جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى20-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام

时事   2025-01-10 23:40   新疆  

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى

(2025 - يىلى 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى 2025 - يىلى 1 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىن 8 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 131 ئەزاسى قاتناشتى، 247 كىشى سىرتتىن قاتناشتى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئومۇمىي يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.
ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، 2024 - يىللىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتى خۇلاسىلىنىپ، 2025 - يىللىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، يولداش لى شى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن «پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيلى» تېمىسىدىكى خىزمەت دوكلاتى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.
ئومۇمىي يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈلدى. يىغىندا بىردەك مۇنداق قارالدى: سۆزدە ئۆتكەن بىر يىلدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيەنىڭ بۇرچ، ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدىن، يۈكسەك تارىخىي نەزەر بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئاساسىي قانۇنىيىتى چوڭقۇر ئىگىلىنىپ، ھازىرقى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، بايراق روشەن ھالدا خاتا تونۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئىدىيە تۇمانلىرى تازىلىنىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭ، ئومۇمىي جەڭنى قەتئىي ياخشى قىلىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى قوشۇنىدىن سەمىمىي ئۈمىد كۈتۈلدى. سۆزدە ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان، ئىدىيەسى چوڭقۇر، مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىلگەن بولۇپ، قەلبلەرنى لەرزىگە سېلىپ دىللارنى يورۇتىدۇ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. يىغىندا بىردەك مۇنداق بىلدۈرۈلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، دادىل كۈرەش قىلىپ، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دىققەتنى «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان قەيسەرلىك ۋە قەتئىيلىك بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى كۈچەپ يوقىتىمىز. باشتىن - ئاخىر ئەيمىنىش تۇيغۇسىنى ساقلاپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، دادىل ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.
ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2024 - يىلى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى ئارقىلىق ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى، پۇختا قەدەم تاشلىدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ۋە ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، باش تېما تەربىيەسى ۋە تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۈتۈن يىللىق باش تېما، ئاساسىي لىنىيەگە سىڭدۈرۈپ، پۈتۈن سىستېمىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى مۇستەھكەملىدى. سىياسىي نازارەتچىلىكنى كونكرېتلاشتۇرۇش، تۈجۈپىلەشتۈرۈش، دائىملاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چۆرىدەپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى چوڭقۇر پىلانلاپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم سىياسەت - فاڭجېنلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسىدە تىرىشىپ «بىرىنچى سەپ»تە ياخشى مېڭىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئالتە تۈرلۈك ئىنتىزام»نى چىڭ كۆزلەپ، ماددىمۇماددا ئۆگىنىپ، چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، پۈتۈن سىستېمىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىش، پىششىق ئىگىلەش، ماھىرلىق بىلەن ئىشلىتىشكە يېتەكلەپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىنتىزامنى ئۆگىنىش، ئىنتىزامنى بىلىش، ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىك خاھىشىنى سىجىل تۈردە قاتتىق توسۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قاتتىق تۈزەپ، دائىملىق ئۇزاق ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش ئارقىلىق مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پۇل مۇئامىلە، دۆلەت كارخانىسى، ئېنېرگىيە، تاماكا، تېبابەت - دورىگەرلىك، تەنتەربىيە، ئاساس قۇرۇلۇش ۋە خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن كارخانىچىلار تىل بىرىكتۈرۈپ چىرىكلىشىش مەسىلىسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، يېڭىچە چىرىكلىك ۋە يوشۇرۇن چىرىكلىكنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، پارا ئېلىش بىلەن پارا بېرىشنى بىرلىكتە تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى كۈچلۈك يوقاتتى. ئامما ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، «نەپسانىيەتچى چىۋىن، چىرىكلەشكەن چۈمۈلە»لەرنى ئادەتتىن تاشقىرى تەدبىر قوللىنىپ جازالاپ ۋە تۈزەپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى. سىياسىي كۆزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، 68 تارماق، ئورۇنغا قارىتا دائىملىق كۆزىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، تۇنجى قېتىم پۇل مۇئامىلە ساھەسىگە قارىتا ھەمتۈرتكىلىك كۆزىتىش، ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەرگە قارىتا دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن كۆزىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، بىر تەرەپتىن كۆزىتىش، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈش، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ دەرھال تۈزىتىشنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆزىتىش - تەكشۈرۈشنىڭ ئۇنىۋېرسال نازارەتچىلىك رولىنى يەنىمۇ نامايان قىلدى. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمە - مېخانىزمى ۋە قانۇن - نىزام، تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ماسلىشىپ، رەقەملىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىگە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا تەھلىل قىلىپ، يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەقىقىي تۈردە ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋەزىيەت توغرىسىدىكى توغرا ھۆكۈمىگە، ۋەزىپە توغرىسىدىكى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىشى كېرەك؛ ھازىرقى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ ئىكەنلىكىدەك ۋەزىيەتنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭدە غەلىبە قىلىشقا بولغان ئۇيۇل تاشتەك ئىرادىسىنى چىڭىتىشى كېرەك؛ چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش فاڭجېنى، تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان ئومۇمىي جەڭدە غەلىبە قىلىش كۈچلۈك ئىرادىسىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك.
ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2025 - يىلى «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل. بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى، پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىسلاھات روھى ۋە قاتتىق ئۆلچەم ئارقىلىق پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
بىرىنچى، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چۆرىدەپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئىسلاھات باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە «دىققەتنى يەتتىگە مەركەزلەشتۈرۈش»، 13 تارماق ساھەدىكى نىشاننىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى زىچ چۆرىدەپ، نازارەتچىلىك مەزمۇنىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، پۇختىلاپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئىسلاھ قىلىشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ئىككىنچى، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قائىدە - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشكە كۈچەپ تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا تۇتۇشنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق مەزمۇن، نۇقتىلىق ئوبيېكتلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىنتىزام تەربىيەسى ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىنتىزامنى قەلبكە سىڭدۈرۈش، ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىشنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى بايقالغان ھامان تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئىنتىزامنىڭ قاتتىقلىقى، كەسكىنلىكىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. «تۆت خىل ھالەت»نى دەل جايىدا تەتبىقلاشنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىلگىرىكىدىن ساۋاق ئېلىپ كېيىنكىگە ئىبرەت قىلىش، كېسەلنى داۋالاپ ئادەمنى قۇتقۇزۇش فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، قاتلاممۇقاتلام مۇداپىئەلىنىش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
ئۈچىنچى، ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تەڭ تەكشۈرۈش، تەڭ تۈزەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش كېرەك. «تەڭ تەكشۈرۈش» ئارقىلىق تۆت خاھىش ۋە چىرىكلىك گىرەلىشىپ كەتكەن مەسىلىلەرنى قاتتىق جازالاپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت خاھىش»نى تۈزەشتە ئاخىرىغىچە قاتتىق بولۇپ، دىققەتنى ئىنتىزامغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلىش، يوشۇرۇن ئۆزگىرىپ كېتىش، بازار تەرتىپىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈش، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك؛ چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاشنى بىر دەقىقىمۇ توختاتماي، سىياسىي مەسىلە بىلەن ئىقتىسادىي مەسىلە گىرەلىشىپ كەتكەن چىرىكلىك دېلولىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە، دۆلەت كارخانىسى، ئېنېرگىيە، ئوت مۇداپىئەسى، تاماكا، تېبابەت - دورىگەرلىك، ئالىي مەكتەپ، تەنتەربىيە، تەرەققىيات رايونى، قۇرۇلۇش ۋە خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش قاتارلىق ساھەلەردە سىستېمىلىق تۈزەشنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، يېڭىچە چىرىكلىك ۋە يوشۇرۇن چىرىكلىكنى بايقاش، ئىسپات ئېلىش، خاراكتېرىنى بېكىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىش، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تەدبىر بەلگىلەش ئارقىلىق دۆلەت مۈلكىنى زور زىيانغا ئۇچرىتىش مەسىلىسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ھەمىشە كادىرلارنى ئازدۇرۇپ، بىر تەرەپكە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئاشۇ پارا بەرگۈچىلەرنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، چېگرا ھالقىغان چىرىكلىكنى تۈزەش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. «تەڭ تۈزەش» ئارقىلىق تۆت خاھىش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئورتاق مەنبەسىنى يوقىتىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جورىسى، پەرزەنتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ سودا قىلىشى، كارخانا قۇرۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارغا قارىتا ۋاقتىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش ۋە ئۇنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە كومىتېتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەشكىللەپ ماسلاشتۇرىدىغان، ئالاقىدار تارماقلار ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولىدىغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى تەھلىل قىلىش، ھۆكۈم قىلىش مېخانىزمى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، نۇقتىلىق پارا بەرگۈچىلەرنى بىرلىشىپ جازالاپ ئاگاھلاندۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشى ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى (2025 - يىلىدىن 2027 - يىلىغىچە)نى تۈزۈپ، جۇڭگونىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك. «تەكشۈرۈش»، «تۈزەش»نى تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق تۆت خاھىش، چىرىكلىكنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىنى توسۇپ، ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تەڭ تەكشۈرۈش، تەڭ تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى پىكىرنى تۈزۈپ، چوڭ سانلىق مەلۇماتنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشقا كۈچ قوشۇش كېرەك.
تۆتىنچى، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات - تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن كەڭ خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈشكە كۈچەپ تۈرتكە بولۇش كېرەك. «نەپسانىيەتچى چىۋىن، چىرىكلەشكەن چۈمۈلە»لەرنى جازالاشقا سىجىل كۈچەپ، دىققەتنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن بۇ ئاچقۇچلۇق ھالقا، ئاجىز ھالقىلارنى سىجىل تۇتۇشقا مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك. «مەكتەپ تامىقى»، يېزا كوللېكتىپىنىڭ «ئۈچ مۈلۈك»ىنى باشقۇرۇش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش مەبلىغىنى ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى باشقۇرۇش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دەپنە ئىشلىرى ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە قالايمىقان ئەھۋاللارنى تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ھەرقايسى جايلارنىڭ خەلق تۇرمۇشىدىكى ئاغرىق نۇقتا، قىيىن نۇقتىلارنى تاللاپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاممىنى ھېس قىلىش ۋە ئۇلارنى مەنپەئەتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
بەشىنچى، سىياسىي كۆزىتىش ئورۇن بېكىتمىسىدە چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىشتە مەسىلىلەرنى تېخىمۇ دەل جايىدا بايقاش، مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىياسىي كۆزىتىشنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئاساسىي زىددىيەت، ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى زور چەتلەپ كېتىشنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىش كېرەك. دائىملىق كۆزىتىش، مەخسۇس تۈردىكى كۆزىتىش، جانلىق كۆزىتىش ۋە كۆزىتىش بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش»نى ئىلمىي بىرتۇتاش پىلانلاپ، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن كۆزىتىشنى جانلىق قانات يايدۇرۇش كېرەك. مەركەز ئورۇنلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كۆزىتىشنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە نازارەتچىلىكى بىلەن تۇتاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، كەنتلەرنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈزىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزىتىشنىڭ قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.
