بازغانچىنىڭ بېلى جەزمەن چىڭ بولۇشتا چىڭ تۇرايلى

时事   2025-01-14 18:51   新疆  

بازغانچىنىڭ بېلى جەزمەن چىڭ بولۇشتا چىڭ تۇرايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، جەزمەن ئىسلاھات روھى ۋە قاتتىق ئۆلچەم ئارقىلىق پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.» 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيەنىڭ بۇرچ، ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاپ ئالغا سىلجىتىش، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشقا دائىر بىر قاتار نېگىزلىك، يۆنىلىشلىك، ئومۇمىيلىققا مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلىلەرنى چوڭقۇر بايان قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

پارتىيەمىز ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە، قىلىۋاتقىنىمىز بۇرۇنقىلار قىلىپ باقمىغان ئۇلۇغ ئىش، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىمىزگە ئالغان، پەقەت ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى ياخشى قىلغاندىلا، ئاندىن ئۆزلۈك ئىنقىلابى ئارقىلىق جەمئىيەت ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلالايمىز. يېڭى دەۋردىن بۇيان، «بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇش»تىن «بازغانچىنىڭ بېلى جەزمەن چىڭ بولۇش»قىچە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە بولغان يۈكسەك تارىخىي ئاڭلىقلىقنى ساقلاپ، بىلىش ۋە ئەمەلىيەت جەھەتتىن ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى. چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتىن پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامىنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇشقىچە، ئاندىن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشقىچە... دەل قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئالغا سىلجىتىلغاچقا، پارتىيەمىز ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلىنىش داۋامىدا تېخىمۇ قۇدرەت تاپتى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلدى ۋە كاپالەتلىك قىلدى.

ھازىر، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىمىز، ئالدىمىزدا تېخىمۇ مۈشكۈل، ئېغىر ۋەزىپىلەر بار، ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتىشكە بولمايدىغان، ئۆزىمىزنى قاچۇرۇشقا بولمايدىغان تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلار بار. قانداق قىلغاندا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا پارتىيەنىڭ باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇدرەتلىك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟ بۇ مۇھىم تېمىلارغا ياخشى جاۋاب بېرىشتىكى ئاچقۇچ − ئىسلاھات روھى ۋە قاتتىق ئۆلچەم ئارقىلىق پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۇلۇغ ئۆزلۈك ئىنقىلابىنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىشتا.

تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى قايتا - قايتا ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكى پارتىيەنىڭ جېنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قۇدرەتلىك رەھبەرلىكى بىزنىڭ بارلىق قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ - خەتەرلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىمىزنىڭ تۈپ كاپالىتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ: «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشتا جەزمەن دېگىنىمىزنى ئەمەلدە كۆرسىتىشىمىز كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. بۇ ھەم پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئىچكى تەلىپى، شۇنداقلا بىزنىڭ خىرىسلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزنىڭ جىددىي ئېھتىياجى. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، سىياسىي نازارەتچىلىكتە كونكرېت بولۇشنى نىشان قىلىپ دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش، دەل جايىدا بولۇشنى نىشان قىلىپ ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈش، دائىملىق بولۇشنى نىشان قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ئىنتىزامدا قاتتىق بولۇش پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى، شۇنداقلا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە قاراپ مېڭىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى. ئۆتكەن بىر يىلدا، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسى پۇختا قانات يايدۇرۇلۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىنتىزامنى ئۆگىنىش، ئىنتىزامنى بىلىش، ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئاڭلىق ھالدا سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇنى تونۇپ يېتىش كېرەككى، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش بىر تۈرلۈك دائىملىق خىزمەت، دائىملاشقان، ئۇزاق ئۈنۈملۈك ئىنتىزام تەربىيەسى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، پارتىيە ئىنتىزامىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، «تۆت خىل ھالەت»نى دەل جايىدا تەتبىقلىغاندا، ئاندىن پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ باشقىلار قاتتىق تەلەپ قويۇشنى ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشقا ئايلاندۇرۇشىغا، ئىچكى جەھەتتە كۈندىلىك ئاڭلىق سۆز - ھەرىكەت مىزانىغا ئايلاندۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلغىلى بولىدۇ. پارتىيە ئىنتىزامى بىلەن ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ئىچكى بىردەكلىككە ئىگە، پارتىيە ئىنتىزامىنىڭ ھەم تەربىيەلەش، چەكلەش ئىقتىدارى، ھەم كاپالەتلەندۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش رولى بار، ئۇ ھەم چەكلىگۈچى، تېخىمۇ مۇھىمى قوغدىغۇچى. قاتتىق باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا ئىلھام بېرىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كادىرلارنى قائىدە - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش داۋامىدا ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

بىر جاي ۋە تارماقنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ۋەزىيىتىنىڭ قانداق بولۇشىدىكى ئاچقۇچ پارتىيە تەشكىلاتى ۋە رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ بىرىنچى باشلىقنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان - قىلمىغانلىقىغا باغلىق. دەل شۇنداق بولغاچقا، بازغانچىنىڭ بېلى جەزمەن چىڭ بولۇش دېگەن جاراڭلىق ۋەدىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۈچۈن، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەت ۋە نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە كومىتېتى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۇتۇشى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشقۇرۇشى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەسئۇلىيىتى بويىچە نازارەت قىلىشنى ياخشى ئادا قىلىپ، دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي كەسىپنى ياخشى ئىشلەپ، ھەرقايسى مەسئۇل ئاساسىي گەۋدىلەر مەسئۇلىيەتنى بىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەت ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، مەسئۇلىيەت تەلىپىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، باھالاش - جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. غايە - ئېتىقاد ئارقىلىق ئاساسنى كۈچەيتىپ ئۇلنى پۇختىلاپ، ئىلغار مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئۇرغۇتۇپ، قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، ئالىيجاناب ئەخلاق ئارقىلىق پەزىلەتنى تاۋلاپ، پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ بىلەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە پولات قوشۇنى بەرپا قىلىپ، باشتىن - ئاخىر سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشى، دادىللىق ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىشى كېرەك.

«14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىلدا، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئىنتايىن ئېغىر، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ۋاقىت غەنىيمەت، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىشىغا توغرا كېلىدۇ. بازغانچىنىڭ بېلى جەزمەن چىڭ بولۇشنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت بۇرما مىخنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمى، قاتتىق بولۇش تەدبىرى، قاتتىق بولۇش كەيپىياتىنى ئاخىرغىچە ئىزچىل داۋاملاشتۇرساقلا، بىز چوقۇم پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىيەلەيمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى)


مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەنۋەر ئابلىمىت
举报电话: 18899276002
举报邮箱: 615838983@qq.com

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章