تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت 45-قىسىم_ خاتالىقنى تۈزىتىش

文摘   小说   2024-12-19 13:59   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  







دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ





ئەپچىدە ئاۋازلىق 90-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓





مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736

44434241


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

45-قىسىم

   



 


45 – قىسىم   خاتالىقنى تۈزىتىش


ئاينۇر كۈلۈپ تۇرۇپ:

   -  تولا مومكىن بولمايدىغان گەپنى قىلمىسىڭىزچۇ. گەپنى ئېلىپ قېچىۋاتامسىز - دېدى. 

مۇنىرە ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ:

   -  بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە مېنىڭ ئۆز ئاتا-ئانام تۈنۈگۈن مېنى ئالغىنى كەلدى. - دېدى .

  -  ئېغىز گەپ قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ، ئەخلەت چېچىشقا ئەمەس؟  - دېدى ئاينۇر.

مۇنىرە خورسىنغان ھالدا:

  -  بولىدۇ، چاقچاق قىلماي، بۇ ماشىنىنى  تۈنۈگۈن ئاخشام ئىجارىگە ئالغان، بەك كەچ بولۇپ كەتكەچكە ئاپىرىپ بېرەلمىدىم. - دېدى.

ئاينۇر سەل گۇمانلىنىپ:

   -  نېمە؟  - دېدى.

- ھەي، تۈنۈگۈن يەنە لايىق تونۇشتۇرۇشقا باردىم ئەمەسمۇ، ئاڭلىسام قارشى تەرەپنىڭ پۇلى بەك كۆپ ئىكەن، ئازراق يۈزۈم بولسۇن دەپ ماشىنا ئىجارىگە ئالدىم - دېدى مۇنىرە.

  -   ئاندىن كېيىنچۇ؟ - ئاينۇر قىزىقىپ قېلىپ، - كېيىن قانداق بولدى؟   - دەپ سورىدى.

مۇنىرە قولىنى سوزۇپ، ئىلاجىسىز قىلىپ:

   -  ئۇنىڭ بۇنىڭدىن ھەشەمەتلىك ماشىنا ھەيدەپ كېلىشىنى كىم ئويلىغان دەيسىز، - دېدى.  

ئاينۇر چىرايىنى ئۆزگەرتمەي  بوينىغا قويۇلغان قولىنى چۈشۈرۈپ، تېز قەدەم بىلەن بىللە كېتىپ قالدى.  بۇ يەردە مۇنىرەنىڭ قۇرۇق گېپىنى ئاڭلاپ، قىلىدىغان ئىشىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلىدۇ!

قۇرۇق تالاش-تارتىشنىڭ نەتىجىسى شۇكى، دائىم دەل ۋاقتىدا كارتا سۈركەيدىغان ئىككىيلەن كېچىكىپ قالدى.

تېز سۈرئەتتە يۈگۈرۈپمۇ ئۈلگۈرەلمىگەن ئاينۇر سومكىسىنى قويۇپ، مەيدىسىنى تۇتۇپ ھاسىراپ كەتتى.

مۇنىرە ئۈستەلنىڭ بۇرجىكىنى تۇتۇپ، قاتتىق ھەرىكەتتىن كېيىنكى ئاۋازىنى تۇراقلاشتۇرۇپ ئۇلاپ ئۇھ دېدى.

بالدۇرلا  كەلگەن غۇنچەم گۇمان بىلەن قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، نېمە ئۈچۈندۇر بىر يەرلىرىنىڭ نورمال ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى.

خىزمەت ۋاقتىدا ئادەتتىكىگە ئوخشاش ئالدىراشچىلىق باشلاندى،  مۇنىرە ئىشخانىلار ئارىسىدا قاتىرىپ يۈرۈپ پۇت - قولى يەرگە تەگمەي قالدى، بىر دۆۋە ماتېرىياللارنى قولدىن ئۆتكۈزدى، ھەتتا كۆپ قىسىم ۋاقىتلاردا ھېچ ئىش قىلمايدىغان غۇنچەممۇ بىللە ئايلىنىپ، ئىمزا قويدۇرۇپ،  تامغا باستۇردى.

- مەڭ،   ئېلىڭ.  - دېدى مۇنىرە.

غۇنچەم قولىدىكى كەمپۈتكە قاراپ تۇرۇپ قالدى، ئۇدۇلدىكى مۇنىرە  كەمپۈتنى يىرتىپ ئاغزىغا سالدى ھەمدە قولىدىكى ئەڭ ئاخىرقى كەمپۈتنى ئاينۇرنىڭ ئالدىغا قويدى.

