كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
46 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
47-قىسىم
47 - قىسىم
خام خىيال قىلماڭ
بۇ جاۋابتىن مۇنىرە چۆچۈپ كەتتى، سوئالنى ئۆزى سورىغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە كۆڭلىدە نادىردەك ئادەمنىڭمۇ مۇشۇنداق ئىشقا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. نادىر ئەپەندىگە ئوخشاش كەسكىن، سوغۇققان ئادەم قانداقسىگە بۇنداق ئادەتتىكى ئىشلار ئۈچۈن غەم يەيدۇ؟
- بۇ ھەرگىزمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس، مەن بۇ يىل 30 ياشقا كىردىم. - دېدى نادىر.
مۇنىرە يەنە بىر قېتىم ھەيران قالدى، ئۇ نادىرنى پىشقان، ئېغىر-بېسىق، ئىشەنچلىك، قولىدىن ئىش كېلىدۇ دەپ قارايتتى، لېكىن ئۇنىڭ بۇ تۇرقىدىن ئەزەلدىن ئوتتۇز ياشقا كىردى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى!
يېنىدا يۆلىنىپ تۇرغان ئاپئاق، ئورۇق قولىغا ئالىيىپ قاراپ ... بۇ 30 ياشلىق ئەرنىڭ قولىمۇ...
- سىز زادى مەندىن ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان قانداق ئۈمىدلەرنى كۈتىسىز؟ - دېدى نادىر.
مۇنىرە رېفلېكسلىق ھالدا بېشىنى چايقاپ:
- ياق، ياق، ياق، مەن سىزنىڭ نورمال ئادەم بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇ دۇنيادا نورمال ياشاۋاتقانلىقىڭىزنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. - دېدى .
نادىر ئەتكەن چاينى ئېلىپ، نەيچىسىنى سېلىپ، ئاغزىغا يېقىن ئاپىرىپ:
- - ئىسسىقىدا ئىچىڭ، - دېدى.
مۇنىرە ئۇنىڭغا ماسلىشىپ بىر يۇتۇم ئىچتى، ھەقىقەتەن تاتلىق ئىدى ~
- ئىچىپ بولغۇچە گەپ قىلماڭ. - دېدى نادىر.
ئۈچ سېكۇنتتىن كېيىن مۇنىرە ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي، ئەتكەن چاينى قولىغا ئېلىۋېلىپ:
-نادىر ئەپەندى، توي قىلىشقا ئالدىراتسا بىزار بولامسىز؟ سىز ھازىرغىچە قانداق چىداپ كەلدىڭىز؟ - دەپ سورىدى.
- ئۆيگە قايتمايمەن. - دېدى نادىر.
سۆزى ئىخچام، مەزمۇنلۇق، ناھايىتى ئەمەلىي بولدى.
مۇنىرە چاۋاك چېلىپ ماختاپ تۇرۇپ:
- ياخشى قىپسىز! - دېدى.
نادىر ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويۇپ، كۆڭلىدە تېخى سورىمىغان سوئالغا بىۋاسىتىلا جاۋاب بېرىپ:
- مۇھەببەتلىشىپ، توي قىلىشنى ياقتۇرمىسىڭىز قىلمىسىڭىز بولىدۇ، زورلاشقا بولمايدۇ. قەستەن يېتىلدۈرگەن ھېسسىيات ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تىراگېدىيەگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، ھاياتنىڭ رەپتارىغا كىرىۋېلىپ ياشاشمۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئەمەس، پەقەت قۇرغاننىڭ ئىچىدە بەرداشلىق بېرىشكە تېگىشلىك نەرسىلەر بەك كۆپ. - دېدى .
شۇنداق، توغرا، دەل مۇشۇنداق.
مۇنىرە نادىرنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ:
- نادىر ئەپەندى، سىز بىلەن قول بېرىشىپ ئاكا - سىڭىل بولسام بولامدۇ ؟ - دېدى .
نادىرنىڭ قولىنى چىقىرۋېلىپ:
- رەت قىلىمەن، - دېدى.
- بۇنىڭغا نېمە بولاتتى، سىز ماڭا بەك كۆڭۈل بۆلىسىز، بۇ ۋاقىتتامۇنداق سوغۇققان بولۇۋالماڭ، بولامدۇ... - دېدى مۇنىرە.
- خام خىيال قىلماڭ، - دېدى نادىر.
- خاتىرجەم بولۇڭ، مەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بىكارغا يەپ-ئىچمەيمەن ... - دېدى مۇنىرە.
ئەمەت ئۇلارغا ئۈن-تىنسىز قاراپ، مۇنىرەنىڭ ئىلگىرىكى يىغلىغان ھالىتى بىلەن ھازىرقى مۇتتەھەملىك قىلغان ھالىتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، ئىچى ئاچچىق بولدى.
ئۇ مۇنىرەنى راسلا ياخشى كۆرىدۇ، بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇپ قالدى، كۆرۈشكەن قېتىم سانى ئاشقانچە تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالدى.
ئېنىقكى ئۇ مۇنىرە بىلەن ئەڭ ماس كېلىدۇ، ئىككىلىسىنىڭ ئادەتتىكى ئادەملەردىن سەل - پەل ئۈستۈن تۇرۇشىمۇ، شۇنچىلىك ماس كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مۇنىرە ھامان بىر كۈنى ئۇنىڭ ساپ كۆڭلىنى چۈشىنىپ قالاتتى.
نېمىشقا مۇشۇ پەيتتە ئۆزىدە راستتىنلا ئۈمىد يوقتەك ھېس قىلىدۇ.
خاتالىشىپتۇ... ئۈزۈل-كېسىل خاتالىشىپتۇ.
ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسىنى ئالدىنقى قېتىم شىركەتنىڭ ئىشىكى ئالدىدا مۇنىرەنى قوغدىغان ئەر دەپ ئويلاپتۇ، ئەمما تەپسىلىي ئويلاپ باقسا، ئىككىسى پەقەتلا خىزمەتداش ئىكەن. مۇنىرەنىڭ ئازابلىق تىركىشىشكە ئوخشاپ كېتىدىغان چىراي ئىپادىسىدىن قارىغاندا، ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ چوڭ يوچۇق مۇراتنىڭ مۇنىرەگە قارىغان چاغدىكى ئىككىلىنىش ۋە پىكىر مۇرەككەپلىكىدە ئىكەن.
ئۇ چاغدا مۇنىرەنىڭ چىرايى قانداق ئىدى، ئوسالمۇ ياكى ئوڭايسىزلىنىپ قالدىمۇ؟
ئىشقىلىپ ھازىرقى مۇنىرەگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ.
شۇ تاپتا مۇنىرەنىڭ يېنىدىكى ئەرگە قارىغاندىكى كۆزلىرىدىن پۈتۈنلەي تايىنىش چىقىپ تۇراتتى.
راستتىنلا ئۇنىڭغا تايىنىدىكەن، ئۆزىنى سەللا قويۇۋېتىپ، يۈرەكلىك بولسا. ئىككىيلەن باغلىنىپ قالغۇدەك.
دېگەنلەرنى ئويلىدى.
مۇنىرەنىڭ ئاكا - سىڭىل بولۇش تەلىپى ئاخىرى رەت قىلىندى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دوختۇر-سېسترالار ئۇنىڭغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، دوختۇرخانىدا ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى... يەنە مېھىر-مۇھەببەتنى كۆز - كۆز قىلىشقا تېخىمۇ بولمايتتى .
سەت بولدى، راستتىنلا ئوڭايسىزلىنىپ قالدى...
مۇنىرە ئىچىپ بولغان چاي ئىستاكانىنى تاشلاپ، قەددىنى تۈزلەشكە تىرىشتى. نادىر ئەپەندىدىن پايدىلانسا، ھەرگىز زىيان تارتمايتتى!
نادىر ۋاقىتقا بىر قاراپ قويۇپ:
- سىز بۇ يەردە بەك ئۇزۇن تۇردىڭىز، قايتىپ بېرىپ ھاممامنى كۆرۈپ چىقىڭ، - دېدى.
- سىزچۇ؟ - دەپ سورىدى مۇنىرە.
