قۇرۇق ئۈزۈم ياخشى سېتىلىپ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقاتۈرتكە

时事   2025-01-13 18:18   新疆  

قۇرۇق ئۈزۈم ياخشى سېتىلىپ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇندى

ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ھەبىبە) يېقىندا، قاراقاش ناھىيە كاۋاك يېزىسىدىكى خوتەن شاموچېڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى چەكلىك شىركىتىدە ئىشچىلار قۇرۇق ئۈزۈمنى ئاپتوموبىلغا قاچىلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى، قۇرۇق ئۈزۈملەر ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە يەتكۈزۈلۈپ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش، ئوراش، قاچىلاش ئارقىلىق مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئۈزۈمچىلىك كەسپىنىڭ كۆلەملىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن كارخانا ۋىلايىتىمىزگە ماكانلىشىپ، قۇرۇق ئۈزۈمنى ئۆز جايىدا پىششىقلاپ ئىشلىدى. خوتەن شاموچېڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى چەكلىك شىركىتى 2019 - يىلى قۇرۇلغان بـولۇپ، قۇرۇق ئۈزۈم سېتىۋېلىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقاردى.

قۇرۇق ئۈزۈم پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئەتراپتىكى ئاممىنىڭ قۇرۇق ئۈزۈم سېتىش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە ئەتراپتىكى ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى. كاۋاك يېزىسىدىكى دېھقان ئوبۇل مەمتىمىن تۆت مو يەردە ئۈزۈم تېلى ئۆستۈرگەن بولۇپ، ئۇ ئۈزۈملىرىنى ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتقاندىن كېيىن، ھەممىسىنى خوتەن شاموچېڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى چەكلىك شىركىتىگە سېتىپ بەردى. ئوبۇل مەمتىمىن شىركەتنىڭ ئىشچى قوبۇل قىلىش خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئاكتىپلىق بىلەن تىزىملىتىپ، شىركەتتە مـۇقىم ئىشقا ئـورۇنلاشتى. ئـۇ ئۈزۈمچىلىك كەسپىگە تـايىنىپ، ئىككى كىشىلىك كىرىم قىلدى.

كاۋاك يېزىسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىگە جايلاشقان بولۇپ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى ئاز، كىلىماتى قۇرغاق، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ. يېزا بۇ ئۆزگىچە كىلىمات شارائىتىغا تايىنىپ، ئۈزۈمنى ئاساس قىلغان باغ - ئورمانچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى. بۇ يىل كاۋاك يېزىسىنىڭ ئۈزۈم تېلى ئۆستۈرۈش كۆلىمى 22 مىڭ موغا يەتتى، خېتيەنخۇڭ، لەنباۋشى، خېيجيالۈن قاتارلىق ئون خىل ئۈزۈم سورتى ئۆستۈرۈلدى. ئۈزۈم تېلى ئۆستۈرگەن ئائىلە 3120گە يېتىپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

(تـەرجىمە قىلغۇچى: مـەرۋايىت مەمەتئابدۇللا)


مەنبە: خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەنۋەر ئابلىمىت
举报电话: 18899276002
举报邮箱: 615838983@qq.com

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章