 - كىمنى ئالداپ تېپىپ كەلدىڭىز؟ -  دېدى ئاينۇر كەمپۈتنى ئېلىپ قارۋېتىپ ، -  لىجى تەملىككەن، - دېدى.

  -  كادىرلار بۆلۈمىدىكى  ھەدەم بەردى، - دېدى مۇنىرە. 

  -   ھە، ئوغلىغا ئالغان نەرسىدۇر ھەقىچان، - دېدى ئاينۇر.

مۇنىرە بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ:

   -  ئىشخانىسىدىكى ياش قىزچاق بالىلارنىڭ كەمپۈتنى كۆپ يېيىشى ياخشى ئادەت ئەمەس دەپتىكەن، شۇڭا بىز كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇنىڭ ئورنىدا زىيانداشنى يوقاتتۇق، - دېدى. 

ئاينۇر بېشىنى چايقىغاچ كەمپۈتنى ئاغزىغا سېلىپ:

   -  سىلەر كىچىك بالىلاردىن كەمپۈت تالاشساڭلار، ھامان بىر كۈنى جازالىنىسىلەر، - دېدى. 

غۇنچەم بۇنداق چوڭ كەمپۈتنى كۆرۈپ، ئاستا تارتمىغا سېلىپ قويدى،  ئىچىدە <  كىچىك بالىلارلا كەمپۈتنى مەڭزى تومپىيىپ چىققۇچە يەيدۇ > دەپ ئويلاپ، يېيىشنى ئويلاشمىدى.

- ھە راست، ھېلىقى ماشىنىنىڭ ئىشى زادى قانداق ئىش، بىر كېچىدىلا بىرەر باي تەرىپىدىن بېقىۋېلىندىڭىزمۇ؟ - دېدى  ئاينۇر چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ،   -  پۈتۈن بىر كۈن دەپ بەرمەي ئىچىمنى سىقتىڭىز، مۇشۇنچىلىك بولسا بولار ھە، - دېدى. 

مۇنىرە كۆزىنى چىمچىقلىتىپ :

  -  ئۇنداق بولسا مەنمۇ  لايىقىدا توختىتاي~  ئەمەلىيەتتە بۇ ماشىنا نادىر  ئەپەندىنىڭ، شەخسىي شوپۇرلۇق قىلىپ بېرىۋاتىمەن، بۇ مەزگىلدە  گۈل ئاسراش ئەلچىسى بولۇشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستۈمگە ئالغاندىن باشقا، ئۇنى ئىشقا ئاپىرىپ-ئەكىلىمەن.  - دېدى.

  -    خوجايىننىڭ نەۋرە ئىنىسىمۇ؟  - دەپ سورىدى ئاينۇر.

مۇنىرە بېشىنى لىڭشىتتى.

ئاينۇر باش بارمىقىنى چىقىرىپ، چىن كۆڭلىدىن قايىل بولۇپ:

  -  ھەممىنى قىلالايدىغان قالتىس ئىشچى، يامان ئەمەس، ياشلار  سىزگە ئوخشاش جاپا-مۇشەققەتكە چىدايدىغان بولۇشى كېرەك، - دېدى. 

ئاپىرىپ ئەكېلىشنىڭ سەۋەبىنى ئويلىغان مۇنىرەنىڭ ۋىجدانى قايناپ ئاينۇرغا  ئېنىق قىلىپ:

  -  ئازراقمۇ جاپا تارتمىدىم، نادىر  ئەپەندى ھەقىقەتەن ئاقكۆڭۈل، قابىلىيەتلىك ، دۇنيادىكى بۇسۇغۇسى ئەڭ ئېگىز ئادەم! مۇنەۋۋەرلىكىدىن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە يالغۇز ئۆتۈپ كېتىدىغان تىپتىن، -   دېدى.   

   سۆزلەپ ئاخىرىغا كەلگەندە تۇيۇقسىز ھېسداشلىققا تولغان كۆزلىرىنى كۆرگەن ئاينۇر بۇنىڭ ھەرگىزمۇ نورمال ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى.

ئىشقا چىقىشتىن بۇرۇن قىلىدىغان بىرىنچى ئىش نادىرنى ئېلىپ خىزمەتكە ئاپىرىپ قويۇش، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن قىلىدىغان بىرىنچى ئىش نادىرنىڭ ئىشتىن چۈشۈشىنى ساقلاش.

