باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋىلايىتىمىزدە قىزغىن ئىنكاس

时事   2025-01-10 23:40   新疆  

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋىلايىتىمىزدە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيمىز

ۋىلايەتـلىك يۇغۇرمـا تاراتقۇ خەۋىرى (مـۇخبىرلار خۇ لىجېـڭ، ئابلىكىم)  1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋىلايىتىمىزدە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كـۆپچىلىك مـۇنداق بىلـدۈردى: بـاش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇلىدۇ دەيدىغان يۈكسەك سەگەكلىك بىلەن پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، ئاخىرغىچە قاتتىق بولغان كۈچلۈك چىدامچانلىق بىلەن پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق بىلەن پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيمىز.

ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى نازارەت قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بەي خۇڭشيا مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي قاتلامغا ئۇزارتىلىشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. بىز خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي قاتلامغا ئـۇزارتىلىشى، ئامما ئەتراپىغا ئۇزارتىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش مەبلىغىنى ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر تۈرلۈك تۈزەش ۋە دېلو مىساللىرى ئارقىلىق ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە سوزۇلغان ‹قارا قول›نى قەتئىي كېسىپ تاشلاپ، خەلق ئاممىسىغا ئىستىلنى توغرىلاش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ئۆز يېنىدىلا ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىمىز».

1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئەتىگەندە، خوتەن شەھەر گۇجانباغ يېزىسىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتـى كادىرى مېھرىگۈل ئابدۇللا گۈزەلباغ كەنتىگە كېلىپ، ئـائىلىلەرگـە كىرىپ زىيارەت قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

مېھرىگۈل مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى دائىملاشتۇرۇپ تۈزەش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇشتۇرۇش قىلىپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ دائىملاشتۇرۇپ تۇتۇپ، پۇقرالارغا ھېس قىلدۇرۇش ۋە ئۇلارنى مەنپەئەتلەندۈرۈش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. ئاممىغا ئەڭ يېقىن ئاساسىي قاتلام مەخسۇس نازارەت قىلىش كۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ماھارەت يېتىلدۈرۈش ئاساسىدا، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىشنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، ئامما ئويلاۋاتقان، تەقەززا بولىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئىگىلەپ، كەنت كوللېكتىپىنىڭ ‹ئۈچ خىل مەبلەغ›ى، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يەرلەرنى ئىگىلىۋېلىش، كۆچۈرۈش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تارقىتىش قاتارلىق جەھەتلەرنى مەخسۇس نازارەت قىلىشقا چىڭ قادىلىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە سەل قاراش، زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئاممىغا ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيەنىڭ يېنىدىلا ئىكەنلىكىنى، ئادىللىق، ھەققانىيلىقنىڭ يېنىدىلا ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىمەن».

گۈزەلباغ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى مۇھەررەم ھەسەن مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تاشقى تەلەپنى ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشقا ئايلاندۇرۇپ، ئىچكى جەھەتتە كۈندە ئىشلىتىپ كېلىۋاتـقان ئـەمما ھېس قىـلمىغان سۆز - ھەرىكەت مىزانىغا ئايلاندۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ماڭا مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. كەنتىمىزدە نوپۇس بىر قەدەر كۆپ، ياچېيكا، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. مەن ئىنتىزام تەربىيەسىنى كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرىنى ئىنتىزام قىزىل سىزىقىنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاشقا ئۈندەيمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپ قىلىپ، ئاممىنىڭ قـانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا ـ كەنتلەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان مۇھىت يارىتىمەن».

(تەرجىمە قىلغۇچى: پاتىگۈل ئوسمان)


مەنبە: خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەنۋەر ئابلىمىت
举报电话: 18899276002
举报邮箱: 615838983@qq.com

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章