ۋىلايىتىمىزنىڭ باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدە

时事   2025-01-15 19:37   新疆  

ۋىلايىتىمىزنىڭ باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدە ئورۇنلىنىدىغان نومۇرلار جىددىي رېپېتىتسىيە قىلىنىۋاتىدۇ

مەدەنىيەت ئاساسىنى نامايان قىلىپ، دەۋر نۇرىنى جۇلالاندۇرۇش

سۈرەتتە: 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ئارتىسلار بـاھار بـايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدە ئورۇنلىنىدىغان نومۇرلارنى رېپېتىتسىيە قىلماقتا. ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مۇخبىرى ئابلىكىم فوتوسى

ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ خەۋىرى (مۇخبىرلار گۈلھايات، ئابلىكىم)  2025 - يىللىق باھار بايرىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى جىددىي ئىشلىنىۋاتىدۇ.

1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ۋىلايەتلىك يېڭى قاشتېشى ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ رېپېتىتسىيە ئۆيىدە، باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ نومۇرلىرى جىددىي رېپېتىتسىيە قىلىنىۋاتاتتى، ئارتىسلارنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ، ھەرىكىتى رەتلىك بولۇپ، ھەر بىر ھەرىكەتنى ئەستايىدىل ئىشلەۋاتاتتى.

ئۇسسۇل ئارتىسى نۇربىيە مۇتەللىپ مۇنداق دېدى: «كېچىلىكتىكى ئۇسسۇللاردا ئەنئەنىۋى ئامىللار بىلەن زامانىۋى ئامىللار مۇكەممەل يۇغۇرۇلغان بولۇپ، بىز كۆڭۈل قويۇپ رېپېتىتسىيە قىلىپ، ھەر بىر ھەرىكەت ئارقىلىق، باھار بايرىمىنىڭ خۇشاللىقى ۋە چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسىنى تاماشىبىنلارغا يەتكۈزۈشكە تىرىشتۇق».

رېپېتىتسىيە نەق مەيدانىدا، ئارتىسلارنىڭ چىرايىدىن خۇشاللىق ۋە ھاياجان چىقىپ تۇراتتى، ئۇلار ئاۋازى، ھەرىكىتى، روھىي ھالىتىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ، نومۇرنى تېخىمۇ توغرا ۋە مۇكەممەل ئورۇنلاش ئۈنۈمىگە يېتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتاتتى. كۆپچىلىك بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشىپ، ھەر بىر نومۇرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. كېچىلىكنىڭ رېژىسسورى ھەر بىر ئارتىسنىڭ ھەرىكىتى، چىراي ئىپادىسى، كىيىم - كېچىكى قاتارلىقلارغا قاتتىق تەلەپ قويدى.

ۋىلايەتلىك يېڭى قاشتېشى ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ناخشىچىسى مەتروزى مەمەتجان مۇنداق دېدى: «2025 ـ يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىگە، ناخشا ـ ئۇسسۇل، قوش كىشىلىك ناخشا، چاتما ناخشا قاتارلىق ئېسىل نومۇرلارنى تەييارلىدۇق. بۇ نومۇرلارغا جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئەپچىللىك بىلەن يۇغۇرۇلغان بولۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىنغان. بىز تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن تاماشىبىنلارغا بۇ كاتتا مەدەنىيەت زىياپىتىنى سۇنىمىز».

ئىگىلىنىشىچە، ۋىلايىتىمىزنىڭ بۇ قېتىمقى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىگە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ سەنئەتكارلىرى بىرلىكتە نومۇر ئورۇنلاشقا تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، مول نومۇرلار ئارقىلىق ۋىلايىتىمىزنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن مول نەتىجىلىرى، شۇنداقلا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يۇرتنى قىزغىن سۆيۈش، تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈش، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن يۇقىرى ئۆرلەش، يېتىشىۋېلىپ ھالقىپ ئۆتۈشتەك روھىي قىياپىتى نامايان قىلىنغان.

ۋىلايەتلىك يېڭى قاشتېشى ناخشا ئۇسسۇل ئۆمىكى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى تۇرسۇنجان ئابدۇللا مۇنداق دېدى: «بۇ يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدىكى نومۇرلار قاتلاممۇ قاتلام تاللاش، پىلانلاش، ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، بۈگۈن مەركەزلىك تەكشۈرۈلدى. گەرچە ۋاقىت قىس، ۋەزىپە ئېغىر بولسىمۇ، ئەمما بارلىق ئارتىسلار يەنىلا تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن رېپېتىتسىيە قىلدى، نومۇرلىرىمىز ئارقىلىق ئەل قەلبىنى مايىل قىلىپ، كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز، بىز بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، كۆپچىلىككە بىر مەيدان كاتتا كۆرۈش - ئاڭلاش زىياپىتى سۇنىمىز».

(تـەرجىمە قىلغۇچى: گـۈلباھار مەتتۇرسۇن)


مەنبە: خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەنۋەر ئابلىمىت
举报电话: 18899276002
举报邮箱: 615838983@qq.com

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章