شى جىنپىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق

时事   2025-01-13 18:18   新疆  

شى جىنپىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى
دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكى ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوغداش كېرەك

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى،  بېيجىڭ،  1 ـ ئاينىڭ  11  ـ كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش پارتىيە ۋە دۆلەت نازارەتچىلىك سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىنى چۆرىدەپ، مەۋقەنى ئىقتىسادىي نازارەتچىلىك ئورۇن بېكىتمىسىگە قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنىڭ ئىقتىساد بىخەتەرلىكىنى قوغداش، يوشۇرۇن خەۋپ ـ خەتەرنى كۆرسىتىپ بېرىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، قالايمىقانچىلىقنى تۈزەشكە تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال رولىنى جارى قىلدۇردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى مۇساپىدە، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەركەزلىك بىرتۇتاش بولغان، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكى ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوغداپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

مەملىكەتلىك ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتى يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرىدىكى ئىلغار كوللېكتىپلار ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن 11 ـ كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، قوشۇمچە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى ۋۇ جېڭلۇڭ شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى يەتكۈزدى، مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرىدىن 80 ئىلغار كوللېكتىپ، 45 ئىلغار خىزمەتچى تەقدىرلەندى.


مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەنۋەر ئابلىمىت
举报电话: 18899276002
举报邮箱: 615838983@qq.com

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章