ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ غەربىي ئارقا كوچىسى

时事   2025-01-15 19:37   新疆  

مۈلۈكنى جانلاندۇرۇپ تۈجۈپىلىك پايدىلىنىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھۆكۈمەتنى كۈچەپ بەرپا قىلىش

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ غەربىي ئارقا كوچىسىدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ مەركەزلىك ئىش بېجىرىش رايونى قاتارلىق جايلارغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

1 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى غەربىي ئارقا كوچىسىدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ مەركەزلىك ئىش بېجىرىش رايونىدىكى ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇلازىمەت مەركىزىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز غەربىي ئارقا كوچىسىدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ مەركەزلىك ئىش بېجىرىش رايونىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىمەكتە.□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 1 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى غەربىي ئارقا كوچىسىدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ مەركەزلىك ئىش بېجىرىش رايونىدىكى ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇلازىمەت مەركىزىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، قىسمەن دۆلەت مۈلكىنى ئۈنۈملۈك جانلاندۇرۇش، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولدى. شىنجاڭ داشۆ جەنۇبىي مەكتەپ رايونىنىڭ ئەسلىي ئورنىدا قۇرۇلۇش، ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نى ئومۇميۈزلۈك كۆچۈرۈش ۋە ئىشقا كىرىشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى غەربىي ئارقا كوچىسىغا جايلاشقان پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئەسلىدىكى مەكتەپ رايونىنى ئۆزگەرتىپ رېمونت قىلىپ، ئاپتونوم رايوندىكى قىسمەن ئورۇنلار ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىنىڭ مەركەزلىك ئىش بېجىرىشىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ما شىڭرۇي كۆپ قېتىم بۇ خىزمەتنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، چوڭقۇر پىلانلاپ، تۈرنىڭ تېز يولغا قويۇلۇشىنى تەتقىق قىلىپ ئۇنىڭغا تۈرتكە بولغانىدى. غەربىي ئارقا كوچىسى مەركەزلىك ئىش بېجىرىش رايونى قۇرۇلۇش تۈرىدە 2024 ـ يىلى 5 ـ ئاينىڭ ئاخىرى ئىش باشلىنىپ، 74 مىڭ كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى ئۆيلەر ئەڭ زور دەرىجىدە تەڭشەپ تەقسىملەندى. بۇلتۇر 12 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىشتات ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئارمىيە ـ خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات كومىتېتى ئىشخانىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق رەقەملەشتۈرۈش تەرەققىيات ئىدارىسى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتىنىڭ ھەممىسى ئوڭۇشلۇق كۆچۈپ كىرىپ ئورۇنلاشتى، نۆۋەتتە تۈرلۈك خىزمەتلەر تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلماقتا.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز مەركەزلىك ئىش بېجىرىش رايونىغا كېلىپ، ھەرقايسى ئورۇنلارغا بىر ـ بىرلەپ كىرىپ، ئىش بېجىرىش شارائىتىنى كۆزدىن كەچۈردى، كادىرلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى ھەم ئاشخانا، تەنتەربىيە مەيدان ـ سارىيى، تۇرمۇش مۇلازىمەت سورۇنلىرىغا بېرىپ، كادىرلارنىڭ غىزالىنىشى ۋە مۇلازىمەت كاپالىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: غەربىي ئارقا كوچا مەركەزلىك ئىش بېجىرىش رايونى ئۈنۈملۈك جانلاندۇرۇلۇپ، ئوڭۇشلۇق ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، بايلىقنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەشكە تۈرتكە بولۇش، دۆلەت مۈلكىدىن تۈجۈپىلىك پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، مەمۇرىيەتنىڭ ئايلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئەمەلىي تەدبىرى بولۇپ، پائال نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، تۈجۈپىلىك ئەۋزەللىكنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ماسلىشىپ ئىش بېجىرىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھۆكۈمەت بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. ھەرقايسى ئورۇنلار بۇنى پۇرسەت بىلىپ، دىققەتنى ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزىي خىزمىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جاسارەت ۋە ئىستېدات بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇلازىمەت مەركىزىدە، ما شىڭرۇي ئالاقىدار خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ مۇنداق تەكىتلىدى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزۈلمە ـ مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت كاپالىتى ئىقتىدار سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

چېن ۋېيجۈن، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.


مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەنۋەر ئابلىمىت
举报电话: 18899276002
举报邮箱: 615838983@qq.com

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章