توي ۋە سۈيقەست26-قسىم

文摘   2025-02-07 21:27   新疆  

تايىرجان سالونى ئەدەبىي ئەسەرلىرى



تايىرجان سالونى

ت

ئۈندىدارىڭىزنىڭ بېزىكى



بىزنى قوللاش ئۈچۈن ئىۋۇ ئۈستىدىكى ۋە ئاخىردىكى ئىككى ئىلان چىكىپ قويۇڭ، ناۋادا ئىلان كۆرۈنمىسە ئەسەرنى چەمبىرەككە يوللاپ قويۇڭ، ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھىچ بولمىسا 在看 نى چىكىپ قويۇڭ سىزگە قايسى قولاي بولسا شۇنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ.. تايىرجاننىڭ تەرەققىياتى سىلەرنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىڭلارغا 

باغلىق شۇڭا ھەممىز بىرلىكتە تىرىشايلى

،چىرايلىق چوكان،تالاغا قارىغان ئايال، جىنايەت ۋە جازا شەھەرلىك خوتۇن قاتارلىق    ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى ، يەتتىنچى ، سەككىزىنچى تېمىلاردىن ئاڭلاڭ .




 

 توي ۋە سۈيقەست1-قسىم
توي ۋە سۈيقەست2-قسىم
توي ۋە سۈيقەست3-قسىم
توي ۋە سۈيقەست4-قسىم
توي ۋە سۈيقەست5-قسىم
توي ۋە سۈيقەست6-قسىم
توي ۋە سۈيقەست7-قسىم
توي ۋە سۈيقەست8-قسىم
توي ۋە سۈيقەست9-10-قسىم
توي ۋە سۈيقەست11-قسىم
توي ۋە سۈيقەست12-قسىم
توي ۋە سۈيقەست13-قسىم
توي ۋە سۈيقەست14-قسىم
توي ۋە سۈيقەست15-قسىم
توي ۋە سۈيقەست16-قسىم
توي ۋە سۈيقەست17-قسىم
توي ۋە سۈيقەست18-قسىم
توي ۋە سۈيقەست19-قسىم
توي ۋە سۈيقەست20-قسىم
توي ۋە سۈيقەست21-قسىم
توي ۋە سۈيقەست22-قسىم
توي ۋە سۈيقەست23-قسىم
توي ۋە سۈيقەست24-قسىم
توي ۋە سۈيقەست25-قسىم


_26-قىسىم

ياندىكى خالتىسىغا چەتئەلچە خەت بېسىلغان تالقاننى ئالدىم-دە،پۇراپ باقتىم. ئەتكەنچاينىڭ تالقىنىدەك قىلاتتى. ئۇنى چەينەككە تۆكتۈمدە ئۈستىگە قايناقسۇ قۇيدۇم.

توڭلاتقۇنى ئېچىپ بىر نەچچە خىل كۆكتاتنى ئالغاندىن كېيىن سەي قورۇشقا كىرىشىپ كەتتىم.

بىردەمدىن كېيىن ئۆزۈم تەييار قىلغان ناشتىلىقنى ئەچىقىپ ئۈستەلگە قويدۇم.

_ كەچۈرۈڭلار. سەل ھايال بوپ قالدىم..

يولدىشىمنىڭ ئۆگەي ئاپىسى ئەتكەنچاينى ئىچكەندىن كېيىن چىرايىنى تۈردى.

_ ۋاي نېمە بۇ..

_ ئەتكەنچاي..

يولدىشىمنىڭ ئۆگەي ئاپىسى كۈلۈپ كەتتى.

_ ئاجايىپ ئادەملەر بولىدىكەن ھە.. ئۇنىڭ ئۈستىدە خېتى بار ئىدى، كۆرۈپ بىلمىدىڭىزما؟ بۇ دېگەن يولدىشىمنىڭ ئاقسىل تالقىنى..

ئېتقۇسىز ئوڭايسىز ھالەتتە تۇراتتىم.

_ كىم سىلەرنى ئايالىمنى ئاشخانىدا قويسۇن دەپتۇ..ئۇ بىلمەي قاپتۇ..

_ بولدى ھېچقىسى يوق..باشقىلار چاي ئىچىڭلار بۇنى مەن ئىچەي..

