تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت 49-قىسىم_ سېھىرگەرلىك

文摘   小说   2024-12-23 14:07   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  





دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق 100-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓





مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
45
44434241


484746


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

49-قىسىم

   


 



49-قىسىم سېھىرگەرلىك


نادىر مۇنىرەنىڭ ئاپىسىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى سوراپ باقمىدى، ئادەتتىمۇ كۆپ گەپ قىلىپ كەتمەيتتى.

دەل مۇشۇنداق ئارىلىق بولغاچقا، ئۇنىڭ ئالدىدا نۇرغۇن قېتىم ئەدەپسىزلىك قىلغان بولسىمۇ، مۇنىرە ئۆزىگە ئارتۇقچە يۈك قىلىۋالمايتتى. 

مۇنىرە  بۇ خىل تۇيغۇنى ياخشى كۆرىدۇ، خۇددى تۇمانلىق كۈنلەردىمۇ ساپ ھاۋادىن نەپەسلەنگەندەك راھەت ئۆتىدۇ.

بۇنداق بولغاندا ئەڭ كۈچلۈك بوران-چاپقۇنمۇ مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.

مۇنىرە قارىغۇلارچە بىر نەچچە قول ئىشارىتى قىلىپ، كۆڭلىدە ئىقرار بولدى.


مۇنىرە ئاپىسىنىڭ سالامەتلىكىدە چوڭ چاتاق كۆرۈلمىدى، پەقەت بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ،  دادىسى دوختۇرخانىدا يەنە بىر نەچچە كۈن كۆزىتىپ  داۋالاتماقچى بولدى.

مۇنىرە يامان يولدىن قايتىپ كەلگەن ۋاپاسىز قىز بولۇش سۈپىتى بىلەن، چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدىمۇ تەبىئىي ھالدا ئۇنى كۆرگىلى بېرىپ:

  -   ھەي، نېمە دېگەن ياخشى، يۇرتقا قايتىپ كېلىپلا ئوغۇل دوست تېپىپسىز، بىزنىڭ ئۆيدىكى بىشەمدىن كۆپ ياراملىق، چوڭلارنى ئەنسىرەتمەيسىز - ...  دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ قالدى.

  ئەمدىلىكتە  بىشەمگە ئايلىنىپ قالدىمۇ؟ مۇنىرە ئېغىر ئۇھ تارتىپ قويۇپ، ئىشىكنى ئىتتىرىپ كىرىپ:

  -  ھامان بىر كۈنى ئوغۇل دوستۇم بولىدۇ، تاپقىنىم پەزىلىيەنىڭكىدىن ياخشى بولامدۇ تېخى!  - دېدى.

ئاپىسى دىمىقىنى قېقىپ قويۇپ:

  -  پوچىلىق قىلمىسىڭىزچۇ، - دېدى.

ئاپىسىنىڭ چىرايى سەل قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، قانداقلا بولمىسۇن يولدىشىنىڭ نەسىھىيىتىنى قوبۇل قىلىپ ئارتۇق گەپ قىلمىدى، روشەنكى ئىشلەنگەن قوش يۆنىلىشلىك ئىدىيەۋى خىزمىتى رول ئويناپتۇ.

مۇنىرە ئوغرىلىقچە دادىسىغا قاراپ باش بارمىقىنى چىقىرىپ:

   -  پو ئېتىپ قويساممۇ بولمامدۇ؟ كونىلاردا  ئاشىقنىڭ كۆزىدىن مەشۇقى ئەڭ گۈزەل دەيدىغان گەپ بار، مەن ياخشى كۆرۈپ قالسام، ئۇ چوقۇم بىزنىڭ ئۆيدىكى كېلىشكەن ئادەمگە ئايلىنىدۇ، - دېدى. 

ئاپىسى قاپىقىنى تۈرۈپ:

   -  ئۇنداقتا دەپ  بېقىڭە... قانداقراق ئادەمنى تاپىسىز؟  ئەمەتتەك بالىنى ياقتۇرمىغۇدەك، نەزىرىڭىز قانچىلىك ئۈستۈنكىن كۆرۈپ باقاي، - دېدى.

  -  ھامما سىزگە نېمە بولدى، مۇنىرە شۇنچە ياخشى تۇرسا، چوقۇم مۇنەۋۋەر ئەردىن بىرنى تاپالايدۇ. - دېدى پەزىلىيە دەرھال ئوتتۇرىغا چىقىپ.  ئۇ مۇنىرەدىن خىجىل بولدى، گەرچە ئۇ مۇرات بىلەن ئاۋۋال مۇھەببەتلەشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن يات  ئادەمگە ئايلانغان، قايتىپ كېلىپلا ئوتتۇرىغا كىرىۋېلىپ، مۇنىرەنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر قىلدى.

مۇنىرەنىڭ بۈگۈنكىدەك ھالغا چۈشۈپ قېلىشى، ئۇنىڭ   قايتىپ كەلدىن كېيىن ئېلىپ كەلگەن بىر قاتار زەنجىرسىمان سەلبىي تەسىرىدىن بولدى.

  -   شۇنداق.  - دېدى مۇنىرە كۈلۈپ قويۇپ، چىش كولىغۇچ بىلەن كېسىپ قويغان ئالمىنى ئېلىپ يېگەچ، -  سىز پۈتۈن ئولتۇراق رايوندىكى ئەڭ گۈزەل قىزنىڭ كەلگۈسىدىن ئەنسىرىمەڭ. - دېدى.

ئاپىسى ئاچچىقىدا كۆزلىرىنى ئالايتىپ،  گەپلىرىگە پەقەت ئىشەنمەي:

  -   سىز بۈگۈن ماڭا چۈشەندۈرۈپ قويۇڭ،  زادى قانداقراق ئادەمنى ياخشى كۆرىسىز، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان گەپلەرنى ئەڭ ياخشىسى تىلغا ئالماڭ،   تۈرگە ئايرىپ بەش مۇھىم نۇقتىنى كۆرسىتىپ بېرىڭ!  - دېدى .

دادىسى بۇ تەكلىپنى ئورۇنلۇق دەپ قاراپ:

  -  توغرا،  كونكرېت قىلىپ تەسۋىرلەپ بېرىڭ، بىز كېسەلگە قاراپ دورا بېرەيلى!  - دېدى.

پەزىلىيەمۇ بېشىنى لىڭشىتتى، بۇنداق بولغاندا، ئەگەر  مۇۋاپىق نامزاتى بولسا، كۆرۈشۈپ چۈشىنىشىپ سىناپ باقسا بولىدۇ. نېمىلا دېگەن بىلەن، مۇنىرە ئۆزىگە تەۋە بەختنى تاپسىلا، ئۇمۇ ھازىرقى كەلگۈسىدە قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىگىلى بولمايدىغان  ھېسسىياتنى بېسىمسىز داۋاملاشتۇرالايدۇ.

ئۈچەيلەن گېپىنى بىر قىلىۋېلىپ، نىشاننى ئۇنىڭغا قاراتتى، مۇنىرە ئامالسىز  ئەستايىدىل ئويلىنىشقا باشلىدى.

  -  بىرىنچى نۇقتا، مىجەزى ياخشى بولۇشى، ھاياجانلانمايدىغان بولۇشى كېرەك، بولمىسا ئىككىمىز تەڭلا ھاياجانلىنىپ كەتسەك نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. - دېدى. 

ئۈچەيلەن بېشىنى لىڭشىتتى، دېمىسىمۇ بۇ گېپى ئورۇنلۇق .

  -  ئىككىنچى، كۆپتۈرمىچىلىك قىلىشقا بولمايدۇ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىشى كېرەك.  - دېدى مۇنىرە.

ئۈچەيلەن بېشىنى لىڭشىتتى،  ئادەم چوقۇم سەمىمىي بولۇشى كېرەك..

  -  ئۈچىنچى نۇقتا، تۇرمۇشتا چېچىلاڭغۇ، يېشى چوڭ، سېمىز بولۇپ قالماسلىقى ، پاكىزلىقنى سۆيۈشى كېرەك.  - دېدى مۇنىرە.

ئۈچەيلەن بېشىنى لىڭشىتتى، بۇمۇ تەس ئەمەس.

  -  تۆتىنچى، مەسئۇلىيەتچان، ئالغا ئىنتىلىش روھى بولۇشى كېرەك.  - دېدى مۇنىرە.

ئۈچەيلەن بېشىنى لىڭشىتتى.

  -  بەشىنچى نۇقتا   -  دېدى مۇنىرە  قارشى تەرەپتە بولۇشىنى  ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان پەزىلىتىنى سۆزلەپ بولۇپ، دەماللىققا نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قالدى، خېلى ئويلانغاندىن كېيىن يەنىلا ئۆزىنىڭ قىزلىق قەلبىگە بويسۇنۇپ،   -  مەن ئۇنىڭ پۇلدار، كېلىشكەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. - دېدى. 

قالغان ئۈچەيلەن ئۇنىڭ بەش تۈرلۈك تەلىپىنى يىغىنچاقلاپ، مىجەزى ياخشى، كۆپتۈرمىچىلىك قىلمايدىغان، پاكىزلىقنى سۆيىدىغان، مەسئۇلىيەتچان پۇلدار بولۇشقا مۇجەسسەملىدى.

 ئاپىسى دەرھال چىرايىنى ئۆزگەرتىپ:

   -  مۇنىرە، ئۆزىنى بىلىش دېگەن بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟  ئىلگىرى ماڭا لايىقىدا بولسۇن دېگەنىدىڭىز، بۇ تەلىپىڭىز لايىقىدا بولدىمۇ؟ - دېدى.

 دادىسىمۇ ئۇھ تارتىپ:

   -  سەل ئەمەلىيەتچى بولۇڭ، - دېدى.

 مۇنىرە ئاسمانغا قاراپ:

-  ئەمىسە بوپتۇ، ئەمىسە باي بولۇشنى چىقىرىۋېتەيلى. - دېدى.

پەزىلىيە  تېز سۈرئەتتە  تەلەپكە چۈشىدىغان نامزات ئىزدىدى، تونۇش ، ناتونۇش چىرايلار كۆز ئالدىدىن ئۆتۈشكە باشلىدى،  ئاخىرىدا يەنىلا مۇراتكە كېلىپ توختىدى.

دەرۋەقە، باي دېگەن سۆز چىقىرىۋېتىلسە، مىجەزى ياخشى، كۆپتۈرمىچىلىك قىلمايدىغان، پاكىزلىقنى سۆيىدىغان، مەسئۇلىيەتچان قابىلىيەتلىك يىگىتلەر ئاز ئۇچرايدۇ.

مۇنىرە يەنىلا ئېسىدىن چىقارالماپتۇ.

كۆپ ئويلانغاندىن كېيىن، ئاپىسىنىڭ كاللىسىدا بىر نامزات پەيدا بولدى، گەرچە پەقەت بىرلا قېتىم كۆرۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن ھەر قايسى جەھەتلەردىن مۇنەۋۋەر ئىكەنلىكىنى بىر قاراپلا بىلىۋالغىلى بولاتتى.

- مۇنىرە، ھېلىقى خوجايىنىڭىزنىڭ نەۋرە ئىنىسى... ئالدىنقى قېتىم سىزنى ئەكېلىپ قويغان ھېلىقى يىگىت، سىز راستتىنلا قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشمامسىز؟  - دېدى.

  -  ياق، ياق، ياق! - دېدى مۇنىرە نادىرنىڭ پېيىدا بولۇشقا جۈرئەت قىلالماي، -  ئاپا، نادىر  ئەپەندىنى ئاددىي ئادەم قاتارىدا كۆرمەڭ، ئۇنىڭغا ...  چاكىنىلىق بىلەن يېقىنلىشىشقا  بولمايدۇ.     بولمىسا باشقىلار ئاڭلاپ قالسىمۇ ئەيىبلىنىشىمىز مۇمكىن. - دېدى.

ئاپىسى سوغۇققىنە خۇرسىنىپ:

 - نېمە ئۇ ئادەتتىكى  ئادەم ئەمەس دېگەن، مەن سىزگە دەپ قوياي، ئۇمۇ ھامان بىر كۈنى توي قىلىپ بالىلىق بولىدۇ، بۇنىڭ ئۆزى جەمئىيەتتە ياشاشنىڭ مۇقەررەرلىكى، - دېدى. 

ئەمما مۇنىرە نادىرنىڭ بىر ئۆمۈر بويتاق ئۆتۈپ كېتەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچ  قىلىپ:

   -  ئاپا، بولمىسا دو تىكىشسەك قانداق، ئەگەر نادىر  ئەپەندى مېنىڭ ئالدىمدا توي قىلىپ قالسا، بۇنىڭدىن كېيىن نېمە دېسىڭىز شۇنى ئاڭلايمەن، ھەرگىز قارشى چىقمايمەن. ئەكسىچە بولسا، مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلايسىز، - دېدى. 

ئاپىسى كۆڭلىدە نادىرنىڭ يېشىنى مۆلچەرلەپ،  قىزىدىن نەچچە ياش چوڭدەك كۆردى، ھېچ بولمىسا ئوتتۇزنىڭ قارىسىنى ئالغان بولۇشى مۇمكىن.  لېكىن ئۇمۇ كۆڭلىدە ئازراق ئېھتىماللىق قالدۇرۇپ:

   -  مەن يا ئۇنى تونۇمىسام، ئەگەر ئۇ توي قىلىپ قالسا،  ماڭا دېمىسىڭىز قانداق بىلىمەن؟  - دېدى.

-  ئۇتتۇرغىنىڭىزغا تەن بېرىڭ، سىز مېنىڭ ئادىمىيلىكىمگە ئىشىنىشىڭىز كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دودا  مەن چوقۇم ئۇتىمەن. - دېدى مۇنىرە  نادىر  ئەپەندىنىڭ تەنھا ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىپ.

 ئاپىسىمۇ ئوچۇق-يورۇق پىكىر قىلىپ:

- ئۇنداق بولسا دو تىكىشىپ باقايلى، سىزنىڭ بۇ ئۆمرىڭىزدە يېگەن تامىقىڭىز، مەن يېگەن تۇزچىلىك كەلمەيدۇ، - دېدى. 

دادىسى ئىككىيلەنگە قاراپ ئۇھسىنىپ قويدى.

پەزىلىيە ئۇلارنىڭ   - <نادىر  ئەپەندى،  نادىر  ئەپەندى> دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ، قىزىقىپ قېلىپ:

  -  قايسى نادىر  ئەپەندى،كىمنىڭ گېپىنى قىلىۋاتىسىلەر، ئاڭلىماققا قالتىس ئادەمدەك قىلىدىغۇ؟  - دېدى.

مۇنىرە بۇ گەپنى ئاڭلاپ قەددىنى رۇسلاپ، ئۆزىگە ئىشەنگەن قىياپەتتە:

- ئۇ  دېگەن ئاقكۆڭۈل ، قابىلىيەتلىك ئادەم، - دېدى.

ھاۋا تەڭشىگۈچ ئېچىلغان چوڭ ئىش ئۈستىلىنىڭ كەينىدە ئولتۇرغان نادىر تۇيۇقسىز چۈشكۈرۈپ كەتتى.  بۇرۇنىنى پۈرۈشتۈرۈپ، ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشىدى.

يازدا ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئازراق ئاچسا، كېسەلدىن يىراق تۇرىدۇ.

ئاينۇر يېقىندىن بۇيان ئىشلارنى ئانچە نورمال ئەمەستەك ھېس قىلىپ، مۇنىرەنىڭ مۇرات  بىلەن بولغان خىزمەت ئىشىنى بېجىرىشتىن باشقا شەخسىي ئالاقە قىلمىغانلىقىنى بايقاپ،  سەل ئەنسىرەپ قېلىپ:

  -  مۇنىرە ئىككىڭلار نېمە بولدۇڭلار؟ ئىلگىرى خېلى يېقىن ئۆتۈپ قالغانتىڭلارغۇ، نېمىشقا  تۇيۇقسىز يىراقلىشىپ قالىسىلەر، - دېدى .

بۇلۇڭدا سوراققا تارتىلىۋاتقان مۇرات ئاچچىق كۈلۈپ تۇرۇپ:

  -  ئازراق ئىشلار يۈز بېرىپ، قالايمىقانلىشىپ كەتتى، - دېدى. 

ئاينۇر قاپىقىنى تۈرۈپ:

   -  نېمە ئىش ئۇ بۇنچە قالايمىقان قىلىۋەتكەن؟ ئىككىڭلار ئۆز يولۇڭلارغا ماڭدىڭلارمۇ؟ - دەپ سورىدى. 

  -   بۇنداق دېسىڭىز تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىڭىز يىغلاپ كېتىدۇ جۇمۇ، - دېدى مۇرات.

  -  بۇ گەپ بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، مەسىلە ئىككىڭلاردىن قايسىڭلاردا؟ - دەپ سورىدى ئاينۇر كۆزلىرى چاقنىتىپ، - بىزنىڭ مۇنىرە ئۇنداق قالايمىقان قىلىقى بار قىز ئەمەس، - دېدى.

   -  سىز ھەقىقەتەن بۇرۇنقىدەكلا سەزگۈر ئىكەنسىز، مەسىلە ھەقىقەتەن مۇنىرەدە ئەمەس، بەلكى مەندە. - دېدى مۇرات.

ئاينۇرنىڭ كۆزى بىردىنلا  قىسىلىپ، ئۆتكۈرلىشىپ:

   -  سىز يەنە بۇرۇنقى قىز دوستىڭىزدىن ۋاز كېچەلمىدىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى. 

مۇراتمۇ ئېنىق بىلمەيتتى.

 مۇراتنىڭ گەپ قىلمىغانلىقىدىن ئاينۇر ھەممىنى چۈشەندى، كەينىگە يېنىپ، بېشىنى لىڭشىتىپ :

- بۇ مېنىڭ خاتالىقىم، ئەينى چاغدا سىلەرنى تېپىشتۇرۇپ قويمىسام بوپتىكەن.   بولدىلا،  بۇرۇنقى مۇھەببىتىڭىزنى ئۇنتۇپ كېتەلمىسىڭىز مۇنىرەگە زىيانكەشلىك قىلىپ قويماڭ. ئۇنىڭ ئادەتتە ئاسان بوزەك بولىدىغان تۇرقىغا قارىماڭ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئىشنى ناھايىتى كەسكىن قىلىدۇ،  ئېنىق بولمىغان ئىشلاردىن بىزار.  - دېدى.

مۇرات ئەلۋەتتە بىلىدۇ، بۇ تەرىپىنى ئۇنىڭدەك ئېنىق چۈشىنىدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك.

پەزىلىيە پەيدا بولغاندىن كېيىن،  ئىشلارنى چۈشىنىپلا كەسكىنلىك بىلەن خىزمەت سىرتىدىكى بارلىق ئالاقىنى ئۈزۈپ تاشلىدى.







  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام







更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章