ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئىشلارنىڭ تەرەققىيات

时事   2025-01-10 23:40   新疆  

ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى مەنزىل ئاچايلى

− ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 13 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا

□شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

يېڭى بىر يىل باشلىنىپ، ھەممە يېڭى تۈسكە كىردى. ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 13 - ئومۇمىي يىغىنىدا دىققەت يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، بۇ يىللىق شىنجاڭ خىزمىتىدىكى بىر قاتار نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىز ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇمىزنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى تىرىشىپ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى مەنزىل ئېچىشىمىز كېرەك.

جاسارەت بىلەن ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى مەنزىل ئېچىشتا، جەزمەن ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، قاراشنى ئۆزگەرتىش كېرەك. ئەمەلىيەت تەرەققىياتىنىڭ مەڭگۈ چېكى بولمايدۇ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇشنىڭ مەڭگۈ چېكى بولمايدۇ. بۇ يىل «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، شۇنداقلا «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تۈزۈلۈپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىدىغان يىل، ئىسلاھاتنى تۇتۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسى مۈشكۈل، ئېغىر. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تەلەپ، يېڭى پۇرسەت، يېڭى خىرىس ئالدىدا، مەيلى ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش بولسۇن ياكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش بولسۇن، جەزمەن قاتمال ئىدىيەنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئومۇمىي يىغىندا ئايدىڭلاشتۇرۇلغان تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، دادىللىق بىلەن كونا قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، كۆز قاراشتىكى ئاسارەتلەر ۋە تەپەككۇردىكى توسالغۇلارنى ئۈزلۈكسىز تۈگىتىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى ۋە چارىسى ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇپ، دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، دادىل سىناق قىلىپ، ئىش قىلىشقا، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ «يىرىك پىلان خەرىتىسى» «يول خەرىتىسى»نى «قۇرۇلۇش خەرىتىسى» «ئەمەلىي مەنزىرە خەرىتىسى»گە ئايلاندۇرۇش كېرەك. خىزمەتلەرنى تەتقىق قىلىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ياخشى ماھارەت، ھەقىقىي قابىلىيەتنى سىجىل تاۋلاپ، مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش، تەھلىل قىلىشنى كۈندىلىك ئادەتكە ۋە زۆرۈر ساپاغا ئايلاندۇرۇپ، ئىجتىھات بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئويلاشقا ماھىر بولۇپ، ئىلمىي ھۆكۈم قىلىش ئاساسىدا، مەسىلىنى ھەل قىلىش پىكىر يولى ۋە ئەسقاتىدىغان چارىلەرنى تېپىپ چىقىپ، ئايدىڭلاشتۇرغان ھامان چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، قانچىلىك كۆپ ئىشلىگىلى بولسا شۇنچىلىك كۆپ ئىشلەش كېرەك.

جاسارەت بىلەن ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى مەنزىل ئېچىشتا، جەزمەن قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش كېرەك. ئىدىيەدە ئازاد بولغاندىلا ئاندىن دەۋرنى ئىگىلىگىلى، دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلغىلى، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىگەندىلا ئاندىن پۇرسەتنى ئاۋۋال تۇتقىلى، كەلگۈسىنى ياراتقىلى بولىدۇ. مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئەۋزەل بايلىقلارنى ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش جەھەتتە كۈچەپ بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، خىزمەت ئىقتىدارى ۋە ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە بېسىمنى ئاشۇرۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى، تېخىمۇ چوڭ قەدەم ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەسىلە ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەرەققىيات ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان توسۇق نۇقتا مەسىلىلىرى، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى، خەلق تۇرمۇشى جەھەتتىكى قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرى، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەر، ھەرقايسى ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەر مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. خەلققە بەخت يارىتىش سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يۇقىرىنىڭكىنىلا ئاساس قىلىپ ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلماسلىق، ئالدىراقسانلىق قىلىپ كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ كېتىش، بۈگۈننى ئويلاپ ئەتىنى ئۇنتۇپ قېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قەتئىي توسۇپ، يۇقىرىدىكىلەرگە ئىپادە بىلدۈرۈشكە بېرىلىپ كېتىدىغان، تۆۋەندىكىلەرگە مەسئۇل بولمايدىغان، ئەمەلىي ئۈنۈمنى ئويلاشمايدىغان شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈزىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىش، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلەشتەك يېڭى ئىستىل، توغرا كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

ھەقىقەت يولى ئاددىي بولىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش ھەممىدىن مۇھىم؛ نىشان ئېنىق، مۇھىمى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە. بىز «دائىم غېمىدە بولۇش»تەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىز ۋە «ھەممە ئىشتا كۆڭلىمىزدە سان بولۇش»تەك ھەرىكەت ئىقتىدارىمىزنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ياخشى ھەرىكەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن، ياخشى ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلىرىدىن بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 13 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چۆرىدەپ، ئىشلار ۋە خىزمەتلەرنى ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ پىلانلاپ، ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.


مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەنۋەر ئابلىمىت
举报电话: 18899276002
举报邮箱: 615838983@qq.com



和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章