ۋىلايىتىمىز يەرلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش يوللىرىنى

时事   2025-01-15 19:37   新疆  

ۋىلايىتىمىز يەرلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش يوللىرىنى سىجىل كېڭەيتتى

ۋىلايـەتلىك يۇغۇرما تـاراتقـۇ خـەۋىرى (مۇخبىر نۇرگۈزەل) 1 - ئاينىڭ  12 - كۈنى، ۋىلايەتلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر باغچىسى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، «ئىشلەپچىقىرىش - سېتىشنى ماسلاشتۇرۇش نېفىت شىركەتلىرى بىلەن كـارخانىلار تەڭ نەپ ئېلىش ـــ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كەسىپلەر يېڭى پۇرسىتى» باش تېمىسىدىكى يەرلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش - سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ۋىلايىتىمىزدىكى سودا تارماقلىرى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇنىڭدىكى مەقسەت شۇ جايدىكى نېفىت كارخانىلىرى، پوچتا، ئىشلەپچىقىرىش - پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرى ئۈچۈن سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىش مىقدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە كۈچ قوشۇپ، بازار ئىگىلەش نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ۋە شۇ جايدىكى ماركىلارنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت.

پائالىيەتتە، ۋىلايەتلىك سودا ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ شۇ جايدىكى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئايلانما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى بايان قىلدى. ئارقىدىن، پوچتا گۇرۇھى، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى، جۇڭگو نېفىت ـ تەبىئىي گاز گۇرۇھى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى نېفىت چەكلىك شىركىتى، پۇقراۋى ماي قاچىلاش پونكىتى قاتارلىق كارخانىلارنىڭ ۋەكىللىرى بەس - بەستە سەھنىگە چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات كۆلىمى، خېرىدار توپى، ھازىرقى سېتىش ئەھۋالى ۋە تۈرلۈك مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىش ئېھتىيـاجىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.

ئارقىدىن، ھەرقايسى كارخانا ۋەكىللىرى تەرتىپ بويىچە سەھنىگە چىقىپ، مەھسۇلاتلارنى كۆرگەزمە قىلىش، سىن قويۇش، نەق مەيداندا كۆرسىتىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، مەھسۇلاتلارنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئەۋزەللىكى، ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر - سەنئىتى، سۈپەت ئۆلچىمى، بازار ئورنى ۋە ھەمكارلىق مۇددىئاسى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى. نەق مەيداندىكى مەھسۇلات كۆرگەزمە رايونى نۇرغۇن قاتناشقۇچىنىڭ دىققىتىنى تارتتى، كۆپچىلىك بەس - بەستە قەدىمىنى توختىتىپ كۆرگەزمىنى كۆردى، مەسلىھەت سورىدى، كەسىپ توغرىسىدا كېڭەشتى.

شىنجاڭ لەززەت يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ سېتىش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئامىنە ئابدۇراخمان مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى پائالىيەت بىزگە نىسبەتەن نېفىت كارخانىلىرى ۋە پوچتا سىستېمىسى بىلەن بىۋاسىتە ئۇدۇللىشىدىغان ياخشى سۇپا بولدى، بۇ كارخانىمىز ئۈچۈن تېپىلغۇسىز ياخشى پۇرسەت. بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلاشقۇچى تېپىپ، كارخانىمىزنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ كەڭ بازارغا يۈزلەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن».

ئۇدۇللاشتۇرۇش، كېڭىشىش ھالقىسىدا، يىغىنغا قاتناشقان كارخانا ۋەكىللىرى چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەمكارلىق بىرىكىش نۇقتىسىنى پائال ئىزدەپ، كۆپ خىل ھەمكارلىق ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يوشۇرۇن سودا پۇرسىتىنى ئورتاق قازدى، نەق مەيدان كەيپىياتى قىزغىن بولدى. تولۇق پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق سەككىز كارخانا نەق مەيداندا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ئىمزالىدى، سوممىسى 8 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

بۇ قېتىمقى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى كارخانىلارنىڭ پوچتا كارخانىلىرى، پوچتا بىلەن بولغان ئالاقە كۆۋرۈكىنى مۇستەھكەملەپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى جىپسىلاشتۇرۇش ۋە يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئايلانما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بېرىپ، ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پوچتا سودا شەھەرچىسى ۋە ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ تاۋار تۈرلىرىنى بېيىتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، يېزا -كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتى.

(تەرجىمە قىلغۇچى: مەرۋايىت مەمەتئابدۇللا)


مەنبە: خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەنۋەر ئابلىمىت
举报电话: 18899276002
举报邮箱: 615838983@qq.com

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章