شى جىنپىڭ ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى كوستا بىلەن تېلېفونلاشتى

时事   2025-01-16 19:02   新疆  

شى جىنپىڭ ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى كوستا بىلەن تېلېفونلاشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى 1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كېلىشكىنى بويىچە ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى كوستا بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ كوستانىڭ ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلىدى، ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى بولۇپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان مۇھىم تۈگۈن. جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى شۇنى ئېنىق كۆرسەتتىكى، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، سەمىمىي سۆھبەتلەشسىلا، ھەمكارلىققا تۈرتكە بولغىلى، چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ. بىر نىيەت - بىر مەقسەتتە بولسا ھەمراھ بولالايدۇ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قالسىمۇ ھەمراھ بولالايدۇ. مۇھىمى ھەرقايسىسىنىڭ ئۆز خەلقى تاللىغان جەمئىيەت تۈزۈمى ۋە تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىش، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم ئىشلىرىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر ياۋروپانى كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيادىكى مۇھىم بىر قۇتۇپ دەپ قاراپ، ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىشى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، ئۇنىڭدىن مۇھىم ئىلھام ئېلىپ، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى ئورتاق ياخشى قوغداپ، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشى، ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا خەلقىگە تېخىمۇ زور بەخت - سائادەت ئېلىپ كېلىشى، داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەتكە تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق قوشۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ تۈپ پايدا - زىيان توقۇنۇشى يوق، شۇنداقلا جۇغراپىيەلىك سىياسىي زىددىيىتىمۇ يوق، ئۇلار بىر - بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدىغان ھەمراھلار. 50 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتى ھەرقايسىسىنىڭ ئۆز تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپلا قالماي، يەنە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. خەلقئارا ۋەزىيەت قانچە كەسكىن، مۇرەككەپ بولغانسېرى، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىكى ئەسلىي مەقسەتتە شۇنچە چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورۇن بېكىتمىسىدە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئىشەنچى بار، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ جۇڭگونىڭ ئىشىنىشكە بولىدىغان ھەمكارلىق ھەمراھى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىدا ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدۇ، ئىككىلا تەرەپ كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇپ، كۈچلۈك بولغان ئىقتىسادىي جەھەتتە بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈردى. جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو - ياۋروپا ھەمكارلىقىغا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئۆزئارا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ھازىرقى ھەمكارلىق مېخانىزمىنى مۇستەھكەملەپ، ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يارىتىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە خادىملار ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا خەلق ئاممىسىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىشىغا ئىلھام بېرىپ، يەرلىكنىڭ ئالاقىلىشىشى ۋە مائارىپ ھەمكارلىقىنى قوللاپ، جۇڭگو - ياۋروپا دوستلۇقىنىڭ خەلق رايى ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك.

كوستا مۇنداق بىلدۈردى: 2025 - يىلى ياۋروپا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم يىل. ياۋروپا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى ئورتاق تەبرىكلەپ، سۆھبەتلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، ياۋروپا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات ئىستىقبالىنى يارىتىشنى خالايدۇ. ياۋروپا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ئىقتىساد - سودا ئىختىلاپىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشنى خالايدۇ. ياۋروپا بىلەن جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتىگە ھۆرمەت قىلىدۇ، كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرىدۇ، ئەركىن سودىنى قوغدايدۇ، لاگېرلار قارشىلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ، ئىككى تەرەپ رىقابەتلەشمەي ھەمكارلىشىشى كېرەك. ھازىرقى دەۋر خىرىسقا تولغان، دۇنيا ياۋروپا بىلەن جۇڭگونىڭ تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىشىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق يەرشارىۋى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن بىرلىكتە پائال تۆھپە قوشۇشىغا موھتاج.

ئىككى تەرەپ يەنە ئۇكرائىنا قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا كۆز قاراشلىرىنى ئالماشتۇردى، شى جىنپىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ ياراشتۇرۇش ۋە سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى پىرىنسىپال مەيدانىنى بايان قىلدى.


مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەنۋەر ئابلىمىت
举报电话: 18899276002
举报邮箱: 615838983@qq.com

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章