ما شىڭرۇي خوتەن ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق

时事   2025-01-10 23:40   新疆  
ما شىڭرۇي خوتەن ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك

 - 1 ئاينىڭ 9 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي خوتەن ۋىلايىتىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي خوتەن شەھىرى لاسكۇي بازىرى بوستانئالدى كەنتىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىسىدا ئامما بىلەن قىزغىن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ كىرىم، تۇرمۇش ئەھۋالىنى كۆڭۈل بۆلۈپ سورىماقتا. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

گېزىتىمىز، خوتەن، 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭشۇجىسى ما شىڭرۇي 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى خوتەن ۋىلايىتىگە كېلىپ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، ئاساسىي قاتلام جەمئىيىتىنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىدىن كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 13 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلاش، ئاساسىي قاتلامنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك

ما شىڭرۇي خوتەن شەھىرى لاسكۇي بازىرى بوستانئالدى كەنتىگە كېلىپ، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئۈنۈمىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنىڭ ياخشى بولۇش - بولماسلىقىدا، ئاچقۇچلۇقى پارتىيە تەشكىلاتىنى كۈچلۈك قۇرغان - قۇرمىغانلىقىغا قاراش كېرەك. كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىسىگە ئەلالىرىنى تاللاپ، كۈچلۈكلىرىنى سەپلەپ، كەنت دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ «تىرەك»لىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەش كېرەك. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئىجادىي ھالدا مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشتە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى بىر تۈرلۈك ئۇل خاراكتېرلىك خىزمەت سۈپىتىدە پۇختا تۇتۇش، ياخشى تۇتۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاممىنى ئۆگىنىشكە ماھىر بولۇش، ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشقا، كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك. ما شىڭرۇي يەنە كەنتتىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىسىغا كىرىپ، كارىۋات بۇيۇملىرىنى تىكىش، ئوراش - قاچىلاش قاتارلىق ھالقىلارنى كۆزدىن كەچۈردى، ئامما بىلەن قىزغىن پارڭلىشىپ، كۆپچىلىكنىڭ كىرىمى، تۇرمۇش ئەھۋالىنى كۆڭۈل بۆلۈپ سورىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە شارائىت يارىتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى زورايتىپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، كۆپچىلىكنى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك.

خوتەن شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسىدە، ما شىڭرۇي بىخەتەرلىك، مۇقىملىق خىزمىتى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، مۇقىملىقنى قوغداش مېخانىزمىنىڭ يۈرۈشۈشى، ساقچى كۈچلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇلتۇردىن بۇيان، بىز ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاش، ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ساقچى كۈچلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈشكە ئىلمىي تۈرتكە بولدۇق. داۋاملىق تۈردە ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ مۇقىم بولغان يۈرۈشۈش كاپالىتى مېخانىزمىنى تەتقىق قىلىپ شەكىللەندۈرۈپ، تىرىشىپ تۈجۈپىلىك ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچەش كېرەك. ئاساسىي قاتلام گۇڭئەن ئورگانلىرى ھەقىقىي تۈردە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، يېتەرلىك كۈچ سەرپ قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىنچىكە ئىشلەپ، خەۋپ - خەتەرگە دەل جايىدا ھۆكۈم قىلىپ، ئاممىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغدايدىغان، ئاممىنىڭ خاتىرجەملىكىنى قوغدايدىغان كۈچلۈك قوغدىغۇچى بولۇشى كېرەك.

ما شىڭرۇي خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمىگە كېلىپ، ئىش بېجىرىش شارائىتى ۋە ئاپپاراتلارنىڭ تەسىس قىلىنىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، شۇ جاينىڭ غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى كۈچىدىن ياخشى پايدىلىنىش، جەمئىيەت خىزمەتچىلىرى قوشۇنىنى كۈچلۈك قۇرۇش، خىزمەت مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ئۇسۇللىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جەمئىيەت خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تۇتقا ۋە ۋاسىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: «دائىم غېمىدە بولۇش» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، باشتىن - ئاخىر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بالدۇر، چوڭقۇر، پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەپ، تۈرلۈك زور يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى كۈچەيتىشنى چىڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەشكىلىي سىستېما ۋە خىزمەت كۈچىنى ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئاساسىي قاتلام قوشۇنىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە كەڭ ئاساسىي قاتلام ئاممىسىنى ياخشى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، ياخشى ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك. يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ناھىيە بازىرىنى مۇھىم ۋاسىتە قىلغان شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېزا ئاممىسىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق رايىغا ئۇيغۇنلاشقان، خەلق تۇرمۇشىغا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى پۇختا، ياخشى قىلىپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش كېرەك

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، يىل ئاخىرى ۋە يىل بېشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشى كېرەك. بازار كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرى بىلەن يېتەرلىك تەمىنلەش ۋە بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، تۈرلۈك ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈزەپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ھەل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، يىل ئاخىرىدىكى باھالاش، تەكشۈرۈپ ھەيدەكچىلىك قىلىش، خۇلاسىلەپ باھالاش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەردىكى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر تۈزەش كېرەك.

قادېن كەبىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.


مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەنۋەر ئابلىمىت
举报电话: 18899276002
举报邮箱: 615838983@qq.com

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章