ئالتىنچى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى توغرىسىدىكى تۈزۈم - قائىدە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە كۈچەپ تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئورگىنىنىڭ ئىچكى ئاپپاراتلىرى، تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن ئاپپاراتلار ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى كارخانىلارغا ئومۇميۈزلۈك ئىنتىزام تەكشۈرۈش - رېۋىزىيە گۇرۇپپىسى ئەۋەتىشنى تاماملاپ، ئالاقىدار تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن ئاپپاراتلارنىڭ تۇرۇشلۇق ئورۇندىن بىر دەرىجە تۆۋەن ئورۇنلار، مەركەز ئورۇنلىرى (تارماقلىرى)غا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەر ۋە گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسىنى باشقۇرىدىغان مەركەز كارخانىلىرىغا «قايتا ئەۋەتىش»كە تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك «بىرىنچى باشلىق»لارغا قارىتا نازارەت قىلىش بويىچە سۆزلىشىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش چارىسىنى تۈزۈشى، چېگرا ھالقىغان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنىنى تەييارلىشىغا ياردەملىشىش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى يېتەكچى قىلىش، مەخسۇس مەسئۇل بولۇپ نازارەت قىلىشنى ئاساسىي تايانچ قىلىش، ئاساسىي قاتلام نازارەتچىلىكىنى تىرەك قىلىش، تۈرلۈك نازارەتچىلىكنى تۇتاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇشنى كاپالەت قىلىش ئارقىلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يەتتىنچى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىنى ئىزچىل تۈردە ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش كېرەك. «ئىككى مەسئۇلىيەت» ئارقىلىق ئاچقۇچنى تۇتۇپ، باشقا ھالقىلارغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتى، فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېت(ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپا)لىرىنىڭ نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەركىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، بىرتۇتاش ماسلاشتۇرىدىغان پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيەت ئەندىزىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىستېمىلىق تەپەككۇر، ئىلمىي ئۇسۇل ئارقىلىق پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.
سەككىزىنچى، «ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يىلى» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە پولات قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ يەنە يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە كۈچەپ تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، ئېتىقادقا ھۆرمەت قىلىپ، تەشكىلگە ھۆرمەت قىلىپ، باشتىن - ئاخىر قەتئىي تەۋرەنمەي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر قەتئىي تەۋرەنمەي «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر قەتئىي تەۋرەنمەي «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبكە پۈكۈپ، ئاڭلىق ھالدا خىزمەتلەرنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئومۇمىيىتىگە قويۇپ پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، بۇرچقا ھۆرمەت قىلىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئۇنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتىن ئىبارەت جان تومۇرنى چىڭ ساقلاپ، بەلگىلىمە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈشنى چىڭىتىپ، سىياسەت - تەدبىرلەرنى توغرا ئىگىلەپ، خاراكتېرىنى دەل جايىدا بېكىتىپ، جازانى دەل جايىدا ئۆلچەپ، قانۇننى دەل جايىدا ئىجرا قىلىپ، تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇپ، كادىرلارنى تاللاش، يېتىشتۈرۈش، باشقۇرۇش، ئىشلىتىش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھوقۇقنى ھۆرمەت قىلىپ، خەلقنى ھۆرمەت قىلىپ، كۈرەش قىلىش روھى، مەسئۇلىيەتچانلىق روھى، قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مۇھىم سىياسىي پىرىنسىپ ۋە چوڭ ھەق - چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە دادىل ئېلىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، پارتىيە ۋە خەلق بەرگەن ھوقۇقنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزامغا ھۆرمەت قىلىپ، قانۇنغا ھۆرمەت قىلىپ، قاتتىق باشقۇرۇش ئارقىلىق چەكلەشنى كۈچەيتىپ، قاتتىق جازالاش ئارقىلىق چۆچۈتۈشنى كۈچەيتىپ، كۆيۈنۈش ئارقىلىق كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىپ، كۈندىلىك باشقۇرۇش - نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، كۆپچىلىككە زىيان يەتكۈزىدىغان ئۇنسۇرلارنى قەتئىي تازىلاپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ بىلەن سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، دادىل ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىدىغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە پولات قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك.
ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت بىلەن يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيلى!
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى)


مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەنۋەر ئابلىمىت
举报电话: 18899276002
举报邮箱: 615838983@qq.com


和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章