جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ

时事   2025-01-09 19:49   新疆  

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى» ئېلان قىلىندى

ساۋما قىلىپ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرۈڭ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا «ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلدى)نى ئېلان قىلدى.

«پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش − ياشانغانلار كۆپىيىشكە پائال ھازىرلىق كۆرۈش دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ جىددىي تەلىپى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتىكى مۇھىم ۋەزىپە بولۇپ، 100 مىليونلىغان پۇقرانىڭ بەخت ـ سائادىتىگە، جەمئىيەت ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك.

«پىكىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 ـ، 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەش، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي ئالدىن ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ياخشى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى تورىنى تېز تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئائىلىنى ئاساس، مەھەللىنى تايانچ، ئاپپاراتلارنى كەسپىي تىرەك قىلغان، داۋالاش بىلەن كۈتۈنۈش بىرلەشتۈرۈلگەن ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىقتىدارىدىن قالغان ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، دەرىجە ۋە تۈرگە ئايرىلغان، ئومۇم مەنپەئەتلىنىدىغان، شەھەر ـ يېزىلارنى قاپلىغان، سىجىل تەرەققىي قىلىدىغان ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ياشانغانلارنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنىڭ سىغىمىنى كېڭەيتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئىشلىرى ۋە ياشانغاندا كۈتۈنۈش كەسپىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، ياشانغانلارنىڭ كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىللاشقان ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك.

ئاساسلىق نىشانى: 2029 ـ يىلىغا بارغاندا، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى تورىنى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇپ، سىغىمىنى كېڭەيتىپ، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى تەمىناتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇش؛ 2035 ـ يىلىغا بارغاندا، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى تورىنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ۋە ئېھتىياجنى تېخىمۇ ماسلاشتۇرۇپ، مۇۋاپىق قىلىپ، بارلىق ياشانغان كىشىنى ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى يېتىلدۈرۈش ۋە مۇقىملاشتۇرۇش.

«پىكىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شەھەر ـ يېزىلارنى قاپلىغان ئۈچ دەرىجىلىك ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى تورىنى تېز تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئائىلە، مەھەللە، ئاپپاراتتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى شەكلىنى تۇتاشتۇرۇپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئىشلىرى كەسپى تەرەققىياتىدىكى ئۈچ تەرەپنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى كەسپىنى كۆلەملەشتۈرۈش، توپلاشتۇرۇش، ماركىلاشتۇرۇش تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۆلەت كاپىتالىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلارنى بىكار تۇرغان مۈلۈكنى جانلاندۇرۇپ ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنى دۆلەت ئىچىدىكى ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى كەسپىگە مەبلەغ سېلىشقا ھەم دۆلەت پۇقراسىلىق مۇئامىلىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، تۇرغان جاي ياشانغاندا كۈتۈنۈش مەنزىلگاھى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

«پىكىر»دە يەنە كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولغان ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئامىلى كاپالىتىنى كۈچەيتىش، تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.


مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەنۋەر ئابلىمىت
举报电话: 18899276002
举报邮箱: 615838983@qq.com

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章