首页
时事
民生
政务
教育
文化
科技
财富
体娱
健康
情感
更多
旅行
百科
职场
楼市
企业
乐活
学术
汽车
时尚
创业
美食
幽默
美体
文摘
شى جىنپىڭ گىرېنادا زۇڭلىسى مىچېل بىلەن كۆرۈشتى
时事
2025-01-15 19:37
新疆
شى جىنپىڭ گىرېنادا زۇڭلىسى مىچېل بىلەن كۆرۈشتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى تېلېگراممىسى
(مۇخبىر
ما جويەن
) 1 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن گىرېنادا زۇڭلىسى مىچېل بىلەن كۆرۈشتى.
مىچېل شىزاڭ دىڭرىنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى. شى جىنپىڭ بۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىپ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش جۇڭگونىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى يۇقىرى رايوندا يۈزبەردى، جۇڭگو تەرەپ ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا قۇتقۇزۇش ۋە ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى تاماملىدى، شۇنداقلا ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا قايتا قۇرۇشنى قانات يايدۇرىدۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىشەنچى ۋە ئىقتىدارى بار.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو ـ گىرېنادا مۇناسىۋىتى مۇقىم راۋاجلاندى، ئىككى تەرەپ بىر ـ بىرىنى ھۆرمەتلەپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، خەلقنىڭ دوستلۇقى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى. جۇڭگو تەرەپ گىرېنادا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ـ گىرېنادا ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ـ گىرېنادا مۇناسىۋىتىنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇش جۇڭگو ـ گىرېنادا ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن 20 يىلدىن بۇيانقى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، جۇڭگو ـ گىرېنادا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ گىرېنادا تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئۆز ئالدىغا ئىزدىنىشىنى قوللايدۇ، گىرېنادا تەرەپ بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستانە ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى گىرېنادانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەتلەرگە يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ، جەنۇب ـ جەنۇب ھەمكارلىقى رامكىسى ئىچىدە گىرېنادانىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردە ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىنى يارىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ گىرېنادا تەرەپنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى قوللايدۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كىچىك ئارال دۆلەتلەرنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىدىكى كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئىلتىماس ـ تەلەپلىرىگە ئەھمىيەت بېرىشىگە داۋاملىق تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ يەنە خادىملار ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، گىرېنادا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ كارب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە باشتىن ـ ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا قۇربىنىڭ يېتىشىچە داۋاملىق ياردەم بېرىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.
مىچېل جۇڭگو تەرەپنىڭ بۇلتۇر 7 ـ ئايدا گىرېنادا پەۋقۇلئاددە زور قارا بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ۋاقتىدا ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. مىچېل مۇنداق بىلدۈردى: گىرېنادا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۆتكەن 20 يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. گىرېنادا تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى جەزمەن ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك. گىرېنادا تەرەپ گىرېنادا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىدىن كۆپ نەپكە ئېرىشتى، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوغا رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئۈلگە تىكلەپ بەردى، گىرېنادا تەرەپ جۇڭگودىن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشنى خالايدۇ. جۇڭگو يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى يېتەكلىگۈچى بولۇپ، چوڭ ـ كىچىك دۆلەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەر بولۇشىدا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىپ، خەلقئارا ئىشلاردا سۆز ـ ھەرىكەتتە بىردەك بولۇپ، بارغانسېرى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. گىرېنادا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن قەتئىي بىر سەپتە تۇرۇپ، ئۈچ چوڭ يەرشارىۋى تەشەببۇسنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەنبە:
شىنجاڭ گېزىتى
مۇھەررىر:
نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى:
ئەنۋەر ئابلىمىت
举报电话: 18899276002
举报邮箱: 615838983@qq.com
和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
最新文章
شى جىنپىڭ سىرى لانكا زۇڭتۇڭى دىسساناياكې بىلەن سۆھبەتلەشتى
ئىزدىنىش ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم خېتىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى
ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى
ۋىلايىتىمىزنىڭ مائارىپ، ئىختىساسلىقلار خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى
خوتەن ۋوگزالى يولۇچىلارنىڭ يۇرتىغا قايتىشىغا ئەلامۇلازىمەت قىلدى
يوتقان قەدىمىي شەھىرى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بازىرى
خوتەن ناھىيەسى باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش بىخەتەرلىكىگە
شى جىنپىڭ ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى كوستا بىلەن تېلېفونلاشتى
شىنجاڭ ھەربىي رايونى 13- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 - ئومۇمىي
ئۆتكەن يىلى شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى237مىليون توننا
ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، «بوستانلىق ئىلگىرىلەپ، قۇم چېكىنىش»نىڭ
خوتەن ۋىلايىتى بىلەن جۇڭگو سىياسىي - قانۇن داشۆسى ھەمكارلىق
كۇنگاڭ ئايرودۇرۇمى يولۇچى توشۇشنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى
خوتەن شەھىرىنىڭ مەززىلىك تائاملار ئېيـى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى
ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى باھاربايرىمىلىق بىرلەشمەكۆڭۈل ئېچىش
شى جىنپىڭ گىرېنادا زۇڭلىسى مىچېل بىلەن كۆرۈشتى
ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ غەربىي ئارقا كوچىسى
ئۆتكەن يىلى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئايرودۇرۇملارنىڭ يولۇچى توشۇش
ۋىلايىتىمىزنىڭ ئۈزۈم تېلى يوپۇرمىقى دۆلەت سىرتىدىكى بازارلارغا
ۋىلايىتىمىزنىڭ باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدە
ۋىلايىتىمىز يەرلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش يوللىرىنى
ۋىلايىتىمىزنىڭ 3 - نۆۋەتلىك قار تېيىلىش مۇسابىقىسى باشلاندى
شى جىنپىڭ جاۋاب خەت قايتۇرۇپ دۆلەت جىڭجۈ تىياتىرخانىسىدىكى ياش
بازغانچىنىڭ بېلى جەزمەن چىڭ بولۇشتا چىڭ تۇرايلى
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق
ما شىڭرۇي قەشقەر ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا
جۇڭگوكوممۇنىستىك پارتىيەسى خوتەن ۋىلايەتلىك كومىتېتى كېڭەيتىلگەن
نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، تىرىشىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، قەلب ۋە كۈچنى
خوتەن خەلقىنىڭ ئىللىقلىقى نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى ئاپەت
يىلان ئېلېمېنتى سىڭدۈرۈلگەن بېزەكلەر خوتەن شەھىرىنىڭ كوچىلىرىنى
شى جىنپىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى،گوۋۇيۈەن،مەملىكەتلىك
شىزاڭ دىڭرىدىكى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئەزالار (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى
ۋىلايىتىمىز جىددىي ماددىي ئەشيا توپلاپ، يەر تەۋرەش ئاپىتى
قاراقاش ناھىيەسىنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدا يېڭى يىلدا يېڭى
قۇرۇق ئۈزۈم ياخشى سېتىلىپ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقاتۈرتكە
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى20-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام
ما شىڭرۇي خوتەن ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق
ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئىشلارنىڭ تەرەققىيات
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋىلايىتىمىزدە قىزغىن ئىنكاس
خوتەن قاشتېشى بۇيۇملىرى گۇگۇڭ سارىيىنىڭ يىل بېشىدىكى تۇنجى
ۋىلايىتىمىزقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش،قۇم تىزگىنلەش بويىچە نەق مەيدان
قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىنى يېشىللىق بىلەن قاشالاش داۋاملاشماقتا
شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قىشلىق لاگېرىغا تىزىملىتىش باشلاندى
شى جىنپىڭ شىزاڭ رېكازې شەھىرىنىڭ دىڭرى ناھىيەسىدە 6.8 بال يەر
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ
چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى
分类
时事
民生
政务
教育
文化
科技
财富
体娱
健康
情感
旅行
百科
职场
楼市
企业
乐活
学术
汽车
时尚
创业
美食
幽默
美体
文摘
原创标签
时事
社会
财经
军事
教育
体育
科技
汽车
科学
房产
搞笑
综艺
明星
音乐
动漫
游戏
时尚
健康
旅游
美食
生活
摄影
宠物
职场
育儿
情感
小说
曲艺
文化
历史
三农
文学
娱乐
电影
视频
图片
新闻
宗教
电视剧
纪录片
广告创意
壁纸头像
心灵鸡汤
星座命理
教育培训
艺术文化
金融财经
健康医疗
美妆时尚
餐饮美食
母婴育儿
社会新闻
工业农业
时事政治
星座占卜
幽默笑话
独立短篇
连载作品
文化历史
科技互联网
发布位置
广东
北京
山东
江苏
河南
浙江
山西
福建
河北
上海
四川
陕西
湖南
安徽
湖北
内蒙古
江西
云南
广西
甘肃
辽宁
黑龙江
贵州
新疆
重庆
吉林
天津
海南
青海
宁夏
西藏
香港
澳门
台湾
美国
加拿大
澳大利亚
日本
新加坡
英国
西班牙
新西兰
韩国
泰国
法国
德国
意大利
缅甸
菲律宾
马来西亚
越南
荷兰
柬埔寨
俄罗斯
巴西
智利
卢森堡
芬兰
瑞典
比利时
瑞士
土耳其
斐济
挪威
朝鲜
尼日利亚
阿根廷
匈牙利
爱尔兰
印度
老挝
葡萄牙
乌克兰
印度尼西亚
哈萨克斯坦
塔吉克斯坦
希腊
南非
蒙古
奥地利
肯尼亚
加纳
丹麦
津巴布韦
埃及
坦桑尼亚
捷克
阿联酋
安哥拉