جۇڭگوكوممۇنىستىك پارتىيەسى خوتەن ۋىلايەتلىك كومىتېتى كېڭەيتىلگەن

时事   2025-01-14 18:51   新疆  

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خوتەن ۋىلايەتلىك كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىنى ئېچىلدى

قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ خوتەن ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خوتەن ۋىلايەتلىك كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىنى 1 - ئاينىڭ 11 ـ كۈنى ئېچىلدى. ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ چېن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خىزمەت دوكلاتى بەردى. ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مۇخبىرى شۈ شياۋلۇڭ فوتوسى

ۋىلايەتلىك يـۇغۇرما تـاراتقـۇ خـەۋىرى (مۇخبىر جاڭ ياخۇي) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خوتەن ۋىلايەتلىك كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىنى  1 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى  2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئـۆگىنىلىپ، بـاش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12 -، 13 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، 2024 - يىللىق خىزمەتلەر خۇلاسىلىنىپ، 2025 - يىللىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ چېن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خىزمەت دوكلاتى بەردى. ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ماخمۇت ئۆمەرجان ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىلىق سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق قـارالدى: 2024 ـ يىلى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشى ئارقىسىدا، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، كىچىك بۆسۈش ئېغىزى ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىپ، كىچىككىنە ھەرىكىتى ئارقىلىق كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملىدى، ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، نۇرغۇن چـوڭ ئىش، مۇھىم ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان زور بىر تۈركۈم ئىشلارنى ياخشى قىلدى. جەمئىيەت مۇقىملىقى ئاساسى تېخىمۇ پۇختىلاندى، ئىناق - ئىتتىپاق بولغان مەركەزداش چەمبەر بارغانسېرى چوڭ سىزىلدى، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى، يېزا - كەنتلەردە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىش ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قىلىندى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، كادىرلار، ئاممىنىڭ قانۇنچىللىق قارىشى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، پارتىيە تەشكىلى تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك بولدى، ۋىلايىتىمىزنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى مەنزىرە بارلىققا كېلىپ، يېڭى پەللىگە قەدەم قويۇلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2025 - يىلى «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تۈزۈلۈپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىدىغان يىل، شۇنداقلا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى چوڭقۇر، مەسئۇلىيىتى ئېغىر، زور. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلىشى كېرەك، «ئىككى كان»، «ئىككى باغچە»نى ياخشى تۇتۇپ، «ئىككى يول»نى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «ئىككى ئامبار» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، «ئىككى داشۆ»نى ياخشى قۇرۇپ، «ئىككى بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش»، «ئىككى تۈرلۈك ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش» قاتارلىقلار ئارقىلىق، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، ئومۇمىي گەۋدىنى جانلاندۇرۇپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: قەتئىي تەۋرەنمەي جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ياخشى تۇتۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى پۇختا تۇتۇش كېرەك. تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى تۇتۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ يېتەكچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت - تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى، راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئەۋزەل بايلىقلارنى ئايلاندۇرۇشقا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇپ، تۈۋرۈك كەسىپلەرنى پائال يېتىلدۈرۈپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زورايتىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى ئەلالاشتۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە كەسپىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنى سەرخىللاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي مۇھىم ئامىل كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، ئىستېمالنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى يولغا قويۇپ، بازار سۇبيېكتىنى زورايتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كەسىپنى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق ناھىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، خەلقنى بېيىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، مائارىپ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىك بويىچە ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى قەتئىي تەۋرەنمەي كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، تۈزەشنى پۇختا تۇتۇپ، سۇ بايلىقىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېشىل ئاساسىي رېڭىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك. بىڭتۇەن خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. دېموكراتىيە - قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەشنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىرلىك سەپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بىرىكمـە كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش توغرا يۆنىلىشىنى ئېنىق تۇرغۇزۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن ھەر مىللەت كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، تەشكىلىي سىستېما ۋە خىزمەت كۈچىنى ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئاساسىي قاتلام بىلەن ئالاقىلىشىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «تۆتتە ئاساسىي قاتلامغا بېرىش»، پىدائىيلار مۇلازىمىتى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ خوتەن ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك ئىنتىزام كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: باھار بايرىمى يېقىنلاپ قالدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بايرام مەزگىلىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، قىيىنچىلىقى بار پارتىيە ئەزالىرى، تۆت پېشقەدەم قاتارلىق كىشىلەر توپىنى يوقلاش، ھال سوراش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى راسا چىڭ تۇتۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بايرامنى خۇشال - خۇرام، تىنچ، ئىناق ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پاك - تەلەپچان بولۇش ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: تېخىمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت، تېخىمۇ ئەمەلىيەتچىل ئىستىل بىلەن يىغىندا پىلانلانغان تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ خوتەن سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقايلى.

يىغىن سىنلىق يىغىن شەكلىدە ئېچىلدى. ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتى، خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە، سىياسىي كېڭەش ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى، ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، پېشقەدەم كادىرلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ناھىيە(شەھەر)لەردە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

(تەرجىمە قىلغۇچى: سۇلتانمۇرات ئابلەت)


مەنبە: خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەنۋەر ئابلىمىت
举报电话: 18899276002
举报邮箱: 615838983@qq.com


和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章