- مەن بۇ يەردە سىزنى ساقلايمەن. - دېدى نادىر.
مۇنىرە ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ:
- بۇنداق قىلسىڭىز ماڭا كېلىدىغان بېسىم ئېشىپ كېتىدۇ... - دېدى.
- خاتىرجەم بولۇڭ، بۈگۈن سىزنى تىللىمايمەن.- دېدى نادىر.
ئۇنداق بولسا كىيىن تىللامدۇ... لېكىن، ھازىرچە بۇ ئىش بىلەن كارى بولغۇدەك ۋاقتى يوق، ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ يېنىدىن چىققىنىغا ھەقىقەتەن ئۇزۇن بولدى، ئاپىسى ئۇنى كۆرۈشنى خالىمىغان تەقدىردىمۇ، قايتىپ كەتمىسە قەتئىي بولمايدۇ.
ئۇ كەتكەندىن كېيىن، نادىر بېشىنى تۆۋەن سېلىپ جىمجىت ھالدا تېلېفون ئوينىدى، تاكى چاقىرىلمىغان مېھمان كېلىپ ئاۋارە قىلغانغا قەدەر.
- بىر نەچچە ئېغىز پاراڭلاشساق بولامدۇ؟
نادىرنىڭ قاپىقى ئىختىيارسىز تۈرۈلدى، ئۇ ئەمەتنى تونۇمايتتى، تۇيۇقسىز گەپ قىلغانلىقىدىن ھەيران بولۇپ :
- بىز تونۇشامدۇق؟ - دېدى.
ئەمەت دەرھال چۈشەندۈرۈپ:
- تونۇشمايمىز، تۇنجى قېتىم كۆرۈشتۇق، بىراق ئىككىمىزنىڭ ئورتاق تونۇيدىغان ئادىمىمىز بار، مەنمۇ مۇنىرەنىڭ دوستى. - دېدى.
كۆز ئالدىدىكى ۋاپادار، ھەر جەھەتتىن كۆزگە سىغمىغۇدەك يېرى يوق ئەرگە تەپسىلىي قاراپ چىققان نادىر سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، ئۇنى مۇنىرەنىڭ ئاغزىدىكى توي قىلىشقا قىستىغان ئوبيېكت بىلەن باغلىدى. شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ ھەيران بولغان ھالدا:
- مۇنىرەنىڭ دوستى؟ - دېدى.
- شۇنداق، شۇنداق، مېنىڭ ئىسمىم ئەمەت، ئۇنىڭ ئاپىسىنى مەن دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلدىم. ھېلىمۇ ياخشى، بۇ قېتىم ھېچقانداق خەتەر كۆرۈلمىدى. - دېدى.
ئەمەتنىڭ تۇيۇقسىز كېلىپ بۇنداق دېيىشى قىزىق تۇيۇلغان نادىر بېشىنى سەل لىڭشىتىپ:
- رەھمەت. - دېدى.
ئەمەت گەپ قىلالماي، دەماللىققا تېخىمۇ ياخشى سۆز بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشنى ئويلاپ يېتەلمىدى، ئۇ ھەيۋىسىنى كۆرسەتكىلى كەلگەن تۇرسا، ئەكسىچە ئۇ مۇنىرە بىلەن بىر ئۆيلۈك ئادەمدەك گەپ قىلسا قانداق بولىدۇ.
نادىر كۆزىنى لاپپىدە كۆتۈرۈپ:
- يەنە باشقا ئىش بارمۇ؟ - دەپ سورىدى.
ئەجەبا بۇ ئەرنىڭ رىقابەتچىسىنى ئازراقمۇ چۈشەنگۈسى يوقمۇ؟ ! ئەمەت ئۆزىنىڭ نەزەرگە ئېلىنمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، سەل غەزەپلەندى، نادىرنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن قۇرۇق گەپ سېتىپ، ئۆزىنىڭ كۆپ يىللىق تەھلىل قىلىش تەجرىبىسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى قارار قىلدى.
