​ كۇنگاڭ ئايرودۇرۇمى يولۇچى توشۇشنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى

时事   2025-01-16 19:02   新疆  
باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشنىڭ تۇنجى كۈنى كۇنگاڭ ئايرودۇرۇمى يولۇچى توشۇشنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى

سۈرەتتە: خىزمەتچى خادىملار يولۇچىلارغا ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بەرمەكتە. ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مۇخبىرى ئابابەكرى فوتوسى

ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ خەۋىرى (مۇخبىرلار ئابابەكرى، خۇي فېڭلېي، پىراكتىكانت مۇخبىر گو چېن) 1 ـ ئاينىڭ  14 ـ كۈنى 2025 - يىللىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشنىڭ تۇنجى كۈنى، بۇ كۈنى خوتەن كۇنگاڭ ئايرودۇرۇمى يولۇچى توشۇشنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى. ئايروپىلان كۈتۈش زالىدا ئادەم كۆپ بولۇپ، ئايرودۇرۇم خىزمەتچىلىرىنىڭ يېتەكلىشى ۋە ياردىمىدە، يولۇچىلار ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى كەينى ـ كەينىدىن بېجىردى.

يولۇچى زەينەپ قىشلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە شىئەنگە بېرىپ ساياھەت قىلماقچى بولدى، ئۇ ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ھازىر باشقا ئۆلكە، شەھەرلەرگە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى ئېچىلىپ، ئايروپىلان ئالمىشىش ۋاقتى قىسقارتىلىپ، سەپەرگە چىقىش قولايلىقلىشىپتۇ».
باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، خوتەن كۇنگاڭ ئايرودۇرۇمى مۇلازىمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، ئايروپىلان كۈتۈش بىناسىنىڭ كىرىش ئېغىزى، نۆۋەتچى ئايروپىلان رايونى، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش رايونىدا مەسلىھەت بېرىش، ياردەم بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، يولۇچىلار يۇقىرى پەللىسىگە قارىتا مۇلازىمەتنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، نۆۋەتچى ئايروپىلان پوكىيىنى كۆپەيتتى. نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش رەسمىيىتىنى ئاپتوماتىك بېجىرىشنى راۋانلاشتۇردى، يولۇچىلار ئايروپىلانغا چىقىش ئېلېكتىرونلۇق كارتىسى، ۋاقىتلىق ئايروپىلانغا چىقىش ئىسپاتى بىلەن تېز سۈرئەتتە ئايروپىلانغا چىقالايدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشتىن 10 مىنۇت بۇرۇن يولۇچىلارنى ئالدىن رەسمىيەت بېجىرىش، ئالدىن بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش، مەخسۇس ئادەم يېتەكلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، باھار بايرىمىدا بىخەتەر، قولاي، ئىللىق يولۇچى توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، يولۇچىلارنىڭ ئاۋىياتسىيە سەپىرىنىڭ تېخىمۇ خاتىرجەم، ئەشيا ئوبوروت يولىنىڭ تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، 2024 - يىلى، خوتەن كۇنگاڭ ئايرودۇرۇمى 13 مىڭ 580 نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، 1 مىليون 570 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇش، 8718 توننا يۈك ۋە پوچتا يوللانمىسى توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، يۈك ۋە پوچتا يوللانمىسى كاپالىتىدە يېڭى رېكورت ياراتقان. نۆۋەتتە، خوتەن كۇنگاڭ ئايرودۇرۇمىدا ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ئاۋىياتسىيە شىركىتى توققۇزغا يەتتى، شىنجاڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى، غۇلجا، قەشقەر، تۇرپان قاتارلىق ساياھەت قىزىق نۇقتىسى بولۇۋاتقان ئون شەھەرگە بىۋاسىتە بارغىلى بولىدۇ، شىنجاڭ سىرتىدا بېيجىڭ، چېڭدۇ، جېڭجوۋ، شىئەن، لەنجوۋ قاتارلىق ئون شەھەرگە بىۋاسىتە بارغىلى بولىدۇ، «شىنجاڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا كىرىپ چىقىشنى تېزلىتىش» ئاۋىياتسىيە تورى قۇرۇلۇشى سىجىل تېز ئالغا سىلجىتىلدى.

خوتەن كۇنگاڭ ئايرودۇرۇمى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە، خوتەن كۇنگاڭ ئايرودۇرۇمىنىڭ كۈندىلىك يولۇچى توشۇش مىقدارى 4500 ئادەم قېتىم، يولۇچى نىسبىتى %88كە يەتتى. باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، ئايرودۇرۇم يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى مەخسۇس گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، نۆۋەتچى ئايروپىلان پوكىيى، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش يوللىرىنى ھەر ۋاقىت كۆپەيتىپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ۋاقتىنى تېجەپ، يولۇچىلار سەپىرىنىڭ راۋان، كۆڭۈللۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى».

(تەرجىمە قىلغۇچى: گۈلباھار مەتتۇرسۇن)


مەنبە: خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەنۋەر ئابلىمىت
举报电话: 18899276002
举报邮箱: 615838983@qq.com

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章