كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
51-قىسىم
51-قىسىم
كىشىلىك ھايات
مۇنىرەنىڭ يېقىندىن بۇيان تەلىيى كېلىۋاتقاندەك قىلاتتى، ئەمەتنىڭ قەغەز گۈل زەربىسى يوقاپ، ئاپىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشىلاندى، غۇنچەممۇ بارا-بارا مۇستەقىل خىزمەت قىلالايدىغان بولدى، نادىر ئەپەندىنىڭ گۈللىرىمۇ ياخشى بېقىلىۋاتىدۇ، ھەر كۈنى ئەتىگەندە يەنە نادىر ئەپەندى ئۆز قولى بىلەن ئەتكەن مەززىلىك ناشتىلىققا ئېغىز تېگىۋاتىدۇ...
كىشىلىك ھاياتى تولۇق مەناسىغا تولدى.
مۇنىرە قەدىمىنى توختىتىپ، كېيىنكى سېكۇنتتا بىئارام بولۇپ قورسىقىنى تۇتۇۋېلىپ، ئازراق ياندۇرغۇسى كەلدى.
نادىر تەخمىنەن ئۈچ مىنۇتنىڭ ئالدىدا كوچىنىڭ ئۇدۇلىدا تۇرغان مۇنىرەنى تونۇپ قېلىپ، كوچىدىن ئۆتۈشكە ئازراق ۋاقىت كەتتى، يېقىنلاپ كەلگەندە مۇنىرەنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن ھالدا قولىنى ئاشقازىنىغا قويۇۋالغانلىقىنى، بىر ئەخلەت تۇڭىنىڭ يېنىدا ئىڭىشىۋالغانلىقىنى كۆردى.
نادىر قاپىقىنى تۈرۈپ، ئىتتىك مېڭىپ بېرىپ ئۇنىڭ مۈرىسىگە يېنىك ئۇرۇپ:
- مۇنىرە، سىز... - دېدى.
مۇنىرە ئالدىراپ-تېنەپ ئۇنىڭغا قاراپ، نادىر دەپ بولغۇچە ھۆ تۇتۇپ كەتتى.
كېيىنكى سېكۇنتتا، بىر خىل ئاچچىق سېسىق پۇراق ئەتراپنى بىر ئالدى، گەرچە نادىر ئۆزىنى چاققانلىق بىلەن چەتكە ئالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ بىچارە قولى يەنىلا مۇنىرەنىڭ مۈرىسىدە تۇرسا، قانداقمۇ پۈتۈنلەي چەتكە ئالالايتتى. تۈپتۈز دەزماللانغان يېڭى مەينەت بولۇپ كەتتى.ھېلىمۇ ياخشى ئەخلەت تۇڭى باركەن. بولمىسا ئەتراپمۇ مەينەت بولغان بولاتتى. شۇڭلاشقىمۇ يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالمىدى.
ئەلۋەتتە يەنىلا بېشىنى ئەڭ كۆتۈرەلمەي قالغان ئادەم مۇنىرەنىڭ ئۆزى.
مۇنىرە ئۆزىنىڭ نېمىشقا بۇنچە كۆپ يېگەنلىكىنى چۈشەنمەي، يەردە يېرىم زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ قاتتىق ئازابلاندى، ئوڭايسىزلاندى. دائىملا نادىرنىڭ ئالدىدا ئەڭ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ دېسە .....
نادىرنىڭ كۆڭلى ئېلىشىپ كەتتى، ئۇ ئۈچ قېتىم كۆزىنى يۇمۇپ، بىئاراملىق تۇيغۇسىنى بېسىۋېلىپ، كۆتۈرۈۋالغان سولياۋ خالتىدىن بىر بوتۇلكا مىنېرال سۇنى چىقىرىپ، بوتۇلكىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ، ئۇنىڭغا سۇنۇپ:
- قورسىقىڭىزغا بىر كالىنىڭ گۆشىنى تىقتىڭىزمۇ؟- دېدى.
مۇنىرە قىزىرىپ قالغان كۆزلىرى بىلەن سۇنى ئېلىپ، يېرىم بوتۇلكا سۇ بىلەن ئاغزىدىكى غەيرىي پۇراقنى يوقىتىپ، ـ ۋەدە بېرەي، بىر تال كالا پاچىقىنىمۇ يېمىدىم ... - دېدى.
