كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات10-بۆلۈم
来源:微信读书
مىكرافون ئالدىدا ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر ئۈندىدار ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
گۈزەل ھايات 10-بۆلۈم 第10部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
61 |
گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 第9部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 第8部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم 第7部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم 第6部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم 第5部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم 第四部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم 第三部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم 第二部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات10-بۆلۈم
62-قىسىم
62-قىسىم
خۇش خەۋەر
پەرىدە تازىلىق ئۆيىدە بىر ھازا قۇستى، بايا يېگەن ئازغىنە تاماقنىمۇ ياندۇرۋەتتى.
ئىلزات ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كېلىپ، مۈرىسىدىن يۆلەپ، قوشۇمىسىنى چىڭ تۈردى.
قولىنى ئۇنىڭ بوينىنىڭ كەينىگە تەگكۈزۈپ كۆرۈپ، قىزىمىغانلىقىنى بىلىپ:
- قەيىرىڭىز بىئارام بولۇۋاتىدۇ؟ - دەپ سورىدى.
پەرىدە قولى بىلەن تامنى تىرەپ تۇرۇپ ياندۇرغاچقا، بەدىنى سەل يۇمشاپ قالدى.
قولى بىلەن ئاغزىنى ئېتىۋېلىپ، ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ:
- چىقىپ كېتىڭ... - دېدى.
ياندۇرۇۋېرىپ ئىلزاتنى بىزار قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرىدى.
ئىلزات ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىدى، ئۇنىڭ يەنە قۇسقۇسى كەلمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى قول يۇيۇش ئورنىغا تارتىپ كېلىپ جۈمەكنى ئاچتى.
پەرىدە ئېڭىشىپ سۇدا ئاغزىنى چايقىدى.
ئىلزات بولسا مۈرىسىدىن چىڭ تۇتۇپ، ئۇنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىپ قۇشۇمىسى تۈرۈلدى.
گۈلباھارمۇ ئەنسىرەپ:
- بۈگۈن كەچلىك تاماق يېگەندە قارىساممۇ ئانچە كۆپ يېمىدىڭىز، تاماق ئاغزىڭىزغا تېتىمىدىمۇ قانداق؟ ياكى يېمەيدىغان نەرسە يەپ قالدىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى.
‐ ياق ئاپا، مەن تاماق تاللىمايمەن، بۇياققا كېلىشتە ماشىنىدا ئازراق بېشىم قېيىپ قالغان، - دېدى پەرىدە.
گۈلباھار بېشىنى لىڭشىتىپ:
- ماشىنىدا بېشى قايىدىغان ئادەم ماشىنىدا ئولتۇرسا بەك بىئارام بولىدۇ، سىز ئاۋۋال ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ بىردەم ئارام ئېلىۋېلىڭ، مەن ئاشخانىغا كىرىپ ئازراق شوۋىگۈرۈچ تەييارلاتقۇزۇپ بېرەي، قورسىقىڭىز ئاچقاندا ئاندىن ئىچىۋېلىڭ، - دېدى.
گۈلباھارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈپ كۆيۈنۈشىدىن تەسىرلەنگەن پەرىدە:
- رەھمەت ئاپا. - دېدى.
ئۈچ ئادەم تازىلىق ئۆيىدىن چىقتى، مۇلازىم ئىلمان سۇ تەييارلاپ قويغانىدى.
گۈلباھار ئىستاكاننى ئۇنىڭغا سۇنۇپ، پەس ئاۋازدا:
- ئىچىۋېلىپ، چىقىپ ئارام ئېلىڭ... - دېدى.
- مەن ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ كۆرسىتىپ باقاي، - دېدى ئىلزات.
ئاۋازى ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغان تەنتەنىلىك ۋە سۈرلۈك چىقتى.
تەلەپپۇزىدىن قەتئىي رەت قىلىشقا بولمايدىغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى.
پەرىدە بۇرۇلۇپ ئۇنىڭغا قاراپ:
- ماڭا ھېچ ئىش بولمىدى ... - دېدى.