ياز كۈنلىرى كۈن ئۇزۇن، ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىت بولسىمۇ قۇياش يەنىلا ئادەمنى كۆيدۈرەتتى، مۇنىرە   لاياقەتلىك شوپۇر بولۇشقا تىرىشتى، نادىر بىنادىن چۈشكەندە دەرھال كۈنلۈك كۆتۈرۈپ ئالدىغا چىقىپ، كۈنلۈكنى  بېشىنىڭ ئۈستىگە يېپىپ، كۈن نۇرىنىڭ نادىر  ئەپەندىنىڭ نازۇك تېرىسىنى كۆيدۈرۈۋېتىشىدىن ساقلاندى.

 نادىر ئۇنىڭ پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ماڭغانلىقىغا بىر قارىۋېتىپ :

- سىزنىڭ بۇ ھەرىكىتىڭىز كۈنلۈك تۇتۇپ بەرگەندەك ئەمەس، قۇياشنى ئىتەك بىلەن ياپماقچى بولغاندەك قىلىسىز، - دېدى. 

مۇنىرە خاپا بولماي، كۈنلۈكنى يەنە بىر قېتىم  ئېگىز  كۆتۈرۈپ، تولۇپ تاشقان ئىرادە بىلەن:

   -  ئادەمنىڭ بوي ئېگىزلىكى ئاتا - ئانىسىغا باغلىق، قالغىنى جان تىكىپ تىرىشىشىغا باغلىق! - دېدى.

نادىرنىڭ ئۇنىڭ گەپدانلىق قىلىشى بىلەن كارى بولماي، كېيىنكى سېكۇنتتا  قولىدىكى كۈنلۈكنى ئېلىۋېلىپ:

  -  كېلەر قېتىم جان تىكىپ تىرىشىڭ، - دېدى. 

مۇنىرە پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسىسىمۇ، بويى نادىرنىڭ قۇلىقىدىن ئاشمايتتى، ياتىقىغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن تارتمىسىدىكى ساپاقلىق كەمپۈتنى پارچىلاپ سۇندۇرۇپ تاشلاشنى قارار قىلدى.

قاراپ تۇرۇپ  بويى پاكارلارنى كەمسىتكىنى ئەمەسمۇ.

مۇنىرە ماشىنىغا چىققاندىن كېيىن، كەينىگە داجىپ، يېنىغا قاراپ قويدى، ئولتۇرسا ئانچە ئېگىز كۆرۈنمەيدىكەنغۇ...   دېگەنلەرنى ئويلاپ، چىراي ئىپادىسى بۇرۇنقىدىن ياخشى بولۇپ قالدى.

پىسخىكا ساپاسىنى يەنىلا لاياقەتلىك دېيىشكە بولىدۇ.

يان تېلېفون جىرىڭلاشقا باشلىدى، مۇنىرە قوشۇمىسىنى تۈرۈپ،  سالاپىتى بىلەن ئانچە كارى بولماي، بىر قولىنى بوشىتىپ سومكىنىڭ سىيرىتمىسىنى ئېچىپ،توختىماي سايرىغان يان تېلېفوننى چىقارماقچى بولدى.

 قالماشمىغان... نادىر ئۈن-تىنسىز ئۇھ تارتىپ، سومكىنى تارتىپ ئېلىپ، تېلېفوننى چىقىرىپ قۇلىقىغا يېقىن ئاپاردى.

مۇنىرە ئاپئاق چىشىنى چىقىرىپ رەھمەت ئېيتىشقا ئۈلگۈرمەيلا، تېلېفوندىكى جىددىي ئاۋاز   دىققىتىنى تارتتى.

  -  مۇنىرە! دەرھال خەلق دوختۇرخانىسىغا كېلىڭ، ئاپىڭىزنىڭ يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ قالدى...  

كېيىن دېيىلگەن گەپلەرنى مۇنىرە تازا ئېنىق ئاڭلىيالماي قالدى، ئالدىنقى  سېكۇنتتا كۈلۈپ تۇرغان  چىراي ئىپادىسىنىمۇ يوقاپ، قېتىپ قالدى.

 دادىسىنىڭ جىددىي ئاۋازىغا شېۋە قىستۇرۇلغان بولۇپ، نادىر ئېنىق ئاڭلىيالمىدى ھەم چۈشەنمىدى، پەقەت مۇنىرەنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەن چىراي ئىپادىسىنى كۆرۈپ، ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى ھېس قىلدى.

-  ھازىرلا بارىمەن، - دېدى مۇنىرە.  رولنى قاتتىق تۇتۇپ، كۆزلىرى قىزىرىپ،   - ماشىنا ھەيدەۋاتىمەن، قويۇۋەتتىم. - دېدى.

