نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، تىرىشىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، قەلب ۋە كۈچنى

时事   2025-01-14 18:51   新疆  

نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، تىرىشىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى سەھىپە پۈتۈن چىقايلى

يېڭى يىل كىرىشى بىلەن ھەممە يەر يېپيېڭى تۈسكە كىردى. 1 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خوتەن ۋىلايەتلىك كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بولۇپ، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىدى. ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، گۈزەل خوتەن قۇرۇش يۆگىمە رەسىمىنى ئاستا ـ ئاستا نامايان قىلدى.

2024 - يىلىغا نەزەر سالساق، تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۆمىمىز. ئۆتكەن بىر يىلدا، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك ئىشلاردا زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلىرىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى ۋە جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈشى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش غەيرىتى ۋە ئىشەنچى زور دەرىجىدە ئاشتى.

2025 ـ يىلى «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان، «15 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تۈزۈلۈپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىدىغان يىل، شۇنداقلا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى سەھىپە پۈتۈشتە مەسئۇلىيىتىمىز ئېغىر، بۇرچىمىز شەرەپلىك. ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا بۇنىڭدىن كېيىنكى نىشان - ۋەزىپىلەر بېكىتىلىپ، گۈزەل پىلان تۈزۈپ چىقىلدى، تۈرلۈك كونكرېت نىشان، نۇرغۇن نۇقتىلىق قۇرۇلۇش، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر نۇرغۇن ئەمەلىي ئىشلار ئارقىلىق ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ چىقىرىش، دىققەتنى خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەخت - سائادىتىگە مۇجەسسەملەش، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرىدا يەنىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىشنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىشتا مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش روھى نامايان قىلىندى.

بۇ يىللىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى ئېنىق تۇرغۇزۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن ھەر مىللەت كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىشى كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، تەشكىلىي سىستېما ۋە خىزمەت كۈچىنى ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئاساسىي قاتلام بىلەن ئالاقىلىشىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «تۆتتە ئاساسىي قاتلامغا بېرىش»، پىدائىيلار مۇلازىمىتى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش بويىچە تەربىيەلىشى، يېتەكلىشى كېرەك. پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش ـ تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ خوتەن ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك ئىنتىزام كاپالىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان - ۋەزىپىلەر كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدۇ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. بىز ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە سىياسەت، تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئۈزلۈكسىز يول ئېچىپ ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك. «ئىككى كان»، «ئىككى باغچە»نى چىڭ تۇتۇپ، «ئىككى يول»نى بىر تۇتاش پىلانلاپ، «ئىككى ئامبار» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، «ئىككى داشۆ»نى ياخشى قۇرۇپ، «ئىككىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئشىقا ئاشۇرۇش»، «ئىككى تۈرلۈك ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش» قاتارلىقلار ئارقىلىق نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، ئومۇمي گەۋدىنى جانلاندۇرۇپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

كۈرەش قىلىش يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىنىڭ ئەڭ يارقىن ئاساسى رېڭى، ھەرىكەت جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم تىرىكى. بىز ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىمىزگە ئېلىشتەك بۇرچ تۇيغۇمىز، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىشتەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىز، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇمىزنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ خوتەن سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈپ چىقىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋېلىشمىز كېرەك.

(تەرجىمە قىلغۇچى: پاتىگۈل ئوسمان)


مەنبە: خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەنۋەر ئابلىمىت
举报电话: 18899276002
举报邮箱: 615838983@qq.com


和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章