ يەرگە چۈشتى، يەنە بىر چوڭراق پارچىسىنى ئالدىم

-مېنى بىرنىمە قىپ قويۇپ داداڭدىن قۇتۇلالامسە سەن… يامان بوساڭ بىر سانجىپ باقە مىيەگە ھە مەن تۇرۇپ بىرەي…

ئۇ بوينىنى چىقىرىپ ماڭا تىخىمۇ يىقىنلىدى، ھەقىقەتەن ئۇنداق قىلاممايتىم،ئەينەك پارچىسى قولۇمدىن چۈشۈپ كەتتى،ئۇ خوتۇن مەنسىتمەي بىرنى كۈلۈپ مىنى يوقال دىدى، يىنىچە يىتىۋاتقان بالىسى مېنى يەنە پاسكىنا دىدى قايتۇرۇپلا سىمىز بودىكىنىڭ ئىغىزىغا بىر كاچات سالدىمدە بىردەمدىلا ئاستىمغا بىسىۋالدىم، بىر قولۇمنىڭ جەينىكىدە گىلىنى سىقىپ بىر قولۇمدا بودەكنىڭ ئىغىزىنى يىرتىۋەتكىدەك كەرىدىم،ئۇ خوتۇن يەنە چىچىمغا ھۇجۇم قىلدى.

ئەتىسىلا ساتراچخانىغا بادىم ،بىشىمنى تىخىمۇ قىسقا ياساپ قويۇڭ دە ئولتۇرۇپ قىسقارتىپ قولۇمدا تۇتۇپ بىقىپ ئاخىرى چۈشۈرۋەتتىم، چۈنكى بىشىمدا تۈك بوسىلا قول بىلەن تۇتقىلى بولدىكەن. بىشىمنى چۈشۈرۋىتىپ بوپ بىلكىمنىڭ ۋاژىلداپ ئىچىشۋاتقىننى ھېس قىلدىم، نوقۇتچىلىك  يە قىزىرىپ تىرە ئىچىگە سۇ توشۇپ كىتىپتۇ، بۇنىڭغا دورا ئاغىدەك پۇل مەندە يوق ئىدى،ئۆگەي ئانام كۆسىمۇ كارى يوق ئەلۋەتتە،ئىككى كۈندىلا ئالقاندەك يە مىلىچ مىلىچ سۇ توشۇپ ئىششىپ چىقتى، چوڭ ئۆيگە بىرشىم ئۇ ئۆيدىكىلەگە دەپ دوختۇرغا كۆرنىشىم يەنە بىلەيزۈكىمنى قايتۇرۋىلشىم كىرەك ئىدى.

چوڭ ئۆيگە كىرىپلا قاپىقى يامان بولسىمۇ تاماقنى پەيزى ئوخشىتىۋىتىدىغان گۈلچىھرەنىڭ ئاپىسى گۈلسىتاننىڭ سىيماسىنى ئىزدىدىم ئۆينىڭ ئىشىكتىن كىرىپلا مىززىلىك تاماقنىڭ پۇرقىنى پۇرىدىم.

-كەلدىڭما… تاماققىلا ئۈلگۈرۈپ كەپسە،تەخسىلەنى تىزغاچ تۇرە مەن تاماقنى ئۇسۇپ ئەچىقاي…

بىر قولدا قولۇمنى تۇتۇپ گەپ قىلۋىدى ھېلىقى سۇ توشۇپ كەتكەن يەر ئاغرىپ تاراملاپ تۆكۈلۈپ كەتتىم.

-ئۇف… مۇنداقلا تۇتۇپ قويسام نىمىگە يىغلايسە؟سىنى مەن ھېچنىمە قىلمىدىم ئۆزۈڭنىڭ ئۇششۇقلىقى تۇتۇپ  كەپسەن  بۇ ئۆيگە……

-گۈلىستان ئاپا… قولۇمغا مۇنداق نەسە چىقىپ قالدى…

بىلىغا تاقاپ تۇرغان قولى چۈشۈپ يانغا قاراپ بۇرنىنى پۈۋلاۋاتقان كۆزى بىلكىمگە يۆتكەلدى،قولىدا بىسىپ بىقىۋىدى ۋايجان دەپ سەكرەپ كەتتىم، چوڭ ئاپام ھاسسىنى توكۇلدىتىپ كىردى، گۈلىستان ئاپام مىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ بىلكىمدىكى يىغلىپ قاغان يىرىڭ سۇنى تاتقۇزۇپ ئەكەلدى.

-سىنىڭ نىمانداق ئاپىدىن تەلىيىڭ يوقتۇ دەيمەن، داداڭ بىلەن ئاپاڭدەك بالىسى بىلەن كارى يوق ئادەمگىمۇ تەقدىر بالا بىردىكە ھە…نى…نى ئاداملە با بىر بالام بوسا دەپ زار-زار يىغلايدۇ،ئاۋۇ ئاپاڭ دىگەن  يىشى بىر يەگە باغاندا نىم قىلىدۇ خەخنىڭ ئىلىدە…قىسىپ بالامغا قاراي دىمەي…

تاغام بىر ھومىيىپ گۈلىستان ئاپامنىڭ گىپىنى ئۈزىۋەتتى،لىكىن ماڭىدىغان چىغىمدا گۈلىستان ئاپام قۇلقىمغا بىرمۇنچە گەپ يىگۈزۈپ يولغا سالدى، دادامنىڭ ئۇ ئايالنىڭ بالىسىنىڭ نوپۇسىنى يۆتكىشىنى توسىدىكەنمە،ئۇرۇشۇپ يىغلىسام دادامغا گەپ ئۆتمىسە كىلىپ چوڭ ئۆيدىكىلەگە دىسەم بولدىكە،ماقۇل دەپ قويۇپ يىنىپ كەلدىم.

دادام قايتىپ كىلۋىدى ئۇ خوتۇن بالىسى ئىككىسىنى ئۇرۇپ ئۆيدىكى نەسىلەنى چاقتى دەپ يىغلاپ دات ئىيتتى، دادام ماڭا سەت بىرنى قاراپ قويۇپ  نەچچە يىلدىن بىرى يىققان پۇلۇم با كارتىنى،يەنى دادام ماڭا ساقلاپ بىرۋاتقان،ھەر قىتىم ئىسىگە كەسىلا ئىچىگە نەچچە مىڭدىن پۇل سىلىپ ساقلاپ قويدىغان،مەن ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن خاتىرجەم چوڭ-چوڭ خەجلىشىم ئۈچۈن بەمەكچى بوغان كارتىنى ئۇ خوتۇنغا بەدى.


tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章