ئۆتكەن يىلى شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى237مىليون توننا

时事   2025-01-16 19:02   新疆  

2024 ـ يىلى شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى 237 مىليون توننىغا يەتتى

2023 ـ يىلىدىكىدىن %10.6 ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2024 ـ يىلى، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى 237 مىليون توننىغا يېتىپ، 2023 ـ يىلىدىكىدىن %10.6 ئاشقان.

2024 ـ يىلى شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى تۈرلۈك چارە ـ ئاماللار بىلەن يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، 10 مىڭ توننىلىق پويىز قاتناش، يۈك پويىزىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ تونناژىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، تۆمۈريولنىڭ توشۇشنى تەشكىللەش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈردى.

كۆمۈر تۆمۈريول يۈك تىرانسپورتىدىكى «تۇراقلاشتۇرغۇچ»، 2024 ـ يىلى شىنجاڭ تۆمۈريولى ئارقىلىق توشۇلغان كۆمۈر مىقدارى 155 مىليون توننا بولۇپ، 2023 ـ يىلىدىكىدىن %18.1 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش مىقدارى 90 مىليون 610 مىڭ توننىغا يېتىپ، 2023 ـ يىلىدىكىدىن %50.2 ئاشتى.

تېخىمۇ كۆپ توشۇش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلىدى. شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى تىرانسپورت تار يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالى تۈگۈنى ئارقىلىق كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىۋاسىتە قاتنايدىغان 60تىن ئارتۇق پويىزنى يولغا سېلىپ، لەنجوۋ ـ شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يۈك توشۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ قويۇپ بەردى. گولمۇد ـ كورلا تۆمۈريولى(شىنجاڭ بۆلىكى)نىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ ئۆزگەرتىپ، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن 28 ئۇچرىشىش ـ يول بېرىش ۋوگزالىنىڭ ھەممىسىنى مۇددەتتىن 50 كۈن بۇرۇن ئىشقا كىرىشتۈردى، يۈك پويىزلىرىنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە قاتناش ئىقتىدارىنى 13 جۈپتىن 26 جۈپكە كۆپەيتتى؛ ئىدارە ھالقىپ ئايلىنىدىغان تىرانسپورت، يۈرۈش لىنىيەسىدىن 21نى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.

تەشكىللەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى يۈك تىرانسپورتىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، لىنىيە، ۋوگزال، پاراۋۇز، ۋاگون ۋە يۈك مەيدانىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىشلىتىپ، توشۇشنى تەشكىللەش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، يۈك قاچىلىغىلى بولىدىغان ۋاگونلارنىڭ ھەممىسىگە يۈك قاچىلاش، تېز قاچىلاش، تېز توشۇشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ يولۇچىلار پويىزى شەكلىدە قاتنايدىغان ئايلانما پويىزنى كۆپەيتىپ، يەككە كۈندىكى قاتنايدىغان پويىز سانىنى 16دىن 49غا كۆپەيتتى؛ ئېغىر يۈك تىرانسپورتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۈرۈمچى ـ جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولى، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىدا يېڭىلىق يارىتىپ 10 مىڭ توننىلىق پويىزنى يولغا سالدى؛ «پويىزلارنى توسالغۇسىز كۈتۈۋېلىش، پۈتۈن كۈچ بىلەن پويىزنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش»نى يولغا قويۇپ، يىل ئىچىدە شىنجاڭ تۆمۈريولىدا ئەنبېي، ماڭيا بازىرى، ۋۇتۇڭشۇي پاسىل ئېغىزىدا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 125 جۈپ پويىزنى ئۆتكۈزۈپ بېرىپ ـ ئۆتكۈزۈۋېلىپ، 2023 ـ يىلىدىكىدىن 20 جۈپنى كۆپەيتىپ، پويىزلارنىڭ ۋوگزالغا كىرىش ـ چىقىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى.

«2024 ـ يىلى بىز يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، توشۇشنى تەشكىللەش ئەندىزىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، توشۇش كۈچى سېلىنىمىسىنى كۆپەيتىپ، پاراۋۇزنىڭ ئۇزۇن ئارىلىقتا ئىدارە ھالقىپ يۈرۈشىنى تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردۇق» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئورۇنلاشتۇرۇش ئورنى پاراۋۇز ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خې چياڭ.


مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەنۋەر ئابلىمىت
举报电话: 18899276002
举报邮箱: 615838983@qq.com

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章