يىلان ئېلېمېنتى سىڭدۈرۈلگەن بېزەكلەر خوتەن شەھىرىنىڭ كوچىلىرىنى

时事   2025-01-14 18:51   新疆  

«يىلان ئېلېمېنتى» سىڭدۈرۈلگەن بېزەكلەر خوتەن شەھىرىنىڭ كوچىلىرىنى گۈزەللەشتۈردى

سۈرەتتە: 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، خىزمەتچى خادىم يول بويىدىكى دەرەخ شاخلىرىغا پانۇس ئاسماقتا. ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مۇخبىرى گۆھەرنىسا فوتوسى

ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ خەۋىرى (مۇخبىرلار گۆھەرنىسا، ئابدۇمىجىت) باھار بايرىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، خوتەن شەھىرىنىڭ چوڭ - كىچىك كوچىلىرى چىرايلىق بېزىلىپ ئىللىق تۈسكە كىردى، ھەممە جاي قويۇق بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى.

1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، مۇخبىرلار خوتەن شەھىرىدىكى شىمالىي تاناي يولىدا شەھەر قۇرۇلۇشى تارماقلىرىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ يول بويىدىكى دەل - دەرەخلەرگە قىپقىزىل پانۇس ئېسىش بىلەن ئالدىراش ئىكەنلىكىنى كۆردى، بۇ پانۇسلار گۈزەل مەنزىرە شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان بـاھار بايرىمىغا قويۇق خۇشال - خۇراملىق كەيپىياتى قوشقانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە خـوتەن شەھىرىدىكى كوئېنلۇن يولى، ئۈرۈمچى يولى قاتارلىق يول بۆلەكلىرىگە پانۇس ئېسىلىپ بولۇنغان، شىمالىي تاناي يولى، مەرھابا يولى قاتارلىق يول بۆلەكلىرىنى بېزەش جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، يول بېزەش خىزمىتى ئـۈچ، تۆت كۈندە پۈتۈنلەي تاماملىنىدىكەن.

خوتەن شەھەرلىك شەھەر قۇرۇلۇشى تارماقلىرى خىزمەتچى خادىملارنى تەشكىللەپ ئاساسلىق غول يوللاردىن باشقا يەنە ئىتتىپاق مەيدانى، شەھەر رايونىدىكى ھەرقايسى «كىچىك باغچا»، تۆت كوچا ئېغىزى قاتارلىق جايلاردا باھار بايرىمىلىق يورۇتۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

خوتەن شەھەرلىك باغ - ئورمان كۆكەرتىش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مەنزىرە لايىھەلىگۈچىسى ئەلى مەمەت مۇنداق دېدى: «ئـۆزگىچە بايرام كەيپىياتى يارىتىش ئۈچۈن، بىز ئىتتىپاق مەيدانىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى گۈللۈكنى لايىھەلەش ئاساسىي تېمىسىغا يىلان ئامىلىنى سىڭدۈردۇق، گۈللۈكتىكى بۇ يىلانسىمان يولنىڭ لايىھە ئىلھامى دەل مۇشۇنىڭدىن كەلگەن. شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا قويۇق بايرام كەيپىياتىنى ھېس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

ئىگىلىنىشىچە، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بايرام كەيپىياتىنى ئالدىن ھېس قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خوتەن شەھەرلىك شەھەر قۇرۇلۇشى تارمىقى 2024 - يىلى 12 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئالاقىدار خىزمەتلەرگە تەييارلىق قىلىشنى باشلىغان. پۈتۈن شەھەردىكى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ماس كېلىدىغان رايونلارنى ئومۇميۈزلۈك ئىستاتىستىكا قىلىپ ۋە پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسىنى بېكىتىپ، ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تەييارلاپ، قـۇرۇلۇش قوشۇنىنى تەشكىللىگەنىكەن.

(تـەرجىمە قىلغۇچى: مـەرۋايىت مەمەتئابدۇللا)


مەنبە: خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەنۋەر ئابلىمىت
举报电话: 18899276002
举报邮箱: 615838983@qq.com


和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章