گېپىنى تۈگىتىشىگە نادىر ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ تېلېفوننى قويۇپ، سومكىسىغا سېلىپ قويدى.

- نادىر ئەپەندى، ئاپام ئاغرىپ قاپتۇ،  سىزنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويالمايدىغان بولدۇم،   ئاۋۋال دوختۇرخانىغا  بېرىپ كېلەي. - دېدى.  ئاۋازىنى قاتتىق كونترول قىلغاچقا سىلىق چىقتى، ئەگەر ئۇنىڭ قىزىرىپ كەتكەن كۆز چانىقىغا سەل قارالسا، بەلكىم ئەھۋالنىڭ جىددىيلىكىنى ھېس قىلماسلىقى مۇمكىن.

 نادىر كۆزلىرىنى ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان سۈرئەت تاختىسىدىن ئېلىپ، ئېغىر ئاۋازدا :

- ئۆزىڭىزنى ئەركىن تۇتۇڭ، ئالدىدىكى ماشىنا بىلەن ئارىلىق ساقلاڭ، بۇ يەردىن خەلق دوختۇرخانىسىغا پەقەت ئون مىنۇتلا كېتىدۇ، جىددىيلەشمەڭ.   - دېدى .

مۇنىرە لېۋىنى چىڭ چىشلىدى.

پەقەت 10 مىنۇت بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ يەنە ھودۇقماي تۇرالامدۇ. ئەلۋەتتە ئۇمۇ   قورقىدۇ.

  -  ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ، سىز كېيىنكى سېكۇنتتا دوختۇرخانىغا يېتىپ بارسىڭىزمۇ، ئاپىڭىزنى داۋالايدىغىنى يەنىلا دوختۇر،  خەتەردىن قۇتۇلۇشتىن بۇرۇن ھېچقانداق رول ئوينىيالمايسىز. - دېدى نادىر. 

- ھېچ بولمىغاندا مەن ئاپامنىڭ قانداقلىقىنى كۆرەلەيمەن.   - دېدى  مۇنىرە چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ،   -  نادىر  ئەپەندى، مەن سىزدەك سوغۇققان بولالمايمەن، - دېدى. 

نادىرنىڭ ئاۋازى سوۋۇپ كەتتى، يېقىندىن بۇيان خېلى مۇلايىملىشىپ قالغان كۆزلىرىدىن يەنە بىر قېتىم  سوغۇق نۇر چاقناپ:

-  ئەگەر سىز بۇ خىل سۈرئەتنى داۋاملىق ساقلىسىڭىز،  دوختۇرخانىغا يېتىپ بېرىشتىن بۇرۇن، بەلكىم  ئېغىر يارىلىنىدىغان ئادەم بىز بولۇشىمىز مۇمكىن.  - دېدى.

مۇنىرە بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھاڭۋىقىپ قالدى، ئاخىرىدا پۇتىمۇ سەل بوشىدى، ئالدىدىكى ماشىنا بىلەن سوقۇلۇشتىن بۇرۇن تورمۇزنى دەسسەپ، سۈرئەتنى ئەسلىگە كەلدى.

  -  مۇنىرە، بىرەر ئىشقا يولۇققاندا ئالدىرىسىڭىز بولىدۇ، لېكىن ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتسىڭىز بولمايدۇ.  - دېدى نادىر.

 قولىنى سوزۇپ،  يول گىرۋىكىگە يانداپ كەتكەن رولنى توغرىلىدى.


  -  كەچۈرۈڭ. ... - دېدى مۇنىرە . ئۇ راستتىنلا ھاياجانلىنىپ قالغانىدى.

 نادىر ماقۇل بولۇپ قولىنى قويۇۋېتىپ، ئالدى-كەينى، ئوڭ-سولغا قارىدى، ئۈچ سېكۇنتتىن كېيىن ئالدىدىكى قارا رەڭلىك ھەشەمەتلىك ماشىنىغا قاراپ :

- سۈرئەتنى 70 كە چىقىرىپ، يانداپ ئۆتۈڭ، - دېدى. 

ئالدىنقى سېكۇنتتا ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان  مۇنىرە نېمە دېيىشىنى بىلەلمىدى.   

يېقىنلا يەردىكى ئاسما كۆۋرۈكنىڭ ئالدى تەرىپىدە روشەن بەلگە تاختىسىغا سۈرئەت چەكلىمىسى 50 دەپ يېزىلىق ئىدى.







 


  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام







更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章