_ ھېلىمۇ ئاقسىلكەن. باشقا نەرسە بولسا قانداق قىلاتتىڭىز، ئەتكەنچاي دەپ بىزگە ئىچكۈزىۋېتەمتىڭىز؟!

_ كە..كەچۈرۈڭ. مەن دېققەت قىلماپتىمەن..

_ دېقەت قىلسىڭىزمۇ بىلمەس بولغۇيتتىڭىز..ئۈستىدىكى يېزىقنى تونىمىسىڭىز ئامال يوق يەڭگە.._ دېدى جىيەن قىز ماڭا قاراپ مەقسەتلىك كۈلۈپ.

_ تو..تونىمايدىكەنمەن. سەت بولدى، بۇ قېتىم دېقەت قىلاي..

_ ئايالىم نېمە قىلسا سىزنىڭ بىر نەرسە دېيىش ھوقۇقىڭىز يوق..

_ خاپا بولماڭە ئاكا. بۇ خاتالىق يەڭگەمدە ئەمەس دېمەكچى شۇ..مەدەنىيەت سەۋىيە خەت تونۇشقا يەتمىسە خاتالىق ئۆتۈپ تۇرىدۇ..

گەپ قىلىشقا تەمشەلگەن يولدىشىمنىڭ بىلىكىنى تۇتىۋالدىم.

_ بولدى. تاماق يەڭلار.. ،_ قېيىنئاتام قورۇمىدىن بىر چوكا ئالدى،_ بۇ ئوخشاپتۇ..

_ نەدە ئەتىگەندە قورۇما يېگەن بار.. ئەتىگەندە پىشۇرۇق يېمەمدۇ..

_ كەچۈرۈڭ. بۈگۈن تاماقنى مېنىڭ ئېتىدىغىنىمنى بىلگەن بولسام تەييارلىق قىلىپ قوياتتىم. پىشۇرۇققا ئۈلگۈرمەي قالدىم..

يولدىشىمنىڭ ئۆگەي ئاپىسى گېلىنى قىرىپ قويۇپ قورۇمىنى يېيىشكە باشلىدى. بىردەملىك قورساق ئۇرۇشىدىن كېيىن ھەممەيلەن ئۈستەلدىن تۇرۇپ كەتتى. مەن تۇرۇشۇم بىلەن يولدىشىمنىڭ ئۆگەي ئاپىسى ماڭا قارىدى.

_ تۇرىۋاتىسىزغۇ..قاچىلارنى يىغۇشتۇرمامسىز..

_ سىزمۇ يېدىڭىزغۇ..نېمىشقا يىغۇشتۇرمايسىز،_ دېدى يولدىشىم بىلىكىمنى تۇتۇپ.

  يولدىشىمنىڭ ئۆگەي ئاپىسى قورسىقىنى تۇتۇپ قويدى. ئامالسىز قاچىلارنى ئېلىپ ئاشخانىغا كىرىپ كەتتىم. ئاچچىقلىنىش ياكى ئاچچىقلانماسلىقنى بىلمەيۋاتاتتىم. يولدىشىمنىڭ ئۆگەي ئاپىسىنىڭ مېنى قەستەن قىيناۋاتقىنىغا ئاچچىقلانسام، توختامنى ئاپامنىڭ ئالغانلىقى تۈپەيلىدىن ئائىلە خىزمەتچىسىنىڭ ھەيدەلگەنلىكىگە سەۋەب بولغىنىم ئۈچۈن ئاچچىقلىنىش ھوقۇقۇم يوق ئىدى.

 _ جاپا تارتتىڭىز،_ ئارقامدىن ئاڭلانغان يولدىشىمنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئۆرۈلدۈم.

 _ ھېچقىسى يوق، ئۆي خىزمەتچىلىرى ئاپامنىڭ سەۋەبىدىن ھەيدىلىپتۇ..شۇڭا مەن ئورنىدا ئىشلىسەم ھېچقىسى يوق..

_ بۇ ئۇنىڭ قەستەن قىلغان ئىشى..قەستەن مۇشۇ ئىشنى باھانە قىلىپ سىز بىلەن مېنى باپلىماقچى..

