ۋىلايىتىمىزقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش،قۇم تىزگىنلەش بويىچە نەق مەيدان

时事   2025-01-10 23:40   新疆  
ۋىلايىتىمىز قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش بويىچە نەق مەيداندا ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئاچتى


ۋىلايىتىمىزنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش بويىچە نەق مەيداندا ئالغا سىلجىتىش يىغىنى 1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى نىيە ناھىيەسىدە ئېچىلدى. يىغىنغا قاتناشقۇچىلار نەق مەيداندا «قۇم ئىلگىرىلەپ، ئادەم چېكىنىش»تىن «بوستانلىق ئىلگىرىلەپ، قۇم چېكىنىش»كىچە بولغان تارىخىي ئۆزگىرىشنى ھېس قىلدى. ئىختىيارىي مۇخبىر گۈلئايىم فوتوسى

ۋىلايەتلىك يۇغـۇرما تـاراتقۇ خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر گۈلئايىم) ۋىلايىتىمىزنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش بويىچە نەق مەيداندا ئالغا سىلجىتىش يىغىنى 1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى نىيە ناھىيەسىدە ئېچىلدى. يىغىندا تەجرىبىلەر ئالماشتۇرۇلۇپ ۋە خۇلاسىلىنىپ، كېيىنكى قەدەمدىكى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

يىغىنغا قاتناشقۇچىلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، نىيە نـاھىيەسىدىكى يۈخۇ كۆلى قومۇش يىغىش نۇقتىسى، ئارقا دەريا توسمىسىدىكى قومۇش ئوراش نۇقتىسى، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش بويىچە ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشتە سىياسەت جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش، مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئامما قاتنىشىش قاتارلىق تەجرىبە - ئۇسۇللارنى ئىگىلەپ، نەق مەيداندا «قۇم ئىلگىرىلەپ، ئادەم چېكىنىش»تىن «بوستانلىق ئىلگىرىلەپ، قۇم چېكىنىش»كىچە بولغان تارىخىي ئۆزگىرىشنى ھېس قىلدى.

ئارقىدىن، يىغىنغا قـاتناشقۇچىلار نىيە ناھىيەلىك پـارتىيە كـومىتېتى پـارتىيە مـەكتىپىدە «2025 - يىللىق ئاپتونوم رايون مالىيەسىنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى قۇرۇلۇش تۈرىنى ئىلتىماس قىلىش قوللانمىسى» بويىچە نەق مەيداندا تەربىيەلەش يىغىنى ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىن كەلگەن ئىككى نەپەر مۇتەخەسسىس ئىلتىماس قىلىش قوللانمىسىنى چۆرىدەپ مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى يېشىپ چۈشەندۈرۈپ، تۈر ئىلتىماس قىلىش تەرتىپى، تۈرنىڭ مۇمكىنچىلىك تەتقىقات دوكلاتى، خامچوت تۈزۈش قاتارلىق ئالاقىدار مەزمۇنلارنى تەپسىلىي بايان قىلدى.

2025 ـ يىلى «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تـامـاملىنىدىغان يىـل، تېـخىمۇ مۇھىمى «15 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىلانلىنىدىغان يىل، بۇ يىللىق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور، مەسئۇلىيىتى ئېغىر. ۋىلايىتىمىزنىڭ ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق سىستېمىسى خىزمىتىدە سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، «ئىشلەش»نى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، «ئەمەلىي» بولۇشنى كاپالەت قىلىپ، گۈزەل خوتەن قۇرۇش ئۈچۈن ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق تارماقلىرىنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى مەخسۇس بەنىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى لى شۆچىن مۇنداق دېدى: «قۇملۇق گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى تۈرىنى يولغا قويۇش ئېكولوگىيەلىك بىخەتەرلىك توسۇقى بەرپا قىلىپ، خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ئەمەلىي خىزمەتلەردە قوللىنىپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش ئىشلىرىغا كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

(تەرجىمە قىلغۇچى: پاتىگۈل ئوسمان)


مەنبە: خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەنۋەر ئابلىمىت
举报电话: 18899276002
举报邮箱: 615838983@qq.com

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章