بىر چەتتە تۇرغان موماينىڭ بىر جۈپ زېرەك كۆزى كەينىگە بۇرۇلۇپ، بېشىنى لىڭشىتىپ:
- ئىلزاتنىڭ دېگىنى توغرا، يەنىلا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ باقسىڭىز، ئۆزىڭىزمۇ خاتىرجەم بولۇپ قالىسىز، - دېدى.
- پەرىدەنىڭ ماشىنىدا بېشى قايىدىكەندە ؟ بېرىپ - كەلسىمۇ قىينىلىپ قالىدۇ، بولمىسا ئاتىكەم ئاۋۋال ئۇنى تەكشۈرۈپ باقسۇن، ئاتىكەم يېنىمىزدىلا تۇرىدۇ. - دېدى دىلارە تەمكىن تەلەپپۇزدا، چىرايىدا سۇس كۈلكە جىلۋىلەندى، ئۇنىڭغا قارىغان بىر نەچچە ئادەم سەل غەلىتە گۇمانلىنىپ قالدى.
موماي ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويۇپ چۈشەنگەندەك بولۇپ، بېشىنى لىڭشىتىپ:
- بۇمۇ بولغۇدەك، ئاتىكەم دوختۇرنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، تېز! دوختۇرنى چاقىرىپ كېلىڭلار، پەرىدەنى تەكشۈرۈپ باقسۇن، - دېدى.
بىر چەتتە تۇرغان خىزمەتكار دەرھال يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى.
ئىلزات بۇ قېتىم گەپ قىلماي، پەرىدەنى يۆلەپ، سافاغا ئېلىپ كېلىپ ئولتۇرغۇزدى.
ئاتىكەم ناھايىتى تېزلا كەلدى.
پەرىدەنى بىر نەچچە ئادەم ئورىۋالغان بولۇپ، قولىدا ئىستاكاننى تۇتۇپ تۇراتتى، ئۇنىڭ چىرايى يەنىلا تاتىرىپ كەتكەنىدى.
خىزمەتكار يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنىڭغا چۈشەندۈردى، ئاتىكەم زوڭزىيىپ ئولتۇردى، پەرىدە ئۇنىڭغا قاراپ بېشىنى يېنىك لىڭشىتىپ، زورلاپ كۈلۈپ قويدى.
ئاتىكەممۇ كۈلۈپ قويۇپ:
- قولىڭىزنى ماڭا بېرىڭ، - دېدى.
پەرىدە قولىنى ئۇنىڭغا سۇندى.
ئاتىكەم تومۇرىنى تۇتقاچ ئۇنىڭدىن:
- بۇ خىل ئەھۋال داۋاملاشقىلى قانچىلىك بولدى؟ - دەپ سورىدى.
- بايا ... - دېدى گۈلباھار.
- بىر ھەپتىدەك بولدى... - دېدى ئىلزات.
ئالدىنقى بىر جۈملە گۈلباھارنىڭ سۆزى بولۇپ، يېرىمىغا كەلگەندە ئۈزۈلۈپ قالدى.
كېيىنكى بىر جۈملە ئىلزاتنىڭ سۆزى.
گۈلباھار سەل تۇرۇۋېلىپ:
- نېمە؟ - دېدى.
ئىلزات سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:
- ئۇنىڭ بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ئىشتىھاسى ياخشى ئەمەس، ئەمما بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ياندۇرۇشى، - دېدى.
گۈلباھار بىلەن موماي تەڭلا كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ، ئىلزاتقا قارىدى، ئاندىن يەنە بىر-بىرىگە قارىشىپ قويدى.
بۇ سولتەك، قاچاندىن باشلاپ بۇنچە ئەستايىدىل بولۇپ كەتتى.
ھەتتا ئۆزىدىن باشقا ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىغىمۇ دىققەت قىلغۇدەك بوپتۇ...
ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس!
ھەيرانلىقتا گۈلباھار قولىنى كۆتۈرۈپ ئىلزاتنىڭ بېشىغا بىر شاپىلاق سېلىپ:
- بالدۇر بايقالغان ئادەم نېمىشقا دېمەيسەن! - دېدى.
بۇ چاغدا ئاتىكەم بىلىنەر-بىلىنمەس كۈلۈپ قويۇپ، قولىنى قويۇۋېتىپ، ئورنىدىن تۇردى.
