يوتقان قەدىمىي شەھىرى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بازىرى

时事   2025-01-17 17:54   新疆  

2 - تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بازىرى» تىزىملىكى ئېلان قىلىندى

يوتقان قەدىمىي شەھىرى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بازىرى تىزىملىكىگە كىردى

يوتقان قەدىمىي شەھىرىدە ھەر قـايسى جـايلاردىن كەلگەن مېھمانلار كۈتۈۋېلىندى (ماتېرىيال سۈرەت). ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مۇخبىرى شۈ شياۋلۇڭ فوتوسى

ۋىلايەتلىك  يۇغۇرمـا تاراتقۇ خەۋىـرى (ئىختىيارىـي مـۇخـبىر رەن جياڭلىن) يېقىندا، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، خوتەن ناھىيەسىدىكى يوتقان قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى 2 ـ تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بازىرى» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

يوتقان قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىنىڭ ھەر قايسى كوچا ـ بازارلىرىغا خوتەننىڭ غەيرىي مـاددىي مەدەنىيەت مىـراسلىرى تـۈرلىرى مۇجەسسەملەنگەن، مەسىلەن، ئەتلەس توقۇش ھۈنىرى، خوتەن گىلىمىنى قولدا توقۇش ھۈنىرى، خوتەن قەغىزى ياساش ھۈنىرى، ئەنئەنىۋى نان يېقىش ھۈنىرى، خوتەن دورىلىق چېيى قاتارلىقلار. ۋارىسلىق قىلغۇچىلار نەق مەيداندا ياساش ھۈنىرىنى كۆرسىتىپ، ساياھەتچىلەرگە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلدۇردى.

بۇ قېتىمقى يوتقان قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بازىرىنىڭ 2 ـ تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بازىرى» بولۇپ تاللىنىشى خوتەن ناھىيەسىدىكى يوتقان قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بازىرىنى يۈكسەك دەرىجىدە ئېتىراپ قىلغانلىق بولۇپلا قالماي، يەنە شۇ جايدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يېڭى سۇپا ۋە پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ، يەنە مەنزىرە رايونىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە تەسىر كۈچىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، شۇ جايدىكى ساياھەت ماركىسىنى يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلىپ، خوتەن ناھىيەسىنىڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

(تـەرجىمە قىلغـۇچى: گـۈلباھار مەتتۇرسۇن)


مەنبە: خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەنۋەر ئابلىمىت
举报电话: 18899276002
举报邮箱: 615838983@qq.com

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章