نادىر كالىنىڭ پۇتىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئويلاپ، يەنە مۇنىرەنىڭ كىچىككىنە چۇغىغا قاراپ، ئاندىن ئۆزىنىڭ پۇتىغا قارىدى. بىر تىپىك بىلەن ئۇچۇرۋەتكۈسى كەلدى.
- نادىر ئەپەندى، سىز بۇ يەردە نېمە قىلىسىز؟ - دەپ سورىدى مۇنىرە .
ئۇخېلى كۆپ قىيلىنىشقا بەرداشلىق بېرىپ، ناھايىتى ئاڭلىق ھالدا سومكىسىدىن ھۆل قەغەزنى ئېلىپ، يەنە ئۆزى ئېغىزىنى چايقاپ ئېشىپ قالغان يېرىم بوتۇلكا سۇ بىلەن نادىرنىڭ مەينەت بولۇپ كەتكەن يىڭىنى سۈرتمەكچى بولدى.
قولى ھۆل بولغاندىن كېيىن، نادىر قاپىقىنى تۈرۈپ، بېشىنى بۇراپ قاراپمۇ قويماي:
- ئەتراپقا قاراڭ، تونۇش كۆرۈندىمۇ؟ - دېدى.
ئۇ ئەسلىدە ئاشخانىدا ئىشلىتىدىغان سولياۋ ياپقۇچ، يەنە سۇ سېتىۋالماقچى بولغان، قورسىقى ئېتىلىپ كەتكۈچە يېگەن بىرەرسىنىڭ قۇسۇۋېتىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.
مۇنىرە ئەتراپقا قاراپ قويۇپ، سول تەرەپتىكى دوقمۇشنىڭ ئۈستىدىكى يوغان ئېلان تاختىسىنى كۆرۈپ ئېسىگە كېلىپ:
- توغرا، سىز مۇشۇ يەردە تۇرىسىز ھە. - ئىلگىرى دەريا ساھىلى كاۋاپخانىسى بىلەن نادىرنىڭ ئۆيىنىڭ شۇنچە يېقىن، ئىككى كوچا بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدىغانلىقىغا دىققەت قىلمىغانىدى.
ئۇ قولىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، سۈرتۈپ بولۇپ، ئورنىدىن تۇرۇپ ئوڭايسىزلانغان ھالدا كۈلۈپ تۇرۇپ:
- ھى... ھى... سەت بولدى. - دېدى. دەپ بولۇپ يەنە قۇستى. ئارقىدىن ئاشقازنى قاتتىق ئاغرىپ كەتتى.
بىچارە نادىرنى نەس باستى دېسە بولىدۇ، ئۇ مۇنىرەنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ يەنە سۇدىن ئېلىپ ئۇنىڭ ئاغزىنى چايقىشىغا ياردەملەشتى. ئارقىدىن ئۇنى يۆتىلەپ يولنىڭ قارشىسىغا ئۆتكۈزۈپ يول بويىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ ئۆزى دورا دۇكنىغا كىرىپ دورا ئەپ چىقتى . يەنە تېخى ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى.
ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئالاھىدە تاپىلاپ << ئالدىرىماي مېڭىڭ.، يولغا ئوبدان قاراپ، ئاندىن مېڭىڭ. دورا يېيىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ]
دەپ ئۇزىتىپ قويدى.
نادىرغۇ ياخشى قىلدى. بىراق ئۇنىڭ ياخشى قىلمىشى سەۋەبلىك مۇنىرە بىر كېچە ئۇخلىيالمىدى.
مۇنىرە يوتقاننى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۆرۈلۈپ، قولىنى ئاشقازىنىغا قويۇپ باستى، ئۇزاق ئۆتمەي يەنە ئۇۋۇلىدى، يەنە بىردەمدىن كېيىن ئۆرۈلگەندە، بېشى ۋە بىلىكى يوتقاننىڭ سىرتىغا چىقىپ قالدى.
بىر سائەتتەك قىينىلىپ، يەنە قولىنى سوزۇپ، ئاي نۇرىدا قولىغا سەپسالدى.
[مۇنىرە. ئالدىرىماڭ، يولغا ئوبدان قاراپ، ئاندىن مېڭىڭ]
ئۇيقۇسى كەلمىگەن مۇنىرە كارىۋاتتىن چۈشۈپ، بەدىنى تولغاپ تۈكلۈك قۇرىتقىلا ئوخشاپ قالدى.