موماي بىلەن گۈلباھارنىڭ كۆزى ئۇنىڭغا يېقىندىن ئەگىشىپ، ھەم جىددىيلىشىپ ھەم تەقەززالىق بىلەن ئۇنىڭدىن :
- ئاتىكەم دوختۇر، قانداقراق؟ - دەپ سورىدى.
ئاتىكەم قېشىنى ئېتىپ قويۇپ:
- ھېچ ئىش يوق. بۇندىن كېيىن ياخشى كۈتۈنسۇن، سەككىز ئايدىن كېيىن يەنە ئاپئاق، سېمىز نەۋرىڭىزنى بولىدىغان بولدى. - دېدى.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ، مېھمانخانا سەل جىمىپ قالدى.
پەرىدە بىردىنلا بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قاراپ:
‐ دېمەكچى بولغىنىڭىز... مەن... - دېدى.
- شۇنداق، مۇبارەك بولسۇن، ھامىلىدار بولۇپ قاپسىز - دېدى ئاتىكەم.
- راستمۇ؟
- ۋىيەي، ۋىيەي!
گۈلباھار بىلەن موماي قوللىرىنى چىڭ تۇتۇشتى، ھاياجاندىن قۇچاقلىشىپ، جايىدا سەكرەپ-تاقلاپ كەتكۈدەك بولدى.
- ۋىيەي، ۋىيەي!
پەرغانى قۇچاقلاپ ئولتۇرغان پەرھاتمۇ كۆزلىرىنى كۆتۈرۈپ، ھاياجانلىنىپ كەتتى، بۇ ئىشقا خېلى كۆڭۈل بۆلگەندەك قىلاتتى.
ئىلزات بىر ھازا ھاڭۋىقىپ تۇرغاندىن كېيىن، پەرىدەگە قاراپ ئىككى قولى بىلەن يۈزىنى چىڭ تۇتۇپ، قاتتىق بىرنى سۆيۈپ قويدى!
ئاندىن قاقاقلاپ كۈلۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئانچە يىراق بولمىغان يەردە ئولتۇرغان ئىليارغا قارىدى.
دىلارە قېشىنى ئېتىپ، ئۈن-تىنسىز بېشىنى بۇ تەرەپكە بۇرىدى.
مانا ئەمدى بوپبەردى... ماۋۇ ‹ ئەخمەق يىگىت› يەنە باشلىدى.
ئىليارنىڭ چىرايىمۇ بىردىنلا قارىداپ كەتتى، بۇ كالۋانىڭ يەنە كۆرەڭلەپ كېتىدىغانلىقىنى بىلەتتى.
- نېمە دېسەم بولار، ئاكا ، مېنىڭمۇ قورساقتىن باشلاپلا دادا دەپ چاقىرىدىغان بالىلىرىم بار بولدى، ھا، ھا، ھا، ھا! سېنىڭچە ئايالىم مەن تەرەپتە تۇرامدىكەن؟ دائىم يۈزۈمنى يورۇق قىلىدۇ زادى! - دېدى ئىلزات.
ئىليار بۇ قېتىم گەپ قىلمىدى.
-لېكىن، سېنىمۇ تەبرىكلەيمەن، يەنە بىر جىيەنىڭ كۆپەيدى! ئۇنىڭ ئۈستىگە، مېنىڭ ئۇ ئىككى چوڭ جىيەنىم تۇغۇلۇپلا ئاكا- ئاچا بولىدىغان بولدى... - دېدى ئىلزات.
دىلارە قولىنى سوزۇپ پېشانىسىنى تۇتۇۋالدى، بۇ ئەخمەق، راستتىنلا ئادەمنى خاتىرجەم ئولتۇرغۇزمايدىغان بولدى.
بۇنداق ئىشنىڭ زادى خۇشال بولغۇدەك نېمىسى بار!
پەقەت ئۆزىنىڭ ئوغلى بولغانلىقىدىن خۇشال بولسا بولمامدۇ؟ !
قىزى بار، ئەمدى ئوغلى بولسا خۇشاللىق ئىش ئەمەسمۇ؟
ئوغلى بولغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ خۇشاللىقتىن خەۋەر تېپىپ، بىرىنچى بولۇپ كىممۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش بۇنداق يامان ئىشنى ئويلايدۇ؟
پەرىدە زادىلا چىدىيالماي، قولىنى سوزۇپ ئۇنىڭ چاپىنىنىڭ ئۇچىنى تارتىپ تۇرۇپ:
- ئىلزات، سىز... ئۇنداق قىلماڭ ... - دېدى.
ئىلزاتنىڭ خۇشاللىقى ۋە ئويلايدىغىنى بەك غەلىتە بولۇپ، پەرىدەنىڭ توسۇشىغا ئانچە ئىنكاس قايتۇرمىدى.
ئەكسىچە، بىر چەتتە تۇرغان گۈلباھارنىڭ كۆزىگە زادىلا سىغماي، قولىنى سوزۇپ ئىلزاتنىڭ دۈمبىسىگە كۈچەپ بىرنى ئۇردى.
- ئۆھۈ... ئۆھۈ...
ئىلزات يۆتىلىپ كەينىگە بۇرۇلۇپ، گۈلباھارنىڭ ئۆزىگە تىكىلىپ قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ:
- بۇ دۇنيادا سەندىنمۇ بەكرەك تاياق خۇمار ئادەم بارمۇ؟ قابىلىيىتىڭ باركەن، بۇنداق چوڭ خۇشاللىق ئىشمۇ باشقىچە ئىشقا ئايلاندۇرۇپ قويدۇڭ! - دېدى گۈلباھار.
شۇنداق دېگىنىچە ئىلزاتنىڭ مۈرىسىگە يەنە ئىككى قېتىم قاتتىق ئۇرۇپ:
- پەرىدەنىڭ ھامىلدار بولۇشى سېنىڭ كۆز-كۆز قىلىدىغان دەسمايەڭ ئەمەس! ! ! - دېدى.
ئىلزات تاياقنىڭ دەستىدىن دۈمبىسى ئازراق ئاغرىپ، ئۆزىنى قاچۇرغان ھالىتى قارىماققا سەل كۈلكىلىك كۆرۈنۈپ كەتتى.
پەرىدە ھەقىقەتەن كۈلۈشنى ياكى يىغلاشنى بىلەلمەي قالدى.
كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ئوڭ-سولغا قاراپ تۇرغان پەرغانە بېشىنى كۆتۈرۈپ پەرھاتقا قاراپ:
- كېلىشكەن بوۋا ... پەرىدە ھامىلىدار بولۇپ قالسا، ئۇنىڭمۇ قورسىقىدا بالىسى بارمۇ؟ - دەپ سورىدى.
پەرھات بارماقلىرى بىلەن پەرغانەنىڭ يۇمران، قىزغۇچ يۈزىنى سىيلاپ پەس ئاۋازدا:
- شۇنداق، سىزنىڭ ئىنىڭىز ياكى سىڭلىڭىز بولىدىغان بولدى. - دېدى.
پەرغانەنىڭ بىر جۈپ چوڭ كۆزىدىن خۇشاللىق نۇر چاقنىدى.
ئىككى كىچىك قولىنى جۈپلەپ:
- ۋاھ، پەرىدەنىڭمۇ بالىسى بار بولدى ! مەن يەنە ئاچا بولىدىغان بولدۇم! - دېدى.
پەرغانەنىڭ كىچىك قىياپىتى ھەقىقەتەن ئوماق بولۇپ، ئادەمنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرەتتى، پەرھات لەۋلىرىنى تۈرۈپ، بېشىنى يېنىك لىڭشىتىپ :
-ھىم، سىزنى مۇبارەكلەيمەن، - دېدى .
پەرغانە خۇشال چاۋاك چالدى، لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇنىڭ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:
- ئۇنداق بولسا مېنىڭ نۇرغۇن ئىنى-سىڭىللىرىم بولىدۇ، ھاممامنىڭ ئىككى بالىسى، يەنە پەرىدەنىڭ بالىسى... - دېدى.
ئاندىن بىر ئاز توختاپ قېلىپ، تۇيۇقسىز بېشىنى بۇراپ پەرىدەگە قارىدى ۋە ھەيران بولۇپ:
- پەرىدەنىڭ قورسىقىدا قانچە بالا بار؟ - دەپ سورىدى.
پەرغانەنىڭ بۇ گېپى بىلەن، بىر ئۆيدىكى چوڭلار ھاڭۋىقىپلا قالدى.
ھەممىسى تەڭلا ئاتىكەمگە قارىدى.
ئىليارمۇ بۇنىڭ سىرتىدا قالمىدى.
ئەگەر قوشكېزەك ياكى ئۈچكېزەك بولۇپ قالسا، بۇ كالۋانىڭ بېشىغا ئاسمانغا يەتمەمدۇ؟ !
ئاتىكەم ئېغىر ئۇھ تارتىپ قويۇپ، پېشانىسىنى سىلاپ تۇرۇپ:
- بۇنداق ئىشنى يەنىلا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەپسىلىي تەكشۈرۈپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن، مېنىڭمۇ سەۋىيەم چەكلىك. - دېدى.
كۆپچىلىك سەل ئۈمىدسىزلەندى، ئاخىرىدا موماي بېشىنى لىڭشىتىپ:
- توغرا، توغرا، قانداقلا بولمىسۇن، يەنىلا دوختۇرخانىغا بېرىپ ياخشى تەكشۈرتۈش كېرەك. پەرىدە ھازىر ياخشى بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟ نېمە يېگۈڭىز بولسا دەۋېرىڭ ... - دېدى.
پەرىدە بىر يۇتۇم سۇ ئىچىۋېلىپ، بېشىنى يېنىك چايقاپ:
- ھازىر ئىشتىھايىم يوق ... - دېدى.
- ئىشقىلىپ ئاشخانىدا ھەر ۋاقىت خۇرۇچلار تەييار ، قورسىقىڭىز ئاچقاندا ئىلزات ئېتىپ بەرسۇن، يەنە دىلارەمۇ بار، سىزمۇ شۇ، تاماقنى كۆپرەك تەييارلىسۇن... - دېدى گۈلباھار ئالدىراپ.
دىلارە كۈلۈپ تۇرۇپ:
- بولىدۇ. - دېدى.
- ۋىيەي، بۇنىڭدىن كېيىن ئالدىراش بولۇپ كېتىدىغان بولدۇم، - دېدى گۈلباھار تەقەززالىق بىلەن قولىنى ئۇۋۇلاپ، - چوڭ كېلىن، ئىككىنچى كېلىن كەينى-كەينىدىن ھامىلىدار بولۇپ قالدى، نەۋرىلىرىمنى كۆتۈرۈپ يېتىشەلمەي قالىدىغان بولدۇم... - دېدى.
ئىككى ئوغلى تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇلارنىڭ ئىككى قىزنى ئۆيگە ئېلىپ كېلىشىنى بىر نەچچە سېمىز نەۋرە تۇغۇپ بېرىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتكەنىدى.
نەچچە ئون يىل كۈتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسى ئاخىرى ئەمەلگە ئاشتى.
يەنە كېلىپ ئارقا-ئارقىدىن تۇغۇلىدىغان بولدى.
مومايمۇ خۇشاللىقىدىن كۈلۈپ كەتتى.
- مەنمۇ شۇ، مەنمۇ شۇ! چەۋىرلىرىمنى كۆرەلەيدىغان بولدۇم... تۆت ئەۋلاد بىللە ياشىساق نېمە دېگەن ياخشى! قاراڭ، بۇ مېنىڭ بەختىم ئەمەسمۇ... - دېدى.
پۈتۈن مېھمانخانا شۇ تاپتا خۇشاللىققا چۆمدى.
پەقەت ئىليارلا چىرايىنى ئاچماي ئولتۇرغان بولۇپ، ئالدىدىكى ئىشلار كۆزىگە پەقەتلا سىغمىدى.
دىلارەمۇ بۇ ئىشتىن خۇشال بولۇپ، ئىلياردىكى كەيپىياتنى سېزىپ، ئامالسىز كۈلۈپ قويدى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar