خوتەن شەھىرىنىڭ مەززىلىك تائاملار ئېيـى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى

时事   2025-01-16 19:02   新疆  

تونۇلۇش دەرىجىسى، ئىناۋەت دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى

«832 تەم ئىزدەش» خوتەن شەھىرىنىڭ مەززىلىك تائاملار ئېيـى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى كۆرگەزمە قىلىش رايونىدا، خوتەن دورىلىق چېيىنىڭ قويۇق پۇرىقى ئىستېمالچىلارنى سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلدى. ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ ئىختىيارىي مۇخبىرى نۇربىيە فوتوسى

ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تـاراتقۇ خەۋىرى (ئىختىيارىي مـۇخبىرلار نۇربىيە، خەن لىخۇا، سۈن ۋېنجو) يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، «832 سۇپىسى» خوتەن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە يولغا قويغان «832 تەم ئىزدەش» شىنجاڭ خوتەن شەھىرىنىڭ مەززىلىك تائاملار ئېيى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى يۈرۈشلۈك پائالىيەتنى خوتەن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو تەمىنات ـ سودا ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتى (832 سۇپىسى) بىرلىشىپ بـاش بـولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسەت خوتەن شەھىرىنىڭ ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملىرى ۋە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى كېڭەيتىپ، خوتەن شەھىرىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىش يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، يېزا ـ كەنت كەسىپلىرىنىڭ گۈللىنىشىگە كۈچ قوشۇشتىن ئىبارەت.

1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، «832 تەم ئىزدەش» شىنجاڭ خوتەن شەھىرىنىڭ مەززىلىك تائاملار ئېيى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى تۇنجى بولۇپ جۇڭگو تەمىنات - سودا گۇرۇھى سارىيىدا باشلاندى، خوتەندىن بارغان ماھىر ئاشپەزلەر ئۆز ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەزىز مېھمانلار ۋە خىزمەتچى خادىملارغا خوتەن نېنى، خوتەن گۈيروۋ لەغمىنى، خوتەن گۆشگىردىسى قاتارلىق 18 خىل ئۆزگىچە خوتەن مەززىلىك تائاملىرىنى سۇندى. پائالىيەت  1 - ئاينىڭ 10 - كۈنىگىچە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، جۇڭگو تەمىنات - سودا گۇرۇھى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەمىنات - سودا ھەمكارلىق باش كوپىراتىپى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كـومىتېتى، شىنخـۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئۆتكۈزۈلدى.

ئىگىلىنىشىچە، «832 سۇپىسى» نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلار بىلەن مال سېتىۋالغۇچى ئورۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈك ۋە رىشتە بولۇش سۈپىتى بىلەن، «ئاشخانا»نى باشلىنىش نۇقتىسى قىلغان، »ئاشخانىغا كىرىش، تاماق ئۈستىلىگە چىقىرىش، ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى تېتىپ كۆرۈش، مەدەنىيەت - ساياھەتنى تەشۋىق قىلىش «قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، شۇ جاينىڭ» يـەرلىك ئـالاھىدە مەھسـۇلاتلىرى «ۋە» رايون مەززىلىك تائاملىرى«نى توردا سېتىشنى ئەمەلىي دوكاندا سېتىشقا يۈزلەندۈرۈپ، ئىستېمالچىلارغا نامراتلىقتىن قۇتۇلغان 832 ناھىيەنىڭ ئەسلى ئىشلەپچىقىرىلغان جايىدىكى مەززىلىك تائاملىرىنى چوڭقۇر چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلاردىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ناھىيە بازىرىنىڭ داڭقى ۋە ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولغان.

(تەرجىمە قىلغۇچى: پاتىگۈل ئوسمان)


مەنبە: خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەنۋەر ئابلىمىت
举报电话: 18899276002
举报邮箱: 615838983@qq.com

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章