گەپ قىلسا قىلمامدۇ، نېمىشقا بۇنداق كۆڭۈل بۆلۈپ كېتىدۇ! بۇنداق دېسە يولغا قانداق قارايدۇ؟ قانداق ئۇخلايدۇ!
ھەي، ساراڭ قىلىپلا قويدىغۇ!
ئاي بىلەن كۈن ئالمىشىپ، يەنە بىر خىزمەت كۈنى باشلاندى.
مۇنىرە ئىككى قەۋەت سۈرگەن مايمۇ توسۇۋالالمىغان مۈشۈكئېيىقنىڭكىدەك بولۇپ كەتكەن كۆزىنى تەستە ئېچىپ، پۇتىنى ئاران سۆرەپ ئىشخانىغا كىرىپ، ئاينۇرنى چۆچۈتۈۋەتتى.
- گۈزىلىم، نېمىگە بۇنداق ئازابلىنىپ كەتتىڭىز؟ ! - دەپ سورىدى.
مۇنىرە ھارغىن ھالەتتە ئورنىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ، كومپيۇتېرنىڭ باش ئاپپاراتىنى بېسىپ قوزغاتتى ۋە ناھايىتى ئاستا نەپەس ئېلىپ:
- كېچىدە تۈزۈك ئۇخلىيالمىدىم، - دېدى.
- بەك تويۇنۇپ يىگەنلىكىڭىز ئۈچۈنمۇ؟ - دەپ سورىدى ئاينۇر.
- ئۇنداق ئەمەس. ـ دېدى مۇنىرە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئۈستەلنىڭ ئۈستىنى سۈرتكەچ، خۇددى ئۇستىخىنى يوقتەك پۇلاڭلاپ، ـ بىر نەرسىنى كۆپ ئويلاپ، ئۇخلىيالمىدىم. ھەيي، مەنمۇ مۇشۇ ياشقا كىرىپ قالغان تۇرسام، پات-پات چېچىلىپ قېلىشىمنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ، - دېدى.
ئاينۇر ئۇنىڭ چېچىنى سىلاپ تۇرۇپ:
- ئوماق قىز، بولدى قىلىڭ، - دېدى.
مۇنىرە خۇرسىنىپ قويۇپ:
- ھەيي، مەن نېمىشقا دائىم يۇقىرىغا قارىۋالىمەن؟ ئەجەبا مېنىڭ ئىككىنچى جۈپ كۆزۈم راستتىنلا بېشىمنىڭ ئۈستىدىمىدۇ؟ - دېدى.
- نېمە دەۋاتىسىز؟ نېمە ئۇ ھەمىشە يۇقىرىغا قارىۋالىمەن دېگەن. ئادەم ئېگىزگە قاراپ ماڭىدۇ، يۇقىرىراق تەلەپ قىلسىڭىز نېمە بوپتۇ؟ - دېدى ئاينۇر ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ، - ئىشقىلىپ تاللاش ھوقۇقى ئۆزىڭىزدە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېسسىيات ئىشىغا ھەركىم ھېچنېمە دېيەلمەيدۇ، خۇددى ماڭا ئوخشاش، مەن ئىلگىرى ھەم ئېگىز، ھەم كېلىشكەن، ھەم ماڭا كۆيۈنىدىغان بىرسىنى تاپىمەن دەيتتىم، ئاخىرىدا 30 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىنلا قورساق سېلىپ كەتكەن، يەنە كېلىپ پىياز يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان بىرەيلەننى تېپىپ توي قىلىپ قالدىمغۇ، - دېدى.
مۇنىرە چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ :
- بۇنداق گەپلەرنى قىلغان چېغىڭىزدا بىزار بولغان چىراي ئىپادىڭىزنى جايىدا كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، بۇنداق كۈلۈپ كەتمىسىڭىز رەھمەت ئېيتقان بولاتتىم، - دېدى.
ئاينۇر كۈلۈپ تۇرۇپ دۈمبىسىگە بىرنى ئۇرۇپ:
- ئۆچ بولدۇم~ - دېدى.
بۇ دۇنيا بويتاقلارغا راستتىنلا ھاياتلىق يولى بەرمەمدۇ؟!
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar