خوتەن ناھىيەسى باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش بىخەتەرلىكىگە

时事   2025-01-17 17:54   新疆  

خوتەن ناھىيەسى

باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ،

يولۇچىلارنىڭ ئۆيىگە قايتىش سەپىرىنى ئىللىقلىققا تولدۇردى

خوتەن ناھىيەلىك قاتناش - تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملىرى ئاپتوموبىللارنىڭ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدىكى يولۇچى توشۇش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى. ئىختىيارىي مۇخبىر مەمەتئېلى فوتوسى

ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار خەنلى، مەمەتئېلى) 1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، 40 كۈن داۋاملىشىدىغان 2025 - يىللىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش باشلاندى. خوتەن ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى تارماقلار باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە يول قاتناش بىخەتەرلىكى، يول يۈرۈشنىڭ راۋان بولۇشى ۋە يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشتىن غەم قىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى.

باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشنىڭ تۇنجى كۈنىدە، مۇخبىرلار خوتەن ناھىيەلىك مەركىزىي يولۇچى توشۇش بېكىتىدە يولۇچىلارنىڭ يۈك - تاقلىرىنى كۆتۈرۈپ، يۇرتىغا قايتىدىغان ئاپتوموبىل چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردى. خوتەن ناھىيەلىك قاتناش - تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملىرى نەق مەيداندا تەرتىپ ساقلاپ، ئاپتوموبىللارنىڭ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدىكى يولۇچى توشۇش بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى. خوتەن ناھىيەلىك قاتناش ـ تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى تۇرسۇنجان روزىنىياز مۇنداق دېدى: «باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، 536 نۆۋەتچى ئاپتوبۇس، 15 ئاممىۋى ئاپتوبۇس ۋە 137 تاكسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى ھەر جـەھەتتىن قاندۇردۇق. ‹ئۈچنى بېكەتكە كىرگۈزمەسلىك، ئالتىنى بېكەتتىن چىقارماسلىق› بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، يولۇچى توشۇش بېكىتىدىكى باشقۇرغۇچى خادىملار ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش خادىملىرىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتتۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قانۇنسىز تىجارەت قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ يولۇچى توشۇش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ يول يۈرۈش، چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قاتارلىق قىلمىشلارنى قاتتىق تۈزەپ، كۆپ خىل تەدبىرنى قوللىنىپ، كەڭ يولۇچىلارنىڭ باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە بىخەتەر، ئازادە سەپەرگە چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق».

خوتەن ناھىيەلىك مەركىزىي يولۇچى توشۇش بېكىتى بىر قاتار مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدىكى يولۇچى توشۇش خىزمىتىنى ئەلالاشتۇردى. خوتەن ناھىيەلىك مەركىزىي يولۇچى توشۇش بېكىتىنىڭ خىزمەتچىسى مۇنەۋۋەر مىجىت مۇنداق دېدى: «باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش يولۇچىلار ئېقىمى يۇقىرى پەللىسىدە قاتناشنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بېكەت ئىچىدىكى كاپالەت، مۇلازىمەت سالمىقىنى زورايتىپ، نەق مەيداندا يېتەكلەش، مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن كەڭ يولۇچىلارنى بىخەتەر، تەرتىپلىك سەپەرگە چىقىش مۇھىتى بىلەن تەمىنلىدۇق».

(تەرجىمە قىلغۇچى: مەرۋايىت مەمەتئابدۇللا)


مەنبە: خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەنۋەر ئابلىمىت
举报电话: 18899276002
举报邮箱: 615838983@qq.com

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章