جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق

时事   2025-01-14 18:51   新疆  

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 13 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش توغرىسىدىكى قارارى

(2025 - يىلى 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 13 - ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 13 - ئومۇمىي يىغىنى 2025 - يىلى 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئومۇمىي يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى، 2024 - يىللىق خىزمەتلەر سىستېمىلىق خۇلاسىلەندى، 2025 - يىللىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئومۇمىي يىغىندا يولداش ما شىڭرۇينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ۋە يولداش ئەركىن تۇنىيازنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى مەخسۇس سۆزى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى.

ئومۇمىي يىغىندا ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەت نەتىجىلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق قارالدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى سىجىل ياخشى ئىشلىدى، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە پۇختا قەدەم تاشلاندى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، مىللەت - دىن خىزمىتى قاتارلىق ئۇل خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلىدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى؛ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش خىزمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىدى؛ قەتئىي تۈردە چەكلەشكە قارشى تۇرۇپ، ئارىلىشىشقا قارشى تۇرۇپ، «ئۇزۇن قوللۇق قىلىپ باشقۇرۇش»قا قارشى تۇرۇپ، «تەكلىپ قىلىش، سىرتقا چىقىش» سالمىقىنى زورايتتى، شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى كۈرەش كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولدى؛ دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى - ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېنېرگىيە، ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق ۋە ئاشلىق، پاختا بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى؛ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىلىق رولىنى نامايان قىلدى؛ رايون يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى؛ دىققەتنى ئېكولوگىيە - مۇھىت قوغداشتىكى مۇھىم ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، سىستېمىلىق قاراش، ئىلمىي تەدبىر قوللىنىش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈزەش خىزمىتىدە زور ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇپ، «تۆت چوڭ گەۋدىلىك مەسىلە»نى كۈچەپ ھەل قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت قىياپىتىدە يېڭى ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى؛ تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچەپ، شەھەر - يېزىلارنى يۇغۇرۇش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلدۈردى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىڭتۇەنگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، بىڭتۇننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى؛ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كۈچى بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، «يەككە يۆنىلىشتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش»نى «قوش يۆنىلىشتە ھەمكارلىشىش»قا ئۆزگەرتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى؛ خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشىغا مەدەت بەردى، چوڭ بىرلىك سەپ خىزمەت ئەندىزىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈردى، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى گەۋدىلەندۈردى؛ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى. 

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق قارالدى: 2024 - يىلى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق مۇساپىسى تولىمۇ ئۆزگىچە بولدى، نەتىجىلەر كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، بۇ، نېگىزىدىن ئېيتقاندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، نېگىزىدىن ئېيتقاندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرغانلىقتىن بولدى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى پۈتۈن شىنجاڭدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئامما، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئورۇنلىرى، شىنجاڭدىكى ئازادلىق ئارمىيە، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقى، جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق قارالدى: شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىلىرى يەنىلا مۈشكۈل، يەنە نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، بەزى ئېنىقسىز ئامىللار مەۋجۇت. جەزمەن تۆۋەن چەك تەپەككۇرى ۋە ئاخىرقى چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، زېھنىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىپ، ئۆز خىزمىتىمىزدىكى ئېنىقلىق ئارقىلىق ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىدىكى ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق قارالدى: ھازىر شىنجاڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى بىزنىڭ ئەڭ چوڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىمىز. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسىنىڭ يۇقىرىلىقى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قوللاش سالمىقىنىڭ زورلىقى بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئىشەنچىمىز. شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ «مۇقىم بولۇش» ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، «ئىلگىرىلەش» قۇۋۋىتى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، «يېڭى بولۇش» سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆستى، تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى، بۇ، بىزنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تىرىكىمىز. پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچى ھەسسىلەپ ئاشتى، بۇ، بىزنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم تايانچىمىز.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2025 - يىلى «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، پۈتۈن يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەر ۋە تاشقى زەربىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، بەلگە خاراكتېرلىك ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، «15 - بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا 2025 - يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن - ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى كۈرەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك زور يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنىڭ بىرتۇتاش ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ۋە پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى جۇڭگو قەلبى، جۇڭخۇا روھىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەش كېرەك. شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشتە يېڭى ئەۋزەللىك يارىتىش كېرەك. مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ئىشلىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى ئۆلچەمدە پىلانلاپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، شەھەرلەر ئارقىلىق يېزىلارنى يېتەكلەش، سانائەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى يۆلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ گىرەلەشمە تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۆپ سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىكنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى پۇختا، ياخشى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك. ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم ساھەلەردە ئېكولوگىيەنى تۈزەش ئۈنۈمىنى كېڭەيتىپ، سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ تەڭشەش، سۇ كۆپەيتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىدا يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كۈچنى مۇجەسسەملەپ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، كونا قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ «ئاساسىي قۇرۇلما»سىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، مائارىپ ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن ياخشى يولغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ تەرەققىيات ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ھەر تەرەپلىمە ئىلگىرى سۈرۈپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى قوللاپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە، جەزمەن پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن ھەر مىللەت كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ، كادىرلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قابىلىيىتى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قابىلىيىتى، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈگىتىش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ فۇنكسىيەسىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى، رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىنى تېخىمۇ ياخشى قوللاپ، چوڭ بىرلىك سەپ خىزمەت ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاق بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەش كېرەك. پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد خىزمىتىنى ئىلمىي پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى» بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ۋە نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ كۈچلۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، 2025 - يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان تېخىمۇ كۆپ ھەقىقىي تەدبىر، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئۈنۈمىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈشى كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا يولداش سۈن خۇڭمېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىدىن سورىغان ئىستېپاسى، يولداش زۇلھايات ئىسمايىلنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىدىن سورىغان ئىستېپاسى تەستىقلاندى.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىپ، ئەلا نەتىجىلەر ئارقىلىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالايلى!


مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەنۋەر ئابلىمىت
举报电话: 18899276002
举报邮箱: 615838983@qq.com


和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章