ۋىلايىتىمىز جىددىي ماددىي ئەشيا توپلاپ، يەر تەۋرەش ئاپىتى

时事   2025-01-13 18:18   新疆  

ۋىلايىتىمىز جىددىي ماددىي ئەشيا توپلاپ، يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونغا ياردەم بەردى

سۈرەتتە: 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى كەچتە، پىدائىيلار ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى تۈرگە ئايرىپ ئاپتوموبىلغا قاچىلىماقتا. ۋىلايـەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مۇخبىرى ئابلىكىم فوتوسى

ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ خـەۋىرى (مۇخبىر ئابلىكىم) بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ ياردەم بېرىدۇ. شىزاڭ رېكازې شەھىرىنىڭ دىڭرى ناھىيەسىدە 6.8 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ۋىلايىتىمىزنىڭ ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لىرىدىكى تارماقلار تېزلىكتە ھەرىكەتكە كېلىپ، يېمەكلىك، پاختىلىق چېدىر، يوتقان - كۆرپە قاتارلىق تۈرلۈك جىددىي ئېھتىياجلىق ماددىي ئەشيالارنى پائال توپلاپ، 1 - ئاينىڭ  9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونغا جىددىي ئەۋەتتى.

1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى كەچتە، ھاۋا قاتتىق سوغۇق بولسىمۇ، لېكىن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ئاپتوموبىلغا قاچىلاش نەق مەيدانى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى، يىغىلغان گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، پاختىلىق چېدىر، يوتقان - كۆرپە، پاختىلىق كىيىم، ئىسسىنىش ئوچىقى قاتارلىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرى بۇ يەرگە ئۈزۈلمەي توشۇپ كېلىندى، پىدائىيلار ماددىي ئەشيالارنى تۈرگە ئايرىپ ئاپتوموبىلغا قاچىلاپ، ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلدى.

ۋىلايەتلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئـەزاسى، مـۇئـاۋىن ئىدارە باشلىقى ساڭ شياۋپىڭ مۇنداق دېدى: «يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ۋىلايىتىمىز دەرھال رىكازې شەھىرى دىڭرى ناھىيەسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ماددىي ئەشيا ئېھتىياجىنى ئىگىلىدى ھەمدە پۈتۈن ۋىلايەتتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە جـەمئىيەتتىكى ھـەر ساھەنى بەس - بەستە ماددىي ئەشيا ئىئانە قىلىپ، مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈشكە چاقىردى. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئاستىدا، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما چوقۇم قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ».

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم ۋىلايىتىمىز ئىئانە قىلغان ماددىي بۇيۇملار 78.865 توننا گۈرۈچ، 152.225 توننا ئۇن، 11.073 توننا يېمەكلىك يېغى، 12 كىۋادرات مېتىرلىق پاختىلىق چېدىردىن 200 دانە، 1000 دانە پاختىلىق كۆرپە، 1200 دانە پاختىلىق يوتقان، 1430 دانە پاختىلىق چاپان، 200 دانە پاختىلىق ئىشتان، 200 جۈپ پاختىلىق ئاياغ، 1250 قـۇر كىيىم - كېچەكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرى بېسىلغان يۈك ئاپتوموبىلى خوتەن شەھىرىدىن ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا قاراپ يولغا چىققان.

يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى ئابدۇراخمان تۇرسۇن مۇنداق دېدى: «بىز ئاپتوموبىلنى بىخەتەر ھەيدەپ، ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ئاپەت رايونىدىكى قېرىنداشلارنىڭ قولىغا يەتكۈزىمىز. بۇ قېتىمقى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى توپلاش ھەرىكىتى خوتەن خەلقىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى ئامما بىلەن قەلبداش، ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇشتەك روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى. ۋىلايىتىمىز ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوننىڭ ئەھۋالىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ، كېيىنكى ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى ئاممىنىڭ ماكانىنى بالدۇرراق قايتا قۇرۇشىغا كۈچ قوشىدۇ».

(تەرجىمە قىلغۇچى: گۈلباھار مەتتۇرسۇن)


مەنبە: خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەنۋەر ئابلىمىت
举报电话: 18899276002
举报邮箱: 615838983@qq.com

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章