قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىنى يېشىللىق بىلەن قاشالاش داۋاملاشماقتا

时事   2025-01-10 23:40   新疆  

قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىنى يېشىللىق بىلەن قاشالاش داۋاملاشماقتا

ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مۇخبىرى ئابلىكىم

سۈرەتتە: 1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، جۇڭگو گۇاڭخې گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ شىنجاڭ لوپ ناھىيەسىدىكى 500 مىڭ كىلوۋاتلىق فوتوۋولت ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنىڭ قۇرۇلۇش مەيدانىدا قۇرۇلۇش خادىملىرى فوتوۋولت تاختىلىرىنى قۇراشتۇرماقتا. ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مۇخبىرى ئابلىكىم فوتوسى

قىشتا، قۇملۇق، چۆللۈكتە قاتتىق سوغۇق بولىدۇ، جۇڭگو گۇاڭخې گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ شىنجاڭ لوپ ناھىيەسىدىكى 500 مىڭ كىلوۋاتلىق فوتوۋولت ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنىڭ قـۇرۇلـۇش مەيدانى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى. قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى سوغۇق ھاۋاغا قارىماي، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ قۇرۇلۇش قىلىپ، سۈرئەتنى تېزلىتىپ، فوتوۋولت تاختىسى قۇراشتۇرۇش خىزمىتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرنىڭ ئۆز قەرەلىدە پۈتۈپ تورلاشتۇرۇلۇپ توك تارقىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇننىڭ خىزمەتچىسى ۋۇ خەيبو مۇنداق دېدى: «بۇ فوتوۋولت ئارقىلىق قۇمنى تىزگىنلەش ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنىڭ گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 500 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، 50 مىڭ كىلوۋات/100 مىڭ كىلوۋات سائەت ئېنېرگىيە ساقلاش ئەسلىھەسى ۋە 220 كىلوۋولتلۇق بېسىم ئـاشۇرۇش پونكىتى يۈرۈشلەشتۈرۈلۈپ،فـوتوۋولت + يېزا ئىگىلىكىئۇنىۋېرسال قۇم تىزگىنلەش ئەندىزىسى ئارقىلىق، ئېكولوگىيە مۇداپىئە لىنىيەسى مۇستەھكەملىنىدۇ. نۆۋەتتە، فوتوۋولت تىرەك جازىسى ۋە بىرىكمە زاپچاسلىرىنىڭ %95ى قۇراشتۇرۇلۇپ بولۇندى، بۇ قۇرۇلۇش مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا تاماملىنىدۇ. باش باھاردا ھاۋا ئىللىغاندىن كېيىن، فوتوۋولت تاختىسىنىڭ ئاستىغا بېدە قاتارلىق قۇمنى تۇراقلاشتۇرىدىغان ئۆسۈملۈكلەر تېرىلىپ، ‹فوتوۋولت + بىيولوگىيە›لىك قۇم تىزگىنلەش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلۈپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش نەتىجە - ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلىدۇ».

قىش كىرگەندىن كېيىن، لوپ ناھىيەسىنىڭ ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق تارماقلىرى يۇلغۇن كۆچىتى يېتىشتۈرۈشنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىقىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى ئىشلىدى. دول بازىرىدىكى بوستان كۈچەت يېتىشتۈرۈش بازىسىدا، ئىشچىلار باغلام - باغلام يۇلغۇن قەلەمچىسىنى قۇمغا كۆمۈپ توڭلاتتى.

لوپ ناھىيەلىك دۆلەت ئىلكىدىكى كۆچەتخانىنىڭ ئورمانچىلىق، كۈچەت يېتىشتۈرۈش ئىنژېنېرى غۇجىبەيدۇللا ئابدۇئەلى مۇنداق دېدى: «ھازىر يۇلغۇن كۆچىتى يېتىشتۈرۈشنىڭ ھالقىلىق باسقۇچى، يۇلغۇن قەلەمچىسىنى چوڭقۇرلىقى ئىككى مېتىر ئەتراپىدىكى ئورەككە كۆمۈپ، ئۈستىگە 50 سانتىمېتىر قېلىنلىقتا قۇم يېيىتىپ، 45 كۈن ئەتراپىدا ساقلايمىز. بۇ مەزگىلدە يۇلغۇن قەلەمچىسىنىڭ نەملىكى، تېمپېراتۇرىسىنى مۇۋاپىق ساقلاپ، ئۈششۈكتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەتىيازدا قەلەمچە تىكىشكە ياخشى تەييارلىق قىلىش كېرەك».

لوپ ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى تۇرسۇنجان ئابدۇللا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئەتىيازدا كۆچەت تىكىشتىن بۇرۇن، بىز 2 مىليون دانە يۇلغۇن كۆچىتى يېتىشتۈرۈپ، 6000 مو قۇملۇققا يۇلغۇن كۆچىتى تىكىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىمىز. خوتەننىڭ دەرەخ تۈرلىرى كىلىمات ۋە تۇپراق مۇھىتىغا تېخىمۇ ياخشى ماسلىشالايدۇ، باشقا دەل - دەرەخلەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تىكىلسە، بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ».

تۇرسۇنجان تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە لوپ ناھىيەسىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش خىزمىتىدە ئاساسىي گـەۋدە، يـول، ئەندىزە، سورت، پەن - تېخنىكا كۆپ مەنبەلىك بولۇشتىن ئىبارەت ‹بەش كۆپ مەنبەلىك بولۇش› ئەندىزىسىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇلىدۇ. ھۆكۈمەت، كارخانا، ئامما قاتارلىق كۆپ خىل سۇبيېكتلارنىڭ قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىلىپ، بىيولوگىيەلىك قۇم تىزگىنلەش، فوتوۋولت ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك يولدىن پايدىلىنىپ، ‹قۇم يېپىنچىسى› تېخنىكىسى قوللىنىلىپ، بېدە، چۈجگۈن ئوت قاتارلىق يېشىل ئۆسۈملۈك تۈرلىرى ئۆستۈرۈلىدۇ». قۇملۇق گىرۋىكىدىكى بوش قالغان رايونلارغا قارىتا، «قۇرۇلۇش ئارقىلىق قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش + فوتوۋولت ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش» تۈرى مەركەزلىك، تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ؛ سۇ مەنبەسى بار رايونلاردا يۇلغۇن، سۆكسۆك ئۆستۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ يىلتىزىغا توشقان زەدىكى ئۇلىنىپ، ئېكولوگىيە ۋە ئىقتىسادتىن قوش پايدا ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؛ سۇ مەنبەسى يوق رايونلاردا قۇرۇلۇش ئارقىلىق قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش تەدبىرلىرى قوللىنىلىپ، قۇم - بوراننىڭ ئېتىز، يول، ئۆي قاتارلىقلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشى ئازايتىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ ياشاش مۇھىتى ياخشىلىنىپ، ئاممىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى ئۆستۈرۈلىدۇ.

(تەرجىمە قىلغۇچى: گۈلباھار مەتتۇرسۇن)





مەنبە: خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەنۋەر ئابلىمىت
举报电话: 18899276002
举报邮箱: 615838983@qq.com

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章