ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى

时事   2025-01-17 17:54   新疆  

ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش، باھالاش، تەكشۈرۈش يىغىنى ئاچتى

پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمىتىگە كۈچ قوشۇش كېرەك

ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ ياخۇي)  1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى 2024 - يىللىق ناھىيە (شەھەر)لىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق ھەرقايسى خىزمەت كومىتېتى (پارتىيە كومىتېتى) شۇجىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش، باھالاش، تەكشۈرۈش يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتنىشىپ يېتەكچىلىك قىلدى، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ چېن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا، يەتتە ناھىيە(شەھەر)لىك پارتىيە كومىتېتى، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى «ئىككى يېڭى» خىزمەت كومىتېتىنىڭ شۇجىلىرى نەق مەيداندا خىزمىتىدىن دوكلات بەردى، بىر ناھىيە (شەھەر)لىك پارتىيە كومىتېتى، ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇجىلىرى خىزمىتىدىن يازما دوكلات بەردى، ليۇ چېن بىر - بىرلەپ باھا بەردى.

يىغىندا مۇنداق تـەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى ۋە شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەش كېرەك، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساسنى كۈچەيتىش، ئاساسنى پۇختىلاش خىزمەت يېتەكچىلىكىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسـى بىلەن مېڭىنـى قوراللاندۇرۇپ، «1 - قارالما» ۋە «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس» تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش ـ تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. تەشكىلىي سىستېمىنى پۇختىلاپ، «بەشتە ياخشى» پارتىيە ياچېيكىسى بەرپا قىلىش، «قوش 100» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلام تايانچ قوشۇنىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، كەنت(مەھەللە) پارتىيە تەشكىلاتلىرى شۇجىلىرى، زاپاس كۈچلەرنى يېتىشتۈرۈش، زاپاس ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلام ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنىڭ كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلام بازىسىنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈلگە كۆرسىتىش ماركىسىنى يارىتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە زورايتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى، پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىلىرىنىڭ بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتى ۋە بەنزە ئەزالىرىنىڭ «بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت»ىنى چىڭىتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. قەرەللىك باھالاش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

(تەرجىمە قىلغۇچى: سۇلتانمۇرات ئابلەت)


مەنبە: خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەنۋەر ئابلىمىت
举报电话: 18899276002
举报邮箱: 615838983@qq.com

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章