_ ھەي.. لېكىن خاتالىق ئۆتكۈزمىگەن ئادەم جازالىنىپتۇ.. كۆڭلۈم يېرىم بولدى..

_ سىز ئارتۇق ئويلىماڭ..

يولدىشىم قاچىنى قولىغا ئالدى.

_ ياق. سىز قىلماڭ. ھېلى ئۇلار كىرىپ قالسا..سىزنى ئىشقا ساپتۇ دەپ قالىدۇ..

_ توختامدا بۇ يوقتى. ئالدىڭىزدا خىجىلمەن..

_ راست دېسەم كۈن بويى ئۇ ئۆيدە ئولتۇرساممۇ خىجىل بوپ قالىدىكەنمەن..مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلغاچ تۇرساممۇ ھېچقىسى يوق..

ئۇنىڭغا قاراپ كۈلدۈم.

قاچىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن مېھمانخانىغا چىقىپ ئۇدۇلدا ئولتۇرغان قېيىنئاتامنى كۆردۇق.

_ سىز. چۈشۈپ كەتمەي تۇرۇڭ..

_ گەپ بولسا ئىككىمىزگە تەڭ دە..

_ سەن چۈشۈپ كېتىۋەر، مېنىڭ كېلىن بىلەن تەڭ پاراڭلاشقۇم بار..

يولدىشىم ماڭا بىر قاراپ قويغاندىن كېيىن چۈشۈپ كەتتى.

_ ئىشىكنى تاقىۋېتىپ بۇياققا كېلىڭ..

مېھمانخانىنىڭ سىرتقا قارىغان ئىشىكىنى تاقىۋەتكەندىن كېيىن قېيىنئاتامنىڭ يېنىغا كەلدىم.

_ سىزنى نېمىشقا ئايرىم چاقىرغىنىمنى بىلەمسىز؟

_ ئەتىگەن ناشتىلىقنى جايىدا قىلالمىغانلىقىم ئۈچۈنمۇ..تولىمۇ خىجىلمەن..

_ ياق..ئۇ ئىش ئەمەس..

_ ئەمىسە؟!

_ ئاراڭلاردىكى توختامنى مەن كۆردۈم..

چۆچۈپ قېيىنئاتامغا قارىدىم.

_ كە..كەچۈرۈڭ ئەپەندىم..ھەممىسى مېنىڭ خاتالىقىم...

_ خىجىل بولمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.. مەن قىلالمىغاننى سىز قىپسىز..

ئۇنىڭغا سۇئال نەزىرىدە تىكىلدىم.

_ ئوغلۇم بۇنداق قىلمىغان بولسا، مەنمۇ ئۇنىڭغا بىرەرسىنى ئەپ بېرەي دەپ تۇرغان..

_ بۇ؟! مەن تازا چۈشىنەلمەي قالدىمغۇ...

_ ئۇ بولمايدىغان بىر قىز بىلەن مۇھەببەتلەشكەن، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىمەن دېگەنتى. مەن قوشۇلمىدىم. چۈنكى ئۇقىز بۇنىڭ كۆپ پۇلىنى خەجلىدى، نۇرغۇن چىقىم قىلدۇردى..ئوغلۇمغا پۇل كەم ئەمەس، لېكىن پۇلنىڭ سانى يوقمۇ ئەمەس، ئۇ قىز بىلەن توي قىلسا ئوغلۇم ئۇنىڭ قولىدا ۋەيران بولاتتى..مەن تويغا قوشۇلمىسام ئۇ ماڭا قارشى تۇردى..كېيىن كارتىسىنى توختىتىۋەتتىم. ئارقىدىن قىز دوستى باشقىلار بىلەن توي قىپتۇ.  شۇنىڭ بىلەن ماڭا دوق قىلىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى..

_ بۇنى ماڭا دېگەنتى..

_ مەن ئوغلۇمغا نىيىتى پاك ئادەمنىڭ ئۇچرىشىنى خالايمەن..مەن بېرەلمىگەن مېھىرنى ئايالى بەرسىكەن دەيمەن..

_ تاغا، بۇنىڭغا مەن جاۋاب بېرەلمەيمەن..چۈنكى مەنمۇ ھەقىقىي نىيىتى پاك كىشىگە تەۋە ئەمەس..چۈنكى ئوغلىڭىز بىلەن توي قىلىشىم ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن..

_ كىمدىن؟

_ ئوغلىڭىزنىڭ قىز دوستى توي قىلغان يىگىتتىن..

_ بۇ؟! بۇ قانداق گەپ ئەمدى..

_ مەن ئەسلى توي قىلماقچى ئىدىم، لېكىن يىگىتىم مەندىن يوشۇرۇن دېرىكتورۇم بىلەن ئارلىشىپ ھەتتا تويغا پۈتۈشۈپتۇ، مەن بۇ ئىشتىن پۈتۈنلەي بىخەۋەر قاپتىمەن. شۇڭا ئۇنىڭغا كۆرسىتىش ئۈچۈن توي قىلماقچى بولدۇم، سىز كۆرگەن توختام دەل شۇ توي ئۈچۈن تۈزۈلگەن توختام.. ئوغلىڭىزدىن پايدىلاندىم. ئالدىڭىزدا تولىمۇ خىجىلمەن..

_ دېمەك نەق تېپىشىپسىلەرغۇ...

_ ئوغلىڭىز بېشىدا ئۇ قىزنىڭ بۇرۇنقى قىز دوستى ئىكەنلىكىنى ماڭا دېمىگەن..مەنمۇ كېيىن بىلدىم..

قېيىنئاتام كۈلۈپ كەتتى.

_ ھاھا..قىزىق ئىش بوپتۇ ھە..

_ شۇنىڭ بىلەن توختامنى توختىتىپ ئاجرىشايلى دېدىم، ئوغلىڭىز ماڭا توختامنى ئۇزارتىشنى ئېيتتى..شۇنىڭ بىلەن توختامنى ئۆزگەرتتۇق..

_ ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسىنىمۇ كۆردۈم..

_ مەن توي قىلغاندا ئوغلىڭىزنىڭ سالاھىتىنى بىلمەيتتىم. كېيىن بىلدىم. ماڭا چېكىنىش يولى بولمىدى. شۇڭا مۇشۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم..

_ سىلەر ياشلار قارام بولىسىلەر، مەنمۇ ياش ۋاقتىمدا قاراملىق قىلغان، خاتالىق ئۆتكۈزگەن..ھازىر پۇشايماندىن باشقا تاللاش يوق.. ھېچنېمىنى ئۆزگەرتەلمەيمەن..

_ كەچۈرۈڭ،_ بېشىمنى ئىگىپ قېيىنئاتامغا سالام بەردىم،_ بۇ ئىش ئاشكارا بوپتۇ. مېنىڭمۇ بۇ ئۆيدە قېلىش يولۇم قالماپتۇ.. سىز خالىسىڭىز ئاجرىشىپ بۇ ئۆيدىن كېتىمەن.. پۇلنىمۇ ئالمايمەن..

_ مەن توختامىڭلارنى سىلەر كەلگەن كۈنىلا كۆرگەن، لېكىن ئوغلۇم بىلەن سىزنىڭ يۈزىڭىزگە سالمىدىم. نېمە ئۈچۈنلىكىنى بىلەمسىز؟

_ بى...بىلمەيمەن..

_ چۈنكى مەنمۇ بۇ توختامغا قوشۇلدۇم..

_ بۇ..بۇ نېمە دېگىنىڭىز تاغا..

_ ئوغلۇمغا تىكىلگەن نۇرغۇن كۆز بار.. ئۇنىڭ ئالدامچىغا ئۇچراپ كېتىشىنى خالىمايمەن..

_ لېكىن سىز مېنىمۇ چۈشەنمەيسىز. ئالدامچى ئەمەسلىكىمگە قانداق ئىشىنىسىز؟
_ توختامغا قاراپ. ئوغلۇمنى پۇلى يوق، ماشىنىسى ھەم ئۆيى يوق دەپ تۇرۇپ يەنە توي قىلغىنىڭىزغا قاراپ..

_ بۇ پەقەت ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئىدى..شۇڭا شۇنداق قىلغان..

_ ئەگەر سىز مال دۇنياغا بېرىلىدىغان قىز بولسىڭىز بۇنداق قىلمىغان بولاتتىڭىز... كاللىڭىزدا ئۆچ ئېلىش يالغۇز مېنىڭ ئىشىم قارشى تەرەپ زىيان تارتسا بولمايدۇ دەپ ئويلىغاچقا بارلىق چىقىمنى ئۆزىڭىز چىقىرىپسىز..

_ نېمە پەرقى؟! مەن ئۆچ ئېلىش پىلانىمغا باشقىلارنى ئارلاشتۇرغان تۇرسام..

_ سودىگەرلەر بىر ئادەمنىڭ نىيىتىنىڭ پاك ياكى ئەمەسلىكىنى قاراپلا بىلەلەيدۇ..ئەگەر سىزنىڭ كاللىڭىزدا پۇل تېپىش بولسا توينىمۇ قىلىپ پۇلنىمۇ تاپقان بولاتتىڭىز..

كۈلۈپ كەتتىم.

_ ھاھا..تاغا تۇيۇقسىزلا ماڭا ئالتۇن ھەل بېرىۋەتتىڭىز..مەن ئۇنچە يىراقنى ئويلاپ كەتمىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق ئالدىراپ توي قىلىشقا باي ھەم كۈچلۈك ئادەمنى نەدىن تاپاتتىم. ئۇلار مېنىڭ بۇ بولمىغۇر تەلىپىمگە قوشۇلاتتىمۇ..

_ لېكىن ئوغلۇم دەل باي كۈچلۈك تۇرۇپ تەلىپىڭىزگە قوشۇلۇپتۇ..

 قېيىنئاتامغا جاۋاب بېرەلمەي قالدىم. ئۇنىڭ ئانالىز قىلىشى،تىلىنىڭ ئۆتكۈرلىگە قاراپ نېمىلا دېسەم ئۇتتۇرىدىغانلىقىمنى ھېس قىلىۋاتاتتىم.

_ تاغا. سىزنىڭ مۇشۇنداق چوڭ ئىگىلىك تىكلىگىنىڭىز بىكار ئەمەسكەن.. راستىنلا قايىل بولدۇم..مەن گەپ تېپىپ بېرەلمەي قالدىم..

_بەش ئايغا 30مىڭ دەپمۇ گەپ بولامدۇ..بىر ئادەمگە خوتۇن بولۇپ ئۆزىڭىزنى مۇشۇنداق ئەرزان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدىڭىزما؟

 قېيىنئاتام ئارقىدىن تۈزگەن 150مىڭلىق توختامىمىزنى كۆرمىگەچكە بۇ ئىشنى پەقەت 30مىڭلىق ئىش دەپ ئويلاۋاتاتتى.

_ مەنمۇ ئوغلىڭىزدىن پايدىلانغاچقا شۇنداق قىلغان..

_مۇنداق قىلايلى، مېنىڭ بۇ ئىشنى بىلگىنىمنى ئوغلۇمغا دېمەڭ. ئوغلۇمدىن ئاجرىشىپ كەتمەڭ بولامدۇ؟!

ھەيرانلىقتا تۇرۇپ قالدىم. ئىشلارنىڭ بۇ ھالەتتە راۋاجلىنىشىنى ئويلاپ باقمىغانىدىم.

_ بۇ..مەن چۈشىنەلمەي قالدىم تاغا..

_ نۇرغۇن ئىشلارنى سىزگە چۈشەندۈرۈشكە ئاجىزلىق قىلىمەن..ئوغلۇمنىڭ يېنىدا ھەقىقىي كۆيۈمچان ئادەم بولىشىنى ئارزۇ قىلىمەن..ئۇ راستىنلا بەك ياخشى..

_ شۇ..شۇنداق..

_ بەش ئايدىن كېيىن ئاجرىشىمەن دېمەي ئۇنىڭ بىلەن ئۆي تۇتۇڭ بولامدۇ..مەن سىزنى كېلىنىم دەپ ئېتىراپ قىلدىم..پۇل مەسىلىسىگە كەلسەك. مېنىڭكىسى ئوغلۇمنىڭ، ئوغلۇمنىڭكىسى سىزنىڭ..

كۆزلىرىمگە ياش ئالغىنىمچە جايىمدا تۇرۇپ قالدىم. ئالدىمدىكى بۇ ئۇقۇمۇشلۇق، سالاپەتلىك كىشىنىڭ مېنى كېلىنىم دەپ ئېتىراپ قىلغىنىنىڭ چۈشۈم ياكى ئوڭۇم ئىكەنلىكىنى بىلمەيۋاتاتتىم.

_ تا..تاغا..بۇ.. مەن سىلەرنىڭ ئائىلىگە كېلىن بولۇشقا ماس كەلمەيمەن..

_ تاغا دېمەي دادا دەڭ.. ماس كېلىدىغان كەلمەيدىغانلىقىڭىزنى مەن بىلىمەن..

كۆزلىرىمدىكى ياشلىرىمنى توختىتالماي قالدىم.

_ دادا..رەھمەت سىزگە،_ ئۇنىڭغا ئىگىلىپ سالام بەردىم.

_ مەن ئەتە كاماندروپكىغا بارىمەن..ئوغلۇمنى سىزگە تاپشۇردۇم..

_ بولىدۇ. بولىدۇ دادا..مەن ئوغلىڭىزغا چوقۇم ياخشى قارايمەن..

ئورنۇمدىن تۇرۇپ يەنە نەچچە قېتىم سالام بېرىۋەتتىم.

_ بولدى، ئەمدى چىقىپ ئوغلۇمغا ھەمراھ بولۇڭ..

_ ماقۇل،_ ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.

_ بۇ ئىشنى ئوغلۇم بىلمىسۇن..ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدىلا قالسۇن..

_ چۈشەندىم دادا..

ئىشىكنى ئېچىپ ئالدىدا تۇرغان يولدىشىمنىڭ ئۆگەي ئاپىسى ۋە ئۇنىڭ جىيەنىنى كۆردۈم.

_ بەك ئۇزۇن پاراڭلىشىپ كەتتىڭلارغۇ..

_ ھە، دادام نېمە ئەتسەم بولىدىغانلىقى توغرىسدا ئازىراق سۆزلەپ بەردى..

ئۇلاردىن يانداپ ئۆتۈپ پەلەمپەيدىن چۈشۈپ كەتتىم. بۇ قېتىم ھۇجرىغا ئەمەس ھويلىغا چىقتىم. قېيىنئاتامنىڭ بايىقى گەپلىرىنى ئويلىنىۋاتاتتىم. ئۇ نۇرغۇن پۇلى بار چوڭ باي بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا يالغۇز ئىدى، ئۇنىڭ ئوغلىغا پۇل مالغا كۆز قىرىنى تاشلىمايدىغان نىيىتى پاك قىزنى ئېلىپ بەرگۈسى بارلىقىدىنلا پۇل مالغا بېرىلگەن قىز ئاياللارنى چۈشىنىپ كەتكەنلىكى ھەم ئۇلاردىن ھەزەر ئەيلەيدىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. ئەمدى ھېلىقى كۈنى كەچتە بىزگە ئۇخلاش كىيىمى ئەكىرىپ بەرگىنىنىڭ تېگىگە يېتىۋاتاتتىم. ئۇ ئوغلىنىڭ بالىلىق بولىشىنى، ئەۋلادىنىڭ توختاپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتى. ئۆز بايلىقىنىڭ ياتلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىشىنى خالىمايتتى. ئوغلى ئۇنىڭغا ئۆچ بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئوغلىنى ياخشى كۆرەتتى. ئەزەلدىن دادام بولۇپ باقمىغان مەن، بۇنداق بىر سالاپەتلىك كىشىنىڭ مېنى قىزى ئورنىدا كۆرگىنى، مېنى ئېتىراپ قىلىپ كېلىن قىلىمەن دېگىنى ئۈچۈن خوشال ئىدىم. لېكىن..لېكىن ئۇ ئوغلى ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدا بىر يىللىق توختام بارلىقىنى، بىر يىلدىن كېيىن ھامان ئايرىلىپ كېتىدىغانلىقىمىزنى بىلمەيتتى. ئېغىر بىرنى تىنىپ قويدۇم..

_ نېمە بۇ يەردە يالغۇز ئولتۇرۇپ كەتتىڭىز..

چۆچۈپ يانغا قاراپ يولدىشىمنى كۆردۈم.

_ ھېچ..ھېچ ئىش يوق.._ قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىمنى ئۇنىڭدىن قاچۇردۇم.

_ يىغلىدىڭىزما؟ دادام سىزگە بىرەر نەرسە دېگەن ئوخشىمامدۇ..

_ يا..ياقەي..

_ شۇنداق قىلغان بولسا ھازىرلا چىقىپ ئۇنىڭغا گەپ قىلاي..

_ ئۇنداق قىلماڭ، ئۆتۈنۈپ قالاي..دادىڭىزغا ئەمدى قارشىلىق قىلماڭ..

ئۇ ماڭا ھەيرانلىقتا تىكىلدى.

_ نېمە گەپ بۇ؟ دادام سىزگە زادى نېمە دېدى..

_ ھېچنېمە دېمىدى. لېكىن دادىڭىزغا ئەمدى قوپاللىق قىلماڭ بولامدۇ..

يولدىشىم يېنىمدا ئولتۇردى.

_ نېمە توغرىلىق پاراڭلاشتىڭلار؟

_ تاماق توغرىلىق، ئۇ ماڭا تاماقنى قانداق ئېتىش توغرىسىدا ئازىراق گەپ قىلدى..

_ يالغان سۆزلىمەڭ..تاماقنى ئۇنىڭ ئايالى بىلەن ئائىلە خىزمەتچىلىرى تەييار قىلىۋاتقان تۇرسا.

_ ئىشقىلىپ ياخشى پاراڭلاشتۇق. دادىڭىز مېنى تىللىمىدى..قوپال گەپ قىلمىدى..

_ نېمە دېدى؟

_ ئوغلۇمغا كۆيۈنۈڭ دەيدۇ..

_ بۇ قانداق گەپ ئەمدى..شۇنچە ئۇزۇن ئولتۇرۇپ ئوغلۇمغا كۆيۈنۈڭ دېدىما؟

_ شۇنداق. ئاۋال بۇ ئۆينىڭ بەزى قائىدىلىرىنى دەپ ئاندىن سىزگە كۆيۈنۈشۈم لازىملىقىنى دېدى..

_ ئۇ نېمىلا دېسە مەن بەرىبىر كەچۈرمەيمەن..

_ ئىنسان دېگەن خاتالىشىدۇ..ئۇنداق دېمەڭ..

_ دادام ئولتۇرۇپ كاللىڭىزنى يۇيۇپتۇ-دە..

_ ئۇنداق ئەمەس. دادىڭىزغىمۇ ئىچىم ئاغرىپ قالدى..ئىنسان دېگەن خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ..خاتالاشقىنىنى ئوتتۇرا ياشتىن ئاشقاندا ھېس قىلىدۇ..مېنىڭچە دادىڭىزمۇ خاتالاشقىنىغا پۇشايمان قىلدى..لېكىن دادا بولغىنى ئۈچۈن سىزگە دېيەلمەيدۇ خالاس..

_ ئۇ شۇنداق دېدىما؟

_ ياق. مەن شۇنداق ئويلىدىم..

_ ھەممە نەرسىنى بىلىدىغاندەك سۆزلىمەڭ..

_ ئۇ ئەتە كاماندروپكىغا بارىدىكەن..

_ بىلىمەن..كەتسە مەيلى..

يولدىشىمنىڭ قولىنى تۇتتۇم.

_ ئۇنىڭ بىلەن چىرايلىق خوشلىشىڭ بولامدۇ؟! مېنىڭچە ئۇ چوقۇم بەك خوش بولىدۇ..

ئۇ ماڭا قاپىقىنى تۈرۈپ قارىدى.

_ ماڭا نەدىكى قاملاشمىغان تەلەپنى قويماڭ..

_ ۋوي ئاكا، سىلەرگە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ..

ئۆگەي قېيىن ئاپامنىڭ جىيەن قىزىنىڭ ئاۋازى بىلەن تەڭ جايىمىزدا تۇرۇپ قالدۇق.



tayirjan
تاھىرجان يۈسۈپ ئۈندىدار سالۇنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
 最新文章