- ھېچ ئىش يوق، شۇ سىزنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن، مۇنىرە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزگە سەل قىزىقىپ قالدىم، مۇنىرەنىڭ سىزنى تىلغا ئالغىنىنىمۇ ئاڭلىمىغانتىم، - دېدى ئەمەت.
نادىر كۈلۈپ تۇرۇپ:
- گەرچە مەن سىزنى كۆرۈپ باقمىغان بولساممۇ، بىراق سىزنىڭ گېپىڭىزنى ئاڭلاپ باققان.- دېدى .
ئەمەتنىڭ يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ:
- ئۇ مېنىڭ گېپىمنى قىلىپ بەرگەنمۇ؟ - دېدى.
- شۇنداق، ئۇزۇن مەزگىل بىللە يۈرگەندىن كېيىن، ئۇمۇ ماڭا باش قېتىنچىلىقىنى دەپ بېرىدۇ. - دېدى نادىر ئۇنىڭ تاتىرىپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ، - مېنىڭ قىلىپ بېرەلەيدىغان ئىشلىرىم كۆپ ئەمەس، ئۇنىڭ دەردىنى ئاڭلىسام بولىدۇ. - دېدى.
ئەبلەخ! ئەمەت ئىچ - ئىچى ئۆرتىنىپ، گەپنى ئەگىتىپ قىلىشلىرىدىن كۆڭلى ئېلىشتى.
- ئەر كىشى بولسىڭىز گەپنى ئۇدۇل قىلىڭ! - دېدى ئەمەت.
نادىر ئۈنسىز كۈلۈپ قويۇپ:
- دېمەكچى بولغىنىم، ئۇنى ئاۋارە قىلماڭ. - دېدى.
ئەمەت دىمىقىنى قېقىپ:
- ماڭا بۇنداق گەپ قىلىدىغان قانداق سالاھىيىتىڭىز بار؟ - دېدى .
نادىر كۈلكىسىنى توختىتىپ، مەسخىرىلىك تەلەپپۇزدا:
- ئۇنى قوغلاپ، ئۆزىڭىزدىن قاچىدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغان يەردە، مېنىڭ كىم بولۇشۇم مۇھىم ئەمەسقۇ دەيمەن. مەنمۇ قىزىقىپ قالدىم، سىز ئۇنى ياخشى كۆرۈپ، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرمەكچىمۇ ياكى بىرەر ئىشى بولسۇن - بولمىسۇن قىيناپ، كۆز ئالدىدا تۇرۇۋېلىپ، مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسى تاپماقچىمۇ... ئۇ دائىم مەندىن نېمىشقا ئۆزىنى بۇنداق نەس باسقانلىقىنى سورايدۇ، ھازىر قارىسام، سىز ئۇنىڭ بۇ سوئالىغا جاۋاب بېرەلەيدىكەنسىز، - دېدى نادىر ئۇنىڭغا يېنىك بىر قارىۋېتىپ، - شۇنداق ئەمەسمۇ؟ - دېدى.
ئەمەت ھەيرانلىق بىلەن قاراپ تۇرۇپ قالدى، بۇ ھاڭ-تاڭ قېلىش نادىرنىڭ ھازىرقى پوزىتسىيەسىگە قارىتىلغان بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ بىر نەچچە ئېغىز سۆزىدە ئۆزى پۈتۈنلەي بىلمەيدىغان يەنە بىر مۇنىرەنى تەسۋىرلەپ بەرگەنلىكىدىن بولدى.
مۇنىرە پۈتۈنلەي گاڭگىراپ، تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىپ، ئىشەنچككە تولغان كۆزلىرى بىلەن جاۋاب كۈتكەندە، تولۇپ تاشقان ئۈمىد بىلەن ئۇنى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالىدىكەن... بۇ خىل تۇيغۇ شۇنچىلىك ھەقىقىي، شۇنچىلىك ئېنىق.
ئۆزىنى كۆرگەن چاغدىكىدىكى تىت-تىت بولىدىغان ھەم كەيپىياتىنى مەجبۇرىي ، قەستەن كونترول قىلىۋالىدىغان ھالىتىدىن ئەسەرمۇ يوق... ساختا قىياپەتكىمۇ كىرىۋالمايدىكەن.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar