تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت 53-قىسىم_ ۋاپاغا جاپا قىلىدىغان ئەبلەخ

文摘   小说   2024-12-27 13:59   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  





دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق 104-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓





مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
45
44434241
5049484746



5251


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

53-قىسىم

   



 

 

 


53-قىسىم 

 ۋاپاغا جاپا قىلىدىغان ئەبلەخ


تاللا بازىرىنىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچى چوڭ ئېچىتىۋېلگەنمۇ ياكى ئادەم ئاز بولغاچقىمىكىن، سوغۇق بىلىنىپ، مۇنىرە بىلىكىنى سىلاپ قويدى.

- مەن ناھايىتى تېزلا چىقىمەن، سىز بۇ يەردە مېنى ساقلاپ تۇرۇڭ. - دېدى نادىر ئىشىكتىن كىرىپلا.

  -   ھە.  - دېدى مۇنىرە   ئارقىسىدىن قولىنى پۇلاڭلىتىپ. ئاندىن يانفونىنى چىقىرىپ خالىغانچە سېرىپ كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ زېرىكىشىنى باسماقچى بولدى.

ئەمەلىيەتتە، شۇ تاپتا نادىر بىلەن يالغۇز تۇرغاچقا، ئۇ سەل جىددىيلىشىپ قالدى.

نادىر ئەپەندى ھەقىقەتەن بەك كېلىشكەن، قانداقراق ئادەم ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغاندۇ؟...

مۇنىرە تېلېفوننى چىڭ تۇتقىنىچە تەرگە چۆمۈپ كەتتى،

ئويلاپ باقسا نادىر بىلەن تونۇشقىنىغا ئۈچ ئايدىن ئېشىپتۇ، يۈزى تۆكۈلىدىغان ئىشلارنىڭ كۆپلۈكىدىن ساناپمۇ تۈگىتەلمەيدۇ، ئۆزىنىڭ ھاماقەتلەرچە ئەپتى-بەشىرىسىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارلىسا تېخىمۇ ئوسال ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. 

نادىر دېگىنىدەك ناھايىتى تېزلا چىقتى، تەخمىنەن بەش مىنۇتتەك ۋاقىتنىڭ ئىچىدە  بىر مۇنچە نەرسىلەرنى سېتىۋاپتۇ.

نادىر پۇل تۆلەۋاتقاندا مۇنىرە كۆزىدىكى ئالاقزەدىلىكىنى چاندۇرماسلىق ئۈچۈن  بىر نۇقتىغا تىكمەكچى بولدى،  نادىرنىڭ ئۆزىنىڭ بىنورمال ھالىتىنى كۆرۈپ قالغانلىقىنى سېزىپ،  دەرھال چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ:

   -  ناھايىتى ياخشى. - دېدى.

   نادىرغا ئۇنىڭ كېسىلى باردەك بىلىندى.

مۇنىرە بۇنى بىلمەي، قەددىنى رۇسلاپ ئالدىدا يول باشلاپ ماڭدى.

يامغۇر يېغىپ ھاۋا تۇتۇق بولغاچقا بالدۇر قاراڭغۇ چۈشكەن بولۇپ، مۇنىرە ئۇنى ئولتۇراق رايونغا ئېلىپ كەلگەندە، ئەتراپ خىرە تۇمان بىلەن قاپلانغانىدى، يامغۇر بارغانسېرى ئۇلغىيىپ، ماشىنىنىڭ دېرىزىسىدىن تاراسلىغان ئاۋاز تېخىمۇ كۈچەيدى.

  -  ماشىنا ئىسكىلاتىغا ھەيدەڭ، - دېدى نادىر.

   -  نېمە؟ - دېدى مۇنىرە.

نادىر قولىدىكى يېمەكلىكنى كۆرسىتىپ:

   -  سىزنى كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلاي. - دېدى.

مۇنىرەنىڭ كۆزى قولىدىكى خالتىغا چۈشۈپ،  نەچچە رەت قاراپ،  ئىچىدە گۆش يوقلىقىنى جەزملەشتۈرۈپ:

  -  ھى... ھى... نادىر ئەپەندى ... بۇنىڭدا قانداق بولىدۇ، - دېدى.

  -  تۈنۈگۈن بىرسى ماڭا سۈرلەنگەن پاچاق  سوۋغا قىلدى. - دېدى نادىر.

  -   مەن چوقۇم سىز ئۈچۈن يۈكنىڭ يېرىمىنى ئۈستۈمگە ئالىمەن! - دېدى مۇنىرە ھەش-پەش دېگۈچە گېپىنى ئۆزگەرتىپ، گۈلدەك ئېچىلىپ كۈلۈپ، - ئۆزىڭىز يالغۇز يېسىڭىز، زېرىكىپ قالىسىز. - دېدى.

ئۇنىڭغا قايتۇرۇلغان جاۋاب نادىرنىڭ سۇس كۈلكىسى  بولدى.

مۇنىرە ئاسمانغا تەلمۈردى، نادىر ئەپەندىنىڭ بىلىپ تۇرۇپ ئاشكارلىمىغان ھالىتىنى ... تولىمۇ ياخشى كۆرۈپ قالدى.

نادىر كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپ ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى، مۇنىرە ياردەملەشمەكچى بولغاندا ئۇنىڭ قاراشلىرىدىن ئەندىكىپ،  ئۈن-تۈنسىز سافاغا كېلىپ تۈگۈلۈپ قالدى.

بولىدۇ، بولىدۇ، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن،  ئەستايىدىللىق بىلەن ئاشخانا تازىلاشقا مەسئۇل بولسۇن.

بىراق بايىقى گېپى بولغان ھېلىقى سۈرلەنگەن پاچاق ھەقىقەتەن چوڭ بولۇپ، يەتتە-سەككىز جىڭ كېلىدىغاندەك قىلاتتى.

مۇنىرە ئېقىپ قالغان شۆلگەيلىرىنى سۈرتۈپ، زىننەت بۇيۇمى سۈپىتىدە قويۇلغان تېلېۋىزورنى ئاچتى.

   بىر تىياتىر قويىلىۋاتاتتى.  

تېلېۋىزورنىڭ ئاۋازى ھەقىقەتەن ياڭراق ئىدى، نادىر ئەڭ ئاخىرقى بىر قورۇمىنى تاماق ئۈستىلىگە قويۇپ، يەنە ئىككى قاچا گاڭپەننى ئۇسۇپ چىقتى، سافادىكى ئادەم يەنىلا مىدىرلىمىدى، گويا تېلېۋىزوردىكى كۆرۈنۈشكە  مەپتۇن بولۇپ قالغاندەك قىلاتتى.

  -   تېخىچە چاقىرىش ئۇسۇلىڭىزنى ئۆزگەرتمەمسىز؟


ئېكراندىكى ئايال دەھشەتلىك قىيىن-قىستاققا ئېلىندى، ئېچىنىشلىق چىرقىراشىدىن يېنىدىكى ئەر قاغىنىڭ قاقىلدىشىدىنمۇ سەت كۈلۈپ، ئادەمنى تولىمۇ بىئارام قىلدى.

 نادىرنىڭ كۆزى ساپادا تۈگۈلۈپ  يېتىپ قالغان مۇنىرەنىڭ ئۈستىگە چۈشتى، چاچلىرى يۈزىنىڭ يېرىمىنى يېپىۋالغان، بەدىنى تۈگۈلۈپ، ئۇخلاپ قالغانىدى.

ئۇنىڭ بۇنداق ئېچىنىشلىق ئارقا كۆرۈنۈش مۇزىكىسىدىمۇ شۇنچە تاتلىق ئۇخلاپ قالغانلىقىغا بىر ئاز ھەيران قالدى.

 نادىر بېلىنى ئېگىپ، ئۇنىڭ بىر تۇتام چېچىنى تۈزۈشتۈرۈپ قويۇپ، ئىچىدە <بۇ قىز بۇنداق قىلسا، چوڭ زىيان تارتىدۇ> دەپ ئويلىدى.

  -  پاق - پاق...

مۇنىرە بىردىنلا چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتى، نادىرنىڭ ئاپئاق يۈزى شۇنچىلىك يوغىناپ كەتكەندەك، كۆرۈش دائىرىسىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا كىرىپ قالدى،  يەنە تېخى بايىلا قۇلىقىنىڭ تۈۋىدە چاۋاك چالغان بىر جۈپ قولىمۇ بار.

دەرۋەقە ئۇخلاپ قاپتۇ! مۇنىرە ئۆزىنىڭ ئۇزۇن چاچلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ، ئۇخلاپ قالغانلىقىدىن خىجىل بولدى.

  -   ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ تاماق يەڭ.  - دېدى نادىر كەينىگە بۇرۇلۇپ ماڭغاچ.

مۇنىرە ساپما كەشىنى كىيىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيۇشۇپ قالغان بەدىنىنى بىر نەچچە قېتىم سىيلاپ، چوڭ قەدەملەر بىلەن  ئەگىشىپ ماڭدى. نېمە دېگەن مەززىلىك، پۇراپلا ئىشتىھاسى ئېچىلىپ كەتتى.

 تەبىئىيلا سۈرلەنگەن گۆش ئاساس قىلىنغان بولۇپ، سۈرلەنگەن گۆش  تۇخۇم قورۇمىسى، ھوردا پىشۇرۇلغان سۈرلەنگەن مور قورۇمىسى، سۈرلەنگەن گۆش كاۋا شورپىسى، سۈرلەنگەن كۆكمۇچ قورۇمىسى... رەتلىك تىزىلغانىدى.

مۇنىرە قاچىنى قولىغا ئېلىپ، باش چۆكۈرۈپ يېيىشنى باشلىدى.

ئارىدىن بىر نەچچە مىنۇت ئۆتۈپ:

  -  نادىر ئەپەندى... - دېدى.

نادىر بېشىنىمۇ كۆتۈرمەي:

  -  دەڭە، - دېدى.

  -  مېنىڭ يەنە بىر قاچا يېگۈم بار. - دېدى مۇنىرە.

-  مېنى ئۇسۇپ بەرسۇن دەمسىز؟ - دېدى نادىر.

مۇنىرە كۈلۈپ قويۇپ، قاچىنى كۆتۈرۈپ ئاشخانىغا قاراپ ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى.

قانداق قىلىش كېرەك، تۇيۇقسىز كەلگەن بەختتىن كۆزلىرى قىسىلىپ كەتتى.

نادىرنى قەۋەتلا ياخشى كۆرۈپ قالدى... 

سائەت سەككىز يېرىم بولغاندا،  يامغۇرمۇ سەل پەسىيىپ قالدى.

مۇنىرەنىڭ ئاپىسى ئىشىكتىن كىرىۋاتقان ئادەمگە قاراپ، غەلىتە  قىياپەتتە:

   -  ھەي،  خاتا كىرىپ قالمىغانسىز؟  - دېدى.

- ۋىيەي، مېنىڭ ياش، چىرايلىق،  ئاقكۆڭۈل ئاپام بۇ يەردە ئولتۇرسا، قانداقمۇ خاتا كىرىپ قالغۇدەكمەن.  - مۇنىرە بىر تەرەپتىن شوخلۇق قىلغاچ، بىر تەرەپتىن قولىدىكى خالتىنى كۆتۈرۈپ،  ـ نادىر ئەپەندى سۈرلەنگەن گۆش سوۋغا قىلىپ ئۆيگە ئاپىرىپ بېرىشىم ئېيتتى، - دېدى.

نادىر ئۆزى يالغۇز بىر پۈتۈن سۈرلەنگەن پاچاق گۆشىنى يەپ ئېغىر يۈككە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، بىر قېتىم يەپ تەمىنى تېتىپ باققاندىن كېيىن، قالغىنىنى مۇنىرەگە بەردى.

تاماق ئېتىپ بەرسە يەپ، قالغىنى ئېلىپ ماڭغان مۇنىرە ئۆزىنى كىشىلىك ھاياتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەندەك ھېس قىلدى.

ئاپىسى دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ خالتىنى ئېلىپ قاراپ قويدى، بىر پۈتۈن پاچاقنى ئېلىپ كەلگەندەك قىلاتتى.

  -   ئۇ ئۆزى يىمەمدىكەن؟ - دەپ سورىدى ئاپىسى.

قولى بىكار  بولغان مۇنىرە  بېلىنى ئېرىنچەكلىك بىلەن سوزۇپ، ساپادا ئولتۇرغاچ:

   -  يېدى، بۈگۈن كەچ سۈرلەنگەن گۆش  زىياپىتى بولدى. - دېدى.

ئاپىسى گۆشكە بىر قاراپ قويۇپ، كېيىنكى  سېكۇنتتا دادىسىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، ئۆزى ساپادا ئولتۇرغان مۇنىرەگە قاراپ:

- ئىككىڭلار بىللە يېدىڭلارمۇ؟ - دەپ سورىدى.

  -  ھەئە، گۆش بىلەن قىلغان قۇرۇمىلىرى بەك ئوخشاپتۇ، ئىككى قاچا يېدىم.  - دېدى مۇنىرە قورسىقىنى سىلاپ قويۇپ.

ئاپىسىنىڭ كۆزلىرى چاقناپ كەتتى، ئەمدىلا گەپ قىلماقچى بولۇپ، بىر نەرسە يادىغا يەتكەندەك ، تىلىنىڭ ئۇچىغا كېلىپ قالغان گېپىنى يۇتۇۋېتىپ:

   -  ئۇ تاماق ئېتىشنى بىلەمدۇ؟ - دەپ سورىدى.

مۇنىرە ئېرىنچەكلىك بىلەن باش بارمىقىنى چىقىرىپ:

   -  سەۋىيەرسى سىزنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ. - دېدى .

  -  قارىڭە.... خەق شۇنچە باي تۇرۇپمۇ تاماق ئېتەلەيدىكەن، سىز نېمە قىلالايسىز؟ - دېدى ئاپىسى.

  -   يىيەلەيمەن. - دېدى مۇنىرە.

ئەمدىلا ئاشخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلگەن دادىسى كەينىگە بۇرۇلۇپ:

   -  ناھايىتى ياخشى،  ئۆزىڭىزنى خېلى چوڭقۇر چۈشىنىدىكەنسىز، - دېدى.

مۇنىرە دادىسىغا قاراپ، توغرا دەيسىز دېگەندەك قىلىپ قول ئىشارىسى قىلدى، ئاپىسى قولىغا بىرنى ئۇرۇپ:

 ـ قارىڭە سىزنىڭ يارامسىزلىقىڭىزنى!  - دېدى.

  -  مەن ئەسلىدىنلا يارامسىز.   - دەل  غۇدۇڭشىدى مۇنىرە، كېيىنكى  سېكۇنتتا ئاپىسىنىڭ قۇچىقىغا كىرىپ، ئاۋازىنى سوزۇپ تۇرۇپ،   -  ئاپا، - دېدى

ئاپىسى بىزار بولغاندەك:

   -  نېمە قىلىۋاتىسىز، چوپچوڭ بولۇپ قالغاندىمۇ بۇنداق چاپلىشىۋېلىپ، خىجىل بولمامسىز. سىزگە دېسەم، سىز چوقۇم ئاكتىپ بولۇشىڭىز كېرەك، ھەمىشە بۇنداق ئېرىنچەكلىك قىلىپ كۈن ئۆتكۈزسىڭىز بولمايدۇ، بەزى ئىشلارغا تىرىشىپ بېقىش كېرەكقۇ؟  خىزمەت جاپالىق بولسىمۇ، تۇرمۇشقا ۋاقىت ئاجرىتىڭ.  پەزىلىيەگە قاراڭ، ئىككىڭلارنىڭ يېشى تەڭ، ئەمما ئۇ ھەممە ئىشلارنى تەڭ ئېلىپ ماڭدى. مېنى كۆپ گەپ قىلدى دەپ قالماڭ،  بالدۇرراق ئوغۇل دوست تېپىشنى ئويلىشىڭ،  سىزگە رەسىمىنى كۆرسىتەي، ۋاقتى كەلگەندە خالىسىڭىز  كۆرۈشۈپ چۈشىنىپ بېقىڭ. ماڭا بىر قېتىم بولسىمۇ ئىشىنىڭ، ھازىر بۇ گەپلەرنى قىلسام ئىچىڭىز پۇشۇپ قالىدۇ، يېنىڭىزدا بىرەرسى بولسا ھەرگىز بۇنداق بولمايدۇ...   - دېدى.

مۇنىرەنىڭ يېنىك تىترەپ كېتىشىدىن تېڭىرقاپ قالغان ئاپىسى ئالاقزادىلىك بىلەن ئۇنىڭ دۈمبىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ:

  -  نېمە بولدى؟ نېمە بولدى؟  - دەپ سورىدى.

مۇنىرە بېشىنى چايقاپ، كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈپ:

  -   بىلمەيمەن. - دېدى.

ئۇ  بىر ئىشنى ئويلاپ بولدى.

ئۇ نادىرنىڭ ئۆيىدە شۇنداق خۇشال ۋە ئازادە تۇرسىمۇ، بىراق شۇ بوشلۇقتىن جىمجىت ماشىنىغا چىقىپ يالغۇز قالغاندا، تۇيۇقسىز نەپەس ئالالماي قالغانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمىدى، بىر خىل قورقۇنچ باستى.

ئاندىن بۇ خىل قورقۇنچ ئاپىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، بىردىنلا ئېغىر ئۇۋالچىلىققا ئايلاندى.

 



  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام







更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章