خوتەن قاشتېشى بۇيۇملىرى گۇگۇڭ سارىيىنىڭ يىل بېشىدىكى تۇنجى

时事   2025-01-10 23:40   新疆  

خوتەن قاشتېشى بۇيۇملىرى گۇگۇڭ سارىيىنىڭ يىل بېشىدىكى تۇنجى كۆرگەزمىسىدە ئەڭ ئالقىشلانغان بۇيۇم بولۇپ قالدى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى  (مۇخبىر يىن لۇ) 1 - ئاينىڭ  7 - كۈنى، «قاشتېشى كۇنگاڭدىن چىقىدۇ ـــ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئوردىدا ئىشلىتىلگەن خوتەن قاشتېشى بۇيۇملىرى مەدەنىيىتى ئالاھىدە كۆرگەزمىسى» گۇگۇڭ مۇزېيىدىكى جەيگۇڭ كۆرگەزمە زالىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ، گۇگۇڭ سارىيىنىڭ 2025 - يىلى كىرگەندىن بۇيان ئۆتكۈزگەن تۇنجى كۆرگەزمىسى ھېسابلىنىدۇ.

شىنجاڭدىن چىقىدىغان خوتەن قاشتېشى جۇڭخۇا قاشتېشى مەدەنىيىتىنىڭ تىپىك ۋەكىلى، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئوردىدا ئىشلىتىلگەن خوتەن قاشتېشى بۇيۇملىرى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تارىختىكى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەنلىكى، قوبۇل قىلىنىپ ئۆزلەشتۈرۈلگەنلىكىگە ھەمدە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىغا گۇۋاھ بولدى.

بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە گۇگۇڭ سارىيىدا ئەتىۋارلىنىپ ساقلىنىۋاتقان چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئوردىدا ئىشلىتىلگەن خوتەن قاشتېشى بۇيۇملىرى مەدەنىيەت يادىكارلىقىدىن 258 ئېسىل بۇيۇم تاللاپ چىقىلغان بولۇپ، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى خوتەن زىرە قاشتېشىدىن ياسالغان قاشتېشى تۇمار، سۇڭ، يۈەن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى ئاق قاشتېشىدىن ياسالغان مودەنگۈل نۇسخىسى ئويۇلغان «قاشتېشى زىننەت بۇيۇمى»، ئاق قاشتېشىدىن ياسالغان ئەجدىھا باشلىق قاشتېشى ساپلىق، پادىشاھ چيەنلۇڭ بېغىشلىما يېزىپ بەرگەن قاشتېشى قېزىش ھېكايىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشلەر ئويۇلغان قاشتېشى ئويما، پادىـشاھ چيەنلۇڭ ئـۆزى 25 گۆھەرنىڭ بىرىنچىسـى دەپ بېـكىتكەن «大清受命之宝» دېگەن خەت ئويۇلغان قاشتېشى مۆھۈر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ بۇيۇملار مۇراسىم بۇيۇملىرى، كۇتۇپخانىدا ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇملار، تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان قاچا - قۇچا بـۇيـۇملىرى، تىزىپ قويىدىغان زىننەت بۇيۇملىرى، زىننەت بۇيۇملىرى، كىتابچە، بۇد قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ كۆرگەزمىنىڭ لايىھەلىنىشىدە جۇڭخۇا قاشتېشى مەدەنىيىتى ھېكايىسىنى، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشكە ئەھمىيەت بېرىلگەن بولۇپ، قاشتېشى بۇيـۇملىرىنى قېزىش مـۇساپىسى، قائىدە ـ يوسۇن، كۆپ خىل ئىشلىتىلىشـى، ياساش ھۈنەر ـ سەنئىتىنىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرى جانلىق نامايان قىلىنغان ھەمدە دېكراتسىيە ئارقىلىق قاشتېشى بۇيۇملىرىنىڭ ئوردا تۇرمۇشىدا تۇتقان ئورنى قايتا نامايان قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆرگەزمە زالىدا «قاشتېشى كۇنگاڭدىن چىقىدۇ» ناملىق تەشۋىقات فىلىمى قويۇلۇپ، كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنىڭ تارىخىي مـەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشـى تېـخىمۇ تـەپسىلىـي چۈشەندۈرۈلگەن.

ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭ رايونىدا قاشتېشى قېزىشنى ئەڭ دەسلەپتە يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدە باشلانغان دېيىشكە بولىدۇ. خەن سۇلالىسىدىن باشلاپ شىنجاڭدىكى خوتەن قاشتېشى ئارقا - ئارقىدىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىغا كىرگۈزۈلگەن، تاڭ سۇلالىسىدىن سۇڭ سۇلالىسىغىچە بولغان مەزگىلدە، يىپەك يولىنىڭ يەنىمۇ راۋانلىشىشى، قولايلىشىشىغا ئەگىشىپ، خوتەن قاشتېشى سودىدىكى مۇھىم مەھسۇلاتقا ئايلانغان. مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە، ئوردىدا ئشلىتىلىدىغان قاشتېشى بۇيۇملىرىنى ياساش ھۈنەر - سەنئىتى كۈنسېرى مۇكەممەللەشكەن، بولۇپمۇ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئوردىدا ئشلىتىلىدىغان قاشتېشى بۇيۇملىرىنى ياساش مىسلىسىز يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىمۇ ناھايىتى كۈچلۈك بولغان، شۇڭا قاشتېشىغا قويۇلىدىغان تەلەپمۇ ئىنتايىن يۇقىرى بولغان، شىنجاڭدىن چىقىدىغان كۆك قاشتېشى، ئاق قاشتېشى، يېشىل قاشتېشىنىڭ سۈپىتى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئوردىدا ئىشلىتىلىدىغان قاشتېشى بۇيۇملىرىنى ياسايدىغان ئاساسلىق ماتېرىيال مەنبەسىگە ئايلانغان. ھەر يىلى ئەتىياز ۋە كۈز پەسلىدە ئوردىغا كىرگۈزۈلگەن. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، شىنجاڭ رايونى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئارىسىدا قاشتېشى قېزىش، قاشتېشى توشۇش، قاشتېشى ئويۇش ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ۋە قاشتېشى سودا يولىنىڭ راۋان بولۇشى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ شىنجاڭنى ئۈنۈملۈك باشقۇرغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
(تەرجىمە قىلغۇچى: سۇلتانمۇرات ئابلەت)


مەنبە: خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەنۋەر ئابلىمىت
举报电话: 18899276002
举报邮箱: 615838983@qq.com

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章